kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 13:31:06

ئىزدىنىشىنى يۈتتۇرۇپ قۇيدۇم(كۆۋرۈك)

--ئۇھ،،ئىزدىنشىنى يۈتتۇرۇپ قۇيۇپ ياق !(ئىزدىنىش مۇنبىرى مەڭگۈ يۇتمىسۇن !)ئىزدىنىشنى مۇنبىرىگە كىرىدىغان مەخپى نۇمۇرنى يۈتتۇرۇپ قۇيۇپ  ئاخىرى بۈگۈن تىپىۋالدىم،،،

-ھە !باللا قانداقراق تۇرۇۋاتىسىلەر !ئىش ئوقەتلەر ياخشى ،ئىنكاس ،تىماڭلار سالامەتمۇ؟؟پەش-چېكىتلەر جايىدىدۇ؟

-مەندىن ئەھۋال سورىساڭلار يىقىندىن بىرى بەكلا ئالدىراش بولوپ كەتتىم،،خۇشاللىق ئىشلارمۇ بار ،خاپىلىق ئىشلارمۇ بار!

ئاۋۋال كۆڭۈلسىز ئىشلارنى دەپ كۆڭلۈمنى ئازراق بوشىتىۋالاي ھە!

نېمە خاپىلىق بولاتتى شۇ ،ھېلىقى ‹‹شالىي ۋاڭ ››نىڭ خاپىلىقى بولمامدۇ؟شالىي ۋاڭ دىگەننى ئويغۇرچە نېمە دەيدىغان بولغىيتى ۋاڭ دىگەنغۇ پادىشاھ دېگەن گەپ ،شالىي دىگىنى نىمىدۇ بۇ خەنسۇلارنىڭ ..ئىشقىلىپ شالىيلارنىڭ پادىشاھى دېگەن يەرگىچە تەرجىمە قىلىۋالدىم ،،،

ئۆتكەندە دادام بىلەن شەھەرگە كىرگەن ئىدۇق ،دادام نۇرەخمەت لەغمەنخانسىدىن لەڭمەن يەيمەن دەپ تۇرىۋالدى ،شۇنىڭ بىلەن نۇرەخمەت لەڭمەننى ئالدىغا بارساق ماشىنا دېگەن ئاشخانا ئالدىغا تۇشۇپ كىتىپتۇ ،مەن ماشىنا قويدىغان يەر ئىزدەپ يۇلنىڭ قارشى تەرپىدىكى يۇل بويىغا توختىتىپ قۇيۇپ لەڭمەنخانا كىرىپ كەتتۇق،ۋاي -ۋۇي لەڭمىنى چىدايدىغان بۇ شەھەرلىكلەرنىڭ قۇساق دىگەن ئىچىپ كەتتى ھە ،بىر چىغدا چىقتى لەغىمنى كىچىك بالىنىڭ ئوكىسىغا سىلىپ بەرگەندەك دادام ئىككىيلەن  بىرلا يۆگىسەك يۇق ئو لەڭمىنى ،ۋاي جامىيەن دەپ يالۋۇرۇپ كەتتۇق ھە،،ئاۋۇ بىزەڭ مۇلازىمغا ھە ماقۇل دەپ قۇيۇپلا يۇق ،جامىيەن دىسەڭ ئاش سۇيى كۆتۇرۇپ كەپتۇ بىر چاغدا دادامنىڭ قىرىققا چىقتى ھە،،،،مۇلازىم قىز دادامنىڭ پەيلىدىن قۇرۇقتىمۇ بىر چاغدا ئىككى سىركايدا ئەللەيلەرگە سىلىپ بەرگەندەك جامىيەن ئاچىقتى ،قورساقنىڭ يېرىمى ئەمەس تۆۋىنىگە بارغان بولسا ھە بۇ لەڭمەن ...ئىككى لەڭمەن ئوتتۇز كوي ئىكەن دادام بىر قور دىيىشىپ باقتى ھىساپچى بىلەن چۈنكى دادام ئالدىنقى قېتىم يىگەندە بىر گۇيرۇنى 12سۇمدىن يەپتىكەن بۇ قېتىم ئوتتۇز كويغا ئىككى گۇيرۇ يەپ بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى ،مەنمۇ بىر قىمسا بولۇپ قالدىم دادام ئىككەيلەننى قاتقاندا ئىككىيلەن ئىككى قىسىملا بولۇپ قالدۇق ...ئاشخانىدىن چىقىپ شالىي ۋاڭنىڭ يىنىغا بارساق شالىي ۋاڭ يۇق يورۇگۇم جىغغىدە قىلىپ قالدى ،دادا ماشىنا يۇق تورىدۇ ،،نېمە-!داداممۇ چۇچۇپ كەتتى ..راسلا ماشىنا يوق تۇراتتى ،،يانچۇقۇمغا قارىدىم ئاچقۇچ مەندە ئىكەن ،،ماشىننى كىم ئەكەتتى ،،چوقۇم ئوغۇرلاپ كەتتى ،،توۋۋا شەھەردە شۇنداق ئېسىل ماشىنىلار تۇرسا شۇ ماشىنىلارنى ئۇغۇرلىماي بىزنىڭ ماشىننى ئوغىرلاپ كەتكىننى قارا دادام ئىككىيلەن يېقىن ئەتراپتىكى ساقچىخانىغا يۈگۈردۇق ،دىجۇرنى ساقچى بىزنىڭ گېپىمىزنى ئاڭلاپ قولىدىكى توختىماي گەپ قىلىپ تۇردىغان تىلفۇندەك بىر نەرسىدە خەنزۇچە بىر نەرسىلەرنى دەپ ئاندىن بىزگە ماشىننى قالايمىقان توختىتىپ قويۇپسىلەر قاتناش ساقچى ئەترەتنىڭ سورىتىپ  ئەكىتىپتۇ دېدى .ئۇ ساقچىدىن قاتناش ساقچى ئەترەتنىڭ ئادرىسىنى سوراپ تاكسى توراپ قاتناش ساقچى ئەترەتكە بىرىپ 200سۇم جىرىمانە بىلەن 20كوي ماشىنىغا قاراش ھەققى تاپشۇرۇپ شالىي ۋاڭنى ئاچىقىۋالدۇق ،،دادام ئىچىدە غۇتۇلداپ نۇرەخمەتنىڭ 30سۇملوق لەڭمىنىنى يىگىچە ئۇيگە قايتىپ ئاپاڭنىڭ ياڭيۇ-بەسەي  بىلەن قورىغان  لەڭمىنى يىسەكچۇ ھە بالام دېدى ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىپ ...-

