muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-11-16 03:48:14

Kompass بىلەن تونۇشۇڭ[خەلقئارالىق سودا]

Kompass بولسا چوڭ تىپتىكى مەھسۇلات ئۇچۇرلىرى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى. بۇ يەر دۇنيادىكى 4 مىليۇن كارخانىنىڭ مەھسۇلات ئۇچۇرلىرى تاللاپ توپلانغان، ئۇنۋېرسال B2B خەلقئارالىق ئېلىكتىرونلۇق سودا سۇپىسى بولۇپ، دۇنيا بويىچە سېتىۋىلىش، تىجارەت ۋە تەتقىقاتتىن ئىزدەش ئېلىپ بارىدىغان 38 مىليۇن ئابۇنتى بار. 60 دۆلەتتە تارماق شىركىتى بار، 60 يىلدىن بېرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ.

دۇنيادىكى كارخانا مەھسۇلات ئۇچۇرلىرىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى

رايونلاردىكى تارقىلىشى:

غەربىي ياۋروپا 1754713، ئامېرىكا قىتئەسى 1026312، ئاسىيا-تېنچ ئوكيان رايونى 518719، ئوتتۇرا شەرق 121902، ياۋرو-ئوتتۇرا شەرق 604453، ئوتتۇرا ئاسىيا 20439، ئافرىقا 49729 بولۇپ، جەمئىي 4096347 كارخانا.

ئاساسلىق ساھەلەردىكى كارخانا تارقىلىش سانى:

ئېمپورت-ئېكىسپورت توپ تارقىتىش  852963،  پارچە سېتىش 58470، ماشىنسازلىق 721760، ئېلىكتىرون 143569، خىمىيە سانائىتى 214262، توقۇمىچىلىق 108296، ئويۇنچۇق-سوۋغات 19292، ياغاچ ماتېرياللىرى-ئۆي جاھازىلىرى 123433، يېزا ئىگىلىك يىمەكلىكلىرى 154242، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى 256023.

جۇڭگو كارخانىلىرى Kompass نىڭ 70 دۆلەتتىكى تارماق تور بەتلىرىدە 25 خىل تىلدا ئۆزىنى كېڭەيتەلەيدۇ.  

سىز بۇ يەردىن ھەربىر كارخانىنىڭ ئىسمى، تەپسىلىي ئادرېسى، پوچتا، تېلفۇن، فاكېس نومۇرلىرى، ئېلخەت، تور ئادرېسلىرى، كارخانا ۋە بۆلۈملەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ۋەزىپىسى، يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ توردىكى ئالاقىلىىىشىش جەدۋىلى؛ Kompass تىكى تىزىملىتىش نومۇرى، كارخانىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى، ئەنگە ئالدۇرغان سوممسى، سودا-سانائەت ئەنگە ئالدۇرۇش نومۇرى، قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى، مەركەز، تارماقلىرى، تەۋە بولغان سودا جەمىيىتى، خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى، يىللىق تىجارەت سوممىسى، سۈپەت تەستىقلاش ئۆلچىمى، ھېساب ئاچقان بانكا؛ ياسىغۇچى، بۆلۈپ ساتقۇچى، مۇلازىمەتچى، ئىمپورت قىلغۇچى ياكى ئېكىسپورت قىلغۇچى بەلگىلىرى؛ تىجارەت دائىرىسى ۋە Kompass مۇلازىمەتلىرىنىڭ تەپسىلىي تۇرلەر بويىچە بەلگىلىرى، ھەتتا ياۋروپا كارخانىلىرنىڭ 3 يىللىق  مالىيە جەدۋېلى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيسىز. بۇ سانلىق مەلۇماتلار قەرەللىك يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.

تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ چۈشىنىشنى ئىستىسىڭىز:

http://www.kompass.com

http://bbs.fobshanghai.com/viewthread.php?tid=2833949&extra=&page=1

مەنبە: ئۆزۈم (يۇقىرقى مەنبەلەردىن تاللاپ تەرجىمە قىلىندى)

palwan يوللانغان ۋاقتى 2012-11-16 09:47:30

كومپاس بۇ ئىسىم ياخشى ئىسىم، شۇڭا خېلى بۇرۇنلا kompas.cn نى ئېلىپ قويغان ئىدىم ھازىر ئېچىلدۇ ئىشەنمىسڭىز ئېچىپ بىقىڭ ، كىين يەنە Kompas.cc ۋە Kompas.com.cn نىمۇ ئەپ قويدۇم ،ئاشۇ دۇنياۋى شىركەتلەر قاچانمۇ دولتىمىز گە كىرە، بولسا مىنڭ قولومدىكى مۇشۇ تور نامىلىرنى يۇقۇرى باھادا سېتۋالسا بولاتتى.

