hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 11:35:32

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سېكرىتارى ئالماشتى

پارتىيە 18-قۇرۇلتاي روھىغا ئاساسەن شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سېكرىتارى جاڭ چۈن شىيەن مەملكەتلىك مەركىزى بىرلىك سەپ كە  ئۆستۈلۈپتۇ (中组部部长)

ئورنىغا بۇرۇنقى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ سېكرىتارى كېلىدىكەن (陕西省)

ئىسمى جاۋ لې جى 赵乐际.

yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 12:04:03

بەك تىز ئوزگىرىشى بوپتىغۇ،،بۇ ئوزگىرىشنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خالقى ئۇچۇن بەخت -ئامەت ئىلىپ كىلىشىنى كىچە-كۇندۇز تىلەيمىز،، \"\"

limun5 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 12:37:25

شامالدەك كىلىپ بوراندەك كىتىپتىغۇ بۇ يېڭى رەھبەر. ئىسمىنى ئاران ئىسىمدە تۇتۇۋالغانتىم.

مۇشۇ يېقىندىن بىرى جاڭ شۇجى ئاياللارنىڭ ھەر قانداق جايدا قارا رەڭلىكتىن باشقا ياغلىق ئارتىشىغا رۇىسەت قىلغانلىق خەۋىرى ئاۋۇپ قالغان راسمىكىن شۇ خەۋەر.....؟؟؟  {:106:}  

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 12:54:15

تەشكىلات بۆلۈمىدۇ؟ كىم كەتسە ، كىم كەلسە بەرىبىر ئوخشاش. ھەركىم يەيدىغان نېنىنى ئۆزى تاپىدۇ.

maguro يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 12:54:58

ئالدىنقى كۈنى مۇشۇنداق بۇلىشى مۇمكىنلگى توغىرلۇق بىر خەن دەناسىنىڭ يازمىسىنى كۆرۈپ ئانچە ئىشىنىپ كەتمىگەن ئىدىم ، راست ئىكەندە !!

يېڭى جاڭ سىكىرتار بۇرۇن چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ سىكىرتارلىق ۋەزىپىسدە بولغان مەزگىلدە خېلى ياخشى ئىشلىگەن ، چىڭخەي ئىختىسادىنى نەچچە قاتلىۋاتقان ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىمۇ نىسبەتەن مۇقىم بولغانلىقى توغىرلىق ، شىنخۇا ئاگىنتلىقى ئەمەس ئاگىنتلىقنىڭ يازمىسىنىمۇ كۆرگەن ئىدىم . بىزنىڭ دىيارىمىزغا كىلىپ ئۆزگىرەپ كەتمىسە بۇلاتتغۇ !!!!

كونا جاڭ سىكىرتارنىڭ بارىدىغان ئورنى مەركىزى بىرلىكسەپ ئەمەس، مەركىزى تەشكىلات بۈلىمى .

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 13:13:50

ئاق مۈشۈك ،قارا مۈشۈك چاشقان تۇتقان ياخشى مۈشۈك ....................... دىگەندەك .

راستلا .......بۇ دانا رەھبىرىمىز نۇراخۇن روسۋېلىتتەكلا ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتتىغۇ بۇ رەئىسلىكتە   {:107:}  بېيجىڭدىن مۇۋاپىق ئورۇن چىقمىدىمۇ يا ھەجەپ « ئۆسمىدىيا » ............

