durak يوللانغان ۋاقتى 2012-11-17 10:21:34

ئەرەپ تىلى ھەۋەسكارلىرىغا سوغا

     ئىوردانىيە تېلېۋىزىيەسى  كىچىك سەبىيلەر ئۈچۈن ئىشلىگەن تېلېۋىزىيە ئۆگىنىش  پروگراممىسى "ماناھىل " ( بۇلاق) ، ئەرەپ دۇنياسىدا خېلى  داڭقى بار  پروگرامما ، جەمى  38 قىسىم  ، ھەر بىر  قىسمى  يېرىم  سائەت ، يۇمۇر ، ئويۇن  ۋە كۈلدۈرگىلەر  ئارقىلىق ئەرەپ تىلى  دەسلەپكى ساۋاتلىرىنى ئىنتايىن  قىزىقارلىق  تەرىقىدە ئۆگىتىدۇ ، بولۇپمۇ  تىل  ھەۋەسكارلىرىنىڭ دەسلەپكى  قەدەمدىكى ئاڭلاش  ماھارىتى ۋە  ئېغىز تىلدا  ئىپادىلەش  ماھارىتىنى يۇقۇرى  كۆتۈرۈشتە ناھايىرى  پايدىلىق  ،   ئەرەپ دوستلار ئەڭ  دەسلەپتە  كۆرۈپ  ئۆگىنىشىمگە ھاۋالە  قىلغان دەرسلىك :  



http://www.cartoonarabi.com/category.php?cat=Al_Manahel&page=1





  بۇ بىكەتتە  يەنە مىڭلىغان ئۆلچەملىك ئەرەپ تىلىدىكى كارتون  فىلىملەر  بولۇپ كۆرۈپ  ئۆگىنىشىڭىزگە قولايلىق ،قويۇلۇش  سۈرئىتىمۇ  بولىدۇ ، ئەگەر سىجىل  چىقمىسا  " سەل  توختاش " نى  نەچچە  مىنۇت  بېسىپ  قويسا ۋىدىيو  چۈشۈپ  راۋان  قويىلىدۇ  .



  ئۆگىنىشىڭزگە ئۇتۇق  تىلەيمەن !

muztag يوللانغان ۋاقتى 2012-11-18 19:15:02

بارىكاللا ئەجىرىڭولارغا كۆپ رەخمەت ، ساقلىۋالاي . .

elcibei يوللانغان ۋاقتى 2012-11-18 21:39:35

ئەرەپ تىلى ئۈگەنگەندە ئۈنۈمنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈش ۋە تىل ئۈگىنىش جەريانىنى قىزىقارلىق قىلىش ئۈچۈن\";چىلىنىپ تۇرۇپ ئۈگىنىش\" دىگەن بىر ئۇسۇلنى قوللىنىمىز، يەنى ئەرەپ تىلىدىن كۆلچەك ياساپ شۇ كۆلچەككە چىلىنىمىز. بۇ كۆلچەككە چىلىنىپ ئالاھىزەل 3 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمىلىيەتتە ئەرەپ تىلى ئىشلىتىدىغانلىغىنى، پەقەت گىرامماتىكا جەھەتتىنلا ئوخشىماسلىقتىن بۇ خىل تىلنى سىرلىق ساناپ يۈرگىنىمىزنى ھېس قىلىمىز. ئەلۋەتتە، بۇ ئىنتايىن ئەقىللىق ئەجداتلىرىمىز بىز ئەۋلادلارغا قالدۇرۇپ كەتكەن بىر يوشۇرۇن بايلىق ئىكەنلىگىنى ھېس قىلىمىز، رەببىم ئۇلارنىڭ ئورنىنى جەننەت قىلغاي!

_________________________________________________________________________

ھەجەپ ئۇقماي يۈرۈپتۇق، ئۇيغۇرچە سۆزلەۋاتىمەن دەپ يۈرسەم ئەسلى ئەرەپچە ئىكەندە.....

