yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-12 14:51:20

بارلاس قەبىلىسى[تەرجىمە]

بارلاس قەبىلىسى



بارلاسلار(Barlas) ئەسلى موڭغۇللارنىڭ بىر قەبىلىسى بولۇپ نىلۇن موڭغۇللىردىن كېلىپ چىققان،چىڭگىزخان بىلەن ئەجدادى بىردۇر.بۇ قەبىلىدىن چىققان يايلاق دەۋردىكى ئەڭ داڭلىق شەخىش قۇبىلاي(دىققەت:يۈەن سۇلالىسنى قۇرغان قۇبىلاي بىلەن بىر ئادەم ئەمەس) بولۇپ، كېيىن ئۇ قارلۇقلارنى بەيئەت قىلدۇرغان.قىپچاق خانلىقى تەركىبىدىمۇ ئۇلار بار بولۇپ ئاساسلىقى ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا تارقالغان.



موڭغۇللار خارەزىم خانلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن چاغاتاي غەربى يۇرتقا ئىگە بولغان،نايمان،كەرەي،جالايىر،بارلاس،دوغلات قاتارلىق قەبىلىلەر چاغاتايغا بۆلۈپ بېرىلگەن،ئۇلارنىڭ ئىچىدە بارلاسلار ھەممىدىن بەك ئەتىۋارلاشقا ئېرىشكەن.



بارلاسلار كېيىن ئىسلاملاشقان ھەم تۈركلەشكەن،چاغاتاي تىلىنى ،ئەرەب-پارس يېزىقىنى قوللانغان.بارلاسلار شەرقى چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە تازا ئامىتى كەلگەن،بارلاس قەبىلىسىدىن بولغان تېمۈرنىڭ ئاتىسى كەش(سەمەرقەند)نى كونترول قىلىۋالغان،تېمۈر كېيىن تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ياردەمچى ۋەزىرى بولغان ،تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇ ئىلياس خوجىنى قوغلىۋېتىپ سۇلتان بولغان ھەم تېمۈرىلەر ئېمپىرىيەسىنى قۇرغان.تېمۈرىلەر ئېمپىرىيەسى پارچىلانغاندىن كېيىن ،تېمۈرنىڭ ئەۋلادى بابۇر ھىندىستاننىڭ شىمالى قىسمىدا موغۇل ئېمپىرىيەسىنى قۇرۇپ چىققان.ھازىر يەنە بىر قسىم بارلاسلار پاكىستان،ھىندىستان ۋە ئۆزبېكىستانلاردا ياشايدىغان بولۇپ ،تىلى ئاللىبۇرۇن ئۆزبېكچىگە ئۆزگىرىپ كەتكەن.



مەنبە:خەنزۇچە ۋىكىپىدىيە       تەرجىمىدە:ياغلاقار


adiyat يوللانغان ۋاقتى 2012-11-12 16:19:21

ئەمىر تۆمۈر مۇڭغۇل بولسا، مۇڭغۇللارنى كۆندۈرگىلى بولسا، ئۆزبەكىستانمۇ چوڭ ئائىلىنىڭ قوينىغا قايتىپ كەلگىدەك. تۈركىيەدىكى تۈرۈكلەرنىمۇ باشقا بىر مىللەتنىڭ ئەۋلادى دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىغاندەك قىلغان.

durak يوللانغان ۋاقتى 2012-11-12 17:59:12

بارلاسلار موڭغۇل بولسا ئۇلۇغبېك موڭغۇل بولىدۇ ، لېكىن ئۇلۇغبېك تۈرك ، ھەم مۇسۇلمان تۈرك .



چىڭگىسخان ئوتتۇرا ئاسىياغا باستۇرۇپ كىرىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن موڭغۇل يايلىغىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن ، موڭغۇل ئىگىزلىگىدە موڭغۇللارلا ياشىمىغان ، ئۇ يەردە يەنە ئوڭغۇت (ئاق ئۇيغۇرلار ) ، نايمان( سەككىز ئوغۇز ) ، تاتار ( تۈركى تىلدا سۆزلىشىدىغان ، 840- يىلدىن كېيىنكى سىياسىي بوشلۇقتا موڭغۇل ئىگىزلىگىنى سورىغان قەۋم ، ياكى كۆچمەي قالغان ئۇيغۇرلار ) قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرمۇ بولغان ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش چاغاتاي ئۇلۇسى تەركىۋىگە كىرگەن بارلاس ، قوڭغىرات ۋە دوغىلات قاتارلىق تۈركىي قەۋملەر ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا دائىم نەزىرىمىزگە چۈشىدۇ ، بۇلار دائىم ئاددىلا قىلىپ موڭغۇل دوستلارنىڭ قاتارىغا قوشۇپ قويۇلىدۇ ...   



بارلاسلار مەسىلىسى قاتارلىق بۇ تېما 1916- يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان ، 2000- يىلى پېتېربۇرگدا ئالەمدىن ئۆتكەن تارىخ پەنلىرى دوكتۇرى مەشھۇر ئېتنوگراف ئۆزبېك ( ياكى تاتار) ئايال ئالىمە بېلىقىز خەلىلوفنا كارىمشېۋا ناھايىتى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان ئىكەنمىش ، كىتابىنىڭ ئىسمى « تاجىگىستان ۋە ئۆزبېكىستان جەنۇبىي رايونلىرىنىڭ تارىخىي ئوچېرىگى» ئىكەن ، تارىخقا قىزىقىدىغان تورداشلار ئىزدىنىپ باقسا بولىدۇ .



ئىستىلاچى تۆمۈرلەڭ موڭغۇللارغا قارشى ھەركەتلەردە باش كۆتەرگەن ، كېيىن سىياسىي جەھەتتىن ئېتىراپقا ئېرىشىلىش ئۈچۈن ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ غەربىي چاغاتايخاننىڭ قىزىغا ئۆيلەنگەن .

