enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2012-11-15 13:23:58

تىترىتىش بەلۋىقى قورساقنى كىچىكلىتەلەمدۇ؟

بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا سودا يەرمەنكىسى بولىۋاتقان بىر چېدىرنىڭ ئىچىدىن "ۋىبرا تونې"ماركىلىق بىر توكلۇق تىترىتىش بەلۋىغى سېتىۋالدىم. تاۋباۋدا بۇ مەھسۇلاتنىڭ بىر ئاي ئىچىدە بەل ئايلانمىسىنى 3 سانتىمېتىر قىسقارتىدۇ، بەدەن ئېغىرلىقىنى 3 كىلوگىرام كىچىكلىتىدۇ، دېگەن داۋرىڭى بار. ماڭا ئەشۇ بەلۋاغنى سېتىپ بەرگەن يايمىچى يولداشمۇ شۇ گەپنى قىلدى. بۇ مەھسۇلاتنىڭ چۈشەندۈرۈش كىتاۋىدا بىر ئېغىزمۇ خەنزۇچە خەت يوق ئىكەن، مادېئېن ئۇسا جىڭ مەھسۇلات، ئۇسالىقلار يالغان داۋراڭ قىلماس دەپ ئويلاپ يۈرۈپ بىر ھەپتىدىن بېرى بۇ بەلۋاغنى كۈندە قورساققا يېرىم سائەت تېڭىپ، تىترىتىپ يۈرىۋاتىمەن. مەقسەتكە كەلسەك، بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئۈنۈمى ھەقىقەتەن داۋرىڭىدا دېيىلگىنىدەك بولسا پۈتۈن خەلقى-ئالەمگە بىلدۈرۈشتەك كاتتا خالىس مىللەتپەرۋەرلىك بۇرچنى ئادا قىلماقلىقتۇر.


   بۇرۇن ئەختەم ئۆمەر ئاكا مۇنداق يازغان:" ھازىر خەلقىمىزدە تەن كىچىك، قورساق يوغان بولۇشتەك فىزىئولوگىيەلىك چېكىنىش ئېغىر. بۇ چېنىقىشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك ۋە ئوزۇقلىنىشتا قورساقنى چىڭداپ تويغۇزۇشنى مەقسەت قىلىپ ئاز سۈپەتلىك ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرمىگەنلىكىمىز سەۋەبىدىن، ياۋروپالىقلار ئاللىقاچان چېنىقىش، ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەش، ئىلمىي ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ بولغاچقا ئۇلاردا تەن يوغان، قورساق كىچىك"دەپ يازغانىدى. دېمىسىمۇ، ئەختەم ئۆمەر ئاكىنىڭ سۆزىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئاساسى بار. تاماقلىرىمىزنىڭ كالورىيە كۈچى يۇقۇرى ھەم قورساقنى چىڭداپ تويغۇزۇش ھەقىقەتەن بىزدىكى بار ئىش. بىز بىر ئادەم يەۋېتىدىغان بىر لىگەن پولونى ياۋروپالىقلار كالورىيەسىنى ئۆلچەپ كۆرگەندىن كېيىن 3 ئادەم بۆلۈپ يىيىشى مۈمكىن. خەنزۇلار ئادەتتە بىر پىيالە گاڭپەننى ئىككى تەخسە سەي بىلەن يىيىشكە ئادەتلەنگەن.  يېمەكلىكتىكى پەرھىز تۈپەيلى، كۆپ خىل ئېلېمېنتلاردىن ھۈجەيرە تېمى قوپۇرۇش بىزگە مۇناسىۋەتسىز بولغاچقا كۆپۈنچە قوي گۆشىگە تايىنىپ تەم ۋە ئوزۇقلۇقنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. سەي-كۆكتات قوشۇمچە. كۈندىلىك تاماقلىرىمىزدىن لەغمەن بىلەن گاڭپەن ۋە نان ئاساسلىقتۇر. پولو، نارىن، چۆچۈرە-تۈگۈرلەرمۇ كۈندە بولمىسا ھەپتە ئاخىرىدا چوقۇم بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە تالا ئادىمى بولسىڭىز ھاراق-شاراپ، زىياپەت كۈندە بار. ئۇنىڭ-بۇنىڭدىن تېرىپ يەپ، ئۈستىگە زەھەردەك ئاچچىق، لېكىن شېكەر مىقدارى يۇقۇرى ھاراقنى ئىستىمال قىلىپ يۈرىۋەرسىڭىز قورساققا جاھىل خارەكتىرلىك چاۋاياغ يىغماي ئامالىڭىز يوق. لەغمەن بىلەن گاڭپەننىڭ كالورىيەسى ئانچە يۇقۇرى ئەمەس، لېكىن ئۇنى چىڭقالغۇچە يېمىسەك كۆزىمىز تويمايدىغان ئامراق تامىقىمىز بولغاچقا چىڭقالغۇچە يەپ سالىمىز-دە قورساق بوشلۇقىنى تاغارغا ساماننى چىڭداپ تىقىپ كەڭرىتىۋەتكەندەك يوغانتىۋېتىمىز. بۇ قورساقنى فىزىكىلىق يوغانتىشتۇر. بۇنداق قورساق ئۇدۇلىسىغا چوقچىيىپ تۇرماي پەسكە ساڭگىلاپ ئىسكەتنى سەتلەشتۈرىدۇ-دە، قاش-كۆزى چىرايلىق، بۆشۈككە تېڭىلىپ چوڭ بولغاچقا پۇت-قوللىرى تۈز، خۇشپېچىم چوڭىيىدىغان ئۇيغۇر باللىرى جەلپكار ئاقسالىقتىن تېزلا قېرى چىرايلىققا يۈزلىنىپ كېتىمىز. شۇڭا ھەر ئاماللارنى قىلىپ قورساق سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز زۆرۈردۇر. لەغمەندىن ۋاز كېچىدىغان بىرمۇ ئۇيغۇر يوق، ئەنئەنىۋى تاماقلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئەۋزەللىكلىرى بار، شۇڭا قورساق كىچىكلىتىشكە تاماقلىرىمىزنى باھانە قىلماي چېنىقىش ۋە باشقا ئىلمىي ئۇسۇللارنى سىناپ كۆرسەك تامامەن بولىدىكەن.


