قارلۇق قەبىلىسى[تەرجىمە]
قارلۇق قەبىلىسى
قارلۇقلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمقى كۆچمەن چارۋىچى
قەبىلە بولۇپ قارلۇق دېگەن سۆز تۈركچىدە قارلىق دېگەن مەنىنى بىلدۈردۇ.قارلۇقلار
ئادەتتە ئۈچ قارلۇق دېيىلدىغان بولۇپ ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىشىپ غەربى تۈرك
خانلىقىنى يوقاتقان،ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن.
قارلۇقلار ئەڭ دەسلەپتە ئېرىتىش دەرياسىنىڭ
يۇقىرى ئېقىنى ۋە ئالتاي تېغىنىڭ غەربى تەرپىدە ياشىغان،ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلشىپ
غەربى تۈرك خانلىقىنى يوقاتقان،قارلۇقلار كېيىن غەربى تۈرك خانلىقىنىڭ زېمىنىغا
ئىگە بولغان.ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا تەۋە بولغان
لېكىن ئۆزىنىڭ يابغۇسى بولۇپ يېرىم مۇستەقىللىقنى ساقلىغان.
قارلۇقلار باشتا بېشىبالىقنىڭ شىمالىدا
چارۋىچىلىق قىلغان،كېيىن ئىلى ۋە يەتتە سۇغا كۆچۈپ كەلگەن.يەنە بىر قىسىم
قارلۇقلار بۈگۈنكى ئافغانىستاندىكى بەلخ،توخارىستان،غەزنىۋى قاتارلىق جايلاردا
كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلغان،بۇلار كېيىن پۇشتۇلارنىڭ ئەجدادىغان ئايلانغان.قارلۇقلار
يەنە تۈركلەرنىڭ ئىچىدە ئىسلام دىنىنى ئەڭ بۇرۇن قوبۇل قىلغان قوۋم ھېسابلىندۇ.
قارلۇقلار
كېيىن قاراخانىلار ۋە قاراقىتانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلغان.قاراقىتان
خانلىقى ئۇلارنى قاراخانىلاردىن ئايرىپ مەخسۇ دارۇغاچ ئەۋەتىپ باشقۇرغان.قارلۇقلار
كېيىن 1210-يىلى موڭغۇللارغا بەيئەت قىلغان،كېيىن يەنە چاغاتاي خانلىقىغا تەۋە
بولغان.
قارلۇقلارنىڭ
بىر قەبىلسى كېيىن قازاق خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا يۈزىگە تەۋە بولغان ئارغۇنلارغا
ئايلانغان،بەزىلىرى ئويراتلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن،يەنە بەزىلىرى ئۆزبېك ۋە
ئۇيغۇرلارغا ئايلانغان،يەنە ئاز بىر قىسم قارلۇقلار تۇنگانلارنىڭ مۇھىم بىر كېلىش
مەنبەسى ھېسابلىندۇ.
تەرجىمىدە:ياغلاقار مەنبە : http://zh.wikipedia.org/wiki/%E8%91%9B%E9%82%8F%E7%A5%BF
قارلۇقلارنىڭ بىر قىسىمى ھازىر ئۆزبېكستاندا ياشايدۇ ۋە ئۆزبېكستاندىكى «يانچۇقچى، تېرورچى» مىللەت ھېسابلىنىدۇ.... ئۆزبېكلەر ئۇلارغا تولىمۇ ئۆچ
سىياسى ئىمتىيازدىن چەتكە قېقىلغان قەۋم ئۇچرايدىغان ئورتاق قىسمەت بۇ .ئۆزبىكلەرنىڭ ئۇلارغا ئۆچ بولىشى ،ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىدىن ۋاز كەچمىگەنلىگىدىن بولغان بولىشى مۈمۈكىن .
يۇقارقىلار پەقەتلا بىر تەھلىل .
\"\"قارلۇقلار -تۈركمەنلەردۇر\"\"-<<تۈركى تىللار دىۋانى>> ،ئۇيغۇرچە .دىمەك قاراخانىلار سۇلالىسى دەۋرىدە قارلۇقلار يەتتە سۇ ،ئىسسىق كۆل ئەتراپىدا كۆچمەن تۇرمۇش كەچۈرگەن ئوغۇز قەبىلىلىرىدىن بىرى .بۇنىڭدىن قارلۇقلارنىڭ قاراخانىلار تەۋەسىدە بولسىمۇ لىكىن شۇ ۋاقىتتىكى ئاساسلىق مىللەت تۈركلەرگە قېتىلىپ كەتمىگەنلىگىنى ھەمدە ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەركىۋىگە كۆپ ئىشتىراك قىلمىغانلىغىنى بىلىشكە بولىدۇ .
