ئورۇقلاش-كىمدە بار؟
ئەسسالام ئىزدىنىش ئەھلى
مەندىن سىلەرگە سالام!
مەنمۇ 30 ياشلارغا باردىم،ھازىر ئاستا - ئاستا سەمرىپ بىر ئاز قورساق سېلىشقا باشلىدىم،قورسىقىم 4-5 ئايلىق ھامىلە بار ئايالنىڭ قورسىقىدەك بولۇپ قالدى،سېمىزلىككە شۇنداق ئۆچ ئىدىم،گىرىپتار بولدۇم دىسە.....
1.مەن جىددى ئورۇقلاشقا مۇھتاج،قانداق ئورۇقلىسا تېز ۋە ئۈنۈملۈك بىخەتەر ئورۇقلىغىلى بولىدۇ؟ئۆز - ئارا پىكىرلەشسەك....ئاۋاقلارنىڭ بېشىغىمۇ كەلمەيدۇ دەپ ھۆددە قىلغىلى بولمايدۇ!
2.قايسى بىر يىلى كىتاپخانىدا ئورۇقلاش جېڭىمۇ ياكى ئورۇقلاشنىڭ 27 خىل ئۇسۇلىمۇ ئىشقىلىپ مۇشۇنداقراق ئىسىمدىكى مەخسۇس ئورۇقلاش توغرىلىق مۇقاۋىسى ئاق رەڭلىك بىر ئۇيغۇرچە كىتاپ كۆرگەنتىم،بۇ كىتاپتا شۇنداق سېستىمىلىق يېزىلىپتىكەن ئورۇقلاش ئۇسۇللىرى،100-150 بەتچە كېلىدىغۇ دەيمەن،مېنىڭچە بۇ كىتاپ باشقا تىلدىن تەرجىمە قىلىنغان كىتاپ.
بۇ كىتاپنىڭ خەۋىرىنى بىلىدىغانلار بىر ئېرىنمەي مۇشۇ يەرگە بىر ئۇچۇر قالدۇرساڭلار بوپتىكەن،مەن بىرنى ئالماقچى.
ئورۇقلايمەن دەپ تاماقنى ئازلىتىپ، ئامراق يىمەكلىكلرىڭىزدىن پەرز تۇتۇپ يۈرمەڭ. ئەڭ مۇھىمى ھەركەت قىلىڭ، چېنىقىشنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرۇڭ. بۇنىڭدىن ياخشى ئۇسۇل يوق. «گۈلىستان»دا مۇنداق بىر نەسىھەت بار ، قوساقنىڭ ئۈچتىن بىرىنى تاماق بىلەن ، ئۈچتىن بىرىنى سۇ بىلەن ، قالغان ئۈچتىن بىرىنى شۈكىرى بىلەن تويغۇز . يەنە ئۇنىڭدىن باشقا نەپلى روزا تۇتۇڭ . كۆپرەك ھەركەت قىلىشمۇ موھىم ئىش ، يۇقۇردىكى مۇنبەرداش دىگەندەك تاماقتىن بەك قىسىپ كەتمەي ، نورمال يەپ ، كۆپرەك ھەركەت قىلىپ بېرىڭ . تادۇبەگنىڭ دۇكىنىدا بىر دۇرا باركەن.شۇنى سىناپ بېقىڭ... ئىزدىنىشتىكىلەر ھەممىمزى سەمىرىپ كەتتۇقمۇ نىمە!
كۇمپىيۇتىرنىڭ ئالدىدا تولا ئوتۇرۇشمۇ ئادەمنى سەمىرىتۋىتىدۇ
شۇڭا سوتغا ئىزدىنىش باشلىقى ئۈستىدىن ئەرىز قىلايلى،
ئىزدىنىش بولمىغان بولسا كۇمپىيۇتىرئالدىدا ئۇزۇن ئولتۇرمايىتتوق
نەتىجخدە سەمىرىپ كەتمەستوق،
ئىزدىنىش باشلىقى قايسى سوت رايۇنىغا تەۋە كىم بىلىدۇ!؟ دوختۇر تەكشۇرۇپ 2 ئايدا ئۈلىسەنكەن



ئاندىن سەھەر تۇرۇڭ،بالدۇر ئۇخلاڭ.ئۇيقىڭىز رەتلىك جايىدا بولسۇن.ناشتا جايىدا بولسۇن.قۇرۇق خىيالنى جىق قىلماڭ.
شۇنىڭ بىلەن 2،3 ئاي ئۆتكەندىن كىيىن خۇدايا تۆۋە،تەنناز بوپ كەتتىميا دەپ قالىسىز.

ئورۇقلايمەن، قاندىكى خولىستىرىننى تۆۋەنلىتىمەن دەپ تۇتقان (نىيەت قىلىپ قالسىمۇ ھېساپ) روزىنىڭ ساۋابى بولمايدۇ، روزا دىگەن چوقۇم فىي سەبىلىلىللە بولىشى كىرەك!
ئورۇقلاشنىڭ ئەڭ ئۆنۈملۈك ئۇسۇلى: ئالدىرسىڭىز دىلكانىڭ قىشىدا نەچچە كۈن شوگۇڭ ئىشلەڭ، ياكى بولمايدۇ مەن بىلەن ئەتيازلىققا يەر ئوسا قىلىدىغان چاغدا ئىككى كىچە-كۈندۈز سۇ ياقىلاڭ.... مەنمۇ ئاران110 كىلو كىلىمەن، ئورۇقلاشنى ئويلاشتىم، سەھەردە تۇرۇپ چېنىقىشنى ئويلاشقان بىلەن داۋاملاشتۇرماق بەك تەسكەن ئەمەسمۇ