ئۆتكەندە يۈسۈپ قەرداۋى ھاجىم ئۇيغۇرنى ئۇيگۇر دەپ يۈرەتتى، ئەمدى بىزمۇ ئۇيگۇر دەپ سۆزلەيلى....\"\"

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-11-17 18:23:33

شكرا لك.

elipbe يوللانغان ۋاقتى 2012-11-18 11:32:20

اسقى اللە

durak يوللانغان ۋاقتى 2012-11-18 17:41:25

لا شكر على واجب



ئەرەپ تىلى گۈزەل ، پاساھەتلىك ، ئىنتايىن ئىنچىكە زىل ھادسىلەرنى توغرا ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان تىل ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆگىنىشىگە تولىمۇ ماس كېلىدۇ ، ھەم ئىشلىنىشچان ، بۇ تىل بىزگە ئىككى دۇنيالىق مەنپئەەت بېرىدۇ . 70 % گىراماتكىسى ئېنگىلىز تىلى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولغاچقا ئېنگىلىز تىلى ئۈگەنگەن دوستلار بۇ تىلنى تېخىمۇ تېز ئۆزلەشتۈرەلىشى مۈمكىن دەپتۇ تىلشۇناسلار .

tagh يوللانغان ۋاقتى 2012-11-18 17:47:52

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دۇراك!

سىزدىن سوراپ باقسام ،ئەرەپچىنى قانداق ئۆگەنسە ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بۇلىدىكەن.ئۇيغۇرچە ئەرەپچە ئۆگىنىش كىتابلىرى بولسا تەۋسىيە قىلسىڭىز.مەن خەنزۇچە «ئەرەپ تىلى ئاساسى»دېگەن 3قىسىملىقمۇ 4قىسىملىقمۇ بىر كىتابنى كۆرگەنىدىم،سىزنىڭچە ئاشۇ كىتابنى ئۆگەنسە ئۈنۈمى قانداقتۇ؟مۇبادا ئۈرۈمچىدە ياكى باشقا جايلاردىكى ئەرەپچە ئۆگىنىش كىتابلىرىنى ساتىدىغان كىتاپخانا ياكى تۇنۇشلىرىڭىز بولسا ئالاقىلىشىش ئادىرىسىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز.

بىرھون ئەپەندى بولسا سىزمۇ بۇجەھەتتە تەجرىبە ياكى كىتابلار بولسا سۆزلەپ بەرسىڭىز،ياكى تەمىنلىسىڭىز.

aziza97 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-18 18:12:19

ساقلىۋالاي .

durak يوللانغان ۋاقتى 2012-11-18 18:17:29

توردىكى مەلۇم  بىرىنىڭ  ماقالىسى ئىكەن  پايدىلىنىپ  بېقىڭ ، مەنمۇ  دەسلەپتە  مۇشۇ ئۇسۇلنى سىنىغان ، ئالاھىزەل 1 يىل  ئۈگەنگەندىن كېيىن ئۇستاز  تۇتۇڭ ، تاۋباۋدا بار ، ۋاقتى  كەلگەندە  ئالاقىلەشسەك  بولىدۇ :


  ئەرەب تىلى كۆلچىكى

ئاپتۇرى: كېسەك




دۇنيادىكى بايلىقنىڭ 40%ئى دۇنيا نوپۇسىنىڭ 2.5%تىنى ئىگەللەيدىغان ئەرەپلەرنىڭ قولىدا...، مەخمۇد كاشىغەرى بوۋىمىز  كىتاۋىنى ئەرەپ تىلىدا يازغان...، جەننەتنىڭ تىلى ئەرەپ تىلى ...، ئەرەپ تىلى بىلىدىغان بىر تۇڭگان بالىسى گۇاڭجۇدا ئېيىغا 30مىڭنى ئادەتتىكىدەك تاپىدىكەن...