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-12 19:22:42

ئېنگلىزچە:http://en.wikipedia.org/wiki/Barlas

خەنزۇچە:http://zh.wikipedia.org/wiki/%E5%B7%B4%E9%AD%AF%E5%89%8C%E6%80%9D%E6%B0%8F

ozturk123 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-12 22:13:54

دۇراق ئەپەندىمنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ئاساسىي بار،چىنگىزخان ھازىر موڭغۇل ئىگىزلىكى دىيىلىۋاتقان زىمىنلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىلگىرى،بۇ جايلاردا شېرۋى-توڭگۇس نەسىللىك خەلقلەر بىلەن تۈرك-ئوغۇز نەسىللىك خەلقلەر ئارلىشىپ ياشىغان،بەزەنلىرى تۆمۈرچىننىڭ قەبىلىسى بىلەن دوست ئۆتسە بەزەنلىرى ئەشەددىي رەقىپ بولۇپ ئۆتكەن(مەسىلەن تاتارلار ،كېرەيلەر دىگەندەك)تۆمۈرچىن (چىنگىزخان) كېيىن مۇشۇ زىمىنلارنى بىرلىككە كەلتۈرگەندە بىرقىسىم موڭغۇللار قاتتىق قارشىلىق قىلغان بولسا(جادارانلار)يەنە بىرقىسىم تۈركىي قەبىلىلەر ئۇنىڭغا بەيئەت قىلغان(ئوڭغۇتلار)،كېيىن چىنگىز ئەۋلادلىرى ياۋرۇپاغا يۈرۈش قىلغاندا شەرقىي ياۋرۇپا ۋە ئوتۇرا ياۋرۇپالىقلار ئۇلارنى نوقۇل ھالدا موڭغۇل دىمەستىن ئەكسىچە موڭغۇل-تاتار قوشۇنلىرى ھەتتا بەزىدە بىراقلا تاتارلار دەپمۇ ئېلىپ قويىدۇ،بۇ يەردە دىيىلگەن بارلاس قەبىلىسى ساپ موڭغۇللارمۇ ياكى ئەمەسمۇ دىگەن مەسىلىنى يەنىمۇ ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ،بارلاسنى موڭغۇل دىيىشكە ھېچ بولمىغاندا ساپ موڭغۇل قەبىلىسى دىيىشكە يەنىمۇ كۆپرەك ئىسپات لازىم بولارمىكىن.توغرا بەزى مەنبەلەردىكى قاراشلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۈشلۇق ئاساسى بار،ئەمما كەڭ تارىخچىلار تەرىپىدىن بىردەك ئېتىراپ قىلىنمىغان بولۇشى مۇمكىن،تۆمۈرچىننىڭ موڭغۇللىقىنى كۆپ قىسىم موڭغۇللار ئېتىراپ قىلغان بىلەن،يەنە خېلى بىر قىسىم تارىخچىلار چىنگىزخاننى ۋە ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى جۈرچىنى موڭغۇل بىلىن تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ ئارىسىدا بولغان شالغۇت دەپ قارايدۇ،بۇ نۇقتا چىنگىزخان توغرىسىدىكى تېلىۋىزىيە تىياتىرىدىمۇ ئەسكەرتىلگەن،بۇ فىلىمنى بولسا ئاساسەن موڭغۇللار ئىشلىگەن.

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 13:42:22

بارلاسلارنى ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ كۆپچىلىكى مۇڭغۇل قەبىلىسى -دەپ قارايدۇ .بۇنىڭدا ئىختىلاپ كۆپ ئەمەس، لىكىن يۇقاردىكى تورداشلار ئىيىتقاندەك ئۇنى ساپ مۇڭغۇل نەسلىمۇ -ئەمەسمۇ دېگەننى تەكشۇرۇشنىڭ قىممىتى بولمىسا كىرەك، چۈنكى ئەينى ۋاقىتتىكى مۇڭغۇللارمۇ نۇرغۇن غەيرى قان تىپىدىكى (مەسىلەن: ئۇيغۇرلار..)قەبىلىىلەرنى ئۆزىگە قوشىۋالغان، مۇنداقچە ئىيىتقاندا موڭغۇللارنىڭ ئۆزىنى ساپ مىللەت دىگىلى بولمايدۇ، شۇڭا بارلاسلارنى موڭغۇل دىيىش مىنىڭچىمۇ مۇۋاپىق، ئەلۋەتتە تېمۇر نەسەبىدىكىلەرمۇ مۇڭغۇللارنىڭ بارلاس جەمەتىدىن بولىدۇ، شۇڭا تېمۇر ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادى بولغان ئۇلۇغبېكلەرنىڭ نەسەبىنى مۇڭغۇللارغا سۇرۇشكە بولىدۇ. لىكىن بارلاسلار تېمۇر شەھرىسەبىزنى تەسەرۇپ قىلغان ۋاقىتلاردا ئاللاقاچان مۇڭغۇل قاسرىقىنى تاشلىۋىتىپ تۇركلىشىپ بولغان، تېمۇر ۋە ئۇلۇغبېكلەرنى تۇرك مەدەنىيىتى چەمبىرىكىدە تەربىيلەنگەن تۇركلەردېيىشكە بولىدۇ.بۇ خۇددى يەكەن خانلىقىنىڭ سۇلتانلىرى سەئىدىخان ۋە ئابدۇرىشىتخانلارنى ئۇيغۇر دېگىنىمىزگە ئوخشاشلا ئىش.

adiyat يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 14:09:45

ئەسسالامو ئەلەيكوم دۇراك بۇرادىرىم، تۈرۈكلىشىپ كەتتى،ئۇيغۇرلىشىپ كەتتى،دىگەن گەپلەر ھەققىدە بىر تولوق چۈشەنچە بارمۇ ؟ نىمىگە ئاساسەن دىيىلگەن گەپ ئۇ. بۇرادىرىم لاۋرىنسى ئۇمۇ قاتناشسا بولاتتى.