ئوخشاشلا چىڭگىزخانغا تىنچ ئەل بولغان ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىغا ئوخشاش موڭغۇللار ئىشغال قىلغان زىمىنلارغا ھەربى مەمۇرى خىزمەتلەر بىلەن چېچىۋېتىلىش قىسمىتىدىن قۇتىلالمىغان بولىشى ئىھتىمال .
\"\"قارلۇقلار تۈرك قەۋملىرى ئىچىدە تولىمۇ كۆركەم(چىرايلىق) خەلىق\"\" -9-ئەسىردە مەرگىزى ئاسىياغا كەلگەن ئەرەب سايياھھى .
بىر قىسىم قارلۇقلار تۇنگانلارنىڭ مۇھىم كىلىش مەنبەسى ؟ ماۋۇنىڭغا قىزىقىپ قالدىم ،تەپسىلى ماتېريال بارمىدۇ ؟قارلۇقلارنىڭ بىر قەبىلسى كېيىن قازاق خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا يۈزىگە تەۋە بولغان ئارغۇنلارغا ئايلانغان،بەزىلىرى ئويراتلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن،يەنە بەزىلىرى ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇرلارغا ئايلانغان،يەنە ئاز بىر قىسم قارلۇقلار تۇنگانلارنىڭ مۇھىم بىر كېلىش مەنبەسى ھېسابلىندۇ.
______
مەن ئاساسەن ھەممە قىسىمى دېگۈدەك ئۇيغۇرغا ئايلانغان دەپ بېلىدىكەن مەن . چۈنكى بۈگۈنكى يۈننەندىكى تۇڭگانلارنىڭ ئەجداتلىرى ئۇيغۇر ( لارنىڭ قارلۇق قەبىلىسى) دىن بولغان دەپ قارىلىدۇ ، مەسىلەن مىڭ سۇلالىسىدىكى مەشھۇر دېڭىزچى جېڭخې نىڭ يۈەن دەۋرىدىكى بوۋىسى سەددىردىن ئوتتۇرا ئاسىيالىق قارلۇق شاھزادە ، كېيىن چىڭگىزخان تەرىپىدىن ئەسكەرلىرى بىلەن يۈننەنگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان دەپ تەتقىق قىلىنىدۇ .
ئەبۇ ناسىر فارابىي ئۇيغۇرلارنىڭ قارلۇق قەبىلىسىدن بولىشى مۈمكىن ، قارلۇقلار ئاساسەن ئۇيغۇر ۋە ئۆزبەكلەرنىڭ تەركىبىدە . ئوغۇزخان رىۋايىتىدە مەلۇم بىر ئۇيغۇر كىشىگە قارلۇق دەپ ئىسىم قويۇلغان ، قارلۇقلار شۇ ئۇيغۇر كىشىنىڭ ئەۋلادلىرى .
ئالدىنقى تېمىدا، باسمىللارنىمۇ قازاقلارنىڭ ئوتتۇرا يۈزىدىكى ئارغۇنلارنىڭ ئەجدادى دەپ كۆرگەندەك قىلغانغۇ، قارلۇقلارمۇ شۇمىكەن؟
قۇمۇل تەرەپلەردىمۇ قارلۇقلار بار، مېنىڭ بىر ساۋاغدىشىم بولىدىغان، كېيىن بىلسەم ئۇلار قارلۇقلاردىن ئىكەن، لېكىن نوپۇستا ئۇيغۇر، ھەم ئۆزىنىمۇ ئۇيغۇر ھېساپلايدۇ.
كۆپىنچە تورداشلىرىمىز، تارىختىكى ئۇيغۇرلارنى ھازىرقى ئۇيغۇرلار دەپ چۈشىنىپ تەھلىل قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ )回鹘( دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، ھازىرقى تۇنگانلارنىمۇ (回族) شۇلارنىڭ ئەۋلادى دىيىشكە بولىدۇ.