   ئەلۋەتتە چەتئەل تىلى ئۆگىنىش قايسىلا جەھەتتىن بولسۇن، قايسىلا تىلنى ئۈگىنىش  بولسۇن،  ئۈگىنىش ۋە باشقا ئېلىپ چىقىپ ئەركىن پايدىلىنىش دەرىجىسىگە يېتىش بىزنى مەلۇم جەھەتتىن بەختلىك ۋە ئۆتكەن ھاياتىمىزنى ۋەزنىلىك ھىس قىلدۇرىدۇ. لېكىن چەتئەل تىلى ئۈگىنىش، مېنىڭ تەجرىبەمچە، توغرا ئۇسۇل تېپىش، توغرا ئۇسۇل يېتىلدۈرسەك بۇ تىلغا نىسبەتەن قەلبىمىزدە ئىشتىياق شەكىللىنىدۇ، ئىشتىياق شەكىللەنسە بۇ تىل بىزدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

   ئەرەپ تىلى ئۈگىنىش دۇنيە مىقياسىدىلا ئەمەس، مەملىكەت ئىچىدىمۇ  قىزغىنلىققا ئايلانغىلى تۇردى، بولۇپمۇ بىزنىڭ قېرىنداش مىللەتلەردىن خەنزۇ ۋە خۇيزۇلار ئىچىدە، چۈنكى بۇ خىل تىلنى ئۈگىنىش جەريانىدا تاۋۇشنى مەخرەجدىن چىقىرىش، يەنى بىز ئېيتىۋاتقان تەجۋىد، ئالاھىدىرەك، ئادەمنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىغا نىسبەتەن تەلەپ يۇقۇرىراق بولغاچقا، يۇقۇرىدىكى قېرىنداشلىرىمىز قىسقا 15مىنۇتلۇق \";تىل ئاستى ئوپىراتسىيەسى\"; قىلدرۇرۇش ئارقىلىق، ياكى يېرىم يىلدىن 1يىلغىچە \";ئەسەبىلىشىش\"; ئارقىلىق بۇ تاۋۇش چىقىرىش-تەجۋىد ئۆتكىلىدىن ئۆتىدىكەن، ئاندىن بۇ تىلنى ئۈگىنىشكە رەسمى چۈشىدىكەن.

ئەرەپ تىلىنى ئۈگىنىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئانا تىلىمىزغا ۋە دۆلەت تىلى خەنزۇ تىلىغا پىششىق بولىشىمىز كېرەك، ئەلۋەتتە ئەرەپ تىلى ئۈگەنمىسەكمۇ بۇ ئىككىسىگە پىششىق بولىشىمىز  كېرەك. بۇ بىر  ئەقەللىي ساۋات .

   ئەرەپ تىلى ئۈگەنگەندە ئۈنۈمنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە  ئەڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈش ۋە تىل ئۈگىنىش جەريانىنى قىزىقارلىق قىلىش ئۈچۈن\";چىلىنىپ تۇرۇپ ئۈگىنىش\" دىگەن بىر ئۇسۇلنى قوللىنىمىز، يەنى ئەرەپ تىلىدىن كۆلچەك ياساپ شۇ كۆلچەككە چىلىنىمىز. بۇ كۆلچەككە چىلىنىپ ئالاھىزەل 3 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمىلىيەتتە ئەرەپ تىلى ئىشلىتىدىغانلىغىنى، پەقەت گىرامماتىكا جەھەتتىنلا ئوخشىماسلىقتىن بۇ خىل تىلنى سىرلىق ساناپ  يۈرگىنىمىزنى ھېس قىلىمىز. ئەلۋەتتە، بۇ ئىنتايىن ئەقىللىق ئەجداتلىرىمىز بىز ئەۋلادلارغا قالدۇرۇپ  كەتكەن بىر يوشۇرۇن بايلىق  ئىكەنلىگىنى ھېس قىلىمىز، رەببىم  ئۇلارنىڭ ئورنىنى جەننەت قىلغاي!