مۇشۇ بانا دا تور بتمنى ئېلان قىلىۋالاي ، \"\" بۇتىمىنى مەن ئۇچۇن يازغاندەكلا تۇيۇلۇپ كەتتى

www.kompas.cn

www.kompas.cn/radio

www.tizlik.com \"\"

tawlan12 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-16 12:04:01

kompass.com

كومپپاسلار دېگەنلىكمۇ بۇ؟ تور نام ئېلىشنىڭ يېڭى ئۇسۇلى ئىكەن.

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-16 14:09:26

ب2ب تۈرىدىكى خەلىقارالىق سودا شەكلى دۇنيا سودا شەكلىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قۇرۇلما شەكىللىرىنىڭ بىرى . ئەمما تور سودىسى دېسە كاللىمىزغا بىرىنچى بوپ كېلىدىغىنى تاۋباۋ ، 360باي ، ئامازون قاتارلىق ب 2س شەكلىدىكى تور سودىسى بوپ قاپتۇ ۋە شۇ تۈرلۈك ماتىرياللارمۇ ھارغۇدەك جېقكەن خەنچىدە . ب2ب تۈرىدىكى سودىنى ۋە كارخانىنى ، سودا قىلىش ئۇسۇلىنى سېستىملىق تونۇشتۇرغان تۈزۈك ماقالە ئۇچرىتىپ بولالماي تاپشۇرۇقۇمنى بولا بولماس ئىشلەپ تاپشۇرۋېتىپتىكەنمەن دېسە . سىزمۇزە بالدۇرراق يازماي .

ھە راست ، ئۆي ئىچى تىشلىقتۇ ؟

تويۇڭلارغا بارالماي ئەجەب سەت بولدى .

خانىمغا مەندىن سالام ھە

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-16 14:22:36

فوبشاڭخەي بولىدىغان بېكەتكەن .

كومپارسنى ئاچسام ئاپتوماتىك ھالدا ئۆزىڭىز تۇراىۋاتقان يەرنىڭ يېزىقىدا بېكەت باش بېتى چىقىدىكەن ۋە تىل تۈرىدىكى تېخىمۇ كۆپ تىل تاللا دىگەن بۇيرۇق ئارقىلى دانىيىچە ،فرانسۇزچە خەنچە ،،، دىگەندەك تىللار چىقىدىكەن ،

بىردەم رۇسچە ،خەنچە قىلىپ ئويناپ ئاخىرى تۈركچىدە توختالدىم \"\"

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-16 14:25:25

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-11-16 15:42:58

3- قەۋەتتىكى rita1028نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ب2ب تۈرىدىكى خەلىقارالىق سودا شەكلى دۇنيا سودا شەكلىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قۇرۇلما شەكىللىرىنىڭ بىرى . ئەمما تور سودىسى دېسە كاللىمىزغا بىرىنچى بوپ كېلىدىغىنى تاۋباۋ ، 360باي ، ئامازون قاتارلىق ب 2س شەكلىدىكى تور سودىسى بوپ قاپتۇ ۋە شۇ تۈرلۈك ماتىرياللارمۇ ھارغۇدەك جېقكەن خەنچىدە . ب2ب تۈرىدىكى سودىنى ۋە كارخانىنى ، سودا قىلىش ئۇسۇلىنى سېستىملىق تونۇشتۇرغان تۈزۈك ماقالە ئۇچرىتىپ بولالماي تاپشۇرۇقۇمنى بولا بولماس ئىشلەپ تاپشۇرۋېتىپتىكەنمەن دېسە . سىزمۇزە بالدۇرراق يازماي .

ھە راست ، ئۆي ئىچى تىشلىقتۇ ؟

تويۇڭلارغا بارالماي ئەجەب سەت بولدى .

خانىمغا مەندىن سالام ھە

ئاخشام ئۇيقۇم كەلمەي تەرجىمە قىلىپ قويغانتىم.

ئۆي ئىچىدە ھېچكىم يوق ھازىر\"\"سەن ئۇياقتا، مەن بۇياقتا بوپقالدۇق، سالامەتچلىك.  

خۇدايىم بۇيرىسىا يىغىلىدىغانغىمۇ پۇرسەتلەر كېلىدۇ.

رەھمەت، سالىمىڭىزنى يەتكۈزىمەن.

hebib يوللانغان ۋاقتى 2012-11-16 22:59:15

@rita1028

商业评论 渠道版 دېگەن ژورنالدا B2B تۈرىدىكى سودا شەكىللىرى توغرىلىق ماقالىلەر ھەر ساندا دېگۈدەك ئۇچراپ تۇرىدۇ.  慧聪网 بىلەن ئەلى بابانى دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىلىرى دەپ بىلىدىكەنمەن.

