ئەيدىز ئاممىۋىي ئېلانى (ئابدۇللا ئابدۇرېھىم)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئەزىز تورداشلار!
يېتىپ
كېلىش ئالدىدا تۇرغان 25-نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز كۈنىنى كۈتۈۋېلىش ۋە بۇ
مەزگىلدىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتىنى ئەۋجىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن،
تۆۋەندە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر
ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتى كومىتېتى
ئەلداۋا ساغلاملىق تورىمىزغا تەمىنلىگەن، ئاتاقلىق ناخشىچى ئابدۇللا
ئابدۇرېھىم رول ئالغان ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات ئاممىۋىي ئېلان
فىلىمى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇلدى.
A
B
ئاخىرىدا،
تورداشلارنىڭ مەزكۇر تەشۋىقات فىلىملىرىنى ھەرقايسى تور بېكەت، مۇنبەر،
مىكروبلوگلاردا تەشۋىق قىلىپ تارقىتىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەلداۋا ساغلاملىق تورى
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى
يامان بالا ..... بىرىنچى ئېلانغا قاندا باھا بېرىشىمنى بىلەلمەي قالدىم. مۇشۇ ئېلاننىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كوپمىكىن دەيمەن.
فىلىم كىرىشتۈرگۈچى: زىلتار. ئەگەر تامغا جايلاپ بېسىلمىغان بولسا، شۇ مەلىمنى تىللىساڭلار بولىدۇ.
ئېغىر كۆرمىسەڭلار، ئەلانى باسقاچ ئۆتۈپ كېتەرسىلەر -ھە!
4- قەۋەتتىكى yukselنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
فىلىم كىرىشتۈرگۈچى: زىلتار. ئەگەر تامغا جايلاپ بېسىلمىغان بولسا، شۇ مەلىمنى تىللىساڭلار بولىدۇ.
ئېغىر كۆرمىسەڭلار، ئەلانى باسقاچ ئۆتۈپ كېتەرسىلەر -ھە!
ئەي جىڭلى ، فىلىم كىرىشتۈرگۈچى دېمىسىلە خىجىل بولۇپ قالىمەن ، تەمرەتكە بېسىپ قويغۇچى دېسىلە بولىدۇ
ئېلان شۇنداق ياخشى ئىشلنپتۇ، ئەلا كەتتى...
توۋا دەپ قالىمەن، بىزنىڭ مەسچىتنىڭ تېمىغىمۇ چاپلىۋېتىپتۇ بۇنى يوقىتىدىغان ئېلاننى! خۇتبە ئاڭلىغاچ يانغا قاراپ ساپتىمەن: بىر نېمە يولىغا بىر نېمە قىلماڭ، جىسنىي ھەمرايىڭىز بىلەن بىر نېمە قىلغاندا پەلەي كىيىڭ،...دېگەن خەتلەرنى ئوقۇپ، تاس - تاماس قالدى نامىزىم بۇزۇلۇپ كەتكىلى!.... بى ئەدەم خۇددى مەسچىتكە كىرىپ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىدىغاندەك!
پەلەينى توغرا كىيىشنى ئۆگىتىپتۇ، بۇمۇ بولغىنى نىمىشقا دېسەڭلار.
بىر يېزىدا پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرى مۇشۇ نەرسىنى تۇنۇشتۇرۇش ئۈچۈن باش بارمىقىغا كىرگۈزۈپ تۇنۇشتۇرۇپتۇ(ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىدۇ-دە).بىراق شۇ يىلى يەنىلا پىلانسىز تۇغۇلغانلار كۆپىيىپ كىتىپ، پەرزەنتلىك بولغۇچىلاردىن سورسا؛-بولمىسغۇ بىزمۇ باش بارمىقىمىزغا كىرگۈزۋالغان دېگۈدەك.
10- قەۋەتتىكى Birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بەزىدە مۇشۇ ئەيدىزنى ئانچە زىيانلىق كېسەل ئەمەس ئوخشايدۇ دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن! نېمە قىلىدىغاندىمىز خەقكە قانداق بولسا يۇقمايدىغانلىقىنى ئۆگىتىپ. مەرەز گۇيلارنى جايلايدىغان ئوبدان كېسەل بۇ ئەسلى! خۇددى بىرى قۇلىقىغا «پالانچى، پۇكۇنچىغا يۇق، پۇستانچى پالانچىغا يۇقما!» دەپ گەپ ئۆگىتىپ قويغاندەكلا ئىتائەتمەن، قۇلىقى يۇمشاق كېسەل بۇ!
