ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2012-11-15 17:55:22

ئەسەد سۇلايمان بىلەن تۈركىيەدە سۆھبەت

دوكتور ئەسەد سۇلايمان بىلەن جەدىدچىلىك ھەققىدە سۆھبەت








تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(13.11.2012) خەۋىرى:

پىروفېسسور دوكتور ئەسەد سۇلايمان ئەپەندى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل، تارىخ، جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدا «جەدىدچىلىك ھەرىكىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىئولوگىيەسىگە كۆرسەتكەن تەسىرى» دىگەن تېمىدا لېكسىيە بەردى



پىروفېسسور دوكتور ئەسەد سۇلايمان بىلەن جەدىدچىلىك ھەققىدە سۆھبەت (1)




ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! پىروفېسسور دوكتور ئەسەد سۇلايمان ئەپەندى 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن تۈركىيەگە كېلىپ، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل، تارىخ، جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدا «جەدىدچىلىك ھەرىكىتى ۋە ئۇيغۇرلانىڭ ئىدىئولوگىيەسىگە كۆرسەتكەن تەسىرى» دىگەن تېمىدا لېكسىيە بەردى.

يىغىنغا تۈركىيەنىڭ ھەرساھە تەتقىقاتچىلىرى، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، نۇرغۇن كىشى قاتناشتى. ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدەبىياتشۇناس، تەتقىقاتچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەسەد سۇلايماننىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى پىكىر، قاراشلىرى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇ لېكسىيەسىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش مىللەتلەر ئارىسىدا باش كۆتۈرۈپ، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئويغۇنۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنى قايتىدىن تەتقىق قىلىشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. يىغىنغا ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، زىيالىلارمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇستاز دوكتور ئەسەد سۇلايمان ئەپەندى بىلەن يۈز كۆرۈشكەنلىكى ئۈچۈن ھەممەيلەن ئىنتايىن خوشال ئىدى.

يىغىندا ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى پىكىرلىرى ئىچىدە ئاتاقلىق ئۇيغۇر تارىخشۇناس مۇللا مۇسا سايرامىنىمۇ جەدىدچىلىك ھەرىكىتى باشلامچىلىرى قاتارىدا ساناشقا بولىدىغانلىقى، مۇللا مۇسا سايرامىنىڭ پىكىرلىرىنى بۇ نۇقتىدىنمۇ قايتىدىن تەتقىق قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى ھەممىنىڭ قاتتىق دىققىتىنى تارتتى.

دوكتور ئەسەد سۇلايمان ئەپەندى يىغىندا يەنە ئۇيغۇر ئىلىدا باشلانغان جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى باشلاملىچىلىرىدىن بىرى بولغان، ئەمما تېگىشلىك دەرىجىدە تەتقىقات قىلىنمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا كۆپ كېچىكىپ تونۇلغان نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت (ئۇيغۇر بالىسى) ئەپەندىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ھەمدە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ قاچان ۋە قايسى ژورناللاردا ئېلان قىلىنغانلىقى ۋە تەسىرىنى ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە، نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت ئەپەندىنى ۋە ئەسەرلىرىنى قايتىدىن تونۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

بىز بۇ لېكسىيە سۆزلەش يىغىنى ئۈچۈن تاللانغان تېما ۋە ئۇنىڭدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى پىكىر، قاراشلار ھەققىدە تەپسىلى سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن دوكتور ئەسەد سولايمان ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. سۆھبىتىمىزنى باشلاشتىن ئىلگىرى دوكتور ئەسەد سولايمان ئەپەندىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمىز.

ئەسەت سولايمان ئەپەندى 1969-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇمۇلدا تۇغۇلغان، 1986-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، 1991-يىلىدىن 1994-يىلىغىچە يەنە شۇ فاكۇلتېتتا ئۇيغۇر فولكلور مەدەنىيىتى يۆنىلىشى بويىچە ماگىستىر ئاسپېرانتلىقىدا ئوقۇغان. 1996-يىلى جۇڭگۇ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاسپىرانتورىيەسىگە قوبۇل قىلىنىپ، دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇغان. 1999-يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ ئەەبىيات پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2003-2004-يىللىرى شۋېتسىيەنىڭ سىتوكھولىم ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر يىل ئوقۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ياپونىيە، شۋېتسىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتناشقان ۋە ئىلمىي لكسىيەلەرنى بەرگەن. ئۇنىڭ ھازىرغىچە، «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ»، «ئۇيغۇر توتېم مەدەنىيىتى»، «تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە»، «ئەلشىر نەۋايى»، «خەمسەچىلىك ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»(***چە) ھەمدە «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلىرى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ يەنە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەر خىل ئىلمىي ژورناللاردا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيەتىگە دائىر 40 تىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە جوڭگۇدا مائارىپ مىنىستىرلىكى ۋە ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئازسانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى بويىچە بىر قانچە قېتىملىق تەتقىقاتلارغا ئۆزى بىۋاستە يېتەكچىلىك قىلغان.

