قارلۇق شىركىتى ئىران ئالفابېت گورۇھى بىلەن ھەمكارلاشتى
شىنجاڭ قارلۇق مېدىيا پەن- تېخنىكا شىركىتى بىلەن ئىران ئالفابېت پاي كونتىرول خەلقئارا گورۇھى ھەمكارلىقىدا ئىراندا تارماق شىركەت قورۇش توغرىسىدا رەسمىي توختاملاشتى. توختامدا كېلىشكەن مەزمۇن بويىچە ئىراننىڭ يېڭى يىلى يەنى (نورۇز ) كۈنى رەسمىي ئىش باشلايدىغان بولۇپ، قارلۇق شىركىتى ئومۇمىي پاينىڭ 60% نى، ئىران ئالفابېت گوروھى قالغان قىسمىنى كونتىرول قىلىدىغان بولۇپ، قارلۇق شىركىتى تېخنىكا ۋە خادىملارنى چىقىرىدىغان، ئالفابىت گورھى يەرلىك قانۇن- نېزام ۋە رەسمىيەتلەرنى ھەل قىلىدىغان بولغان.
قارلۇق شىركىتىنىڭ ئىجىرائىيە باش مۇدىرى پەخىرىدىن قارلۇق ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە ئىككى تەرەپ مىدىيا، يۇمشاق دىتال ۋە قارلۇق مائارىپى قاتارلىق ساھەلەر بويىچە ھەمكارلىشىدىغان بولغان.
يېغىندا پەخىردىن قارلۇق، ئالغابېت گوروھىدىن كەلگەنلەنلەر شۇنداقلا يەنە بىر چەتئەللىك بوۋاي سۆز قىلدى. تەپسىلاتىنى مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردىن كۆرگەيسىلەر.
پائالىيەت جەريانىدىن كۆرۈنۈشلەر.
يېغىن جەريانىدىن كۆرۈنۈشلەر
توختام ئىمزالىنىۋاتىدۇ. ئەمما مۇخبىرلارنىڭ كۆپلىكىدىن قىسلىۋاغۇدەك كامار يوق. مۇشۇنداق تارتىپ قويدۇم مانا.
ھەمكارلىقىمىز كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن دەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشىۋاتىدۇ.
رەئىس سەھنىسىدىكىلەر خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
يېغىن زالى جۇشقۇن كەيپىيات بىلەن ئۆتتى، ئىران تەرەپ ۋەكىلى مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئورتاقلىقلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىدىن سۈيۈنگەنلىكىنى ئېيتتى، يەنە بىر چەتئەللىك بوۋايمۇ سىلەر ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىكەنسىلەر، خەنزۇ تىلىنىمۇ بىلىدىكەنسىلەر، ئىنگىلىس تېلىنىمۇ بىلىدىكەنسىلەر، پارس تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلى بىر- بىرىگە بەكمۇ يېقىنكەن، سىلەرگە قېيىنغا توختىمىغۇدەك دىدى.
سۆزلەر مۇخبىر سۈپەت بولغىنى بىلەن ئۆزۈم مۇخبىر سالاھىيتىدە ئەمەس قاتناشقۇچى سالاھىيتىدە بولغاچ iphone دا ئولتۇرغان ئورنۇمدا تۇرۇپ ئاران تارتىۋالدىم. سۈرەت ياخشى ھەم تولۇق ئەمەس، توغرا چۈشەنگەيسىلەر.