ئىشقىلىپ شالى ۋاڭ ھەيدىگەنگە تويدۇم !قىزىل چىرىراقتىن ئوتۇپ كەتتىڭ !سۈرئەتنى ئاشۇردۇڭ ،ئادەمنى ئوشۇق باستىڭ سىرىق سىزاق دەسسىدىڭ ..ۋاي -ۋوي نېمە دىگەن ئىشى تولا بۇ شەھەرلىكلەرنىڭ ،،جىرىمانە ئالسىغۇ مەيلى ،ھىلىقى نۇمۇر تارتىمىز دەيدىغىنى بەك چاتاقكەن ،بار يوقى 12نۇمۇرنى تارتىپ ھىچنىمسىنى قويمىدى ،ھۇي بونداق تارتىدىغان ئادەم پىخسىقلىق قىلىپ 12نومۇر بىرىپ قويغىچە 60-70نومۇر بىرىپ ئاندىن تارىتسا بولمامدۇ دەيمەن ،ھەممىنى قىلغان ماشىنامنىڭ ئاشۇ نۇمۇر تاختىسى ،نومۇر تاختىغا كالا پوقى سوركەپ قويغىدەك يەرگە يەتتىم جۇمۇ ،ئوتكەندە تەكشورۇتسەم قىزىل چىراقتىن بىر سورئەتتىن ئاشۇرغاندىن ئوچى باركەن جىرىمانە 1500سوم تارتىدىغان نۇمور 10ئىكەن ئوزەمگە ئاران 2نومۇر قاپتۇ يەنە بىر قىتىم سورئەتنى ئاشورسام ھۆكۈمەتكە ئىككى نومۇر قەرز بولۇپ قالغۇدەكمەن ،يەنىلا شەھەرلىكلەر ھىلىگەر بىر ئىشلارغا ئىپى بار شەھەرلىك تۇغقىنىمىز ھەسەن مايمۇن ماڭا ئەقىل كورستىپ ئەل -ئاغىنەڭنىڭ پىراۋىسىدىن ئىككى ئوچنى تاپ شۇلارنىڭ نۇمۇرنى يىرتقۇز بېرەي دېدى ،توۋۋا جاھان تەرەققى قىلغانسىرى بۇ قەرىزداچلىقمۇ تەرەققى قىلىپ كىتىدكىنا؟؟مەھەللىدىكى كۆڭلۇم يېقىن پىراۋسى بار بالىلاردىن ئوچ بالىنىڭ پىراۋىدىن نۇمۇر يىرتىپ مىنىڭ پىراۋامنى ساقلاپ قالدى ھەسەن مايمۇننڭ تۇققاندارچىلىقىنى يەتكۇزۇگەنلىكىدىن تاغدەك خۇش بولۇپ كېتىپ يەرلىك توخۇدىن ئىككى بەردىم ھەسەن مايمۇنغا ...

