yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 11:55:34

ئونغۇت قەبىلىسى

ئونغۇت قەبىلىسى



ئونغۇتلار(Öngüt)
ئالتۇن خانلىقى دەۋردە چۆللۈكنىڭ جەنۇبىدا ياشايدىغان نېستۇرى دىنىغا ئېتىقاد
قىلدىغان بىر تۈركى تىللىق قەبىلە بولۇپ "تارىخى رەشىدى"دە:ئالتۇن
خانلىقىنىڭ خانى موڭغۇل،كەرەي،نايمان قاتارلىق قەبىلىلەردىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن
بىر زور سېپىل ياساپ نامىنى موڭغۇلچە"unkuh"
دەپ ئاتىغان ھەم مەزكۇر قەبىلگە ساقلاشنى بۇيرىغان،شۇنىڭ بىلەن بۇ قەبىلىنىڭ نامى
ئۆنگۈت ياكى ئونغۇت دەپ ئاتالغان.





مىلادىيە840-يىلى ئورقۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى قىرغىزلار
تەرىپىدىن يىمىرلگەندىن كېيىن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار جەنۇبقا چېكىنىپ تەسكەيتاغ ئەتراپىغا ئورۇنلاشقان.ئۇلارنىڭ
سەردارلىرمۇ قوچو ئۇيغۇرلىرغا ئوخشاش بۆگۈ قاغاننى ئۆزلىرنىڭ ئاساس سالغۇچى ئەجدادى
قىلغان.تاڭ سۇلالىسنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدە ئونغۇتلار لى كېيوڭ باشچىلىقىدىكى ساتار قەبىلىسى(چۆل تۈركلىرى،تۈركى قەبىلە) بىلەن
يېقىن مۇناسىۋەتتە ئۆتكەن،كېيىن ئۇلار ئۆز-ئارا يۇغۇرلۇپ كېتىلگەچكە،ئۇلار يەنە
ئۆزلىرنى جىن بېگى لى كېيوڭنىڭ
ئەۋلادىلىرى دەپ قارىغان.





ئونغۇتلار كېيىن قىتان خانلىقىغا تەۋە بولغان،جۇرجىتلار
قىتان خانلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن يەنە ئالتۇن خانلىقىغا تەۋە بولغان.بۇ مەزگىلدە
ئۇلار يەنە "غەربى يۇرت"تتىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنى،خانلىقى مۇنقەرز بولغان
قىتانلارنى ھەم يېقىن ئەتراپتىكى خەنلەرنى ۋە تاڭغۇتلارنى قوبۇل قىلغان.ئورقۇن
ئۇيغۇر قاغانلىقىدىن كېيىن تاتارلار چۆللۈكنىڭ شىمالىغا
خوجا بولغان،شۇڭا چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى قەبىلىلەر بىر مەزگىل ئومۇملاشتۇرلۇپ
تاتارلار دەپ ئاتالغان.ئونغۇتلارمۇ تاڭ ۋە بەش دەۋر تارىخ كىتابلىردا تاتارلارنىڭ
"باشقا قەبىلىسى" دەپ قارالغان.





ئونغۇتلار ئاساسلىقى تۈركى قەبىلىلەردىن تەركىب تاپقان
بولۇپ چىراي-تۇرق ۋە ئۆرپ-ئادىتى موڭغۇللاردىن كۆرۈنەرلىك پەرقلىندۇ.شۇڭا قىتان
خانلىقى ۋە ئالتۇن خانلىقى دەۋردە ئۇلارنى موڭغۇل تىللىق قارا تاتارلاردىن
پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئاق تاتارلار دەپ ئاتىغان.





12-ئەسىرنىڭ ئاخىردا ئونغۇتلارنىڭ"阿兀思剔吉忽里"(ئۇيغۇرچە نېمە دەيدىغانلىقىنى
بىلمىدىم) ئاكا-ئۇكا سەردارلار ئالتۇن خانلىقى ئۈچۈن چېگرانى قوغدايدۇ ھەم بېيپىڭ
بېگى دەپ ئاتالغان.1213-يىلى چىڭگىزخان
كەرەيلەرنى يوقىتىدۇ،نايمان خانى تايانخان ئونغۇتلارغا ئەلچى ئەۋەتىپ موڭغۇللارغا
بىرلىكتە قارشى تۇرماقچى بولىدۇ،لېكىن"阿兀思" نايمانلارنىڭ مەقسىتىنى
چىڭگىزخانغا دەپ قويىدۇ ھەم ئەسكەر چىقىرىپ چىڭگىزخان بىلەن بىللە نايمانلارغا
ھۇجۇم قىلىدۇ.چىڭگىزخان ئونغۇتلارنىڭ ئۆزلكىدىن بېقىنغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ "阿兀思" نى ئونغۇتلارنىڭ بەشمىڭ
بېگىلىككە تەيىنلەيدۇ ھەم قىزى ئاقاي مەلىكىنى ياتلىق قىلىدۇ ھەم ئەۋلادمۇ
ئەۋلاد ئۆزئارا توي قىلىپ دوستلۇقنى ساقلاشقا پۈتىشىدۇ،بىر-بىرنى
"ئەندا" ، "قۇدا" دەپ چاقىرشىدۇ.





ئونغۇتلار ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتتىكى مىللەتلەر
ئارىسىدا ياشىغان بولغاچقا ،نۇرغۇنلىرى كۆپ خىل تىللارنى بىلگەن ،مەدەنىيەت
سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان،بەزى ئونغۇتلار ھەتتا مەخسۇس تىلماچلىقنى كەسىپ
قىلغان.ئونغۇتلارنىڭ كۆپچىلىكى خرىستىئان دىنىنىڭ نېستۇرى مەزھىپىگە ئېتىقاد
قىلغان،ئۆزلىرنىڭ دىنى نامى بولغان،قەبرە تېشىغا كرېست ۋە سۈرىيە ئويما يېزىقلىرنى
ئويغان.





