yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 09:40:59

مەركىت قەبىلىسى[تەرجىمە]



مەركىت قەبىلىسى



     مەركىت دېگەن ئەسلىدە تۈركچە سۆز بولۇپ مەرگەن دېگەن
مەنىنى بىلدۈردۇ.مەركىتلەر تەخمىنەن 10-ئەسىردىن 13-ئەسىرگىچە ئورقۇن ۋە سېلىنگا
دەريا ۋادىلىردا پائالىيەت ئېلىپ بارغان بىر كۆچمەن چارۋىچى قەبىلەدۇر.


مەركىتلەر
ئەڭ بۇرۇن مىلادىيە 6-ئەسىردە كۆرۈلۈشكە باشلىغان،بىزانتىيە مۇئەررىخلىرى جوڭگونىڭ
چېگىرىسىدا بىر مەركىت دەيدىغان قەبىلىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان.جۇرجان خانلىقى
تۈركلەر تەرپىدىن يوقىتىلغاندىن كېيىن،زور تۈركۈم جۇرجانلار مەركىتلەرنىڭ قېشىغا
قېچىپ بېرىۋالىدۇ،ئۇلار ناھايىتى ئۇرۇشخۇمار بولۇپ تۇۋالار بىلەن قوشۇپ ياغاچ ئات
تۈركىلىرى دېيىلگەن.يەنە بەزىلەر ئۇلارنى چۇكچىلار بىلەن تونغۇزلارنىڭ ئارلاشمىسى
دەيدۇ.


«يېڭى
بەش دەۋر تارىخى›› خاتىرلىنىشىچە، مەركىتلەر ئىنتايىن ياۋۇز قەبىلە بولۇپ يوغان ئوقيا
ئىشلىتىدىكەن،باشقا قەبىلدىكىلەرنى ئۆلتۈرۈپ گۆشىنى يەيدىكەن.


مەركىتلەر
بىلەن چىڭگىزخاننىڭ قەبىلىسى كونا رەقىبلەردىن بولۇپ دائىم ئۆز-ئارا ھۇجۇم قىلىشىپ
تۇرىشىدۇ.مەركىتلەر بۇرۇن تۆمۈرچىننىڭ بارگاھىغا ھۇجۇم قىلىپ ئايالى بۆرتەنى بۇلاپ
كېتىدۇ،مەركىتلەرنىڭ سەردارى توقتامىش بۆرتەنى كەرەيلەرنىڭ سەردارى ۋاڭخانغا
تاپشۇرۇپ بېرىدۇ،ۋاڭخان كېيىن ئۇنى تۆمۈرچىنگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ،مۇشۇ ئارلىقتا جۇچى
تۇغۇلىدۇ.مەركىتلەر ئىلگىرى يەنە ۋاڭخاننىمۇ بۇلاپ كەتكەن بولۇپ ئۇنى گۈرۈچ
ئېزىشكە زورلايدۇ.مەركىتلەر ئادەتتە كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلىدىغان بولۇپ يەنە بۇغا
باقىدۇ،ئوۋ ئوۋلايدۇ.


توقتامىش
مەغلۇب بولغاندىن كېيىن نايمانلارنىڭ تايانخانىنىڭ قېشىغا قېچىپ
بېرىۋالىدۇ.تايانخان ئۆلگەندىن كېيىن يەنە ئۇنىڭ قېرىندىشى بۇيرۇقخاننىڭ قېشغا
بېرىپ كۈچلۈك بىلەن سەرگەردان بولىدۇ.توقتامىش بىلەن كۈچلۈك چىڭگىزخانغا ئۈزلۈكسىز
قارشى تۇرماقچى بولىدۇ،1205-يىلى چىڭگىزخان ئەسكەر ئەۋەتىپ ئۇلارنى قوغلاپ
تۇتماقچى بولىدۇ ھەم توقتامىشنى ئۆلتۈرىدۇ،توقتامىشنىڭ ئىككى ئوغلى ئۇنىڭ جەسىتىنى
كۆمۈشكە ياكى يۆتكەپ كېتىشكە ئۈلگۈرەلمەي ئالدىراشچىلىقتا ئۇنىڭ بېشىنى كېسىۋىلىپ
ئۇنىڭ بىلەن ۋىدالىشىدۇ.مەركىتلەر بىلەن نايمانلار غەربى-جەنۇب تەرەپكە قاراپ
جېنىنى ئەپ قاچىدۇ،نۇرغۇن ئادەملىرى ئېرىتىش دەرياسىدىن ئۆتىدىغان چاغدا سۇدا
تۇنجۇقۇپ ئۆلىدۇ.توقتامىشنىڭ ئىككى ئوغلى ئۇيغۇرلارنىڭ قېشىغا قېچىپ بارغان
بولسىمۇ لېكىن قوغلاپ چىقىرلىدۇ،كېيىن ئاكا-ئۇكا ئىككىسى قىپچاق يايلىقىدا ئون
نەچچە يىل سەرگەردان بولۇپ يۈرىدۇ.