تەجرىبەمچە، قورساق مۇسكۇلى ئاسان بوشايدىغان مۇسكۇل تۈرىگە كىرىدۇ. بىر يىل مەشق قىلىپ بىر ئاي مەشقنى تاشلىۋەتسىلا قورساق يوغىناۋېرىدۇ. شۇڭا قورساقنى چېنىقىش ئارقىلىق كىچىكلىتىش ئىنتايىن جاپالىق بىر ئىشتۇر. ئۇزۇن ئارىلىققا كۈندە يېرىم سائەتتىن ئارتۇقراق يۈگۈرۈش ياكى 4 كىلومېتىردىن ئارتۇق پىيادە مېڭىش ئورۇقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى. بۇنىڭدا قورساقمۇ ئەلۋەتتە مۇناسىپ ئورۇقلايدۇ، لېكىن يەنە كۈندە 10 مىنۇت ئەتراپىدا قورساق قاتلاپ بەرمىسىڭىز قورسىقىڭىز ھەقىقىي كۆرۈنەرلىك كىچىكلىمەيدۇ. چۈنكى قورساققا يىغىلىدىغان ماينىڭ ئارىسىدا ئاسان ئېرىمەيدىغان چاۋا ماي بار. ئۇنى بېسىم بىلەن ئېرىتىش كېرەك. لېكىن، نۇرغۇن ئادەملەر كۈندە 10 مىنۇت ئەتراپىدا قورساق قاتلاشنى 1ئاي ئەتراپىدا داۋاملاشتۇرالىغان ئەمەس. چۈنكى، بۇ ھەرىكەت باشقا تەنھەركەتلەردەك كۆڭۈللۈك ئەمەس، ئادەمنى قىيناپ قويىدۇ. شۇڭىمۇ ئۇ چېنىقىشتىكى ئۆلۈك بۇلۇڭ دېيىلىدۇ.


40 ياشلارغا بارغاندا چېنىقىشقا خوشيېقىشمۇ بىر مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدەنمۇ كۈچلۈك سىجىللىقتىكى ھەرىكەتنى ھەزم قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. قورساق قاتلاش ئەمەس، 2 كىلومېتىر ئارىلىققا يۈگۈرەشمۇ ئادەمنى زىيادە چارچىتىۋېتىدىغان بىر ئىشقا ئايلىنىدۇ. بۇنداق چاغدا سىزنىڭ ئەڭ مۇھتاج بولىدىغىنىڭىز قانداق قىلغاندا 8 سائەتلىك خىزمەت ۋاقتىدا ئاخشام سائەت 11-12 گىچە تورغا چىققاندىكى ئۇيقۇسىزلىقنى يەڭگىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلاش بولىدۇ. شۇڭا سىز ئىلاجى بار چېنىقىشتىن ئىبارەت بۇ زور مىقداردا ئېنېرگىيە سەرپ قىلىدىغان ئىشتىن ۋاز كېچىشىڭىز كېرەك. لېكىن ۋاز كەچسىڭىزلا سەمرىشكە باشلايسىز، قورسىقىڭىز يوغىناشقا باشلاپ نۇرغۇن غەملىرىڭىزنىڭ ئىچىگە يەنە بىر غەم قوشىلىدۇ. ئەمىسە قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ چاغدا سىز چوقۇم ھېچقانداق جاپا تارتماي دورا ۋە ھەر خىل ئورۇقلىتىش چايلىرى، ئاۋستىرالىيە قەھۋەسى ئىچىش ئارقىلىق ئورۇقلاشنى ئويلايدىغان ۋە ماگىزىن ئارىلايدىغان بولۇپ قالىسىز. شۇغىنىسى، ناھىيىتى تېزلا بۇنداق ئورۇقلاش ئۇسۇلىنىڭ ئانچە بىخەتەر ئەمەسلىكىنى، تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار قىلىپ قويىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ قالىسىز-دە، بۇ نىيىتىڭىزدىنمۇ دەرھال سوۋۇپ كېتىسىز. ئەمىسە ئورۇقلاشنىڭ يەنە قانداق ھورۇن ئۇسۇلى بار؟ تېلېۋېزور- گېزىت -ژورنال داۋراڭلىرىنىڭ ئىچىدە 4-5 يىلدىن بۇيان تىترىتىش بەلۋىقىنىڭ قورساق ۋە يوتىنى ئورۇقلىتالايدىغانلىقى، بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئەڭ بىخەتەر بولىدىغانلىقى پېقىرنىڭ ئىزچىل دىققىتىدە بولۇپ كەلگەن ئىدى. مانا ئەمدى ئۇنى ئېلىپ سىناپ بېقىشقا مۇھتاج بولۇپ قالدىم. چۈنكى ياش قىرىققا باردى، كۈنسېرى تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقان سەمرىش ھۇجۇملىرىنى توسۇش كېرەك.