-ئەمدى خۇشاللىق ئىشلارنى دەپ بىرەي ھە،،بىزنىپ پەرىنىڭ قۇرسىقىدا بار بىر ئايدىن ئىشىپ قالدى ،ئەمما خوتۇن كىشى سىزىك بولۇپ قالغاندا ساراڭنىڭ ئوزىلا بۇلىدىكىنا؟؟گەپ ئاڭلىمايدۇ ،،ھە ،،پەرى ساراڭدەك كۇك باش قۇناقلارغا ،كاۋا مانتىلار ،ئالمىلارغا سىزىك بولسا بۇلمامدۇ دەيمەن ھەي ،،

-خوگۇ بىلەن راڭپىزىغا سىزىك بۇلوپ قاپتۇ قاراڭلار ،،بىزنىڭ مەھەللىدە تونگان جىق بولغىنى بىلەن خۇگۇخانا بىلەن راڭپىزا ساتىدىغان يەر يوق ،،خۇددى ماڭا ئالتۇن تۇغۇپ بىرىدىغاندەك تۇرۇپلىۋالدى ،،خوگۇ ئىچىپ كىلىمىز دەپ شەھەرگە كىرىپ خوگۇ ئىچكىزىپ چىقىمەن قىممەتلىكى ئۇ قۇساق تويمايدىغان كوكات بىلەن قاينىتىپ بىرىدىغان بەتتام  خوگۇسىنىڭ ،ھەي پەرى نەدە تايىنى يۇق قۇۋۋىتى يۇق نەرسىنى ئىچكۈچە ئۇستىخانلىق گۆشتە شورپا قىلىپ بېرەي شۇنى ئىچكىنە دىسەم ۋىيىي كۆۋرۇك ،،كۆڭلۈمنى ئىلەشتۇرمەڭە دەيدۇ ،،بوپتۇ دىدىم بۇ ساراڭ خوتۇنغا  ئوغلۇمنىڭ بەش ئەزاسى ساغلام تۇغۇلسىلا بولدى دەپ ..

ھەر راس ئۇندىن باشقا ئۆيگە تور تارتىۋالدىم ،قۇناق ساتقان پولغا بىر يۇرۇش كومپيۇتېرنى ئىلىپ ،پەرى ماڭا ئوگۇتۇپ قويىڭە دەيدۇ يىنىمدا ئولتۇرۇپ،لىكىن مائۇسنى تۇتۇپ تىمىلارنى ئۈستىدىن ئاستىغا بىر سىرىسام بېشى قىيىپ كېتىپ ئورندىن  قوپۇپ كىتىدۇ ،،،دە كومپيۇتور ماڭا ئوڭچە قالىدۇ ،،،شۇ قالايمىقانچىلار بىلەن ئىزدىنىشنىڭ مەخپى نومۇرىنى يۇتتۇپ قۇيغان بوگۇن تېپىۋالدىم .

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 13:56:40

،پەرى ماڭا ئوگۇتۇپ قويىڭە دەيدۇ يىنىمدا ئولتۇرۇپ،لىكىن مائۇسنى تۇتۇپ تىمىلارنى ئۈستىدىن ئاستىغا بىر سىرىسام بېشى قىيىپ كېتىپ ئورندىن قوپۇپ كىتىدۇ

..........................

\"\" \"\" ئۆيۈڭگە تور چۈشۈرگەن بولساڭ يوقاپ كەتمەي كىرىپ تۇر كۈندە

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 13:59:44

1- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

،پەرى ماڭا ئوگۇتۇپ قويىڭە دەيدۇ يىنىمدا ئولتۇرۇپ،لىكىن مائۇسنى تۇتۇپ تىمىلارنى ئۈستىدىن ئاستىغا بىر سىرىسام بېشى قىيىپ كېتىپ ئورندىن قوپۇپ كىتىدۇ

..........................

\"\" \"\" ئۆيۈڭگە تور چۈشۈرگەن بولساڭ يوقاپ كەتمەي كىرىپ تۇر كۈندە

---ماقۇل ئەركىنكا،،!