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 14:48:59

مېنىڭچە بارلاسلارنى تۈركلەشكەن+ئىسلاملاشقان موڭغۇللار دېسەك مۇۋاپىق بولىدۇ.

durak يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 15:11:35

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام adiyat بۇرادەر ياخشى مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز .



چۈنكى  دۆلىتىمىزدە بېسىلغان تارىخ كىتاپلاردا شىمالىي ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك تارىخ كىشىنى ناھايىتى ئەجەپلەندۈرىدىغان تەرىقىدە يېزىلغان ، بۇنى ھەرقانداق تارىخچى ياكى ئوقۇرمەنلەر ، ھەتتا مۇشۇلارنى يازغۇچىنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئوقۇپ ھاڭتاڭ بولىدۇ ، مەسىلەن شىمالىي ئاسىيادا ( موڭغۇلىيە ئىگىزلىگى ئوتتۇرا - مەركىزى ئاسىيا قاتارلىق ) تۇيۇقسىز بىر قەۋم پەيدا بولۇپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن « سۈف » دىگەندەكلا يوقاپ كېتىپ يەنە بىر قەۋم پەيدا بولۇپ جاھان سورايدىكەن ، مەسىلەن ھۇن ، ئۇيسۇن ، تۇخار ، ساك ، تۈرك، ئۇيغۇر ... بۇلار تارىختا تۇيۇقسىز كۆرۈلۈپ يەنە تۇيۇقسىز دېرەكسىز باشقا مىللەتلەرگە ئورۇن بېرىپ يوقاپ كەتكەن ، ئوتتۇرلۇقتا نۇرغۇن ئۈزۈكلەر پەيدا بولىشى تەبىى ، بۇلارنى « موڭغۇللاشقان » « تۈركلەشكەن » ياكى « پارسلاشقان » دىگەن گەپ بىلەن  بىرتەرەپ قىلىۋېتىش ئاددى ھەم قولايلىق تۇيۇلسا كېرەك .



توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر .

adiyat يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 16:25:37

بەزىلەر مۇنداق دەپ قارايدىكەن؛ھازىرقى تۈرۈكلەرنىڭ جۇغراپىيەسى- تۈرۈكلەرنىڭ ئەسلى ئانا يۇرتى تارىم ۋادىسىدىن كىڭىيىپ 1453 -يىلدىكى فەتىخ ئۇرۇشى ۋە ئەڭ ئاخىردا ئاتا تۈرۈكنىڭ ۋەتەن قۇتقۇزۇش ئۇرۇشى ئارقىلىق ۋۇجۇتقا چىققان .

يەنە بىر قاراش؛ شەرىقتىكى تۈرۈكلەرنىڭ تارىم ۋادىسىدا ياشاش تارىخىنى نوھ ئەلەيسالامنىڭ ئوغلىغا باغلىغانغا ئوخشاش غەرىپتىكى ئۇ تۈرۈكلەرمۇ شۇ دەۋىرلەردىن بىرى كىچىك ئاسىيادا ياشاپ كەلگەن. ياۋرۇپا خىرىستىيانلىرى ئىستانبولنى ئېلگىرى كۈچ بىلەن تاتىۋالغان بولسا ئىسلام بىلەن قايتا باش كۆتۈرگەن تۈرۈكلەر ئىستانبۇلنى قايتا قولغا ئالغان.

durak يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 21:39:53

خەنزۇچە ماتىرىياللاردا ئۇيغۇر ياكى تۈركلەرنى ئاز دىگەندە 72 خىل نامدا ئاتالغان ۋە كېيىن قالايمىقانچىلىق تۇغۇلغان ، شۇنىڭ بىلەن ئۆز خاھىشى بىلەن تۈرك دىگىسى كەلسە تۈرك ، ئۇيغۇر دىگىسى كەلسە  ئۇيغۇر ، ياكى باشقا ناملارنى ئىشلىتىپ شىمالىي ئاسىيا تارىخىنى سەل قالايمىقانلاشتۇرتۇپ قويغان . .



مۇنداق بىر لىنىيە بويىچە تۈرگە ئايرىۋالساق مەسىلە ئايدىڭلىشىشى مۈمكىن ، ئەڭ بۇرۇنقى تاش قوراللار دەۋرىدە ئوغۇزلار ( 鬼方 ئەمىلىيەتتە تۈركولوگلار ئوغۇز بىلەن ئۇيغۇر بىرگەپنىڭ 2 خىل شىۋىدە ئاتىلىشى ئىكەنلىگىگە بىرلىككە كەلدى ) ئالتاينى مەركەز قىلىپ ئاتالمىش « مىنۇنىسكىي ، پازېرىق » مەدىنىيىتىنى بەرپا قىلغان ، بۇ ئاز دىگەندە ھازىردىن 10مىڭ يىل بۇرۇن ئىكەنلىگى قەبرىدىن تېپىلغان ماتىرىياللاردىن ئىسپاتلانغان . بۇلارنىڭ بىر قىسمى 4000 يىل بۇرۇن تۇرپان ئويمانلىقىغا كۆچۈپ كەلگەن ، كۆچكەندە ئۆزلىرى بىلەن بىللە پەقەت ئوتتۇرا يەر دېڭىزى ئەتراپىدا ئۆسىدىغان ئۈزۈم كۆچىتىنى ئېلىپ كەلگەن . بۇنىڭدىن بۇرۇنراق مەسىلەن 7000 يىل بۇرۇن بۇلاردىن بىرقىسمى تارىم ئويمانلىقىغا كۆچۈپ كەلگەن ، بەلكىم ۇنىڭدىن بۇرۇن بولىشى مۈمكىن ، بۇلار كېيىنكىرەك تارىخلاردا خەنزۇچىدا 车师 姑师 دىگەن ناملاردا كەلگەن ، ئەمىلىيەتتە « ئۇيغۇر » دىگەن نامنىڭ شۇ چاغدىكى خەنزۇچە شىۋە بىلەن بۇزۇپ ئوقىلىشى دىيىلىدۇ . ئۇيغۇر دىگەن نام دەپ بىرلىككە كېلىنگەن خەنزۇچە ناملاردىن ئوخشىمىغان تارىخى دەۋرلەردە : 鬼方 胡 车师 姑师 月氏 乌孙 吠哒 高车 乌呼 回纥 回鹘 ...维吾尔 › ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ئالتاي ئارقىلىق موڭغۇلىيە ئىگىزلىگىگە كۆچۈپ جوڭگونىڭ شىمالىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىرى تۈركلەر دىگەن نام بىلەن ، بۇلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ئوغۇز ساكلىرى ئىكەنلىگى تارىختا ئايان ، بۇ تۈردىكى ناملار 丁零 狄历 敕勒 铁勒 突厥 ...土耳其  ھۇنلارغا كەلسەك ئۇلار ئەلبەتتە 10 ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى .



ئەمما بۇلارنىڭ رىشتىسىنى باغلاپ تۇرغۇچى مەركىزى قەبىلە مەۋجۇت . ئۇلار ئەزەلدىن « ياغلاقار » دىگەن ئىسىم بىلەن بولغان ئىكەن ، مەسىلەن قەدىمىي ئوغۇزخان ، غەرپكە كۆچكەن ئاتتىلاخان ، جوڭگونىڭ شىمالىدا پادىشالىقلارنى قۇرغان ھۇنلارنىڭ فامىلىسى 刘 ( ياغلاقار ، مەسىلەن 刘聪) كۆكتۈرك خانلىرى ، ئۇيغۇر ئورخۇن خانلىرى ... خارەزىم تۈرك شاھلىغى ، غەرپكە كۆچكەن كىچىك ئاسىيادا ئوسمانلى نىڭ قۇرغۇچىلىرى ھەممىسى مۇشۇ قەبىلىگە تەۋە ئىكەنلىگى تەتقىق قىلىنغان .



تارىختا ئۇيغۇرلار 3000 يىلدىن بېرى ئۈزلۈكسىز غەرپكە قاراپ كۆچكەن ، ئەڭ قەدىمقىلىرى ئونۇغۇر ئوتۇغۇر سارۇغۇر ... كېيىن ئاۋار ، ھازار ، بۇلغار ... بۇ ناملارنىڭ يىلتىزى ئۇيغۇر دەپ تەتقىق قىلىنىدۇ .

ئاساسەن شەرقتىكىلىرى ئۇيغۇر ، غەرپتىكىلىرى ئوغۇز نامى بىلەن ئاتالغان ، يەنى شەرق تەرەپتىكىلىرى 10 ئۇيغۇر ، غەرپتىكىلىرى 9 ئوغۇز دىگەن ناملاردا بولغان .



ئوبۇلغازى خان ۋە راشىددىن قاتارلىق تارىخشۇناسلار بۇلارنىڭمۇ ئەجداتلىرىنى نۇھ ئەلەيھى سالامنىڭ ئوغلى يافەسكە تاقايدۇ ، بۇ ئەھۋالمۇ ئاساسىي جەھەتتىن ئىسپاتلانغان ، مەسىلەن ھازىرقى يەرشارىدا ئىزناسى قالغان ئەڭ بالدۇرقى مەدىنىيەت « مېسوپوتامىيە » سۇمېرلار قۇرغان . سۇمېرلار نۇھ ئەلەيھى سالامنىڭ توپاندىن كېيىنكى ئەۋلادلىرى ، ئارخولوگىيەلىك تېپىلغان مىق شەكىلدىكى يېروگلىف يېزىق تىلىدىن 70 دانە تۈرك- ئۇيغۇرچە سۆزلۈك تېپىلغانلىغى مەلۇمات قىلىنىدۇ ( قازاقىستانلىق ئالىم ئولجاس سۇلايمانوف ) ، لېكىن يەنە باشقا قەۋمنىڭ ئالىملىرىمۇ ئۆز تىللىرىدىن سۇمېرچىغا ئوخشاشلىق بايقىغان ، شۇڭلاشقا ھازىر خەنزۇلار بىزنىڭ ئەجدادىمىز سۇمېرلار دىسە ، كورىيەلىكلەر ، ياپونلار ھەتتا مانجۇلار ... بىز سۇمېرلارنىڭ ئەۋلادلىرى دەيدۇ . مانا بۇ ئەھۋال بىزنىڭ ھەمىمىزنىڭ نۇھ ئەلەيھى سالامنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىگىنىڭ كۈچلۈك دەلىلى دىيىشكە بولىدۇ .



موڭغۇللار ئۇزۇن مەزگىل تۈركلەردىن ئايرىلىپ ئەڭ شەرقتىكى ئورمانلىقلاردا دەرەخكە چاڭگا ياساپ ياشىغان ، شۇڭا جۇغراپىيەلىك سەۋەپلەردىن تېرە رەڭگىدە ۋە باشقا ئالامەتلەردە تۈركلەر بىلەن بەزى پەرقلەر كېلىپ چىققان ، لېكىن بۇنداق پەرقنىڭ ئىنسانشۇناسلىقتا ھىچقانداق ئەھمىيىتى يوق ، چۈنكى ھەتتا بىزنىڭ 10000 يىل بۇرۇنقى ئالتايدىكى ئەجداتلىرىمىزدىمۇ ئاق تەنلىك ئىرقتىن باشقا يەنە موڭغۇللوئىد ئېلېمېنتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغان ،

ھازىرقى زامان مىللەت شوۋىنىزىمىدىكى ئاتالمىش « ئارىيان » دىگەن مىللەت ئەمىلىيەتتە دۇنيادىكى ئەڭ شالغۇت ئرىق بولۇپ چىققان .