   بۇ يىل يىلنىڭ بېشىدا مەن قايسى بىر توردا بىر خەنزۇ تېۋىپنىڭ قورساقنى ئۇۋىلاش ئارقىلىق كىچىكلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى، زىيادە جاپا چېكىپ چېنىقىشنىڭ ھاجىتى يوقلىقى ھەققىدە سۆزلىگىنىنى كۆرگەن ئىدىم. شۇڭا تىترىتىش بەلۋىقىنىڭ قورساق ئەتراپىنى ئورۇقلىتالايدىغانلىقىغا ئاز-تولا ئىشىنىپ يۈرىمەن. لېكىن، توردىكى خەنزۇ تورداشلار تىترىتىش بەلۋىقى پەقەت ئۇۋىلاش ئۈنۈمىنىلا بېرىدۇ، ئورۇقلىتالمايدۇ، دەپ يېزىپتۇ. ھەم بەزىلەر بۇ مەھسۇلاتنى ئىشلىتىپ كۆرگەنلىكىنى، لېكىن ھېچقانداق ئۈنىمىنى كۆرەلمىگەنلىكىنىمۇ يېزىپتۇ. لېكىن ئۇ گۇيلار قانداق گۇيلار، قولى قىچىشىپ شۇنداق دەپ يېزىپ قويدىمۇ بىلگىلى بولمايدۇ. بۇنى يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ راستچىل،سەمىمىي ئادەملىرىدىن سوراپ بېقىش كېرەك، دەپ مۇشۇ يەرگە تېما قىلىپ يازماقچى بولدۇم. يېرىم كۈن كاسىلداپ ئاخىرى بىلمەكچى بولغىنىم، ئارىمىزدا تىترىتىش بەلۋىقى ئىشلىتىپ باققانلار بارمۇ؟ ئۇ راستلا قورساقنى كىچىكلىتەلەمدۇ؟ تەجرىبىڭىزنى سۆزلەپ بەرسىڭىز.

terjime يوللانغان ۋاقتى 2012-11-15 19:13:30

تىتىرتىش بەلۋىغى ئادەتتە تىتىرتىش ماتورىنىڭ سانى بويىنچە بىر ماتورلۇق، ئىككى ماتورۇلۇق ، ئۈچ ماتۇرلۇق دەپ ئايرىلىدۇ . تىتىرتىش خوت سانىمۇ ئاستا ، ئوتتۇرھال ، ئىتتىك دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ . ماتۇر قانچە جىق بولسا شۇنچە ياخشى ، چۈنكى ماتۇرنىڭ بىۋاستە تىگىپ تۇرغان ئورۇندىكى ماي قاتلىمىغا بولغان تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ . ۋىبىرا ماركىسىدىكىسى بىر ماتۇر ، ئۈنۈمى ئانچە بولمايدۇ ، چۈنكى ماتۇرنىڭ تىگىشىش ئورنىنى يۆتكەش كېرەك ، بۇنىڭدا ۋاقىت ئىسراپ بولىدۇ ، ھەم ئاشقازان بۇنداق تولا تىتىرەشكە بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ .

بۇ بەلباغنى تاماق يىيشتىن 30مىنۇت بۇرۇن ياكى تاماقنى يەپ 45مىنۇتقىچە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ ، بولمىسا ئاشقازاننى بۇزۇپ قويىشى مۇمكىن . باشتا ئاستا خوتتا قوزغاپ بارا -بارا يۇقىرلىتىش كېرەك . ئورۇقلاشنىڭ ياخشى ئامالى يەنىلا كەچلىك تاماقنى ئاز يىيىش ، بۇنداق بولغاندا ماي تەبئىلا بەدەنگە سۈمۈرلۈپ ئاستا بولسىمۇ بىر كۈنى قورساق كىچكلەيدۇ . تەبى ئورۇقلاش ئەڭ ياخشى ، سۈنئى ئۇسۇلدا ئىتتىك ئورۇقلاپ كەتسە تېرە بوشاپ ساڭىلاپ سەتلىشىپ كىتىدۇ .