،،ھە ،،پەرى ساراڭدەك كۇك باش قۇناقلارغا ،كاۋا مانتىلار ،ئالمىلارغا سىزىك بولسا بۇلمامدۇ دەيمەن ھەي ،،


--ئەركىنكا ماۋۇ يەردە پاتى ساراڭ دەيمەن دەپ پەرى ساراڭ دەپقاپتىمەن ،،،قانداقمۇ قىلارمەن ،،،،\"\"

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 14:01:36

{:107:}  ئەركىنكا دەپ قوي ...................

zeper يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 14:04:13

تېمىللىرىڭنى سېغىنىپ قالغانتۇق .ئەمدى يۈتتۈرۈپ قويما جۇمۇ مەخپى نۇمۇرۇڭنى .  {:92:}

zapar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 14:26:40

ۋاي ئوغلۇمنى ساق تۇغۇپ بەرسە دەپ، تۆتكىزەك قىزمۇ ئۇ خۇدا بىلىدۇ دەيمەن  {:92:}

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 15:04:46

مىنىڭچە سىز ئامېرىكا مەركىزى ئاخپارات ئىدارىسى ئەۋەتكەن دېھقان ئوخشايسىز..

qutyar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 15:51:03

خوگو راڭپىزا دىسىغۇ تويغۇزىۋىتەتتىم ، غورا جىدىلى قىلىۋاتىدۇ ، 12-ئاي كىرەي دىگەندە غورا تاپالماي ساراڭ بوپ كەتتىم ، ئاراڭلاردا ساقلاپ قويغان غورا بولسا ساتىدىغانلار بارمۇ ؟ چاقچاق ئەمەس جۇما ماۋۇ .

kokoyun يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 15:58:54

موباراك بولسۇن،كوروك ئەپەندى!

بالىنىڭ ساغلاملىقى،ئەقلى قابىليىتى ئانىنىڭ يىمەكلىكى،ياشاش موھىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.سېزىكلىككىغۇ ئامال يوق،شۇنداقتىمۇ ئەخلەت يىمەكلىكتىن (قۇۋۋەتسىز يىمەكلىكنىڭ ھەممىسى ئەخلەت!!!)نېرى تۇرغىنى ياخشى.

كومپىيوتېر ،تېلىۋىزورلاردىن يىراق تۇرغىنى ياخشى.

berna يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 16:13:35

قايسى كۈنى ئۆزبېكىستاننىڭ بىر كىنوسىدا ئايالى بانانغا سېزىك بولۇپ تەڭ كېچىدە ئېرىنىڭ شۇنچە يالۋۇرۇشلىرىغا ئۇنماي ئېرىنى بانان تېپىپ كېلىڭ دەپ ئۆيدىن چىقىرۋىتىدىكەن، سېزىك ۋاقتى يامان جۇمۇ كۆۋرك ئاكا، ئېغىر- بېسىق بولمىسىڭز سىزمۇ قۇشۇلۇپ ساراڭ بوپ قالسىز. \"\"

SalamMawjushi يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 16:19:18

مىنىڭ ئايالىم ماۋجۇشى خاتىرە ئىزنىكىگە سىزىك بوپتىكەن . ياستۇقىنىڭ تىگىدىن ماۋجۇشى خاتىرە ئىزناكلىرىنى ئايرىمايتتى . سىزىكى تۇتسىلا ئىزناكنى ئېلىپ پۇرايتتى . مانا مۇشۇنداق ئاياللار ھەقىقى پىرولتارىياتچى ئاياللاردۇر .

ياشاپ كەت ، ئىنقلاۋى سەبدىشىم ، قىپقىزىل يۈرەككە ئىگە ھەمرايىم ، رەپىدىگۈل ...

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 16:46:56


6- قەۋەتتىكى Kanjiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مىنىڭچە سىز ئامېرىكا مەركىزى ئاخپارات ئىدارىسى ئەۋەتكەن دېھقان ئوخشايسىز..


-....سىز 5-باشقارمىدا باشقۇرغۇچىلىق قىلىسىز ھە،،،كەنجى ئاكا،،،\"\"




gewala يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 17:05:05


10- قەۋەتتىكى SalamMawjushiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مىنىڭ ئايالىم ماۋجۇشى خاتىرە ئىزنىكىگە سىزىك بوپتىكەن . ياستۇقىنىڭ تىگىدىن ماۋجۇشى خاتىرە ئىزناكلىرىنى ئايرىمايتتى . سىزىكى تۇتسىلا ئىزناكنى ئېلىپ پۇرايتتى . مانا مۇشۇنداق ئاياللار ھەقىقى پىرولتارىياتچى ئاياللاردۇر .