بۇ خەۋەردە بەزى بىز قىزىقىدىغان نۇقتىلار بەك ئۇچۇق يېزىلماپتۇ؟ ئاۋۇ ئېراننىڭ شىركىتى نىمە قىلىدىغان شىركەت؟ بۇلار قايسى تۈرلەردە ھەمكارلاشماقچى؟ قارلۇق ئېراندا تەربىيلەش مەكتىپى ئاچامدۇ؟ ئىنىق يازساڭلا بوپتىكەن..بىزمۇ بۇ ھەقتە كۆپرەك نەرسىلەرنى بىلىۋالساق ئۇيغۇرلارنىڭ تېخنىكا شىركەتلىرىدىن چەتئەلدە تارماق قۇرغانلار كۆپ ئەمەس مەنچە، ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك قەدەم بوپتۇ. قۇتلۇق بولسۇن! ھازىرقى تۈر ‹‹مىڭ بىر كېچە››نى ئىشلەش دەپ خەۋەر تارقىلىپتۇ. قارلۇقنىڭ تېخىمۇ زورىيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىشلىرىغا ئۇتۇق زور مۇۋەپپەققىيەتلەر ھەمراھ بولسۇن ! قىزىل پىلاكاتتا ئىرانچە خەت ؟
ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم! ئاللا قارلۇقنىڭ شۇنداقلا ھەممەيلەننىڭ ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلغاي. ئشڭلارغا ئاللا بەرىكەت بەرسۇن،مەدەت بەرسۇن.
بىر قولدا تەرەققىيات بىر قولدا ساۋاپلىق ئشلار ئۇزۇلمىسۇن رەئىس سەھنىسىدە نىجات ئەخمەت يۇققۇ؟؟؟
7- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
رەئىس سەھنىسىدە نىجات ئەخمەت يۇققۇ؟؟؟
نىجات ئەخمەت چاي دەملىگىلى چىقىپ كەتكەن چېغى
**************************************************
قارلۇقنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇقلار يار بولسۇن !
1- قەۋەتتىكى joshuaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۇيغۇرلارنىڭ تېخنىكا شىركەتلىرىدىن چەتئەلدە تارماق قۇرغانلار كۆپ ئەمەس مەنچە، ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك قەدەم بوپتۇ.
ئەنگلىيەدە پولاتچىلىق، نېفىت ۋە خىمىيە سانائىتى قاتارلىق تېخنىكىلىق ساھەدە قۇرۇلغان بەك چوڭ بىر شىركەت بار. ھەم بۇ شىركەتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا، شاڭخەي ۋە دىيارىمىزدىكى كۈيتۈندە تارماقلىرى بار.
-------------------------------
مۇشۇ دۇنيا بويىچە ئىراننىڭ تاماقلىرىنى ئەڭ ئىشەنچىلىك دەپ ئاڭلىدىم.
9- قەۋەتتىكى Birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
1- قەۋەتتىكى joshuaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۇيغۇرلارنىڭ تېخنىكا شىركەتلىرىدىن چەتئەلدە تارماق قۇرغانلار كۆپ ئەمەس مەنچە، ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك قەدەم بوپتۇ.
ئەنگلىيەدە پولاتچىلىق، نېفىت ۋە خىمىيە سانائىتى قاتارلىق تېخنىكىلىق ساھەدە قۇرۇلغان بەك چوڭ بىر شىركەت بار. ھەم بۇ شىركەتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا، شاڭخەي ۋە دىيارىمىزدىكى كۈيتۈندە تارماقلىرى بار.
-------------------------------
مۇشۇ دۇنيا بويىچە ئىراننىڭ تاماقلىرىنى ئەڭ ئىشەنچىلىك دەپ ئاڭلىدىم.
قايسى شىركەت ؟ تەپسىلىرەك بىلىشكە بولامۇ، ئەپلىك بولسا؟ قارلۇقنىڭ يوللىرى راۋان بولسۇن! مۇبارەك بولسۇن . قىزغىن تەبىركىلەيمەن ھەم ئىچىمدىن خوش بولدۇم . قارلۇقتىكى قىىرنداشلرىمىزنىڭ ئون نەچچە يىللاپ تىرششىلىرى بىكارغا كەتمەپتۇ .
9- قەۋەتتىكى Birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
1- قەۋەتتىكى joshuaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۇيغۇرلارنىڭ تېخنىكا شىركەتلىرىدىن چەتئەلدە تارماق قۇرغانلار كۆپ ئەمەس مەنچە، ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك قەدەم بوپتۇ.