گەپنىڭ قىسقىسى بۇ ئەسۋاپنىڭ ئۈچ ماتۇرلىقى بولسا ئۈنۈمى ياخشىراق ، بولۇپمۇ داڭلىق ماركىدىكىللىرىنىڭ تىتىرىش رېتىمى بىر خىل بولۇپ ، تەسىرى بولىدۇ . ئادەتتىكىللىرىنىڭ ، بولۇپمۇ ۋىبرانىڭ تەسىرى ئانچە بولمايدۇ . ئەكسىچە ئاشقىزىنىڭىزنى بۇزۋالىسىز ياكى ئۇزاق ۋاقىت تىتىرەشتىن ئىچكى ئەزالىرىڭىز تەسىرگە ئۇچۇرۇشى مۇمكىن .

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-15 20:48:52

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-11-30 05:14:00

بىر كۈنى بىر چاشقان سۇ ئۈزۈش كۆلى بويىغا غەزەپ بىلەن كېلىپ بىر پىلغا دىگۈدەك :

- چىقەۋا مەۋەگە .

پىل «ما شۇم نىمە دەيدىغاندۇ » دەپ :

-ھە ئۈكەم نىمە ئىشتى ............. دەپ سۇدىن چىقسا ،چاشقان قوپاپ «ھە بولدى ،ئويناۋەر » دىگۈدەك،پىل ئاچچىغىدا چاشقاننىڭ ياقىسىدىن ئېلىپ:

- كىمىڭنى ئەخمەق قىلىسەن لاۋزا - دەپ ئۆڭەپتىكەن،چاشقان دىگۈدەك:

-قارىسام كۇسۇرۇم يوق تۇرىدۇ،سىزنى ئوغرىلىۋالدىمىكىن دەپتىمەن \"\"


Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2012-11-30 08:20:59

perikiz دىگەن تورداش ئەتتىگەندە كىمنى زاڭلىق قىلىۋاتىسىز ۋەزخانلىق قىلىپ ؟ قايسى تېمىغا قارىسا باشقۇرغۇچى ئۇ بۇ دەپ . ئىزدىنىش باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ پىكرى ئۆزىگىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ مەيدانىنى ئىپادىلەپ بىرەلمەيدۇ .

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-15 21:17:37

سىمىزلىك دەپ قاپسىلەر،سىمىزلىكنى مەندىن كۆرسەڭلار، ئۆزەڭلارغا شۈكرى دىمەي تۇرالمايسىلەر، سەمىرىپ توپتەك بوپ كەتكىلى 10 يىل بولاي دىدى، بۇ جەرياندا ئېرىشكەن بىردىن بىر تەجىرىبەم،ھەرگىز ئورۇقلىتىش دورىلىرىنى يىقىن يولاتماسلىق كېرەككەن، قەھۋە دەمدۇ،كاپسۇل دەمدۇ ،چاي دەمدۇ،ئانداق بەلباغ ،سوپۇن دەمدۇ،مەن سىنىمىغىنى يوق دىيەرلىك،ھازىر ھىچ قايسىغا ئىشەنمەيمەن،بىر مەزگىل ئورۇقلاتقاندەك قىلغان بىلەن، كېيىن سۈرئەت چىقىرىپ تولۇقلاپ،ئەسلىدىكىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدىغان ئىشكەن.

دورا كاپسۇللار يۈرەككە بىسىم پەيدا قىلىدىكەن، قەھۋەمۇ شۇ، تىىرىتىش بەلبىغىنى ئىشلەتسەم ،كۆڭلۈم ئېلىشىدىغان بوپ قالغان،كىيىن تەكشۈرۈتسەم،ئاشقازان بۇزۇلۇپتۇ، قان قىزىپ، قان بېسىممۇ پەيدا بولغىلى تۇرۇپتۇ،دەرھال ۋاز كەچمەي بولمىدى،بىر مەزگىل تاماقتىن كۆنتۈرۈل قىلىپ يۈردۈم، ئۆزەم يىنىكلەپ خېلى ئورۇقلىغانمۇ بولدۇم، بىراق بارغانسىرى ماغدۇرسىزلىنىپ كەتتىم،ئامالسىزباشتا ئاز ئازدىن كىيىن بىراقلا ئۆزەمنى تاشلىۋىتىپ. ئۆلەپ كېتىدىغان جاھانغا جاننى قىيناپ نىمە كەپتۇ دىدىم.