سەل چېچىلاڭغۇ بولۇپ قالدى ... .


durak يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 21:42:25

تېخىمۇ ئىنچىكە مەسىلىلەرنى مۇشۇ ئىزدىنىشتە qutghur ئىسىملىك بىر تارىخ يۇلتۇزى بولىدىغان ...  {:136:}   شۇ يىگىت چىقىپ بىرنىمە دىمىسە بىكار ...

durak يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 21:59:13

tarim  ، موڭغۇل ئىرقى دىگەن پەقەت بىر نىسبى نام ، شۇ ئورتاقلىققا ئىگە قەۋملەرنىڭ نىسبى نامى ، ئۇيغۇر ھەتتا تۈركىيە تۈركلىرى ۋە ئاۋستىرىيە گېرمانلىرىدىمۇ روشەن موڭغۇل ئىرقىنىڭ ئىزنالىرىنى تاپقىلى بولىدۇ . پەقەت شۇلاردا بەكرەك كۈچلۈك خالاس .



جوڭگولۇق تارىخشۇناس ئالىم سېنجوڭمىيەن ئەپەندى خەنزۇلارنىڭ چۇنچىۇ دەۋرىگە ئائىت شائىرى چۈيۈەننىڭ توققۇز نەزمە دىگەن ئەسلى ئەسىرىنىنىڭ تىلىنى تەتقىق قىلىپ ئاز دىگەندە 40% ئۇيغۇر - تۈركچە سۆزلۈكلەردىن تەركىپ تاپقانلىغىنى مەلۇمات قىلىدۇ ، بۇنىڭدىن قەدىمقى خەنزۇلار بىلەن قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ زادى قانداق مۇناسىۋىتى بارلىغىنى بىرنىمە دىيىش تەس ، چۈنكى بىز دائىم يېڭى ئاتالغۇلار ئارقىلىق قەدىمقى ھادىسىلەرگە باھا بېرىمىز ، بۇ ئەلبەتتە كىشىنى رازى قىلغىدەك نەتىجە ئېلىپ كېلەلمەيدۇ ...

qutghur يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 09:58:45

12- قەۋەتتىكى durakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تېخىمۇ ئىنچىكە مەسىلىلەرنى مۇشۇ ئىزدىنىشتە qutghur ئىسىملىك بىر تارىخ يۇلتۇزى بولىدىغان ... \"\" شۇ يىگىت چىقىپ بىرنىمە دىمىسە بىكار ...



\"\" دۇراكبەگ ،بەك ماختىۋېتىپسىز-دە،


راستىنى دىسەم 3-4 يىلنىڭ ياقى تارىخقا ئائىت كىتاپتىن بىرەرنىنى ئوقۇپ باقمىدىم .ئىلگىرى كۆرگەن ماتىرياللاردىن ئېسىمدە قالغاىنى بويىچە ئىككى ئېغىز سۆزلەي .


  بارلاس ،ئارلات ،دوغلات ،جالايىر ...قاتارلىق ئاتالمىش موغۇل قەبىلىلىرى موڭغۇل ئىستىلاسىدىن كىيىنكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ سەھنىسىدە تولىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ ھەر جايدا قۇرۇلغان سەلتەنەتلەرگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ كەلگنلىگىنى بىلىشكە بولىدۇ .خۇددى يۇقاردا دۇراك ئەپەندى سۆزلىگەنگە ئوخشاش ،مەرگىزى ئاسىيا خەلىقلىرىنىڭ تارىخىنى خېلى قەدىمدىن باشلاپ مۇجىمەل بايان قىلىنىپ كەلگەن .بۇ ئۇسۇل ھېلى-ھەم داۋاملىشىۋاتىدۇ .شۇڭا ئادەتتىكى مەسىللەرنى مۇرەككەپ ئويلايمىز .


   ئاساسى گەپكە كەلسەك ،يۇقاردا نامى ئېيتىلغان بىر-نەچچە قەبىلەلەر <<جامىئۇتتاۋارىخ>>(ئۇيغۇرچىسى يوق)،<<تارىخى رەشىدى>> ،<<شەجەرەئى تۈركى>> قاتارلىق كاتتار تارىخنامىلاردا موغۇللار دەپ تەرىپلەنگەن .<<تارىخى رەسىدى>>نىڭ مۇئەللىپى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر نەخ شۇ مۇغۇللارنىڭ دوغلات قەبىلىسىدىن .شۇڭا موغۇللار توغرىسىدىكى ئۇقۇملارغا ئېنىقلىما بەرگەندە مۇشۇ كىشىنىڭ سۆزىگە زور ئېتبار بىلەن قاراش كىرەك دەپ قارايمەن .مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر <<تارىخى رەشىدى>> دە ئۆزىنىڭ قەۋمىنى ئۇنتۇپ قالمىغان ،موغۇللارغا تەبىر بەرگگندە \"موغۇللارنىڭ تىلى قىرغىزلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ ،ئەمما موغۇللار ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدۇ \" دىگەن .بۇنىڭدىن بىز موغۇل قەبىلىلىرىنىڭ قىپچاق تەلەپپۇزىدا(ئەگەر 16-ئەسىرلەردىكى قىرغىزلار ھازىرقىغا ئوخشاش قىپچاق تەلەپپۇزىدا بولغان تەقدىردە) سۆزلەيدىغان چىراي-تۇرقتا يەرلىك تۈركلەردىن پەرقلەنمەيدىغان تۈركى قەۋمدىن ئىكەنلىگىنى بىلىشكە بولىدۇ .بۇنىڭدىن شەكلىنىشنىڭ ھىچ ھاجىتى يوق .پەقەت بۇ مۇغۇل قەۋملىرىنىڭ نامى دۇنيا مەدەنىيتىگە مۇدھىش بۇزغۇنچىلىق سالغان چىڭگىزخان موڭغۇللىرىنىڭ نامىغا يېقىنلاشقاچقا ۋە <<تۈركى تىللار دىۋانى>> دا بولمىغاچقاىلا ئەتراپىمىزدىكى ئىمپىرىيالىستلار تۈركى مىللەتلەرنىڭ سىياسى مەدەنىيتىنى خۈنۈكلەشتۈرۈش ياكى يوققا چىقىرىش غەرىزىدە بۇلارنى تۈركلەردىن يات قەۋم دەپ بايان قىلىشىدۇ .


