porli519 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 16:20:56

توردىن ماشىنا سايمانلىرىنى سېتىۋالغانلار بارمۇ؟

يېقىندا ئېھتىياج تۈپەيلى بىر ماشىنا سېتىۋالغان ئالغاندىن كىيىن شۇنىڭغا يارىشا بېزىگىمىز كېلىدىكەن، خىزمەتداشلاردىن بىرقانچىسى توردىن سېتىۋىلىشىمنى تەۋسىيە قىلدى لېكىن ھىچقايسىنىڭ تەجرىبىسى يوقكەن، ئىزدىنىشلىقلاردىن مۇشۇ ئىشتا تەجرىبىسى بارلار تەجربىمىزىنى سۆزلەپ باقساق (قايسى توردىن، نېمە سېتىۋالغان؟ سۈپىتى قانداقراق، ماشىنىنىڭ بېزەش شەكلى  ۋەھاكازالار)

nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 19:57:43

تۇرۇشلۇق ئورنىڭىزدىن كۈرۈپ سېتىۋالغان بولسىڭىزچۇ

Antonio يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 23:05:45

توردىن ئالسىڭىز باھادا ئۇتشڭىز مومكىن لىكىن دىقەت قىلمىسىڭىز ئالدىنىپ قىلىشىڭىزمۇ مومكىن،

مەنمۇ ماشىنامنىڭ ئاستىغا ياتقۇزىدىغان پالاسنى (地胶) ۋە لاي توسۇش تاختىلىرى دىگەندەك نەرسىلەرنى توردىن ئالغان ، شۇنداق ياخشى چىقتى،



بەك ئەرزىنىغا ئىسىلىۋالمىسىڭىزلا مىنىچە بولىدۇ،

nur يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 23:06:40

يەنىلا تۇرۇشلۇق جايىڭىزدىكى دۇكانلاردىن سىتىۋىلىڭ.مەن سىتىۋىلىپ باققان،لىكىن چوڭ باھا پەرقى يوق.تىخى يارىماي قويىدىغان ئىشلارمۇ چىقىپ قالىدۇ.

kokoyun يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 23:20:08

مەنمۇ تاو باوۋ دىن ئورۇندۇق كۆرپىسى،پالاس،بىر يۇرۈش تازلاش ئۈسكۈنلىرى قاتارلىقلارنى سېتىۋىلىشنى  ئويلىشىۋاتىمەن.دۇكاندىكى باھا بىلەن سىلىشتۇرسام خېلى ئەرزەن بولىدىكەن.
بەت: [1]
: توردىن ماشىنا سايمانلىرىنى سېتىۋالغانلار بارمۇ؟