izdinixazasi يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 13:14:58

جاڭچۇنشەن يولداشنىڭ ياسىغان ب ر ت بىلەن دېققانلارغا قەرىز بېرىش ئىشى يارغان

بۇ ئاملاشقان سېكىرتارنىڭ ئىقتىسادقا ئۇستا بولشىنى تىلەيمەن . ئىزدىنىشتە نوپۇزلۇق مەنبەسى يوق تېمىلار تەستىقلىندىغان بوپ كېتىپ باردۇ جۇما بوپمۇ مۇشۇنداق مۇھىم خەۋەرلەر \"\"

bozqir يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 13:37:29

خەنزۇچە تورلاردا 赵乐际 غەربىي شىمالنى پىششىق بىلىدۇ، چېگرا خىزمىتىگە ماھىر ، چىڭخەيدە ئىشلىگەندە ئىقتىسادتا قاتلىنىش ھاسىل قىلىپ مۆجىزە يارتاتقان ، مىللەتلەر مەسىلىسىنىمۇ ئوبدان ھەل قىلغان، شەنسىدە شۇجى بولۇپ ئۆز يۇرتىدا ۋەزىپىگە قويۇلغان ساناقلىق شۇجى بولۇپ قالغان، شىنجاڭغا قويۇلۇش ئېھتىمالى چوڭراق، دەپ تەرىپلەپتىكەن .

  يەنە بىر خەۋەردە ،赵乐际شى جىنپىڭنىڭ يۇرىتلىقى ، شۇڭا شىنجاڭدەك سەزگۈر رايونغا شى شۇجى ئىشەنىچلىك ئادىمىنى قويۇشى مۇمكىن ؛赵乐际 بۇنىڭ ئەڭ ياخشى نامزاتى. 赵乐际 شىنجاڭغا قويۇلسا كېلەر قېتىم مەركەز رەھبەرلىك قاتلىمىغا گەپ يوق كىرىپ كېتەلەيدۇ، بۇ ئۇنىڭ تەلىيىنىڭ ئوڭدىن كەلگىنى، دەپتىكەن.

يەنە بىر خەۋەردە 赵乐际 قويۇق شەنشى تەلەپپۇزىدا سۆزلەيدۇ، ئورتاق تەلەپپۇزى راۋان ئەمەس. شۇڭا بۇ ئۇنىڭ مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق ئورۇنلاردا ۋەزىپە ئۆتۈشىگە بەلگۈلۈك توسقۇنلۇق قىلىپ قېلىشى مۇمكىن، ئۇ يەنىلا غەربىي شىمالدا بولۇپمۇ شىنجاڭدا ۋەزىپىگە قويۇلىشى مۇمكىن. دەپتىكەن.

mehman يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 13:41:10

قارا تاكسىچىلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىغان ياخشى پارتىيەچى ئىدى. \"\"

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 13:41:13

قەدىمقى زامان ئۇيغۇر تارىخى

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 13:43:47

نېمانداق تېز ئالماشقان؟  {:106:}

Balman يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 14:06:52

مەن 赵乐际 ئەپەندىنىڭ قىسقىچە تەرجىمالىنى توردىن كۈرۈپ باقتىم يامان ئەمەستەك قىلىدۇ. سىلىمۇ كۈرۈپ بېقىڭلا، ھېچ بولمىسا ئازتۇلا بولسىمۇ تۇنۇۋېلىشىمىزغا پايدىسى بوپ قالا.

http://news.xinhuanet.com/ziliao/2002-03/05/content_301660.htm

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 14:53:34

ۋاڭ شۇجى بىر نەچچە رەئىسنى پىنسىيىگە چىقىرىۋەتكەن ئىدى. بۇ قېتىم نۇر رەئىس بىر نەچچە شۇجىنى پىنسىيىگە چىقىرىۋېتىدىغان ئوخشايدۇ

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 14:57:00

14- قەۋەتتىكى Bayawanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ۋاڭ شۇجى بىر نەچچە رەئىسنى پىنسىيىگە چىقىرىۋەتكەن ئىدى. بۇ قېتىم نۇر رەئىس بىر نەچچە شۇجىنى پىنسىيىگە چىقىرىۋېتىدىغان ئوخشايدۇ

ما ئىنكاسقا بىر ئەلا كەتتى.\"\"\"\"

atella يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 16:14:16

13- قەۋەتتىكى qarabegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئابدى كەتتى، ھەمزە كەلدى، ئابدى كەتتى، ھەمزە كەلدى، ئابدى كەتتى، ھەمزە كەلدى........ بىر يىلاننى ئۆلتۈرسەم، ئىككى يىلان كەلدى، ئىككى يىلاننى ئۆلتۈرسەم، تۆت يىلان كەلدى، تۆت يىلاننى ئۆلتۈرسەم، سەككىز يىلان كەلدى، سەككىز يىلاننى ئۆلتۈرسەم، ئون ئالتە يىلان كەلدى........................................