3- قەۋەتتىكى koktashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئالدىنقى تېمىدا، باسمىللارنىمۇ قازاقلارنىڭ ئوتتۇرا يۈزىدىكى ئارغۇنلارنىڭ ئەجدادى دەپ كۆرگەندەك قىلغانغۇ، قارلۇقلارمۇ شۇمىكەن؟
قۇمۇل تەرەپلەردىمۇ قارلۇقلار بار، مېنىڭ بىر ساۋاغدىشىم بولىدىغان، كېيىن بىلسەم ئۇلار قارلۇقلاردىن ئىكەن، لېكىن نوپۇستا ئۇيغۇر، ھەم ئۆزىنىمۇ ئۇيغۇر ھېساپلايدۇ.
كۆپىنچە تورداشلىرىمىز، تارىختىكى ئۇيغۇرلارنى ھازىرقى ئۇيغۇرلار دەپ چۈشىنىپ تەھلىل قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ )回鹘( دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، ھازىرقى تۇنگانلارنىمۇ (回族) شۇلارنىڭ ئەۋلادى دىيىشكە بولىدۇ.
ئارغۇن قەبىلىسنىڭ كېلىش مەنبەسى بىر قەدەر مۇرەككەپ ئىكەن،مەن پات ئارىدا مۇشۇ ئارغۇن قەبىلىسى توغرىلۇق مەخسۇس تېما يوللايمەن،تەپسىلاتىنى شۇنىڭدىن كۆرگەيسىز.
مەسىلەن بېيجىڭ شەھەر مەركىزىدە يۈەن ، چىڭ دەۋرىلىرىدىن تارتىپ نۇرغۇن ئۇيغۇرلار سودا مۇناسىۋىتى بىلەن ئولتۇراقلاشقان ، خۇددى ئىپپارخاننىڭ نۆۋكەرلىرى ئورۇنلاشقان ۋېيگوڭسۇن دىگەندەك ... ئازاتلىقتىن كېيىن بۇلار خۇيزۇلار تۈركۈمىگە ئايرىلغان .
قەدىمقى ئۇيغۇرلاردا قەدىمىي ئوغۇز - ساك ئېلېمېنتتى ئاساسلىق سالماقنى ئىگەللەيدىغان ئاق تەنلىك مىللەت بولغان بولسا ھازىرقى ئۇيغۇرلاردا تارىختىن بۇيانقى مۇناسىۋەتلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان موڭغۇللوئىد ئېلېمېنتىنىڭ ئازراق كۈچىيىپ قېلىشى بىلەن پەرقلىنىدۇ ، بۇنداق پەرق ۋە شالغۇتلىشىش دۇنيادىكى پۈتكۈل مىللەتلەر ئىچىدە مەۋجۇت .
قارلۇقنى ئۈچ قارلۇق دىسەك ،.ئۇنداقتا قارلۇقنىڭ توققۇز قەبىلىسى ئاشۇ ئۈچ قارلۇقنىڭ بىرسىگە تەۋە بۇلامدۇ ياكى قانداق بۇلدۇ .،.،مۇشۇ مەسىلە بەك تەپسىلى يېزىلمىدىمۇ قانداق .،.، تارىخ بىلىمىگە پۇختا تۇڭگان چوڭلىرىنىڭ ئاپپاق غوجامغا ئەگىشىشى ئادەتتىكى مەسىلە ئەمەس. يەنە ماجۇڭيىڭنىڭ شىنجاڭغا نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ بايرىقىنى (ھازىرقى تۈركىيە دۆلەت بايرىقى ) كۆتۈرۈپ كىرىشىمۇ ئويلىشىپ بىقىشقا ئەرزىگۈدەك ئىش.
6- قەۋەتتىكى qarluqf34نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قارلۇقنى ئۈچ قارلۇق دىسەك ،.ئۇنداقتا قارلۇقنىڭ توققۇز قەبىلىسى ئاشۇ ئۈچ قارلۇقنىڭ بىرسىگە تەۋە بۇلامدۇ ياكى قانداق بۇلدۇ .،.،مۇشۇ مەسىلە بەك تەپسىلى يېزىلمىدىمۇ قانداق .،.،
ۋىكىپىدىيەدە شۇنداق يېزىلىپتۇ،ئەگەر ئىشەنچىلىك مەنبە بىلەن تەمىن ئەتسەك ۋىكىپىدىيەدىكى مەزمۇنلارنى تەھىرىرلىگىلى بولۇشى مۇمكىن. قارلۇقلارنىڭ بىر قىسىمى ھازىر ئۆزبېكستاندا ياشايدۇ ۋە ئۆزبېكستاندىكى «يانچۇقچى، تېرورچى» مىللەت ھېسابلىنىدۇ.... ئۆزبېكلەر ئۇلارغا تولىمۇ ئۆچ