ھەپتە بولدى، بىر زاتنىڭ دۇكىنىدىن دورا ياۋاتىمەن، تادۇبەگ تۇمۇر تۇتۇپ خېلى جىق كىسەل تاپتى،دىيىشىچە ماسلاشتۇرۇپ داۋالانمىسام بولمايدىكەن، باشتىكى بەش كۈنلۈك دورا خېلى بولغاندەك قىلىدۇ، بۈگۈن بىرىپ يەنە ئازراق ئېلىپ كەلدىم،نەتىجىسى كۆڭلۈمدىكىدەك بولسا،چوقۇم تەشۋىق قىلىشىپ بېرىمەن دەيدىغان نىيىتىم بار.



ئەمدى بەلباغ توغۇرلۇق مەسلىھىتىم، يۈرە ك-قان تۆمۈر لازىم بولسا ئىشلەتمىگۈلۈك.

يەنە ئاشقازانمۇ بار.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-15 21:17:39

سىمىزلىك دەپ قاپسىلەر،سىمىزلىكنى مەندىن كۆرسەڭلار، ئۆزەڭلارغا شۈكرى دىمەي تۇرالمايسىلەر، سەمىرىپ توپتەك بوپ كەتكىلى 10 يىل بولاي دىدى، بۇ جەرياندا ئېرىشكەن بىردىن بىر تەجىرىبەم،ھەرگىز ئورۇقلىتىش دورىلىرىنى يىقىن يولاتماسلىق كېرەككەن، قەھۋە دەمدۇ،كاپسۇل دەمدۇ ،چاي دەمدۇ،ئانداق بەلباغ ،سوپۇن دەمدۇ،مەن سىنىمىغىنى يوق دىيەرلىك،ھازىر ھىچ قايسىغا ئىشەنمەيمەن،بىر مەزگىل ئورۇقلاتقاندەك قىلغان بىلەن، كېيىن سۈرئەت چىقىرىپ تولۇقلاپ،ئەسلىدىكىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدىغان ئىشكەن.

دورا كاپسۇللار يۈرەككە بىسىم پەيدا قىلىدىكەن، قەھۋەمۇ شۇ، تىىرىتىش بەلبىغىنى ئىشلەتسەم ،كۆڭلۈم ئېلىشىدىغان بوپ قالغان،كىيىن تەكشۈرۈتسەم،ئاشقازان بۇزۇلۇپتۇ، قان قىزىپ، قان بېسىممۇ پەيدا بولغىلى تۇرۇپتۇ،دەرھال ۋاز كەچمەي بولمىدى،بىر مەزگىل تاماقتىن كۆنتۈرۈل قىلىپ يۈردۈم، ئۆزەم يىنىكلەپ خېلى ئورۇقلىغانمۇ بولدۇم، بىراق بارغانسىرى ماغدۇرسىزلىنىپ كەتتىم،ئامالسىزباشتا ئاز ئازدىن كىيىن بىراقلا ئۆزەمنى تاشلىۋىتىپ. ئۆلەپ كېتىدىغان جاھانغا جاننى قىيناپ نىمە كەپتۇ دىدىم.



ھەپتە بولدى، بىر زاتنىڭ دۇكىنىدىن دورا ياۋاتىمەن، تادۇبەگ تۇمۇر تۇتۇپ خېلى جىق كىسەل تاپتى،دىيىشىچە ماسلاشتۇرۇپ داۋالانمىسام بولمايدىكەن، باشتىكى بەش كۈنلۈك دورا خېلى بولغاندەك قىلىدۇ، بۈگۈن بىرىپ يەنە ئازراق ئېلىپ كەلدىم،نەتىجىسى كۆڭلۈمدىكىدەك بولسا،چوقۇم تەشۋىق قىلىشىپ بېرىمەن دەيدىغان نىيىتىم بار.



ئەمدى بەلباغ توغۇرلۇق مەسلىھىتىم، يۈرە ك-قان تۆمۈر لازىم بولسا ئىشلەتمىگۈلۈك.

يەنە ئاشقازانمۇ بار.

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-11-15 21:31:19

ئورۇق كالىنىڭ پوقى يۇغان دىگەندەك مەن جىق گەپ قىلغان بىلەن بەك ئاۋاق جۇمۇ مەن،،،ئىشتان كىيسەم بىلىمدە تۇرمايدۇ،،،ئوتكەندە سۇ تالىشىپ ياسىن ئەبگا مىنى يىڭنە يەۋالغان ئىتتەك جىنىڭغا نىمىگە يۇغانچىلىق قىلىسەن دىگەن ئاچچىقىمدا  قۇلومدىكى گۇرجەك بىلەن بىرنى قويسام تەگمىدى ،تەلىيىمگە بولمىسا چوقۇم ئولەتتى ياكى مىيىپ بوپ قالاتتى،، \"\"

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2012-11-15 22:07:48

ئەسسالام ئىزدىنىش ئەھلى



مەندىن سىلەرگە سالام!



مەنمۇ 30 ياشلارغا باردىم،ھازىر ئاستا - ئاستا سەمرىپ بىر ئاز قورساق سېلىشقا باشلىدىم،قورسىقىم 4-5 ئايلىق ھامىلە بار ئايالنىڭ قورسىقىدەك بولۇپ قالدى،سېمىزلىككە شۇنداق ئۆچ ئىدىم،گىرىپتار بولدۇم دىسە.....