ئونغۇتلار خېلى ئۇزاق ئالتۇن خانلىقىغا
تەۋە بولغان بولۇپ،ئالتۇن خانلىقى ئۈچۈن شىمالنى قوغدىغان. ئۇلارنىڭ يەنە
نايمانلار بىلەن قۇدا-باجىلىق مۇناسىۋىتى بولۇپ ،نايمان خانى تايانخان ئونغۇتلارغا
ئەلچى ئەۋەتىپ بىرلىكتە چىڭگىزخاننى يوقىتىشنى تەلەپ قىلغاندا ئونغۇتلارنىڭ
سەردارى "阿剌忽失" قوشۇلمىغان ھەم نايمانلارنىڭ ئەلچىسىنى چىڭگىزخانغا تاپشۇرۇپ
بەرگەن.چىڭگىزخان ئالتۇن خانلىقىغا ھۇجۇم قىلغاندا ئونغۇتلارنىڭ ئۆزىنىڭ يېرىنى
موڭغۇل قوشۇنىنىڭ ئىلگىرلىشىگە بېرىپ تۇرغان ،شۇنىڭ بىلەن موڭغۇللار ناھايىتى
ئاسانلا ئالتۇن خانلىقىنىڭ شىمالى قىسىمىغا بۆسۈپ كىرگەن.



بۇ بىر تۈركۈم ئونغۇتلار موڭغۇل قوشۇنىغا ئەگىشىپ بۈگۈنكى رۇسسىيەنىڭ جەنۇبىدا
قېلىپ قالغان ھەم بۈگۈنكى قازان تاتارلىرنىڭ ئەجدادىغا ئايلانغان.بىر قىسمى
قازاقلارنىڭ ۋاق قەبىلىسگە ئايلانغان.يەنە بىر قىسىمى موڭغۇللىشىپ ھازىرقى تۈمەد ۋە چاخار
موڭغۇللىرغا ئايلانغان.ئونغۇتلار يەنە موڭغۇرلار مۇھىم
كېلىش مەنبەسى ھېسابلىندۇ.



مەنبە: بەيدۇ
ۋە ۋىكىپىدىيە           تەرجىمىدە: ياغلاقار

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 15:59:25

阿兀思剔吉忽里 نىڭ تەرجىمىسى « ئارس تىكىن قۇل » بولىشى ، «阿剌忽失»نىڭ «ئالاۋخۇش»بولىشى مۇمكىن.



ھازىرقى تۇركىيە تۈرۈكلىرى ئىچىدە ئونغۇت ئىسىمدىكىلەر ۋە فامىلىدىكىلەر خىلى كۆپكەن.

fireuyghur يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 16:13:57

تەسكەيتاغ ئەمەس،چوغاي تىغىغۇ دەيمەن خاتالاشمىسام،،

tujjar365 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 21:40:32

ياغلاقار بەك ياخشى تىما يوللاۋاتىسىز جۇمۇ . قولىڭىزغا دەرىت كەلمىسۇن قىرىندىشىم ،

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-15 18:53:27

1- قەۋەتتىكى matimatikaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

阿兀思剔吉忽里 نىڭ تەرجىمىسى « ئارس تىكىن قۇل » بولىشى ، «阿剌忽失»نىڭ «ئالاۋخۇش»بولىشى مۇمكىن.



ھازىرقى تۇركىيە تۈرۈكلىرى ئىچىدە ئونغۇت ئىسىمدىكىلەر ۋە فامىلىدىكىلەر خىلى كۆپكەن.



مەنمۇ ئۇ ئىككىسنىنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرچە ئاۋۇش تېكىن قۇل ۋە ئالاقۇش دەپ ئېلىشنى ئويلىغان،لېكىن ئۇ ئىككىسى تارىخى شەخىس بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئۆز مەيلىمچە ئېلىشنى  لايىق كۆرمىگەنىدىم.ئەمدى سىز دېگەندەك ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە نامىنى ۋاقتىنچە شۇنداق ئېلىپ تۇرساق بولىۋېرىدۇ.

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-15 19:03:42

2- قەۋەتتىكى fireuyghurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تەسكەيتاغ ئەمەس،چوغاي تىغىغۇ دەيمەن خاتالاشمىسام،،



阴山 نى ئېنگلىز ، رۇس ،تۈرك تىللىردا يىنشەن دەپ ئالىدىكەن. مەن بۇ تاغنىڭ ئىسمىنى تەرجىمە قىلغاندا خەنزۇچە نامىنىڭ مەنەن تەرجىمىسى بويىچە ئالدىم.


سىز تىلغا ئالغان چوغاي دېگەن سۆزنى مەنمۇ بىر يەردە كۆرگەندەك قىلىمەن،لېكىن نەدە كۆرگەنلىكىمنى ئەسكە ئالالمىدىم.

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-15 19:10:16

3- قەۋەتتىكى tujjar365نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ياغلاقار بەك ياخشى تىما يوللاۋاتىسىز جۇمۇ . قولىڭىزغا دەرىت كەلمىسۇن قىرىندىشىم ،



مەن بۇ تارىخقا ئائىت تەرجىمەلەرنى بىر تەرەپتىن بىلىم ئېلىش يەنە بىر تەرەپتىن توردىكى قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقىستىدە يوللىدىم،خۇدايىم بۇيرىسا پات-پات يوللاپ تۇرىمەن.
بەت: [1]
: ئونغۇت قەبىلىسى