توۋا دەپ قالىمەن، بىزنىڭ مەسچىتنىڭ تېمىغىمۇ چاپلىۋېتىپتۇ بۇنى يوقىتىدىغان ئېلاننى! خۇتبە ئاڭلىغاچ يانغا قاراپ ساپتىمەن: بىر نېمە يولىغا بىر نېمە قىلماڭ، جىسنىي ھەمرايىڭىز بىلەن بىر نېمە قىلغاندا پەلەي كىيىڭ،...دېگەن خەتلەرنى ئوقۇپ، تاس - تاماس قالدى نامىزىم بۇزۇلۇپ كەتكىلى!.... بى ئەدەم خۇددى مەسچىتكە كىرىپ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىدىغاندەك!
ئۇلۇغ سۆزلىمەيلى ،كۇپۇرلۇق بولىدو، بىگۇنا يۇقتۇرۋالغانلار ساماندەك،تۇغۇلىشدىنلا يۇقۇملانغانلار،ئېرىدىن يۇقۇملانغان قاتارلىق، ئۇلۇغ ئاللا بىزنى پاناھىدا ساقلىغاي!
تاۋلان ، خورازجان قاتارلىقلارغا ئاگاھلاندۇرۇش : ئەگەر نەق ئىسپاتىڭلار بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئىغۋا تارقىتىپ چولپانىمىزغا بۆھتان چاپلىماقچى بولىدىكەنسىلەر ئىككىنچى قېتىم ئىنكاس ئۆچۈرۈپ ئاۋارە بولماستىن چەكلەپلا قويىمەن . ئەگەر سىناپ باقماقچى بولسىاڭلار تارتىنماي كىلىڭلار. ھامىلدارلىدىن ساقلىنىش غاشۇسى زادى ئەيدىسنىڭ يۇقىشىنى توسالامدۇ يوق ، بەزىلەر ھە ، بەزىلەر ياق ، كاللامدا قايمۇقۇش ئەپقاچتى گەپلەرنى راستىقا چىقىرىمەن دەپ ئاۋارە بولغۇچىلار دىققەت قىلىۋىلىڭلار . پىنھان سىزنى قوللايمەن .
گاندۇمنىڭ ئومۇملىششى تۆۋەن بولۇپمۇ مىھمانخانىلاردا مەيلى نەچچە يۇلتۇزلۇق بولسۇن ياكى كىچىك مىھمانخانىلار بولسۇن شۇ نەرسە چۇقۇم بولۇشى كېرەكتى چاچ سۇپۇن ، چىش چوتكىسى بولغانغا ئوخشاش ئۈرۈمچىدىغۇ چوڭ مىمھانخانىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە بار .
يەنە بەزىلىرى ساختا سۈپەتسىزلىرىنى قۇيۇپ قۇيىدۇ ئىشلەتكەندە يىرتىلىپ كىتىۋاتقان ئاندىن ئىشلەتكۈچى ئەنسىرەپ ... ئەيدىز كىسىلىنى بەلنىستە يىتىپمۇ ،ئوكۈل سىلىپمۇ ياخشى قىلغىلى بولمەيدىكەن شۇڭا بۇنداق كىسىل بولمىغان ياخشى،،
![\"\"](\"images/face/qq/045.gif\"/)
3- قەۋەتتىكى yukselنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
فىلىم كىرىشتۈرگۈچى: زىلتار. ئەگەر تامغا جايلاپ بېسىلمىغان بولسا، شۇ مەلىمنى تىللىساڭلار بولىدۇ.
ئېغىر كۆرمىسەڭلار، ئەلانى باسقاچ ئۆتۈپ كېتەرسىلەر -ھە!
فىلىم ئىشلىگۈچى ۋە ئىشلىگەن ۋاقتچۇ؟ ھەممىمىز ساغلاملىقىمىزغا كۆڭۈل بۆلەيلى
![\"\"](\"images/face/qq/033.gif\"/)
![\"\"](\"images/face/qq/017.gif\"/)
ماۋۇ ئىلاننىڭ سۈزۈكلىكى خېلى ياخشى چىقىپتۇ جىما ...ئابدۇللا ئابدۇرېھىممۇ شۇنداق چوڭ سۈپەت چىقىپتۇ
بەت:
[1]
2