1.مەن جىددى ئورۇقلاشقا مۇھتاج،قانداق ئورۇقلىسا تېز ۋە ئۈنۈملۈك بىخەتەر ئورۇقلىغىلى بولىدۇ؟ئۆز - ئارا پىكىرلەشسەك....ئاۋاقلارنىڭ بېشىغىمۇ كەلمەيدۇ دەپ ھۆددە قىلغىلى بولمايدۇ!



2.قايسى بىر يىلى كىتاپخانىدا ئورۇقلاش جېڭىمۇ ياكى ئورۇقلاشنىڭ 27 خىل ئۇسۇلىمۇ ئىشقىلىپ مۇشۇنداقراق ئىسىمدىكى مەخسۇس ئورۇقلاش توغرىلىق مۇقاۋىسى ئاق رەڭلىك بىر ئۇيغۇرچە كىتاپ كۆرگەنتىم،بۇ كىتاپتا شۇنداق سېستىمىلىق يېزىلىپتىكەن ئورۇقلاش ئۇسۇللىرى،100-150 بەتچە كېلىدىغۇ دەيمەن،مېنىڭچە بۇ كىتاپ باشقا تىلدىن تەرجىمە قىلىنغان كىتاپ.



بۇ كىتاپنىڭ خەۋىرىنى بىلىدىغانلار بىر ئېرىنمەي مۇشۇ يەرگە بىر ئۇچۇر قالدۇرساڭلار بوپتىكەن،مەن بىرنى ئالماقچى.


enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2012-11-15 22:12:01

ناھىيىتى ئېسىل ئىنكاسلار چۈشۈپتۇ. رەھمەت.

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2012-11-15 22:12:49

ئۇنداقتا قايسى خىل ئۇسسۇل ئۈنۈملۈك، بىخەتەر ئوروقلىتىش ئۇسۇلى....

بۇ تىمىنى كۆرۈپ كۈلۈپ سالدىم چۈنكى بۈگۈن مەن ئۆزۆمنى چوڭ ئەينەكتە كۆرۈپ توپقا ئخشاپ قالغانلىقىمنى ھىس قىلىپ قەتئى ئورۇنلاش قارارىغا كەلدىم

چاتاق يىرى، مىنىڭ ئاشقازنىم ياخشىمۇ، كۈندە 6 ۋاخ تاماق يىسەممۇ گەپ يوق سىڭىدۇ!

64 كى كىلىدىغان بەدىنىم يىرىم يىل بولدى، 78كىلۇغا چىقىۋالدى، بويۇم پاكار بولغاندىكىن بۇ ماگا ياراشمايدىكەن، مىنىڭ ھىس قىلغىنىم ئەڭ ياخشى ئورۇقلاش

دورىسى«غەم قىلىش» ئەپسۇس خۇدا كۈنلىرىم ياخشى...ھازىر ھەركەت يوق،سەمىرىپ كەتتىم، باشقىالرنىڭ تەكلىۋى بىلەن كۈندە يۈگۈرۈشنى ئويلىغان بولساممۇ

مەڭگۈ داۋاملاشتۇرمىساق، ئوروقلاپ يەنە سەمىرىپ كىتىدىغان گەپ، مىنىڭ ھازىرقى ئەڭ چوڭ پۇشايمىنىم(چۈشتە جامىيەن يىگەننى ئاز دەپ 2 زىخ كاۋاپنى قوشوپ

يىۋەتكىنىم ) تىۋىپقا كۆرۈنۈپ باقسام قانداق بولا، ياخشى ئامال بولسا دەپ بەرسەڭلا!

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-15 22:37:19

ئورۇقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى دورىسى ئىرادە، شۇنىڭدىن باشقىسى بىكار،مەن بىچارىدە ھەممە نىمە تەل، بىراق ئاشۇ ئىرادە يوق،ئىرادىسىزلىكىمدىن، ھەر خىل دورىلارغا تايىنىپ ئورۇقلىماقچى بولدۇم،15 يىلنىڭ ئالدىدا 49 كىلو كېلەتتىم،بىر كۈنلىرى تۇيۇقسىز 60 قا يىقىنلىشىپ قالغانلىقىمنى بايقىدىم،شۇنىڭ بىلەن ئورۇقلاش غېمىگە چۈشتۈم، بىراق يولنى خاتا تاللىۋاپتىمەن،دورا يىدىم،باشتا 55 كە چۈشكەندەك قىلدىم،دورىنىڭ تەسىرىدىن باشتا ئىشتىھا تۇتۇلدى،كېيىن بىر مەزگىل مەجبۇرى مايسىزلاندۇرغان ئۈچەيلەر،كۈچلۈك غەليان كۆتۈرۈپ شىددەت بىلەن ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا چۈشتى،توسۇپ -توسۇپ ئۈلگۈرەلمىدىم، ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى بۇ خىل ئورۇقلاش جېڭى يىلدا تەكرارلاندى،ھەر قېتىم دورا تەسىر قىلماس بولغاندا يوقاتقان ئېغىرلىقىم ھەسسىلەپ بەدىنىمگە قونىۋەردى،مانا ھازىر نورمال ئادەمدىن بىر ھەسسە ئېغىر كېلىمەن.