ياشاپ كەت ، ئىنقلاۋى سەبدىشىم ، قىپقىزىل يۈرەككە ئىگە ھەمرايىم ، رەپىدىگۈل ...



ئىزدىنىشتا بىر تىپ يارىتاي دەپسىزدە .


joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 17:45:42

مېنىڭ ھېچبىر نېمىنىڭ جېدىلىنى قىلمايتتى، خۇداغا شۈكرى دەپ يۈرسەم، بىر كۈنى ئەتىگەندە تۇرۇپلا «چاھارباغنىڭ مەستاۋىسىنى ئىچكىم كەلدى» دېمەسما؟! مەن بۇ مايتاغدا نەدىن تېپىپ بېرىمەن چاھارباغ ياكى مەستاۋىنى؟ شۇنىڭ بىلەن «مەندە تېلىفونى بار ئىدى، قىلىپ باقامسەن-يا؟ مۇشۇ يەرگىمۇ بىر تارماق ئېچىپ قويامدىكىن» دېدىم.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 18:00:10

.ىككى سائەتلىك يولغۇ ..دىككىدە ئاپىرىپ كەلسەڭ بولمىدىمۇ \"\"

hebib يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 18:01:08

@qutyar

غورا شەربىتىنى ئۈرۈمچىدىكى (2-دوختۇرخانىنىڭ ئۇدۇلىدىكى كوچىدا) بىرقانچە تېۋىپ ساتىدۇ.



=========

ئوزۇقلۇق،ۋىتامىنلار تولۇق بولسا سېزىكمۇ بوشراق بولىدۇ.

koqahawiri1 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 18:26:11

10- قەۋەتتىكى SalamMawjushiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مىنىڭ ئايالىم ماۋجۇشى خاتىرە ئىزنىكىگە سىزىك بوپتىكەن . ياستۇقىنىڭ تىگىدىن ماۋجۇشى خاتىرە ئىزناكلىرىنى ئايرىمايتتى . سىزىكى تۇتسىلا ئىزناكنى ئېلىپ پۇرايتتى . مانا مۇشۇنداق ئاياللار ھەقىقى پىرولتارىياتچى ئاياللاردۇر .

ياشاپ كەت ، ئىنقلاۋى سەبدىشىم ، قىپقىزىل يۈرەككە ئىگە ھەمرايىم ، رەپىدىگۈل ...

ماۋجۇشىنىڭ ئىزنىكىگە ھاقارەت قىلىپ ياستۇقنىڭ تىگىگە باسۇرۇپ قويدۇپ ئۈستىدە يىتىشتىڭمۇ ئېگىز يەرگە ئىسىپ قويماي!!


باشقۇرغۇچىلار!! ئاڭلىدىڭلارمۇ ماۋۇ بىرسىنىڭ ئى پ ئادىرسىنى نىمىشقا چەكلىۋەتمەيلىسەر دەيمەن

koqahawiri1 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 18:30:07

مۇراجەتنامە



SalamMawjushi ماۋۇ شامالداراپ قالغان بىرنىمىنىڭ IP ئادىرسىنى چەكلىۋىتىدىغانلار يوقمۇ!!

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 18:58:55

بىزنىڭ كوچىدىمۇ بىرسى بولىدىغان ئىزناك دىگەننى سوۋىتنىڭ ئۇرۇش قەھىرمانلىرىدىنمۇ كۆپ تاقىۋالىدىغان، ئۇغۇ رىئال جەمىيەتتىكى شەخسلەر ، ئەمدى تور جەمىيىتىدىمۇ بۇنداق جاھان سارىڭىدىن بىر ئىككىسى چىقىپ تۇرمىسا بولماس...قانداق دىمىدىم؟  {:90:}

Bughra1902 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 20:23:14

7- قەۋەتتىكى qutyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خوگو راڭپىزا دىسىغۇ تويغۇزىۋىتەتتىم ، غورا جىدىلى قىلىۋاتىدۇ ، 12-ئاي كىرەي دىگەندە غورا تاپالماي ساراڭ بوپ كەتتىم ، ئاراڭلاردا ساقلاپ قويغان غورا بولسا ساتىدىغانلار بارمۇ ؟ چاقچاق ئەمەس جۇما ماۋۇ .

ئادىشوي، قانداق گەپ بوپ كەتتى بۇ ؟  ئىس بۇسسىزلا توي قىلىۋالغان ئوخشىمامدۇق ؟
بەت: [1] 2
: ئىزدىنىشىنى يۈتتۇرۇپ قۇيدۇم(كۆۋرۈك)