دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان 18- قورولتاي بۈگۈن ئاخىرلىشىدۇ
يەر شارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: دۇنيانىڭ كەلگۈسى 10 يىللىق تەقدىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارالغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18- قورولتىيى 11- ئاينىڭ 14- كۈنى يېپىلدى، 15- نويابىر چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى خەلق سارىيىدا ھازىر بولىدۇ.
8- نويابىر ئېچىلىپ 14- نويابىر يېپىلغان 18- قورولتاي دۇنيا تاراتقۇلىرىدا بىر مەھەل جۇڭگونىڭ تارىخىنى ئەسلەش، جۇڭگونى چۈشىنىش، جۇڭگونى قىياس قىلىش دولقۇنى كۆتۈردى. 110 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 1700 دىن ئارتۇق چەتئەل مۇخبىرلىرى بۇ يەرگە جەلپ قىلىندى، ئۇلار ھەرگىزمۇ تاماشا كۆرگىلى كەلمىگەن، بەلكى ھەقىقىي مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار.
كانادا «ۋىندسور چولپان گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇ دۆلەتتىكى نۇرغۇن كىشىلەر زۇڭلى خارپېرنىڭ قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلىپ جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىدۇ؛ ئامېرىكا «مىچىگان رادىيو ئىستانسىسى» نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: مەزكۇر ئوبلاستنىڭ جۇڭگو بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان سابىق ئەمەلدارلار بېيجىڭغا 18- قورولتاينى كۆزەتكىلى كەتتى.
«مۇۋەپپەقىيەت»، «خىرىس»، «ئىسلاھات» قاتارلىقلار دۇنيا تاراتقۇلىرى 18- قورولتاينى خەۋەر قىلىشتىكى ئۈچ ھالقىلىق سۆزى، ئۇلار جۇڭگونىڭ «ئۆتكەن 10 يىلدا سانائەت ئىنقىلابىدىن بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىقتىسادىي ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى» گە ھەيران قىلىش بىلەن بىرگە، جۇڭگو دۇچ كېلىدىغان «كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان» تۈرلۈك خىرىسلارنى كۆرسىتىپ ئۆتتى، جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتىنى قىياس قىلىشتى.
گېرمانىيە خەلقئارا تاراتقۇ تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىمى روفلىيان 13- نويابىر «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «جۇڭگوغا ھەيران قېلىش» تىن ئۈمىد كۈتمەسلىك كېرەك، ھازىر، بىر مۇقىم جۇڭگو دۇنياغا نىسبەتەن ئارتۇقچە ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدىغان ياخشى ئىشتۇر.
18-قۇرۇلتايغا يازغان تەبرىكنامەم. 18-قۇرۇلتاينىڭ ماڭا بىر باراۋەر سىياسى مۇھىت ئاتا قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن,بۇ مىنىڭ قۇرۇلتايدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىم





11- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئىككى ئاساسەن ئىككى ئاساسەن ئۈچ يىل تەييارلىق قىلىپ ئىككى ئاساسەننىڭ نىمىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئوقۇتقىچىلارمۇ بىلمەي قاپتىكەن بىر چاغلاردا. ئىككى يىغىن ئىككى يىغىن دەپ سۆزلەۋەردى قايسى ئىككى يىغىنكىن مەن ئۇقمىدىم. ئەمدى سىياسى ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويمىسۇن يەنە مىنىڭ سىياسى بىلەن ئانچە خوشۇم يوق ئۇقۇپ كەتمەيدىكەنمەن. ھازىرغىچە رەئىس بىلەن سېكرىتارنىڭ قايسىسىنىڭ ھوقوقى چوڭ ئۇقمايدىكەنمەن. بەزى ئىدارىلەردە سېكرىتارنىڭ ھوقوقى چوڭكەن، ئىدارە باشلىقىنىڭ سېكرىتارنىڭ كاتىپىدىن پەرقى يوق دىگۈدەكلا، بەزى ئىدارىلەردە سېكرىتارنى ئۇچراتقىلىمۇ بولمايدىكەن...![]()
مەمۇرىيلىقى كۈچلۈك ئورۇندا سېكرىتارنىڭ ھوقۇقى كۈچلۈك ئەمما قۇنۇنىي ئىگە سالاھىيەتتە شۇ ئورۇننىڭ باشلىقىنىڭ نامى بار. بۇ قۇرۇلتاي بېيجىڭدا يېپىلغان بولسا، ئىش ئەمدى باشلىنىدۇ. ھەر قايسى ئىدارە- ئورگان ۋە مەكتەپتە خىزمەت قىلدىغانلار زېرىكىشلىك يىغىنلار ۋە ئۆگىنىشكە تەييارلىق قىلىپ قويۇڭلا.... 2007-يىلى مىنىڭ بىر ساۋاقدىشىم كىلەر قىتىملىق باش شۇجى شىجىنپىڭ دەۋاتقان، ئەمدى ئۇنىڭدىن بۇدا قىتىمقى باش شۇجىنى سوراپ باقمىسام كىم چىقىدۇ دەپ شىجىنپىڭ مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومېتىتى نىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىپتۇ.
14- قەۋەتتىكى elxat421نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
2007-يىلى مىنىڭ بىر ساۋاقدىشىم كىلەر قىتىملىق باش شۇجى شىجىنپىڭ دەۋاتقان، ئەمدى ئۇنىڭدىن بۇدا قىتىمقى باش شۇجىنى سوراپ باقمىسام كىم چىقىدۇ دەپ
بولسا،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىنىڭ كىلەركى نۆۋەتلىك رەئىسىنىڭ كىملىكىنىمۇ سوراپ بىقىڭە؟ شىجىنپىڭ يەنە مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومېتىتى نىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى
شىجىنپىڭ ئىلىمىز ۋە چەتئەل مۇخبپرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ بايانات ئىلان قىلغاندا
ئۇنىڭ بىلەن بىللە چىققان لىكىچىياڭ قاتارلىق ئىلىمىز رەھبەرلىرى ئۆرە تۇرۇپ
مۇخبىرلارغا سالام قىلغان ئىدى، خوش بولدۇم، بۇ قانداقتۇر مىنىڭمۇ مۇخبىر بولغىنىمدىن
ئەمەس، داۋاملىق ئامرىكا زوڭتۇڭى ئوبامانىڭ چىملىقتا ئۆرە تۇرۇپ پۈتۈن ئامرىكا
ئىلىگە سۆز قىلاتتى، بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىزمۇ قاچان ئازادە ئاشكارا سوروندا
پەيدا بولا دەپ ئويلايىتتم، بۈگۈن ئەتتىگەن شىجىنپىڭ شۇنداق مۇلايىملىق بىلەن
ئۆرە تۇرۇپ مۇلايىملىق بىلەن جوڭگۇنى چۈشەندۈردى
بىزمۇ ئۆرە تۇرالايدىكەنمىز ،دىىدىم ئىچىمدە...
ھە راس 1- قول توغورسىدا گەپ يوققۇ!؟
دياۋيۈ بىلەن تەيۋەننى قايتۇرىۋېلىپ شياڭگاڭنى خاتىرجەم قىلىش، ئىشسىز، ئۆيسىز قالغان كۇرمىڭلىغان ياشلارنىڭ بەختى ۋە كەلگۈسى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى ھەددى- ھېساپسىز چىرىكلىك ۋە ساختىپەزلىك...شى زۇڭ غەيرەت قىلىڭ.