بىيجىڭ يولىدىكى 野马国际 دېگەن گورۇھمۇ 7.5 ۋەقەسىنىڭ ئالدىدا نەچچە مىلىيون خەجلەپ ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىدىكىلەر ئۈچۈن ئاشۇنداق سودا سۇپىسىدىن بىرنى قۇرغان، بىر يىل تور تاقىلىپ ئۇ توربەتمۇ يوق بولدى.

ifanr دا ساپلا O2O سودا شەكلى توغرىلىق ماقالىلەر~ يېتىشەلمەيلا ئۆتۈپ كېتىدىكەنمىز.

كارخانىلار ئۈندىدار توپىنى قولدىن بەرمەڭلار ئىشقىلىپ.

مىكرو بىلوگ سودا شەكلىدە كېچىكتۇق، ئۈندىدار (مىكرو خەت) نى بولسىمۇ چىڭ تۇتىلى. \"\"

كوپماسقا ماتىرياللىرىمنى يوللاپ قويايچۇ.دەماللىققا سودا قىلالمىساقمۇ شىركەت ھەققىدىكى گوگىلدىكى ئۇلانمىدىن بىرەرسى ئاشقاچ تۇرسۇن.

رەھمەت تەقسىر ~

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-11-16 23:48:00

7- قەۋەتتىكى hebibنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۆزلەمۇ يوقاپ كەتمەي، ۋاقىت چىققاندا ئۇچۇر مەنبەلىرى، ئىزدىنىش يوللىرى ھەققىدە ئانچە-مۇنچە مۇنبەرگە تۆكۈپ تۇرسىلا.

ئۈندىدارغا كۆپ كۈچەپ بەك ياخشى قىلىۋاتىسىز، غەيرەت قىلىڭ \"\"

hebib يوللانغان ۋاقتى 2012-11-17 00:02:18

ئىشلىرىمنى بىر ئاز تەرتىپكە سېلىۋالساملا كۆرگەن-بىلگەنلىرىمنى بىر قۇر تۆكۈپ ماڭىمەن خۇدايىم بۇيرىسا. نېمىشقىكىن بۇ مۇنبەرگە تېما يېزىشتىن بەك ئەيمىنىمەن.

قوللىغىنىڭلىغا رەھمەت.

سۇپىغا ئىككى كۈندىن بىرى بىر نەرسە يوللىغىلى بولمايۋاتىدۇ. بىلكاندىكىلەرمۇ شۇنداق دەيدۇ.  ئىلگىرىمۇ شۇنداق بولغان.

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-17 05:45:38

6- قەۋەتتىكى muzdalaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى rita1028نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ب2ب تۈرىدىكى خەلىقارالىق سودا شەكلى دۇنيا سودا شەكلىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قۇرۇلما شەكىللىرىنىڭ بىرى . ئەمما تور سودىسى دېسە كاللىمىزغا بىرىنچى بوپ كېلىدىغىنى تاۋباۋ ، 360باي ، ئامازون قاتارلىق ب 2س شەكلىدىكى تور سودىسى بوپ قاپتۇ ۋە شۇ تۈرلۈك ماتىرياللارمۇ ھارغۇدەك جېقكەن خەنچىدە . ب2ب تۈرىدىكى سودىنى ۋە كارخانىنى ، سودا قىلىش ئۇسۇلىنى سېستىملىق تونۇشتۇرغان تۈزۈك ماقالە ئۇچرىتىپ بولالماي تاپشۇرۇقۇمنى بولا بولماس ئىشلەپ تاپشۇرۋېتىپتىكەنمەن دېسە . سىزمۇزە بالدۇرراق يازماي .

ھە راست ، ئۆي ئىچى تىشلىقتۇ ؟

تويۇڭلارغا بارالماي ئەجەب سەت بولدى .

خانىمغا مەندىن سالام ھە

ئاخشام ئۇيقۇم كەلمەي تەرجىمە قىلىپ قويغانتىم.

ئۆي ئىچىدە ھېچكىم يوق ھازىر\"\"سەن ئۇياقتا، مەن بۇياقتا بوپقالدۇق، سالامەتچلىك.  

خۇدايىم بۇيرىسىا يىغىلىدىغانغىمۇ پۇرسەتلەر كېلىدۇ.

رەھمەت، سالىمىڭىزنى يەتكۈزىمەن.

يىغىلىدىغان پۇرسەت كېلىدۇ ئىشقىلىپ ، سىنىپ باشلىقى بولغاندىكىن 63 باللىنى ئولاش -چولاش باشلاپ تويغىلا  كېلەرسىز يا  .

