yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-15 19:57:41

باسمىل قەبىلىسى[تەرجىمە]

باسمىل قەبىلىسى



باسمىللار
بىر تۈركى قەبىلە بولۇپ قارلۇقلار بىلەن بىللە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى يانداش
قەبىلىسنىڭ بىرسى ھېسابلىندۇ.باسمىل دېگەن سۆز ئەسلى بىر خىل رەڭلىك ئاتنى
كۆرسەتكەن.باسمىللار قاڭغاي ئوتتۇرا قىسمىدىن جەنۇبى سىبىرىيەدىكى تاننۇ تېغىغىچە
بولغان جايلاردا،جۇڭغار ئويمانلىقى ئەتراپلىردا ئوۋچلىق،ئات بېقىش بىلەن
شۇغۇللانغانغان،يەنە يەرمۇ تېرىغان.قېيىن ياغىچىدىن ياسالغان ياغاچ ئۆيلەردە
تۇرغان.باسمىللار ئىلگىرى ئۇيسۇن،ئاشىنا،نايمان،كىماك ۋە ياغما قاتارلىقلار بىلەن
بىللە جۇرجانلارغا قارشى تۇرغان.



باسمىللار
ناھايىتى بۇرۇنلا تۈركلەر تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان بولۇپ ئاشىنا ئۇرۇقى ئىزچىل
ئۇلارنىڭ سەردارى بولۇپ كەلگەن،ئۇلار كېيىن يەنە غەربى تۈركلەر ۋە تۈركەشلەر
تەرپىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىنغان.باسمىللار كېيىن ئۇيغۇرلار ۋە قارلۇقلار بىلەن
بىرلىشىپ كېيىنكى تۈرك خانلىقىنى مەغلۇب قىلغان.باسمىللار ئىلگىرى بېشىبالىق
ئەتراپىدا پەقەت ئۈچ يىل داۋاملاشقان خانلىق قۇرغان ،كېيىن ئۇيغۇر قاغانى قۇتلۇق بىلگە
كۆل قاغان تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان،باسمىللار شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارغا قوشۇلۇپ
كەتكەن،ئۇندىن باشقا قازاق خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا يۈزىدىكى ئارغۇنلارمۇ ئۇلارنىڭ
ئەۋلادى ھېسابلىندۇ.باسمىللار يەنە ئىدىقۇت دېگەن ھۈرمەت نامىنى تۇنجى بولۇپ
ئىشلەتكەن قەبىلە بولۇپ ،بۇ نام  كېيىن
قوچو ئۇيغۇر خانلىقى خانىنىڭ ھۈرمەت نامى بولغان.



مەنبە:ۋىكىپىدىيە              تەرجىمىدە:ياغلاقار

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-11-16 09:46:54

ئوبدان تەرجىمە قىلىپسىز!

قوغۇرسۇلارنىمۇ بىلىپ باقساق بولاتتى.

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-16 13:09:08

1- قەۋەتتىكى koktashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئوبدان تەرجىمە قىلىپسىز!

قوغۇرسۇلارنىمۇ بىلىپ باقساق بولاتتى.



ئىزدىنىپ باقاي.

tawlan12 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-17 17:54:33

باسمىل ھەققىدە ئۇچۇرلار بەكل ئازغۇ دەيمەن.
بەت: [1]
: باسمىل قەبىلىسى[تەرجىمە]