  ئەبۇلغازى باھادۇرخاننىڭ <<شەجەرەئى تۈركى>>دىمۇ موغۇلغا ئېنىقلىما بېرىلگەن ،يەنى \"\"مۇڭ\"\" دىگەن تۈركچە سۆزدىن كەلگەن دەپ ئېنىقلىما بەرگەن .،چىڭگىزخاننىمۇ \"موغۇل\" دىگەن ھەم ھازىرقى جىڭ موڭغۇل \"قالماق\"لاردىن پەرقلەندۈرگەن ،بۇ كىشى دەل چىڭگىزخاننىڭ بىۋاستە ئەۋلادى


  بىلىشىمچە \"موڭغۇل\" دىگەن نامنى تارىختا پەيدا قىلغۇچى چىڭگىزخان بولىشى مۈمكىن .بىزنىڭ بۇ دىيارلىرىمىزدا \"كىم زادى كىم \" دىگەن مەسىللەر زىيادە قالايمىقانلاشتۇرۇلغان .مىللەتلەرگە جاھانگىرلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پەرقلىق ناملار قويۇلغان ،بۇنى شۇ مىللەتتىن چىققان زىيالىلارمۇ رىۋايلەشتۈرۈپ قانۇنلاشتۇرغان ،يەنى سۇنئى مىللەتچىلىك ئۇرۇغىنى بىخلاندۇرغان .مانا قاراڭلا ،ئۇيغۇر -ئۆزبىك ،قازاق-قىرغىز ،تۈركمەن -ئوغۇز(ئازەر -تۈرك) دىگگندەك .ئەملىيەتتە بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى تاكى 1921-يىلغا قەدەر ئۆزلىرىنى(ئۆز-ئارا يۇرت ئارقىلىق پەرقلەندۈرسىمۇ) \"تۈرك\" دەپ تونىغان .

qutghur يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 11:28:27

نەقىللىق ئىنكاس يازسام خەت داۋاملىق ئۇلاشماي چىقىدۇ ،نىمىشقىكى بىلمىدىم ،بۇنىڭدا ئىملاغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىكەن .

ئەمدى مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ «ئۇيغۇر» توغرىسىدمۇ ئىككى ئېغىز سۆزلەپ باقاي دەپ ئويلاۋاتىمەن .

ئۇيغۇرلارغا ئائىت رىۋايەت ئاساسلىق ئۈچ خىل :

1-ئوغۇزخاننىۇڭ ئەتراپىغا ئويۇشقان تاغىلىرىنىڭ باللىرى ۋە ئۇلارنىڭ كېيىنكى قەۋمى .‹‹ئوغۇزنامە››،‹‹جامىئۇتتاۋارىخ›› دىگەن مەنبەلەردە رىۋايەت قىلىنغان ،كۆپلىگەن ئالىملارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن رىۋايەت .

2-ئىسكەندەر قوشۇنى تۈرك ئېلىگە يېقىنلاشقاندا ،تۈرك خاقانى ئۇلارغا قارشى قوشۇن ئەۋەتكەن .بۇ قوشۇننىڭ باتۇرلىغىنى ئاڭلىغان ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ھەيرانلىقتا \"\"ئىناند خۇز خۇرەند\"\" دىگەن سۆز تۈركچە تاۋۇش ئۆزگۈرۈشتىن كىيىن \"\"ئۇيغۇر\"\" غا ئۆزگەن ،ھەمدە كىلىشىم بىلەن 5 شەھەر بەرپا قىلىنغان ،بۇ يەر كېيىن ئۇيغۇر ئېلى ئاتالغان _‹‹تۈركى تىللار دىۋانى›› .ئەملىيەتتە بۇ رىۋايەتمۇ بەك قايىل قىلارلىق .لىكىن تارىخشۇناسلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىشىگە ئانچە ئېرىشەلمىگەن .

3-\"\"ئۇيغۇرلار ناھايىتى كۆپ خەلىق ،بۇلارنىڭ توققۇز ئېقىن بويىدا ئولتىراقلاشقانلىرى توققۇز ئۇيغۇر ،ئون ئېقىن بويىدا ياشايدىغانلىرى ئون ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان\"\" _‹‹شەجەرەئى تۈركى››

يۇقارقىلار مۇشۇ مەرگىزى ئاسىيادا ياشىغان ،ئاساسەن ئۆزىمىزدىن چىققان تارىخشۇناس ياكى تىلشۇناسلارنىڭ بايانى .

  4-ئەمدى خەنزۇچە تارىقا قارىساق \"\"回纥的前身敕勒是最早在西元前三世纪为分布于贝加尔湖以南的部落联合体。该部落群有狄历、敕勒、铁勒、丁零等名称,都是相同发音的音译。由于使用一种“车轮高大,辐数至多”的大车,又被称为高车。这些部落共有袁纥、薛延陀、契苾等十五部。

دىگەندەك بايان قىلىنىدۇ .-‹‹يېڭى ،كونا تاڭنامە›› لەردە ئاساسەن مۇشۇنداق .