  كۆلچەك ياساشقا كېتىدىغان ھەممە ماتىرىيالنى توردىن تاپىمىز، بەزىلىرىنى توردىن ئەرزان باھادا سېتىۋالىمىز. تۆۋەندە تونۇشتۇراي:

  1) ئەرەپ تىلىغا كىرىش باسقۇچىدا توردىن 空中阿拉伯语教程دىگەن دەرسلىكنى چۈشۈرىمىز، 3قىسىم، ھەر بىر قىسمى 87دەرس، ھەربىر دەرس يېرىم سائەت، ھەربىر دەرسنىڭ MP3دەرسلىگى ئۆزى بىلەن بىللە، بۇ دەرسلىكنى تەيۋەنلىك ئاتاغلىق ئەرەپ تىلى مۇتەخەىسسىسى تۈزگەن ۋە سۆزلىگەن، جوڭگودا ئەرەپ تىلى باكلاۋېرلىق ئۇنۋانى ئالغانلار قايتا بۇ كىتاپنى يەنە بىر قېتىم ئۆگىنەرمىش، چۈنكى بۇ دەرسلىك ئىنتايىن مۇرەككەپ دىگەن ئەرەپ تىلىنى ئىنتايىن ئاسان ۋە  قىزىقارلىق قىلىپ  سۆزلىگەن.

بۇ دەرسنى ئۈگەنگەندە 1-كۈنى ئەتىگەن ئىبادەتتىن كېيىن، ياكى ئۇيقىدىن كېيىن يېرىم سائەت ئۆگىنىسىز، 2-كۈنى ئالدى بىلەن 1-كۈنى ئۆگەنگەن 1- دەرسنى يېرىم سائەت تەكرار ئۆگىنىسىز، ئاندىن 2-دەرسنى يېرىم سائەت ئۆگىنىسىز ، 87 دەرسنى 87 كۈندە ئۆگىنىپ بولىسىز، ئۇسۇلى:كومدا MP3ئاۋازلىق دەرسلىكنى قۇلاققا سېلىۋېلىپ ئېكراندىكى pdfتېكستقا قاراپ ئۈگىنىمىز. كەچتە 20 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ ئەتىگەن ئۆگەنگەننى مەيلى تاق ھەرپ بولسۇن، ياكى كېيىن ئۆگەنگەن جۈملە بولسۇن ئۈنلۈك ئاۋازدا ھەربىرىنى 20 قېتىمدىن ئوقۇيمىز، بۇ ئەرەبچە سۆزلىشىش مۇھىتى بولمىغان شارائىتتا ئېغىز تىلى مەشقى قىلىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.

2) يۇقۇرىدىكى كىتاپنى ئۈگىنىپ 30 كۈندىن كېيىن، ياكى بىر ھەپتىدىن كېيىن (كۆپۈنچە قېرىنداشلىرىمىز تەجۋىدنى بىلىدۇ، ياكى ئۈگىنىۋېلىش ئاسان، شۇڭا دەسلىۋىدە تېزراق ئۈگەنسەكمۇ بولىدۇ، لېكىن تەجۋىدنى پىششىق ئۈگنىش بەك مۇھىم، ئەتراپىڭىزدا سىزگە ياردەملىشىپ تېز ئۈگىتىپ قويىدىغانلارنى تاپالايسىز) توردىنston  rosetta  ئەرەپچە: دىگەن يۇمتالنى چۈشۈرۈپ كۈنىگە ، مەسىلەن چۈشلۈك ۋاقىت دىگەندەك ئۈگىنىش ئۈچۈن مۇھىم ۋاقىت ھىساپلانمايدىغان ۋاقىتتا 45مىنۇتتىن 1سائەتكىچە ئۈگىنىسىز، بۇ يۇمتال خۇددى ئويۇن ئوينىغاندەك قىزىقارلىق ھەم ئاسان، بۇنىڭ بىلەن تەڭ يۇقۇرىدىكى 空中نى ئۈگىنىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.