                                                                              <<مەمەت ئاۋاق>>

ھا ھا ھا .... مەن بۈگۈن ئوقۇپ دەل مۇشۇ يەرگە كەلگەن...

يېڭى سېكرتارنى سىياسىي  ئۆگنشلىرىمىز ئارقلىق قىزغىن قارىشى ئالمىز...

tayker يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 16:27:56

18.قۇرۇلتاي روھىغا ئاساسەن جاڭ سېكىرتارنى ئۇزىتىپ يېڭى سېكىرتارنى كۈتىۋالىدىكەنمىز ، بۇ سېكىرتارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇشىدا ، مۇقىملىق - ئىتتىپاقلىق ۋە باشقا ھەر قايسى جەھەتلەردە يېڭىچە تەرەققىياتلارنى ، ياخشىلىنىشلارنى بارلىققا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىت قىلىمەن ، 18.قۇرۇلتايدا چېرىكلىك - پارىخورلۇققا زەربە بېرىش ، تۈزەش توغىرسىدىكى مەزمۇنلار بەكرەك دىققىتىمنى تارىتتى ، بۇنىڭغا قاراپ يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن پارتىيە مەركىزى كومىتېتىغا بولغان ئىشەنچەم ئاشتى ،. \"\"

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 16:44:01

17- قەۋەتتىكى taykerنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ياخشى   ئويلاپسىز

tayker يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 16:58:19

18- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

17- قەۋەتتىكى taykerنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

18.قۇرۇلتاي روھىغا ئاساسەن جاڭ سېكىرتارنى ئۇزىتىپ يېڭى سېكىرتارنى كۈتىۋالىدىكەنمىز ، بۇ سېكىرتارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇشىدا ، مۇقىملىق - ئىتتىپاقلىق ۋە باشقا ھەر قايسى جەھەتلەردە يېڭىچە تەرەققىياتلارنى ، ياخشىلىنىشلارنى بارلىققا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىت قىلىمەن ، 18.قۇرۇلتايدا چېرىكلىك - پارىخورلۇققا زەربە بېرىش ، تۈزەش توغىرسىدىكى مەزمۇنلار بەكرەك دىققىتىمنى تارىتتى ، بۇنىڭغا قاراپ يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن پارتىيە مەركىزى كومىتېتىغا بولغان ئىشەنچەم ئاشتى ،. \"\"

ياخشى   ئويلاپسىز

رەھمەت سىزگە ، سىزمۇ ماڭا ئوخشاش ياخشى نىيەتلىك كىشىدەك قىلىسىز ؟ ھەممىمىز بىرلىشىپ دۇئا قىلىۋەرسەك خۇدايىم چوقۇم مۇرادىمىزغا يەتكۈزىدۇ .امىن ...

tewip0991 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 17:20:37

ۋاڭ كىتىپ جاڭ كەلدى ،ئەمدى جاڭ كىتىپ جاۋ كىلىدىكەن .بۇنى تەرجىمە قىلساق پادىشاھ كىتىپ باشلىق كەلدى،باشلىق كىتىپ جاۋ بەگلىكىى كەلگەن ئوخشايدۇ .

koragan يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 17:30:24

ئەركىن ئىمىرباقى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بوپتۇ....
بەت: [1] 2
: شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سېكرىتارى ئالماشتى