  744-يىلىغا كەلگەندە چوللۈكنىڭ شىمالىدا قۇدرەتلىك سەلتەنەت بارلىققا كەلگەن ،بۇنى تەشكىل قىلغان ئاساسلىق قەبىلەلەر بۇ خانلىقنى «ئۇيغۇر» دەپ ئاتالغانلىغىنى بىلدۇق .چۈنكى يۇقاردا ئېيتىلغان 袁纥,回纥 ۋە 回鹘لارنى شۇلارنىڭ بىۋاستە ئەۋلادى بولغان ،‹‹يۇئەن تارىخى›› دا تىلغا ئېلىنغان 畏兀儿 ئارقىلىق \"\"ئۇيغۇر \"\" دەپ تونىدۇق .بولمىسا 袁纥,回纥 ۋە 回鹘 لاردىن ئۇيغۇر تاۋۇشىنى تېپىپ چىقماق تەس ئىدى .

ئەمدى بۇ خانلىققا دائىر مەرگىزى ئاسىيا تارىخچىلىرىغا قارىساق ،نامەلۇم ئاپتۇر تەرپىدىن دەل شۇ زاماندا يېزىلغان ‹‹ھۇدۇدۇل ئالەم›› دە ،ئەرەب سەيياھى ئىبىن بەتۇتەنىڭ مەلۇماتىدا بۇ خانلىقنىڭ ساھىبلىرى ۋە خەلىقلىرى توققۇز ئوغۇز ئاتالغان .بۇ خانلىق 840 يىلىغا كەلگەندە ئىچكى نىزا تۇپەيلى يىمىرىلىپ غوللۇق بىر قىسمى غەرپكەتىكى ماكانلىرىغا كۆچۈپ تىبەتلەر بىلەن يەنە تىركەشكەن .بۇلار تىبەت تارىخلىرىدا \"\"درۇگ(تۈركنىڭ تىبەتچە تەلەپپۇزى)\"\" دەپ خاتىرلەنگەنىكەن .ئاندىن ئۇزۇن ئۆتمەي قۇرۇلغان قۇدەرەتلىك خانلىق \"\"قاراخانىلار سۇلالىسى\"\"نىڭ ئاساسى ئاھالىسى \"\"تۈرك\"\" ئاتالغان . بۇ تۈركلۈك شەرقتە قۇمۇلدىن غەرپتە سەمەرقەنتكىچە بولغان رايۇنلاردا تاكى 1921-تىلى ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنى پەرقلەندۈرۈلگىچە داۋاملاشقان .

يۇقارقىلار مەن ئوقىغان كىتاپلاردىن ئالغان بىلىشىم .

ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرسا ئەڭ شەرقتىكى تۇركلەرنى ئاق ئۇيغۇر دەيدىكەنمىز ،ھازىرقى ماكانىمىزدىكلەرنى توققۇز ئۇيغۇر دەيدىكەنمىز ،غەرپتىكى(شەرقى ياۋرۇپادىكى) ئونغۇرلارنى ئون ئۇيغۇر دەپ ،ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنى پۇتكۈل تۈركلەرنىڭ ئەژدادى دەپ جار سالىدىكەنمىز .بىز تارىخىمىزنى مۇشۇنداق چۈشەنسەك بىز ئۇيغۇرلارغا سىياسى ،ئىختىزادى ،مەنىۋى جەھەتلەردىن پايدىسى بامۇ -يوقمۇ ؟مۇشۇ مەسىلىنى قېرىنداشلار بىلەن ئەستايىدىل ئورتاقلاشساق دەپ ئارزۇ قىلىمەن .ئەگەر ئكزىمىزنى مۇشۇنداق پۇتكۈل تۈركلەرنىڭ ئەژدادى دەپ تۇنۇساق بىزگە زىينى بولسا بىز ئەلۋەتتە لىنىن ،سىتالىنلارنىڭ تۈركلەرنى پارچىلاپ تونۇش ،زىديەت پەيدا قىلىش توزىقىغا چۈشكەن بولىمىزمۇ قانداق ؟

durak يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 13:29:29

14- قەۋەتتىكى qutghurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل



بارلاس ،ئارلات ،دوغلات ،جالايىر ...قاتارلىق ئاتالمىش موغۇل قەبىلىلىرى موڭغۇل ئىستىلاسىدىن كىيىنكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ سەھنىسىدە تولىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ ھەر جايدا قۇرۇلغان سەلتەنەتلەرگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ كەلگنلىگىنى بىلىشكە بولىدۇ ....

  ئاساسى گەپكە كەلسەك ،يۇقاردا نامى ئېيتىلغان بىر-نەچچە قەبىلەلەر <<جامىئۇتتاۋارىخ>>(ئۇيغۇرچىسى يوق)،<<تارىخى رەشىدى>> ،<<شەجەرەئى تۈركى>> قاتارلىق كاتتار تارىخنامىلاردا موغۇللار دەپ تەرىپلەنگەن .<<تارىخى رەسىدى>>نىڭ مۇئەللىپى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر نەخ شۇ مۇغۇللارنىڭ دوغلات قەبىلىسىدىن .شۇڭا موغۇللار توغرىسىدىكى ئۇقۇملارغا ئېنىقلىما بەرگەندە مۇشۇ كىشىنىڭ سۆزىگە زور ئېتبار بىلەن قاراش كىرەك دەپ قارايمەن .مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر <<تارىخى رەشىدى>> دە ئۆزىنىڭ قەۋمىنى ئۇنتۇپ قالمىغان ،موغۇللارغا تەبىر بەرگگندە \"موغۇللارنىڭ تىلى قىرغىزلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ ،ئەمما موغۇللار ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدۇ \" دىگەن .بۇنىڭدىن بىز موغۇل قەبىلىلىرىنىڭ قىپچاق تەلەپپۇزىدا(ئەگەر 16-ئەسىرلەردىكى قىرغىزلار ھازىرقىغا ئوخشاش قىپچاق تەلەپپۇزىدا بولغان تەقدىردە) سۆزلەيدىغان چىراي-تۇرقتا يەرلىك تۈركلەردىن پەرقلەنمەيدىغان تۈركى قەۋمدىن ئىكەنلىگىنى بىلىشكە بولىدۇ .بۇنىڭدىن شەكلىنىشنىڭ ھىچ ھاجىتى يوق ....



