Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 08:17:31

يېڭىچە ئېلىپبە ناخشىسى

بىلىك كۇلۇبىدىكى alim0998 دىگەن تورداش يوللاپتىكەن(تېمىنى رۇخسەتسىزلا ئەكەلگىنىمدىن ئۆزۈر ئېيتىمەن) ، ئەتىگەندە ئاڭلاپ ھاياجىنىمنى قوزغاپ بالىلىق چاغلىرىمدىكى گۈزەل مىنۇتلارنى ئەسلەتتى . شۇڭا سىلەرنىمۇ ئاڭلىسۇن دەپ يوللاپ قويدۇم . تۆۋەندىكىسى بىلىك كۇلۇبىدا يېزىلغان چۈشەندۈرۈش :


قۇربان ھېيىت مۇناسىۋېتى بىلەن قارلۇق شىركىتى ئېلىپبە ناملىق ئەپنى ھەقسىز قىپتىكەن ،شۇ باھانىدا چۈشۈرۋالشالغانتىم ،ئىچىدىكى ئىلىپبە ناخشىسى بەك ياراپ قالدى ،مۇشۇ ياشقا كىرىپ تاس قاپتىمەن ئىلپبە تەرتىپىنى بىلمىگىىلى ،ئاڭلاپ يۇرۇپ خېلى بىلىپ قالدىم ،ئۆيدىكى كىچىك ئەزىزلەرگە قويۇپ بەسەك يايراپ كېتەر بەلكىم .


taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 08:22:09

ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلەپتۇ. بۇ ئەپنىڭ ئاندىرويد نۇسخىسى بولۇپ كەتكەن بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى دە.

agah يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 09:05:40

چوڭلار ئاڭلايدىغان ناخشا بولۇپ قالدىمۇ قانداق .ئابلاجان ئۇكام ئېلىببە ناخشىسىمۇ توۋلاپتۇ ھە .‹بالىلارنى كەلتۇرۋالساق چوڭلارنىڭ ئىشى ئاسان› دىگىنىنى ئاڭلىغانتىم ئابلاجاننىڭ .دەپلىۋېتەي مەن ياقتۇرمۇدۇم بۇ ئېلىببە ناخشىسىنى .

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 09:10:49

بۇ ناخشىنى مېنىڭچە خەنچە مەكتەپتە ئوقۇغان ساۋاتسىزلارغا چىقارغاندەك قىلىدۇ ، كىچىك بالىلارغا ماس كەلمەيدىكەن .  {:92:}

~Qawandaz~ يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 09:34:59

مىنىڭچىمۇ بۇ ناخشىنى 4 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان بالىلار ئاڭلاپ چۈشىنىپ، قوبۇل قىلىپ ئۆگىنەلەيدۇ دىسە ئىشەنمەيمەن ، 20 يىل بۇرۇن بىز يەسلىدە ئۆگەنگەن ناخشىلارغىمۇ يەتمەيدىغانسدەك تۇيۇلدى ، ھە راس تېمىغا ئازراق مۇناسىۋەتسىز گەپ قىلىپ ئۆتەي .

بۇندىن 2 ئاي مۇقەددەم قىزىمنى يەسلىگە بىرىدىغان بولۇپ قالدۇق ، قىزىمنىڭ بالدۇرلا قوش زۇۋان بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئايالىمنىڭ بالىنى خەنچە مەكتەپتە ئوقۇتىمىز خەنچە يەسلىگە بىرىلى دەپ قايتا قايتا چۈشەندۈرۈشلىرىگە پەرۋا قىلماي ئاتايىتەن 1.مىللىي يەسلىگە ئاپىرىپ بەرگەن ، 2 ئايدىن بىرى ئەتىگەن تەرەپتە بىرىپ باقماپتىكەنمەن .

قايسى كۈنى سەھەردە بالىنى ئاپىرىپ قويغىلى بارسام يەسلىنىڭ رادىئو - تىلىۋىزىيە ئۆيىدە ئاجايىپلا بىر ناخشىنى قويۇۋاپتۇ قارىسام كىچىك بالىلارنىڭ ھەممىسى تەڭ چۇقىرىشىپ دوراپ ئوقىۋاتىدۇ .