3) 2-ياكى 3-ئايدىن باشلاپ توردىن 前景阿拉伯语دىگەن دەرسلىكنى چۈشۈرۈپ ئۈگىنىشكە باشلايمىز، بۇ ساپ ئەرەپ تىلىدا يېزىلغان سەۇدى ئەرەبىستاندا تۈزۈلگەن كىتاپ، ھەر بىر دەرسنىڭ MP3 ئاۋازلىق دەرسلىگى بار،pdf نۇسخىسىدا 3قىسىم، ھەربىر قىسىم 96 دەرس، بىر دەرسنى 20مىنۇت 1 سائەت ئەتراپىدا ئۈگىنىپ بولىمىز، سىزنى ئەرەپ تىلىگە ھەقىقى خۇمار قىلىدىغان دەرسلىك مانا مۇشۇ. 96 كۈندىن كېيىن، يەنى تەخمىنەن 300كۈندىن كېيىن ئاتالمىش 英语四级 دىگەن دەرىجىگە يېتىسىز ۋە ئەرەپ تىلى ئۈگىنىشنى ئۆزىڭىز تىزگىنلىيەلەيدىغان بولىسىز.

4) توردىن TELL ME MORE ئەرەپچە: دىگەن يۇمتالنى چۈشىرىمىز، بۇ ھېلىقى\"ئاتلان\"دىكى ۋىتامىن ئېنگلىز تىلى دىگەن سىستېمىغا ئوخشاش بىر چەتئەل تىلى ئۈگىنىش پروگراممىسى، جوڭگودا ھەممە نەرسە ھەقسىزلىشىپ  كېتىدۇ، ئەلۋەتتە توردىن ھەقسىز چۈشىرىسىز، ياكى 10كويچەنگە 淘宝دىن سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ يۇمتالنى شەنبە - يەكشەنبە كۈنلىرى مەشق قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىسىز، ناھايىتى قىزىقارلىق ھەم ئازراق جاپالىق.

5) ئىزچىل ئۈگىنىپ 3-ئايدىن كېيىن بېىجىڭ داشۆدە نەشر قىلىنغان 阿拉伯语基础听力教程دىگەن 3قىسىم كىتاپنى توردىن سېتىۋالىمىز، MP3دېسكىسى بىللە، ئاھاڭى ياخشى ئەمەس بولسىمۇ بۇ خەنزۇ قېرىنداشلىرىمىز ئەڭ يۈكسەك تىرىشچانلىقتا جانلىق ئوقۇغان ئاڭلاش ماتىرىيالى، ئادەتتىكى ۋاقىتتا سىرتلاردا بىرەر ئىش بېجىرىش ئۈچۈن ماڭغاندا ۋاقىت ئىسراپچىلىقىنى مانا مۇشۇ ماتىرىيال بىلەن بىر تەرەپ قىلىمىز.

كۆلچەك پۈتتى، چىلىنىڭ، 1يىل چىلانغاندىن كېيىن، ياكى  ئۈگىنىش ۋاقتىڭىزنى ئالاھىزەل 900 سائەتكە يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا شەرقتە، گۇاڭجۇدا، يىۋۇدا، توردا... پۇرسەت، ...  ياكى ھىدايەت سىزگە قۇچاق ئاچقۇسى!  

durak يوللانغان ۋاقتى 2012-11-18 18:35:20

ئەگەر پەقەت ئۇيغۇرچىنى ئاساس قىلىپ ئۆگىنىمەن دىسىڭىز ئۇيغۇرچە يېزىلغان گراماتكا كىتاپلار توردا ياخشىسى بار ، چۈشەرسىڭىز بولىدۇ .



  ئۇيغۇرلار تەييارلىغان « دۇرۇسۇل لۇغەتىل ئەرەبىييە » نىڭ ئاۋازلىق دەرلىكى 3 قىسىم ، « قەلبداشلار » بىلوگىدىن چۈشەرگىلى بولىدۇ ، دەسلەپتە مۇشۇنى تۇتقا قىلىپ يېرىم يىل ئۈگەنگەندىن كېيىن ئەرەپچە ئازراق چۈشىنەلەيدىغان بولىسىز ، ئاندىن مۇشۇ كىتاپ : 前景阿拉伯语 نى تۇتقا قىلىپ ئۆگىنىڭ ، verycd دىگەن بىكەتتىن چۈشىرەلەيسىز .