ئورۇقلايمەن دېمەي ساغلام بولىمەن دېسە ئاقسل تالقىنى ئىستىمال قىلىپ چېنىقىپ بەرسە بولىدۇ ،ئارتۇق گۆشلەر موسكۇلغا ئايلىنىپ سۆڭەككە چىڭ چاپلىشىپ تۇرسا سېمىزلىك چانمايدۇ ، ھەممىدىم مۇھىمى چېنىقىش،قورساق قاتلاشنىڭمۇ ئۈنۈمى ياخشى ،كەچلىك تاماققا ئالما سالات يېسىمۇ ياكى ئالما يېسىمۇ ،قارا ئاشلىق يەپ بەرسىمۇ بولىدۇ ،سەت تۇرىدۇ دېمىسىڭىز ئارغامچا سەكرەپ بېرىڭ
9- قەۋەتتىكى abdrttنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئورۇقلاش جىڭى دىگەن كىتاب ئابدۇل ئەھەت ئابدۇرەشىت بەرىقى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، كىتابخانىلاردا سىتىلىدۇ...
ئورۇقلايمەن، قاندىكى خولىستىرىننى تۆۋەنلىتىمەن دەپ تۇتقان (نىيەت قىلىپ قالسىمۇ ھېساپ) روزىنىڭ ساۋابى بولمايدۇ، روزا دىگەن چوقۇم فىي سەبىلىلىللە بولىشى كىرەك!
ئورۇقلاشنىڭ ئەڭ ئۆنۈملۈك ئۇسۇلى: ئالدىرسىڭىز دىلكانىڭ قىشىدا نەچچە كۈن شوگۇڭ ئىشلەڭ، ياكى بولمايدۇ مەن بىلەن ئەتيازلىققا يەر ئوسا قىلىدىغان چاغدا ئىككى كىچە-كۈندۈز سۇ ياقىلاڭ....
ئىككى كۈن سۇ ياقىلىغانغا ئۇرۇقلايدىغان ئىش يوق. مانا مەنمۇ سەل-پەل سېمىزلەر قاتارىغا قېتىلاي دەپ قالدىم، بەك سەمىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىشنى بىلمەي يۈرۈيمەن. مەن يىلدا نەچچە كېچە كۈندۈز سۇ تۇتىمەن، سۇنى نەچچە كېلومېتىر جايدىن ياقىلاپ ئەكىلىپ، نەچچە كۈن ئورما ئورىمەن (بۇغداي ئورمىسى. قوناق ئورمىسى)، دېمەك ئېتىز ئېرىقنىڭ ئىشلىرىنى قىلىپ تۇرىمەن، لېكىن ھېچ بىر سەمىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغاندەك ئەمەس. مېنىڭچە بۇ ئۇرۇقلاشقا زادى ئەمەلىي تەجىرىبىسى بار ئادەملەر بىر نېمە دېمىسە باشقىسى بىكاركەن. ئەگەر بىر كۈندە قوبول قىلغان ئىسىقلىق مىقدارى قويۇپ بەرگەندىن كۆپ بولسا، مىڭ يىل چىنىقسىڭىزمۇ سەمىرىسىز.
چىنىققاندىمۇ ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلىش كىرەك.ماي مىقدارى كۆپ،شىكەر مىقدارى كۆپ بولغان ھەرقانداق يىمەكلىكنى يىيىشنى ساقلىنىڭ.

بەدەن چىنىقتۇرىشتىن باشقا ھەرقانداق ئورۇقلاش ئۇسۇلى مۇۋاپىق ئەمەس.
مەن كۇلۇبدا چىنىقىۋاتقىلى 18ئاي بولدى.دەسلەپتە 94كىلو كىلەتتىم


بۇ جەريان ھەقىقەتەن جاپالىق،چۆيۈندەك قوڭ بولۇش لازىم،بولماي تاشلىۋەتسىڭىز تىخىمۇ سەمىرىپ كىتىسىز.ئەگەر ھەقىقى مۇسكۇل قۇرىمەن دىگىچىلەر بولسا تۆۋەندىكى ئاددرىسقا قالاپ قويۇڭلار:
http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=46802 سەھەر تۇرۇش، بەك يۇمشاق ئورۇندا ئۇخلىماسلىق، مايلىق تاماقنى كۆپ يىمەسلىك، زىيادە تويۇنۇپ تاماق يىمەسلىك، جىسمانى ھەركەت بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىش، كەيپىياتنى ياخشىلاش، لىغىتقا چىقماي پەلەمپەيدە مىڭىش، ماشىنىغا چىقماي پىيادە مىڭىش، كۈندە 30 كىلومىتىرغا 25Kg لىق يۈك ئارتىپ يۈگۈرۈپ مەشىق قىلىڭ ، ئادەتتە ئۈچ سائەت ئەتراپىدا ۋاقىت كىتىدۇ . كىپىللىك قىلىمەنكى بىر ئايدىن كىيىن كەم دىگەندە 20 كىلو ئورۇقلاپ ھەرخىل كىسەللىكلەردىن خالى بولىسىز ، چىرايىڭىز باشقىچە ياشىرىپ ئاتتەك چاپىدىغان بولۇپ كىتىسىز . بىزلەر شۇنداق مەشىق قىلىمىز ، دەسلىپىدە 79Kg ئىدىم ، ھازىر 60Kg ئەتراپىدا كىلىمەن . يا پانا ....مەن 10 كىلو سەمىرىشنىڭ غېمىدە ،ما خەق ئورۇقلايمەن دەپ


18- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يا پانا ....مەن 10 كىلو سەمىرىشنىڭ غېمىدە ،ما خەق ئورۇقلايمەن دەپ![]()
![]()
ئىچى يامان ئىدەم سەمرىمەسمىش