يۈگىرەپ كەلدى دۈشەنبە

يۈگىرەپ كەلدى دۈشەنبە  星期一



سەكرەپ كەلدى سەيشەنبە 星期二





بۇلارغا قاراپ ئەرۋايىم ئۇچۇپ چىقىپ كىتىپ بارسام ياندىكى سىنىپنىڭ بالىلىرى ھىلىقى ئىككى يولۋاس يۈگىرەيدۇ يۈگىرەيدۇ دىگەن ناخشىنى بولىشىغا توۋلىغىلى تۇرۇپتۇ ، خۇدا ئۆزلىرىگە ئامانەت دەپ ئاران قايتىپ كەلدىم .

kantir يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 09:56:48

بۇنىڭدا بالىلار تىلىدىكى چۈچۈكلۈك، يېقىملىق دەيدىغاندىن ئەسەر يوقكەن. بالىلارنىڭ رەپ ناخشىسىمۇ يا؟

atella يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 10:59:03

ئاھاڭ شۇنداق پەيزى چىقپتغۇ ، ئۇيغۇر تىلى ئۆگندىغان مىللەتلەر دائىم ئاڭلسا ئۇيغۇرتىلى ئۆگنشكە ئۈنۈمى بولدىكەن،

kantir يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 11:15:52

بۇ ناخشىنىڭ تېكىستىدىكى جانسىزلىق، لىرىكىسىزلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھىتىگە پايدىسىز.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 11:36:20

بۇ ئەپ قارلۇقنىڭ مۇشۇ يىلى ئۆتكۈزگەن مەخسۇس يىغىنىدا ھەر قايسى تېلىۋىزىيە ئىستانىسىلىرنىڭ مۇخبىرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئوكيان، گۈدۈك، ئېلىپبە... قاتارلىق ئەپلەرنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا تۇنجى ئېلان قىلغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتا پەخىردىن قارلۇق ھەممە مىللەتنىڭ ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنىڭ ئېلىپبە ناخشىسى بار، بىزمۇ ئېلىپبە ناخشىسى شۇ ئوخشايدۇ دەپ ئويلايتتۇق. بىزنىڭمۇ ئۆزىمىزگە خاس ئېلىپبە ناخشىمىز بولسۇن دەپ مەخسۇس مۇشۇ ناخشىنى ئىشلىدۇق. بۇنىڭغا ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپمۇ كۆپ كۈچ چىقاردى دېگەن ئىدى. شۇ يىغىندا ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپمۇ ئىشتىراك قىلغان ئىدى ۋە ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتىدىن قىسقىچە چۈشەندۈرۈش بېرىپ ئۆتكەن. بۇ ناخشا نەق مەيداندا ھەممەيلەننى شۇنداق ھاياجانغا سالغان ئىدى.



شەخسەن مەنمۇ بۇ ئېلىپبە ناخشىسىنى ياقتۇرغان ئىدىم، كاللىنى ئىلگىرىكى ئېلىپبە ناخشىسىغا قويۇۋالماي باشقىچە بىر ئويلىنىپ باقايلى.

esir يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 11:51:08

بەك بەك نوچى چىقىپتۇ، بۇ ناخشىنىڭ ئۆمرى چوقۇم سىلەرنىڭ ئۆمرۈڭلاردىن ئۇزۇن بولغۇسى ! (ما گەپنى ھەممىڭلار ئۆزۈڭلارغا ئېلىۋالماڭلار) ئىشقىلىپ ماڭا بەك يارىدى.





مۇشۇنداق سىننى قانداق قىلىپ چۈشۈرۈۋالغىلى بولىدۇ؟ ئەپچىل ئۇسۇلۇڭلار بولسا دەۋېتىڭلار مۇشۇ يەردە.

kantir يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 11:57:38

10- قەۋەتتىكى esirنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بەك بەك نوچى چىقىپتۇ، بۇ ناخشىنىڭ ئۆمرى چوقۇم سىلەرنىڭ ئۆمرۈڭلاردىن ئۇزۇن بولغۇسى ! (ما گەپنى ھەممىڭلار ئۆزۈڭلارغا ئېلىۋالماڭلار) ئىشقىلىپ ماڭا بەك يارىدى.





