ئىزدىنىشقا بىر تەكلىۋىم بار
كەمىنە ئىزدىنىش مۇنبىرىگە ئەزا بولغىنى خىلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ لىكىن ھازىرغىچە تىما يىزىپ باقماپتىمەن، تىمىلارنى ئاساسەن كۆرگەن بىلەن ئىنكاسمۇ يىزىپ كەتمەيمەن، لىكىن بۇ جەرياندا ئىزدىنىشتا ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ ۋە پۇراقنى ھىس قىلدىم ، يەنى Academic Atmosphere
بۇنى ئىلمى كەيپىيات دەمدۇق ، شۇنداراق، مىنىڭ تەكلىۋىم ئىزدىنىشتا خىلى جىق ئوقۇغان ياكى ئوقۇپ بولغان باللا بار، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن دوكتۇر پرافىسسورلارمۇ خىلى بار، ئەمدى بۇ ئىلمى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ نەتىجىسى ئىلمى ماقالا ئىلان قىلدۇرۇپ تۇرۇشتا ئىپادىلىنىدۇ، بولۇپمۇ SCI ماقالىلىرى،
مەنچە بىزلىنىڭمۇ مەنچە دۆلەت ئىچىدە ۋە دۇنيانىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدا ئىلان قىلىنىپ تۇرۇۋاتقان ئەقلى ئەمگەكلىرىمىز بار، بولۇپمۇ SCI ماقالىلىرى، مەنچە بىزدە بۇ توغرىلىق ئومۇمى خەلىق ئاممىباپ چۈشەنچىلىرى تۆۋەنرەكقۇ دەيمەن. ئەمما جىكنىڭ يازمىلىرىدىن بۇ ئۇقۇملارنى خىلى چۈشۈنىۋالدۇق.
گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەم ئىزدىنىشتا بۇ توغرىلىق بىر سەھىپە قۇرۇلسا، شۇنداق ئىلمى نەتىجىسى بولغانلار بۇ يەرگە تاشلاپ ھەم قىسقىچە مەزمۇنىدىن خەۋەر بەرسە، بۇ ماقالىلارنىڭ ئەھمىيىتى، نوپۇز كۆرسەتكۈچى دىگەنلرنى، ۋە قايسى ساھالىدىن چىقىۋاتقانلىغىنى بىلىپ تۇرساق بەك ئەھمىيەتلىك بولاتتىكەن، مەسىلەن شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئىلمى ماقالىسى نوپۇز كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقۇرى بولغان تەبىيەت ژورنىلىدا ئىلان قىلىندىغۇ دەيمەن، يەنە بۇ يىل چىققان ساھىپجامال دۆلەتنىڭ نەتىجىسى دىگەنلەر، يەنە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ۋە پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى بالىلارنىڭ ماقالىلىرى، ئامال باربىر كۆرەپ خەۋەردار بولاپ تۇرساق،
مەنچە بىزدە ھازىرغىچە SCI ماقالىلىرىنىڭ سانى 500 لىدىن ئىشىپ قالدىمىكىن، دۆلەت سىرتىدىكى مۇھاجىرلىنىمۇ قاتقاندا، بۇنى ئاز دىگىلىمۇ بولمايدۇ، ھەم جىق دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ، مەندىمۇ نەچچە پارچە بار، لىكىن بەكمۇ كۈچلۈكلىدىن ئەمەس ، ئەڭ يۇقۇرىسى Plos One, ئاندىن كىيىن Chinese Science Bulletin
قېنى بۇ تەرەپكىمۇ دىققەت قىپ قويىلى
قاندا دىدىم ئىزدىنىشنىڭ پىشقەدەم ئاتامانلىرى؟
ئەلا پىكىركەن مەنچىمۇ شۇنداق قىلساق مىكىن... مەن بەزى ۋاقىتلاردا شۇنداق ماقالىنى ئىزدەپمۇ تاپالمايمەن، ......... ياخشى گەپ. مەنچە، شۇنداق ماقالىلەر ئېلان قىلىنىدىغان كىتاپ- ژورنالنىڭ ئىسمى، تور ئادرىسى بېرىلسە ياخشى بوپتىكەن.يەنە بىرگە، ھازىر 11- ئاي، مۇشتەرىي ۋاقتى، ئىدارىلەردە ۋە پوچتىخانىلاردا كېلەر يىللىق گېزىت- ژورناللارنىڭ تىزىملىكى بېرىلىدۇ. تەبئىي پەنگە قىزىققۇچىلارنىڭ تىزىملىكتىن ئوبدان كۆرۈپ ژورنال تاللاپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ماقالەڭ SCI كىرمىسە ئۈنۋن يوق ، ئۇقۇشۇڭ پۈتمەيدۇ دەپ ......


بولسا شۇنداق قىلىڭلار ، پايدىلنارمىز . ماقۇل شۇندا قىلىڭلار بولسا... قىلىۋاتقان ئىش جان بېقىشتىن باشقىغا ئەسقەتمايۋاتىدۇ....................
ئىسىت ئۆمرۈم................