ئىزدىنىشلىق دوستلار، ئۇنىۋېرسىتېت مىللىي ئاشخانىسىغا ئىسىم قۇيۇشۇپ بەرسەڭلەر!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىشتىكى بارلىق ئەزىزلەر:
ئىزدىنىشقا ئەزا بولغاندىن بېرى كۈندە ئاز دىگەندە بىر قېتىم يوقلاپ تورىمەن. جاھاندىكى تۈرلۈك-تۈمەن يېڭىلىقلاردىن، يېڭى پىكىر-ئىدىيەلەردىن مەنپەئەتلىنىپ كېلىۋاتىمەن.
يېقىندا تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىمىزنىڭ يېڭىدىن سېلىنغان ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئىدى. ئاشخانا مىللىيچە ئاشخانا بۇلۇپ ئىككى قەۋەتلىك، ھەربىر ئاشخانىغا 680 ئوقۇغۇچى سىغىدۇ.
1-قەۋەتتىكى ئاشخانىنىڭ تاماقلىرى ياخشى، باھاسىمۇ قىممەترەك، ئاساسلىقى خىزمەتچىلەر ۋە ئائىلە شارائىتى ياخشىراق ئوقۇغۇچىلار كىرىدۇ.
2-قەۋەتتىكى ئاشخانا تائاملىرى ئادەتتىدىكىدەك، باھاسىمۇ ئەرزانراق، ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىدۇ.
ئەمدى سىلەردىن ئۆتۈنىدىغىنىم: ئارقا سەپكە مەسئۇل مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن بۇ ئىككى ئاشخانىغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىسىم قويماقچى بولدۇق.
تەلەپ: ئۇيغۇرچە ئىسىمدا مىللىيچە پۇراق گەۋدىلىنىشى، ئالىي تېببىي بىلىم يۇرتىنىڭ خاراكتېرى ئىپادىلىنىشى،ئۇيغۇرچىدىن ئۆرۈلگەن خەنزۇچە ئىسىم مەنە تەرجىمە بۇلۇشى، ئۇيعۇرچە-حەنزۇچە ئىسىم ئيتىلىشقا ئاسان، ئەستە ئاسان قالىدىعان، ئاسان ئۇموملىشىدىعانراق ئىسىم بۇلۇشى لازىمكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئابىدە خاراكتىرلىك ئىشقا تۇتۇش قىلىپ، بىر نەچچە ئىسىملارنى ئويلىشىپ باقتۇق. ئەمما مەكتەپ رەھبەرلىرىگە تازا يارىمىغان ئوخشايدۇ. شۇڭا يۇقارقى تەلەپلەرگە ماس كېلىدىغان چىرايلىق ئىسىملار بولسا خەنزۇچىسى بىلەن قوشۇپ تەۋسىيە قىلساڭلار.
بىز ئويلاشقان ئىسىملار: 2-قەۋەت (ئوقۇغۇچىلار كۆپرەك كىرىدۇ):
" ئېرپان" ئاشخانىسى一帆
" مەرىپەت" ئاشخانىسى学园
1 -قەۋەت (ئوقۇتقۇچىلار كۆپرەك كىرىدۇ ):
" دەرمان" ئاشخانىسى得力
"گۈلىستان" ئاشخانىسى花园
" خانتائام" ئاشخانىسى 王食
ئىزدىنىشتىكى تىلماچ دوستلار، بولسا ياخشى ئىسىملارنى جىددىي بىر تەۋسىيە قىلىساڭلار،
كۆپ خۇرسەن بولاتتۇق.
ساقىيە گۈلىستان
باغۋەن \" مەرىپەت\" ئاشخانىسى学园
\"گۈلىستان\" ئاشخانىسى花园
ماڭا ما ئىككىسى يارىدى ...
1- قەۋەت‹‹ئاقسۆڭەكلەر رېستۇرانى››.
2-قەۋەت‹‹ ئوقۇغۇچىلار ئاشخانسى›› .مائىككىسى چاقچاق.
ماڭا نىمىشقىدۇر ‹‹ چىنار،، دېگەن ئىسىم بەك ياقىدۇ.<< مەرھابا>>. << ئەسلىمە>>ياكى << زەپەر>> تىزتاماقخانىسى.
يەنە مەنچە مۇشۇ <<مەرىپەت>>،<< گۈلستان>> دېگەن ئىسملار مەكتەپ ۋە كىتابخانىغا بەكرەك لايىقتەك بىلىنىدۇ.
پىكىرلەرنى قۇبۇل قىلماسلىققا بۇلىدۇ، ئەمما تەنقىدلەنسەم خۇش بولمايمەن.
«ھوزور»«ھۇررا» ئىككىنجى قەۋەتكە كەمبىغەللەر كىرىدىكەن شۇڭا ناننى ئاساس قىلىپ قويايلى ئاينان يەنى ئايدەك نان دېگەنلىك.
ئاينان تېز تاماقخانىسى 月馕餐厅
بىرىنجى قەۋەتكە نازۇ-نېمەتلەر مول بولغاچقا نېمەت دەپ قويايلى بولغۇدەكمۇ؟
نېمەت ئاشخانىسى丰食餐厅
مەنچىمۇ ئاشخانىغا «مەرىپەت»،«ئىرپان» دېگەن ئىسىملار ئانچە ماس كەلمەيدۇ. جىنەستە، گىلاس، ئەنجۈر دېگەندەك مېۋە-چىۋىلەرنىڭ ئىسمى ياكى ھوزۇر، ئارامبەخىش، ئارامگاھ دېگەندەك ئىسىم-سۈپەتلەر ياخشىراق بولارمىكىن. بەك كاتتا ئىسىملاردىن بولمىسىمۇ ئاڭلىماققا يىقىملىق، ئاسان سىڭىشىدىغان ئىسىملار بولسا بولاتتى بولمىسا يىڭى داگوفەن دەپ ئاتىلىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.
تېببى ئۇنىۋېرسىتىتى بولغاندىكىن ئاسپىرىن ئاشخانىسى بىلەن ۋىتامىن ئاشخانىسى دەپ قويامسىز يا. ھى ھى ھى يەنىلا ئېرپان دىگەن ئىسىم خېلى مۇۋاپىقكەن. ئانا يۇرت دىگەن ئىسىممۇ مۇۋاپىق مەنچە. بىرىنچنى قەۋەت : ئېھسان 医餐
ئىككىچى قەۋەت : ئېرفان 医饭
بۇنىڭدىن مۇۋاپىقى بارمىدۇ؟!


-


«ھوزور»
«ھۇررا» ئەڭ مۇۋاپىقكەن
نى ياخشى ئۇيغۇرچە ئىسىملار باركەن بولمىسا،خەنزۇچىسى ئىغىزغا ياخشى كەلمەيدۇ-دە
قىنى باشقىلار يەنە ئويلىشىپ باقسۇن