مۇشۇنداق سىننى قانداق قىلىپ چۈشۈرۈۋالغىلى بولىدۇ؟ ئەپچىل ئۇسۇلۇڭلار بولسا دەۋېتىڭلار مۇشۇ يەردە.




ئىنتىلدا بار، FLV دەپ ئىزدەڭ

malchi يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 12:07:04

1- قەۋەتتىكى taklimakan10نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلەپتۇ. بۇ ئەپنىڭ ئاندىرويد نۇسخىسى بولۇپ كەتكەن بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى دە.



ئاندىروئد نوسخىسىمۇ بارغۇ ،سىز گوگلىنىڭ play商店  گە qarluq  دەپ ئىزدەڭە چىقىدۇ 2 دوللار

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 13:21:04

ئالما ئەپ بازىرىدىن 12 سومغا سېتىۋالغان ئىدىم. ئوغۇزغا بەكمۇ ياراپ كەتكەن ئىدى. تىلىمۇ ئىتتىكلا ئۆلچەملىك چىقتى.

ئەمما، بىر يېرىدە يېنىۋاتقان شامنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ «چىراق» دەپ ، ئوقۇپتىكەن. قېشىمغا يۈگرەپ كەپتۇ، دادا خاتا ئوقىۋاتىدۇ، بۇ دېگەن شام تۇرسا دەيدۇ.... \"\"

ozugh يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 16:50:37

10- قەۋەتتىكى esirنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بەك بەك نوچى چىقىپتۇ، بۇ ناخشىنىڭ ئۆمرى چوقۇم سىلەرنىڭ ئۆمرۈڭلاردىن ئۇزۇن بولغۇسى ! (ما گەپنى ھەممىڭلار ئۆزۈڭلارغا ئېلىۋالماڭلار) ئىشقىلىپ ماڭا بەك يارىدى.





مۇشۇنداق سىننى قانداق قىلىپ چۈشۈرۈۋالغىلى بولىدۇ؟ ئەپچىل ئۇسۇلۇڭلار بولسا دەۋېتىڭلار مۇشۇ يەردە.

مەن توردىكى سىنلارنى داۋاملىق مۇنداق چۈشۈرىمەن:


http://www.flvxz.com/


ماۋۇ توربەتنىڭ « سىن ئادىرىسى » دېگەن يېرىگە سىن قويۇلىۋاتقان تور بەتنىڭ ئادىرىسىنى چاپلاپ « سىنغا ئېرىشىش» دېگەننى باسساقلا بولىدۇ.




tayker يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 17:20:41

ئاھاڭى كىچىك بالىلارغا ئازراقمۇ ماس كەلمەيدىغاندەكلا - ھە ؟ \"\"

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 18:31:14

ئېلىپبەدە ئىملا خاتالىقى بولسا بولمايتى. ئىملا خاتالىقى بار ئىكەن.

ئىگەللەيلى ئەمەس ئىگىللەيلى بولاتتى. ئىگەللەيلى دەپ يېزىپتۇ.

esir يوللانغان ۋاقتى 2012-11-15 08:57:16

16- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئېلىپبەدە ئىملا خاتالىقى بولسا بولمايتى. ئىملا خاتالىقى بار ئىكەن.

ئىگەللەيلى ئەمەس ئىگىللەيلى بولاتتى. ئىگەللەيلى دەپ يېزىپتۇ.



ئىگىللەيلى ئەمەس، \"ئىگىلەيلى\".



taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-15 17:13:23

12- قەۋەتتىكى malchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى taklimakan10نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلەپتۇ. بۇ ئەپنىڭ ئاندىرويد نۇسخىسى بولۇپ كەتكەن بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى دە.



ئاندىروئد نوسخىسىمۇ بارغۇ ،سىز گوگلىنىڭ play商店  گە qarluq  دەپ ئىزدەڭە چىقىدۇ 2 دوللار



play商店گە چىقىپ qarluqدەپ ئىزدىدىم،نەتىجىدە ئۈچلا خىل ئەپ چىقتى،بىرسى سالام ئەلى،يەنە بىرسى uzbek radio,يەنە بىرسى بولسا گۈدۈك


ماۋۇ ئېلىپبە ناخشىسى دىگەن ئەپ چىقمىدى.

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-15 18:48:07

بەت: [1] 2
: يېڭىچە ئېلىپبە ناخشىسى