ئەنگلىيەدە پولاتچىلىق، نېفىت ۋە خىمىيە سانائىتى قاتارلىق تېخنىكىلىق ساھەدە قۇرۇلغان بەك چوڭ بىر شىركەت بار. ھەم بۇ شىركەتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا، شاڭخەي ۋە دىيارىمىزدىكى كۈيتۈندە تارماقلىرى بار.
-------------------------------
مۇشۇ دۇنيا بويىچە ئىراننىڭ تاماقلىرىنى ئەڭ ئىشەنچىلىك دەپ ئاڭلىدىم.
مەن ئۇيغۇرلارنىڭ شىركەتلىرى دېگەنتىم، ئەنگىلىيەدىكى شىركەت ئۇيغۇرنىڭ ئەمەس ھەقىچان.
پولاتچىلىق شىركىتى؟ كۈيتۈندە ئۇنداق شىركەت بارلىقىنى ھېچ ئاڭلىمىدىم، مايتاغنىڭ سايىسىدە جان باقىدۇ ئۇلارنىڭ ئۈچىنچى كەسپلىرى.
ھەم تېخنىكا شىركەتلىرى بىلەن سانائەت شىركەتلىرى ئوخشىماس؟مەسىلەن پالانچى تېك بىلەن پالانچى ئىنداسترىيال دېگەندەك.
14- قەۋەتتىكى joshuaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھەم تېخنىكا شىركەتلىرى بىلەن سانائەت شىركەتلىرى ئوخشىماس؟
مەسىلەن پالانچى تېك بىلەن پالانچى ئىنداسترىيال دېگەندەك.
كەچۈرۈڭ، مەن ئارىلاشتۇرۇپ قويۇپتىمەن. مەن دېگەن شىركەت:
ئەنگلىيەدە ENRC تەبئىي بايلىق گۇرۇھى (تەخمىنىي ئىسمى)، ئىنگلىزچە ئىسمى:
Eurasian National Resources Corporation
توربېتى: http://www.enrc.com
ئۇ شىركەت فوربۇستىمۇ تونۇشتۇرۇلغان.
قۇرغۇچىلىرى:
ئەلى ئىبراھىم (باش مەبلەغ سالغۇچى، ئۇيغۇر، قىرغىزىستانلىق)
پاتوك كۇدېف (بېلگىيەلىكك، پاي قوشقۇچى)، بۇ ئادەمنىڭ ياۋروپادا يەنە بانكىسى باركەن.
ئالېكساندىر ماشكىۋىچ (يەھۇدى، ئىسرائىلىيەلىك، پاي قوشقۇچى)
مەمەت تالمان (شىركەتنىڭ باش دېرىكتورى. مىللىتى تۈركىي؛ سىپرۇسلۇق)؛ بۇ ئادەم گېرمانىيەدىكى ئەڭ داڭلىق ۋە دۇنيادىكى داڭلىق بانكا Commerzbank نىڭ بانكا باشلىقى بولغان. ھەمدە بۇ تارىختىن بۇيان مەزكۇر بانكىنىڭ باشلىقى بولغان تۇنجى غەيرىي گېرمان.
........
بۇ شىركەت لوندون پاي كۆرسەتكۈچىدە خېلى ئالدىنقى ئورۇندا، FTSE 100 Index كۆرسەتكۈچىنىڭ ئىچىدە، قازاقىستان پاي كۆرسەتكۈچىدە 2 - ئورۇندا تۇرىدۇ.
شۇنداق قىلىپ بۇ شىركەتنىڭ ئەنگلىيە، ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەر، ئوتتۇرا ئاسىيا، شاڭخەي ۋە كۈيتۈندە تارماق شىركەتلىرى ۋە زاۋۇتلىرى بار ئىكەن.