mahmud يوللانغان ۋاقتى 2012-11-18 18:47:42

جزاك اللە بخير

durak يوللانغان ۋاقتى 2012-11-20 08:01:19

10- قەۋەتتىكى elcibeiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەرەپ تىلى ئۈگەنگەندە ئۈنۈمنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈش ۋە تىل ئۈگىنىش جەريانىنى قىزىقارلىق قىلىش ئۈچۈن\";چىلىنىپ تۇرۇپ ئۈگىنىش\" دىگەن بىر ئۇسۇلنى قوللىنىمىز، يەنى ئەرەپ تىلىدىن كۆلچەك ياساپ شۇ كۆلچەككە چىلىنىمىز. بۇ كۆلچەككە چىلىنىپ ئالاھىزەل 3 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمىلىيەتتە ئەرەپ تىلى ئىشلىتىدىغانلىغىنى، پەقەت گىرامماتىكا جەھەتتىنلا ئوخشىماسلىقتىن بۇ خىل تىلنى سىرلىق ساناپ يۈرگىنىمىزنى ھېس قىلىمىز. ئەلۋەتتە، بۇ ئىنتايىن ئەقىللىق ئەجداتلىرىمىز بىز ئەۋلادلارغا قالدۇرۇپ كەتكەن بىر يوشۇرۇن بايلىق ئىكەنلىگىنى ھېس قىلىمىز، رەببىم ئۇلارنىڭ ئورنىنى جەننەت قىلغاي!

_________________________________________________________________________

ھەجەپ ئۇقماي يۈرۈپتۇق، ئۇيغۇرچە سۆزلەۋاتىمەن دەپ يۈرسەم ئەسلى ئەرەپچە ئىكەندە.....

ئۆتكەندە يۈسۈپ قەرداۋى ھاجىم ئۇيغۇرنى ئۇيگۇر دەپ يۈرەتتى، ئەمدى بىزمۇ ئۇيگۇر دەپ سۆزلەيلى....\"\"



بەلكىم ئۇيغۇرچىدا ئەرەپچە  كەلىمىلەرنىڭ  جىقلىغىنى  نەزەردە تۇتقان بولىشى  مۈمكىن ، مەسىلەن بىز  ئەرەپ  تىلى  ئۈگەنگەندە خەنزۇ  يولداشلارغا قارىغاندا ئاز  دىگەندە 30% خام سۆزنى ئاز  يادلايمىز ، بۇ  ئەرەپ  تىلىنىڭ  ئۇيغۇرلار  ئۈچۈن  ئۆگىنىشىنىڭ  تېخىمۇ  قولايلىق  ئىكەنلىگىنى  چۈشەندۈرىدۇ .



  يۈسۈف قەراداۋىي ھەزرەتلىرى بەلكىم  ئۇيغۇرلارنىڭ  خەلقارادىكى  ئۆلچەملىك  ئىسمى uigurنى  ئىشلەتكەن  بولىشى  مۈمكىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ  ئۆزىدىمۇ قەدىمىي ئۇرخۇن دەۋرىدە \" غ \" ھەرپى  بولماسلىغى  مۈمكىن ، قەدىمىي تاش پۈتۈكلەتدە  مەسىلەن ...  

HADIJA يوللانغان ۋاقتى 2012-11-20 12:28:20

دۇراك ئەپەندى تەمىنلىگەن يازمىنى كۆرۈپ ئۆزۈمدىن بەك نومۇس قىلدىم! 4-5 خىل تىل ئۆگىنىپ ھىچبىرى بىر باشقا چىقماپتۇ، ئىسىت ۋاقىت !قانداق ھىسابىنى بېرەرمەن.

مەن توردىن تۈزۈك پايدىلنالماپتىمەن،ياردەم قىلساڭلار توردىن ئەرەپ تىلى ئۆگىنىش ماتىرياللىرىنى چۈشۈرۈپ پايدىلانسام بولاتتى.
بەت: [1]
: ئەرەپ تىلى ھەۋەسكارلىرىغا سوغا