ھە راست ، ئۇنداق تولا  كاككۇك بىلەن زەينەپ بولماي ئەكىلىۋالىلى خانىمنى ، بولمىسا  بىز گەپ ئۆگىتىپ سىزنى قايتىپ كېلىشكە  مەجبۇر قىپ قويمايلى  .

ئاندىن ماندا ياخشى تېمىلار  بولسا  ئىزدىنىشكە  تەرجىمە قىپ  يوللاش خوشياقمىسا  ئۈندىداردا يوللىۋېتەيلى ، ھەمبەھىرىشەيلى  .

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-17 05:54:49

7- قەۋەتتىكى hebibنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@rita1028

商业评论 渠道版 دېگەن ژورنالدا B2B تۈرىدىكى سودا شەكىللىرى توغرىلىق ماقالىلەر ھەر ساندا دېگۈدەك ئۇچراپ تۇرىدۇ. 慧聪网 بىلەن ئەلى بابانى دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىلىرى دەپ بىلىدىكەنمەن.

بىيجىڭ يولىدىكى 野马国际 دېگەن گورۇھمۇ 7.5 ۋەقەسىنىڭ ئالدىدا نەچچە مىلىيون خەجلەپ ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىدىكىلەر ئۈچۈن ئاشۇنداق سودا سۇپىسىدىن بىرنى قۇرغان، بىر يىل تور تاقىلىپ ئۇ توربەتمۇ يوق بولدى.

ifanr دا ساپلا O2O سودا شەكلى توغرىلىق ماقالىلەر~ يېتىشەلمەيلا ئۆتۈپ كېتىدىكەنمىز.

كارخانىلار ئۈندىدار توپىنى قولدىن بەرمەڭلار ئىشقىلىپ.

مىكرو بىلوگ سودا شەكلىدە كېچىكتۇق، ئۈندىدار (مىكرو خەت) نى بولسىمۇ چىڭ تۇتىلى. \"\"

كوپماسقا ماتىرياللىرىمنى يوللاپ قويايچۇ.دەماللىققا سودا قىلالمىساقمۇ شىركەت ھەققىدىكى گوگىلدىكى ئۇلانمىدىن بىرەرسى ئاشقاچ تۇرسۇن.

رەھمەت تەقسىر ~

ھەبىب  .

تولۇق كۇرس كەسپىم بۇ ئەمەس ئىدى  ، ھەم شۇ چاغدا  مۇشۇ كەسىپتە  ئاسپىرانتلىق ئوقۇشنى ئويلاشقان بولساممۇ خىلمۇخىل سەۋەب تۈپەيلى  ئۈگىنىشنى باشلىۋەتمەپتىكەنمەن  ، ھازىر سەل پۇشايمىنىم بار  ، كېچىككىنىمگە . ئويلاپ باقسام ماتىرياللار  ساپلا  بېيجىڭ بىلەن شاڭخەيدەكەنتۇق .  

ئاۋۇلارنى كۆرەلمەيمەن  ئەپسۇس  .

ئۈندىدارىڭلارغا مەنمۇ قوشۇلاي ،گەرچە بەك جېق كىرىپ كەتمىسممۇ

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-19 14:28:36

پىنگىۋىندە پاراڭلاشقاندەك ئېنكاسلار چۇشۋىتىپتۇ \"\" .

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-11-19 18:12:00

12- قەۋەتتىكى oygak2005نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پىنگىۋىندە پاراڭلاشقاندەك ئېنكاسلار چۇشۋىتىپتۇ \"\" .

ھاي دەپ بولغۇچە جىقلا گەپلەرنى قىلىۋېتىپتۇ. شۇڭا مەنمۇ گەپ قىلماي جىم تۇرىۋالدىم، تۈزىلىپ قالىدىغانغا ئاز قالغان ئوخشايدۇ\"\"

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-19 19:59:11

13- قەۋەتتىكى muzdalaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

12- قەۋەتتىكى oygak2005نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پىنگىۋىندە پاراڭلاشقاندەك ئېنكاسلار چۇشۋىتىپتۇ \"\" .

ھاي دەپ بولغۇچە جىقلا گەپلەرنى قىلىۋېتىپتۇ. شۇڭا مەنمۇ گەپ قىلماي جىم تۇرىۋالدىم، تۈزىلىپ قالىدىغانغا ئاز قالغان ئوخشايدۇ\"\"

تۇزلىدۇ تىخى ياش ئەمەسما،( كۇلگەن چىراي ئىپادىسى)
بەت: [1]
: Kompass بىلەن تونۇشۇڭ[خەلقئارالىق سودا]