مەن قارلۇق شىركىتىگە يېڭىدىن ئوقۇشقا كىردىم. ھازىرغىچە ھېس قىلغىنىم قارلۇق شىركىتى ھازىر گرافىك ( سىزىش، مودېل، 3د، رەڭ، ئاۋاز ئۈنۈمى)، يۇمشاق دېتال ( تور تېخنىكىسى، ئەقلىي يانفۇن تېخنىكىسى، مەشخۇلات سىستېمىسى) قاتارلىق جەھەتتە كامالىتىگە يېتىپتۇ. يوقارقى ساھەلەر بويىچە يېتەرلىك تېخنىكلەر قوشۇنىغا ئېرىشەلىسىلا مۇز ئىراسى، پالاكەت ئېيىق قاتارلىق فىلىم ۋە بەيدۇ، چ چ شىركىتىگە ئوخشاش ھالەتلەرنى شەكىللەندۈرمىكى تەس ئەمەسكەن. شۇڭلاشقا دوستلارغا شەخسىي نامىمدىن تەۋسىيە قىلىدىغىنىم: كۆپرەك دوستلارنىڭ پۇلنى تايىنى يوق ئالىي مەكتەبلەرگە نەچچە يىلغا بۆلۈپ خەجلەپ ۋاقىتنى ۋە پۇلنى ئىسراپ قىلىپ يۈرمەي، قارلۇقتا تەربىيلىنىپ قارلۇقنىڭ غوللۇق خادىملىرىغا ئايلىنىپ قارلۇقنىڭ چوڭ ئىشىرىنى زىممىسىگە بىرلىكە ئېلىپ ئىشلىسە بولغۇدەك. ھازىر تەربىيلىنىش ئىشلىرىمۇ بەكلا ياخشى بولۇپ كېتىپتۇ.16- قەۋەتتىكى arislanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن قارلۇق شىركىتىگە يېڭىدىن ئوقۇشقا كىردىم. ھازىرغىچە ھېس قىلغىنىم قارلۇق شىركىتى ھازىر گرافىك ( سىزىش، مودېل، 3د، رەڭ، ئاۋاز ئۈنۈمى)، يۇمشاق دېتال ( تور تېخنىكىسى، ئەقلىي يانفۇن تېخنىكىسى، مەشخۇلات سىستېمىسى) قاتارلىق جەھەتتە كامالىتىگە يېتىپتۇ. يوقارقى ساھەلەر بويىچە يېتەرلىك تېخنىكلەر قوشۇنىغا ئېرىشەلىسىلا مۇز ئىراسى، پالاكەت ئېيىق قاتارلىق فىلىم ۋە بەيدۇ، چ چ شىركىتىگە ئوخشاش ھالەتلەرنى شەكىللەندۈرمىكى تەس ئەمەسكەن. شۇڭلاشقا دوستلارغا شەخسىي نامىمدىن تەۋسىيە قىلىدىغىنىم: كۆپرەك دوستلارنىڭ پۇلنى تايىنى يوق ئالىي مەكتەبلەرگە نەچچە يىلغا بۆلۈپ خەجلەپ ۋاقىتنى ۋە پۇلنى ئىسراپ قىلىپ يۈرمەي، قارلۇقتا تەربىيلىنىپ قارلۇقنىڭ غوللۇق خادىملىرىغا ئايلىنىپ قارلۇقنىڭ چوڭ ئىشىرىنى زىممىسىگە بىرلىكە ئېلىپ ئىشلىسە بولغۇدەك. ھازىر تەربىيلىنىش ئىشلىرىمۇ بەكلا ياخشى بولۇپ كېتىپتۇ.
----------------------------
قايسى مەكتەپلەر تايىنى يوقتۇ؟ بىلىۋالساق بولاتتى،مالال كۆرمىسىڭىز ئەسكەرتىۋەتكەن بولسىڭىز؟
ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەبلىرىنى نەزەردە تۇتۇۋاتىمەن. مەكتەبنى ياخشى تاللىماي بىر نەۋرە ئىنىم ئىككى قېتىم، ئۆز ئىنىم ئۈچ قىتىم ئالىي مەكتەبتە قايتا ئوقىدى. ئۆيدىكىلەرمۇ ئاققا چىقاردى. ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەبلەرگە بەكلا ئاچچىقىم كېلىدۇ.