1217-يىلى
چىڭگىزخان سۇبۇتاينى مەركىتلەرنى قوغلاپ يوقىتىشقا ئەۋەتىدۇ،ئاكا-ئۇكا ئىككىسى
بالقاش كۆلى ئەتراپىدا ئۆلتۈرۈلىدۇ،ئۇلارنىڭ يەنە بىر قېرىندىشى ئەسىرگە ئېلىنىپ
كېيىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئاز بىر قىسىم مەركىتلەرلا قىپچاقلارنىڭ قېشىغا قېچىپ بېرىۋالىدۇ،شۇنداق
قىلىپ مەركىتلەر رەسمى يوقىتىلىدۇ. بەزى مەركىتلەر ئېدىل بۇلغارلىرنىڭ قېشىغا،يەنە
بەزلىرى كەرەيلەرنىڭ قېشىغا قېچىپ بېرىۋالىدۇ.قازاق خانلىقىدىكى كەرەي قەبىلىسنىڭ
تەركىبىدە مەركىتلەر بار،مەركىتلەرنىڭ يەنە بەزىلىرى كېيىن ئويراتلارغا قوشۇلۇپ
كېتىدۇ.


بەزى
مەركىتلەرنىڭ تارىختا خېلى نامى بولۇپ ئۇلارنىڭ بىرى چىڭگىزخاننىڭ ئامراق توقىلى
قۇلان بولۇپ يۈەن سۇلالىسنىڭ خانى گۇيۇقخاننى تۇققان.يۈەن سۇلالىسنىڭ ئاخىرقى
مەزگىلدىكى داڭلىق سىياسىيون بايان ۋە توقتوغالارمۇ مەركىتلەردىن كېلىپ چىققان.



ھازىرقى
قازاق،تاتار،قىرغىز قاتارلىق تۈركى خەلقلەر ۋە رۇسسىيەدىكى قالماقلارنىڭ تەركىبىدا
مەركىت قەبىلىسى مەۋجۇت.



مەنبە:ۋىكىپىدىيە                    تەرجىمىدە:ياغلاقار

bayram يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 15:38:54

مەركىتلەر چىڭگىزخان بىلەن باغلانغانلىقى ئۈچۈن مەشھور، يەنە بەزى كوچا پاراڭلىرىدا مەركىتلەر بىلەن مەكىتنىڭ باغلىنىشى بارلىقى دىيىلىدۇ. ئەمما يۇقارقى ۋىكپىدىيە ماتېرىيالىدا بۇ ھەقتە ئازراقمۇ ئۇچۇر بېرىلمەپتۇ.

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-15 18:49:12

1- قەۋەتتىكى bayramنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەركىتلەر چىڭگىزخان بىلەن باغلانغانلىقى ئۈچۈن مەشھور، يەنە بەزى كوچا پاراڭلىرىدا مەركىتلەر بىلەن مەكىتنىڭ باغلىنىشى بارلىقى دىيىلىدۇ. ئەمما يۇقارقى ۋىكپىدىيە ماتېرىيالىدا بۇ ھەقتە ئازراقمۇ ئۇچۇر بېرىلمەپتۇ.



مەركىت قەبىلىسى بىلەن مەكىت ناھىيەسى ئوتتۇرسىدا مۇناسىۋەت بار-يوقلۇقى تېخى ئېنىق ئەمەسكەن. بەلكىم بۇ ئىككىسنىڭ نامى تاسادىپى ئوخشاپ قالغان بولىشى مۇمكىن.

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2012-11-15 22:40:04

ئۇنداقتا مەكىت ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەركىت قەبىلىسى بىلەن باغلىنىشچانلىقى بارمۇ؟

مەن مەكىت نامىنى چاغاتاي خاندانلىقى پادشاھ پۇشتىلىرى قۇرغان سەئىدىيە پادشاھلىرى

بىلەن باغلىنىشلىقى بارمىكىن دەيمەن
بەت: [1]
: مەركىت قەبىلىسى[تەرجىمە]