بىر چاغدا چوڭ بىر سودا سارىيىدا كىيىم تاللاۋاتسام. شاڭگاڭلىق بىر خەن كەينىمگە كىرىلىۋالدى،مەقسىدى شېرىكىتى ئۇيۇشتۇرغان سىمىزلەر گۈزەللىك تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرماقچىكەن،مۇسابىقىگە قاتناشقانلارنىڭ ئەڭ يىنىكىمۇ 90 دىن يۇقىرى ئىكەن. ئاچچىقىم تۇۋىدىن تۇتتى،ۋاتىلداپ سوقۇشۇپ جاھاننى بېشىمغا كەيدىم،ئاچچىقىم بېسىقماي 110 غا تېلېفۇن قىلىپ، جىدەلنىڭ كەينىنى ساقچىخانىدا ئوينۇدۇم.

شۇ كۈنى قاتتىق ئىرادىگە كەلدىم،ھەپتە ئون كۈن يىسۋىلەك شورپىسى،تەرخەمەك سالات يەپ جان ساقلاپ يۈرۈپ 5 كىلودىن قۇتۇلغان بولدۇم،بىراق كېيىن يەنىلا غەيرەت قىلالمىدىم،

ئۇزاق ۋاقىت يۈز كۆرەشمىگەن ساۋاقداشلىرىم ،مىنى كۆرسە ھەيران قالىدۇ،

- ۋاي نىمانداق سەمىرىپ كەتتىڭ دىسىلا نېرۋام ئۆرلەيدۇ،

جان ئاچچىقىمدا،مەنغۇ ساغلاملىقتىن سەمىرىمەن،سەن نىمانچە ئاۋاق، يامان كېسەل بولۇپ قالمىغانسەن؟ دەپ تويغۇزىمەن.



ئۇزۇن مۇدەتتلىك ئىرادە بولسا سىمىزلىكمۇ يوقالمايدىغان تاغ ئەمەس،بىراق شۇ ئىرادە يوق.



مەنغۇ يەيدىغىنىمنى يەپ ياشاپ بولغان قېرى موماي بولغىلى تۇردۇم ،ياشلار بىرغەيرەت قىلسا بولاتتى،مەندەك بوپ قالمىغاي!  {:92:}

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-11-15 23:52:36

ھەي سېمىزلەر، قانداق قىلسا ساغلام ھالدا سەمىرىدۇ؟ مەن ئازراق سەمىرىۋالسام بولاتتى \"\"

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-11-15 23:59:38

شەھلانىڭ يازغانلىرىنى كۆرۈپ 100 كىلوغا ئاز قالغان ئاپام كۆزئالدىمغا كېلىۋاتىدا  {:92:}

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2012-11-16 00:45:48



http://www.nur.cn/news/2012/11/91853.shtml



http://www.nur.cn/uploadfile/2012/1114/20121114011741557.jpg







مەن بايا ماۋۇ تېمىنى كۆرگەنتىم تېخى ، ئەمدى ئىزدىنىشقا كىرسەم يەنە ئورۇقلاشنىڭ گېپى بولىۋېتىپتۇ ...







يەر شارى تورى خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى، 11-ئاينىڭ 13-كۈنى خەۋىرى، ئامېرىكىنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى ئەن خەسۋېي يېقىندا يېڭى فىلىمى ‹پاجىئەلىك دۇنيا› ناملىق فىلىمدە رول ئېلىش ئۈچۈن كۈندە سۇلۇ يارمىسى يېيىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ 10 كىلوگرام ئورۇقلىغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ فىلىم 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ياپونىيىدە قويۇلىدىكەن.



ئىگىلىنىشىچە، بۇ فىلىم ھاگونىڭ داڭلىق ھېكايىسىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، ئەن خەسۋېي بۇ فىلىمدە قىزىنى بېقىش ئۈچۈن چاچلىرىنى سېتىپ جان باقىدىغان پاھىشە ئايالنىڭ رولىنى ئالغان. 12-ئايلىق ‹VOGUE› ژۇرنىلى زىيارىتى داۋامىدا ئۇ قارىماققا ‹ئۆلەي دەپ قالغاندەك ›ھالەتتە ئورۇقلاش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان. دەسلەپكى سۈرەتكە ئېلىش ۋاقتىدا ئەن خەسۋېي 5كىلوگرام ئورۇقلىغان. كېيىن كۈندە سۇلۇ يارمىسىنى يەپ 7كىلوگرامدەك ئورۇقلىغان.



ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ئورۇقلىغان بۇ كەسىپ سۆيەر چولپان:‹ئەمەلىيەتتىن ھالقىشنىڭ ھېچ يېرى خاتا ئەمەس. فىلىمدە رول ئالغانىكەنمەن فىلىمدىكى ئوبرازىمنى ھەقىقىي ئەن خەسۋېي دەپ بىلىشىم كېرەك. فىلىم ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن مەن ئەمەلىيەتكە قايتالماي فىلىمدىكى ئوبرازىم ئىچىدە ياشاپ كەلدىم. مەن ئەمەلىيەتكە قايتىش ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىتقا موھتاجمەن›دېگەن.





**********************



سۇلۇ يارمىسى دىگىنى نىمىدۇ ؟ راسلا شۇنچە رولى بولسا سىناپ باقىدىغان ئىشمىكى ،


Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2012-11-16 04:27:25

چىنىقىش سارىيىغا بىرىڭلار ھورۇنلۇق قىلماي، ماڭا ئوخشاش  {:92:}

qutyar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-16 10:01:04

ئالدىنقى كۈنى ئايالىمنى تەكشۈرتكىلى دوختۇرغا ئاپارغاندا تۇرۇپلا سىستىرالار ئىشخانىسىدىكى تارازىغا كۆزۈم چۈشتى ،تۇرۇپلا ئېغىرلىقىمنى ئۆلچەپ باققۇم كەلدى ، تارازىنىڭ ئۈستىگە چىقىشىمغا تارازىنىڭ سىتىرىلكىسى لەپپىدە 100گە چىققانتى يۈرىكىم قارت قىلىپ قالدى .ئارقىدىن ئىككىنى سەكرەپ 95نىڭ ئۈستىدە توختىغاندا خېلى ئارام تاپقان بولساممۇ لىكىن يەنە سەمىرىپتىمەن دىگەن خىيال كاللامغا كەلدى . ئۆيگە كىلىپ ئەينەككە قاراپ باقسام يۇپ يۇمىلاق بوپ قالغىلى تۇرۇپتىمەن .

178بويۇم بىلەن ئەسلى 65-70ئەترپىدا بولسام نورمال بولاتتى . بىراق ھازىر 95نىڭ ئۈستىدە ، ياش تېخى 30غا بارمىدى .

ئەمدى مۇشۇ يەردە ئاسان ھەم ساغلام بولغان ئورۇقلاش ئۇسۇللىرى بولسا بىشىڭلاردىن ئۆتكىنىنى تەۋسىيە قىلساڭلار بولاتتى .

ئېغىرلىقىىم 80لەرگە چۈشسە ،يوغان قورساقنى يوقىتىۋالسام بولاتتى ،توردىن ئىزدەنسەم قورساقنىڭ يوغانلىقى چوڭ تەرەتنىڭ راۋان بولمىغانلىقى ،يىمەك -ئىچمەكنىڭ ۋاقتىدا ھەزىم بولماسلقىدىن بولىدىكەن . بۇنىڭغا قانداق ئامال بار ؟



يەنە بىرسى بىر دوستۇم بولىدىغان بوي تۇرقىمىز، سىمىزلىكىمىز ۋە سالغان قورساق ئاساسەن ئوخشايدۇ ،ئەمما تارازىغا چىقسام ئۇ مەندىن 10نەچچە كىلو ئاز چىقىدۇ ،بۇ نىمە سەۋەپتىن ؟

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-16 10:19:55

http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=46802

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-11-16 10:31:48

نىمانداق تاقا-تۇقۇ بولۇپ قالدىكىن دېسەم ئەسلى مېڭىسىگە تەسىر قىلدىغان دورا يەپتىكەن ئەمەسمۇ  {:92:}

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2012-11-16 10:49:10

9- قەۋەتتىكى xahla91نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئورۇقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى دورىسى ئىرادە، شۇنىڭدىن باشقىسى بىكار،مەن بىچارىدە ھەممە نىمە تەل، بىراق ئاشۇ ئىرادە يوق،ئىرادىسىزلىكىمدىن، ھەر خىل دورىلارغا تايىنىپ ئورۇقلىماقچى بولدۇم،15 يىلنىڭ ئالدىدا 49 كىلو كېلەتتىم،بىر كۈنلىرى تۇيۇقسىز 60 قا يىقىنلىشىپ قالغانلىقىمنى بايقىدىم،شۇنىڭ بىلەن ئورۇقلاش غېمىگە چۈشتۈم،


======================================================================





شەھلا خانىم ، تەتۈر تەشۋىقات قىلىغىلى تۇرۇپسىز قارىسام ،  ئۇيغۇر ئاياللىرىنڭ ئوتتۇرچە بوي ئىگىزلىكى بويىچە قارىغاندا 60 كىلوگىرام چىقسا سىمىزلىككە كىرمەيدىغۇ . يا سىزنىڭ بويىڭىز بەك پاكارمۇ ؟
بەت: [1] 2 3
: تىترىتىش بەلۋىقى قورساقنى كىچىكلىتەلەمدۇ؟