lopnuri يوللانغان ۋاقتى 2012-11-15 10:13:47

ئېلكىتاب-«تارىختىن قىسقىچە بايانلار»




بۇ قېتىم ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنماقچى بولغان ئېلكىتابنىڭ نامى "تارىختىن قىسقىچە بايانلار".ئاپتۇرى ئىبراھىم نىياز.كىتاب 1989-يىلى 3-ئايدا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تارپىدىن نەشىر قىلىنغان. ھازىر ئوڭايلىقچە تاپقىلى بولمايدىغان، تاپقىلى بولسىمۇ، ھازىرقى باھاسىغا خېلى ئادەملەر چىداپ بولالمايدىغان كىتابلارنىڭ بىرىدۇر.مەزكۇر كىتابنىڭ ئىچ مۇقاۋىسىدا دېيىلگەندەك "مەزكۇر كىتابتا شىنجاڭ ۋە قەشقەر تارىخىغا ئائىت ئىنتايىن مۇھىم ھۆججەتلەر تۇنۇشتۇرۇلغان"، ئۇيغۇر تارىخى ئىخچام ۋە مېغىزلىق ھالدا يېزىلغان تارىخى كىتابتۇر. بۇ كىتاب ئۇيغۇر تارىخىنى قىزغىن سۆيگۈچى، ئۆز تارىخىغا قىزىققۇچىلار ئۇچۈن ياخشى بىر ئوقۇشلۇق. كىتابنى ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كېيىن ئۇيغۇر تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك خېلى كۆپ بىلىملەرگە ئىگە بولالايسىز. بۇ كىتاب ئۇيغۇر تارىخىنى قىزغىن سۆيگۈچى دوستلار ئۈچۈن ھەقسىز تارقىتىلدى، كىتابنى چۈشۈرۈپ كومپىيوتىرىڭىزغا ساقلاپ قويماستىن بىر قېتىم ھەتتا ۋاقتىڭىز يار بەرسە بىر نەچچە قېتىم ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. كىتابنى مەلۇم دەرىجىدە نەپكە ئېرىشكەن بولساڭلارلا ئاندىن ئېلكىتاب ئىشلەش جەريانىدا تالغان ۋە قاتقان بارماقلىرىمنىڭ ھاردۇقى چىقىدۇ.



1













بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ: http://www.lopnuri.com/?p=2555





durak يوللانغان ۋاقتى 2012-11-15 12:23:30

« ماۋزېدوڭ تاللانما ئەسەرلىرى » دىگەن كىتاپنىڭ 5- قىسمىنىمۇ تاپقىلى بولارمۇ ئېلكىتاپ نۇسخىسىنى دىگەندەك ...

function يوللانغان ۋاقتى 2012-11-15 16:20:28

1- قەۋەتتىكى durakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

« ماۋزېدوڭ تاللانما ئەسەرلىرى » دىگەن كىتاپنىڭ 5- قىسمىنىمۇ تاپقىلى بولارمۇ ئېلكىتاپ نۇسخىسىنى دىگەندەك ...

ما ئىنكاسنى سالام ماۋجۇشىنىڭ ئوخشايدۇ دېسەم ئۇنداق ئەمەسكەن \"\"

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-15 17:05:55

2- قەۋەتتىكى veyraniنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى durakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

« ماۋزېدوڭ تاللانما ئەسەرلىرى » دىگەن كىتاپنىڭ 5- قىسمىنىمۇ تاپقىلى بولارمۇ ئېلكىتاپ نۇسخىسىنى دىگەندەك ...

ما ئىنكاسنى سالام ماۋجۇشىنىڭ ئوخشايدۇ دېسەم ئۇنداق ئەمەسكەن \"\"



سۇنۇقتىن باشقىسى يۇقۇدۇ ئەمەسمۇ \"\"

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-15 18:11:42

دۇراك ئەپەندىنىڭ بىر گىپى بادەك قىلدۇ \"\" ..............؟

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-15 18:14:24

بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى توغۇرلۇق يىزىلغان كىتابلارنىڭ سانى قانچىلىكتۇ ؟ قايسى كىتابلار بىر قەدەر ئىشەنچىلىكرەك ،،،

ياخشى كىتاپلارنى تەۋسىيە قىلىڭلار چوڭاملار \"\"

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-11-15 18:36:13

ماۋزىدۇڭ تاللانما ئەسەرلېرىنى سېتىۋالىدىكەن دەپ ئاتام كونىراق بولسىمۇ ئىشقىلىپ تۆت توم كىتاپنى تەييارلاپ قويۇپتۇ. ئېچىپ قاراپ باقسام. زىچەنجېجى, گوڭچەنداڭ, ۋېيۋۇلۇن,شىيۇجېڭجۇيى دىگەندەك غەلىتە گەپلەر بىلەن توشاق كىتاپكەن.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-11-16 08:52:51

\"تارىختىن قىسقىچە بايانلار\"نى باشقىلاردىن ئارىيەتكە ئېلىپ، ئالدىنقى ئايدا تېخى ئوقۇپ تۈگەتكەن ئىدىم، ئوقۇپ بولۇپ بەرگۈم كەلمەيۋاتقان ئىدى، قانداق قىلسام بولار دەپ ئولتۇرسام، ئەمدى ئىزدىنىشتا بۇ كىتاپنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپتىمەن.

لېكىن، پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ئوبدان كىتاپ ئىكەن. چۈشۈرۈپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ.

«

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-11-16 08:55:11

1- قەۋەتتىكى durakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

« ماۋزېدوڭ تاللانما ئەسەرلىرى » دىگەن كىتاپنىڭ 5- قىسمىنىمۇ تاپقىلى بولارمۇ ئېلكىتاپ نۇسخىسىنى دىگەندەك ...



دۇراك ئەپەندى،


تارىخنى ئۆگىنىپ ماۋزىدۇڭ دەۋرىگە كەلدىڭىزمۇ ياكى پارتىيەگە كىردىڭىزمۇ؟

بەت: [1]
: ئېلكىتاب-«تارىختىن قىسقىچە بايانلار»