ئۇ يەنە 2001-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە ماگىستېر ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى بولغان ھەمدە بىر قانچە قارار ماگىستىرلارنى يېتىشتۇرۇپ چىققان. 2005-يىل پىروفېسسور كەسپىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2000-يىلى «ئۇرۇمچى شەھىرى بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن ئون ياش»نىڭ بىرى ۋە 2006-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بويىچە مۇنەۋۋەر پوستدوكتور، يەنى دوكتور ئاشتى بولۇپ باھالانغان. ئۇ ھازىر شۋېتسىيەنىڭ سىتوكھولىم ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانماقتا.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! قېنى ئەمىسە تۆۋەندىكى مەنبەدىن بۇ سۆھبەتنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىگە مەرھەمەت قىلغايسىلەر.

http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=9c1ab24f-90d4-44de-9ffa-20ccf52e0fd9

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى بىلەن كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر خەير خوش!



ئەنقەرەدىن كامىلجان كاسغەرى تەييارلىدى.

★★★★★

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-11-15 20:45:40

ئالدىرىماي ئاڭلايلى

gulen يوللانغان ۋاقتى 2012-11-15 21:46:46

ئەسەد مۇئەللىمنىڭ بارلىقى ۋە تەتقىقاتتا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ مەمنۇن بولدۇم. ھەر جايدا ئامان بولسۇن

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2012-11-15 22:17:45

ئەسەد ئاكىمىزنى خاپا بولوپ چەتئەلگە چىقىپ كىتىپتۇ! دىگەن خەۋەرنى ئاۋامنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىقغان ئىدىم- راس ئەمەستۇ! ھە..

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2012-11-16 09:51:05

سۇلايمان بەي باركەنسىزدە!

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2012-11-17 14:59:04

ئاۋۇ رىياسەتچى تۈرك شوۋ سەھنىسىگە كىچىككىنە ئوغلىنى يەنى مۇجاھىد قەشقىرىنى ئېلىپ چىققان ئادەم شۇكەنغۇ؟! شۇ چاغدا كىچىك بالا چۈچۈك تىللىرى بىلەن: «بىز كىملەرىز؟ كىملىكىمىزى سورۇدىنىزمۇ بىزدەن؟» دېگەن شېئىرنى بەك چىرايلىق دېكلاماتسىيە قىلغانىدى.

xotenbeg يوللانغان ۋاقتى 2012-11-18 10:17:43

ئەسەت سۇلايمان مۇئەللىم، مەن ئەڭ ھۆرمەت قىلىدىغان ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ بىرى. ئەمما ئۇنىڭ بېشى ۋەتەنگە پاتمىدى. بۇ تېمىدىمۇ تالاش-تارتىش بولۇپ كەتمەس ھە؟!

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-11-20 13:34:51

ئۇ ھازىر شۋېتسىيەنىڭ سىتوكھولىم ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانماقتا.

...............................



ئۇ يەردە ئالىم تەتقىق قىلىدىغان ماتېرىياللار كۆپ .

بۇمۇ ياخشى ئىش بوپتۇ!

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2012-11-21 15:15:36

ئابدۇقادىر جالالىددىننىڭ بىر كىتابى توغرىسىدا يېزىلغان بىر تېمىدا دوكتۇر سانسارا ئەسەد سۇلايماننى ئىنكار قىلىپ ئۆزىنىڭ ئىنتايىن قارا قورساق ، كۆرەلمەس ، ھەسەتخور بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قويغانىدى . ئۇنىڭ شۇ ئىنكاسىنى كۆرۈپ ئادەمنىڭ قورسىقىدىن ئارغامچا - توقۇناقتىن باشقىسىنىڭ چۈشىدىغىنىغا ئىشىنىپمۇ قالغانىدىم . ئەسەد سۇلايمان ئەپەندى ئامان بولسۇن .
بەت: [1]
: ئەسەد سۇلايمان بىلەن تۈركىيەدە سۆھبەت