  دىمىدىممۇ تېخىمۇ كونكىرت جاۋاپقا qutghur دىن ئېرىشىمىز دەپ ، سىز ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەرنى تەپسىلى تەتقىق قىلغان ، كەمىنىنىڭ قىزىقىشى بولسا قەدىمىي ياكى رىۋايەت- ئەپسانە تۈسىنى ئالغان ئۇيغۇر تارىخى \"\" ......



دىمەك بۇ تۈرك قەبىلىلىرى ئوتتۇرا ئەسىردە تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالغان ئەمەس ، مەسىلەن qutghur ئەپەندى تىلغا ئالغان مىرزا ھەيدەر كوراگانىنىڭ تەۋەلىك قەبىلىسى دوغىلات ، بۇ ناھايىتى قەدىمىي غەربىي تۈرك ( ياكى ئۇيغۇر ، ياكى ئۇيسۇن ) قەبىلىلىرىدىن دەپ خاتىرىلىنىپ خەنزۇچە مەنبەلەردە 咄陆(Dulo) دەپ خاتىرىلەنگەن ، ياۋروپادا بولسا ۋىزانتىيە تارىخچىلىرى لاتىنچە Dulat دەپ خاتىرىلىگەن ۋە ۋولگا دەريا بويىدا قۇرۇلغان بۈيۈك بۇلغار خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى كۇبراتخاننى onughur ( ئون ئۇيغۇر) لارنىڭ دۇلات قەبىلىسىدىن دەپ خاتىرىلىگەن ، ياكى ياۋروپادا 7 - ئەسىرنىڭ بېشىدا قۇرۇلغان بولغار خانلىقى « دۇلات خانلىقى » دەپ خاتىرىلەنگەن . دۇلاتلار جەڭگىۋار تۈرك قەبىلىلىرىدىن ، تارىختا ئۈزلۈكسىز ياشىغان قەۋم .



ھىندىستانلىقلار ۋە پارىسلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسۇلمان تۈركلەرنى « موغۇللار » دەپ ئاتىغان ئىكەن ، بۇ نامنىڭ ئېتنىك مەنىسىنى تەتقىق قىلىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ  .

qutghur يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 15:21:27

دىمىدىممۇ تېخىمۇ كونكىرت جاۋاپقا qutghur دىن ئېرىشىمىز دەپ ، سىز ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەرنى تەپسىلى تەتقىق قىلغان ، كەمىنىنىڭ قىزىقىشى بولسا قەدىمىي ياكى رىۋايەت- ئەپسانە تۈسىنى ئالغان ئۇيغۇر تارىخى

====================================================

\"\" ما چاخچاق سەل ئېشىپ كىتىپتۇ .مىللەتنى رىۋاتلەشتۈرۈش يېڭى مىللەتكە بولغان ئىپتىخارلىقنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ئالدىنقى ئەسىردە تاماملىنىپ بولغان ئىش دۇراك ئەپەندى .سىزگە قارىتا ئېيتىلغان گەپ ئەمەس .ھەتتا ئۆزبىك قېرىنداشلىرىمىزمۇ مىلادىنىڭ ئالدى كەينىدە قەدىمقى فەرغانە دۆلىتنىڭ ئاھالىسى بولغان 月支别 قەۋمىنى بايقاپ تاپتى .بىزلەردىمۇ كەم ئەمەس بۇنداق زورلاپ ئەژدات تېپىش .



ئەمدى :

================================

لاتىنچە Dulat دەپ خاتىرىلىگەن ۋە ۋولگا دەريا بويىدا قۇرۇلغان بۈيۈك بۇلغار خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى كۇبراتخاننى onughur ( ئون ئۇيغۇر) لارنىڭ دۇلات قەبىلىسىدىن دەپ خاتىرىلىگەن ،

================================

ما ئۇچۇرلارنى راسلا كۆرمەپتىكەنمە .شۇ زامانلاردا مۇغۇل ئاتالغان قەۋملەرنىڭ ئونغۇرلادىن بولۇش ئىھتىماللىغىنى زورلىغىغا مەنمۇ قايىل .ئەگەر دائىر يازما مەنبەدىن كۆرگەن بولسىڭىز مۇشۇنداق تونىساق بولىدۇ .مەن ماجارلارنىڭ ئېتنىك تەركىۋىنى بىلىش ئۈچۈن ماتىريال ئىزدىگەندە \"\"ماجارلار 7 قەبىلە ئۇنغۇرلار(ئونغۇرلارنىڭ 7 قەبىلىسى) بىلەن فىنلارنىڭ 9 قەبىلىسىنىڭ قوشۇلىشىدىن شەكىللەنگەن\"\" دىگەندەك ئۇچۇرغا ئاساسلىنىپ ئونغۇرلار 7 لا قەبىلە بولسا كىرەك دەپ ئويلىغان .بەلكىم 15-20 قەبىلە بولۇشىمۇ مۈمكىن .

لىكىن ئونغۇرنى ئون ئۇيغۇر دەپ دەپ تونۇشنى ئانچە قوبۇل قىلمايمەن .ئۇنداق دىيىش كەلسە شۇ ئونغۇرلارنىڭ قۇتغۇر ،ئۇتغۇر ،سارغۇر ،بۇلغار ،ئازار قاتارلىق قەبىلىلىرىنىمۇ شۇ فورمىلا بويىچە ئۆزگەرتىپ ئوقۇساق تولىمۇ قالايمىقانچىلىق پەيدا بولىدۇ .

qutghur يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 17:07:45

مەشھۇر ئالىمىمىز مەھمۇد كاشغەرىي زامانىدىن سەللا كېيىن شۇنچە كۈچەيگەن بۇ تۇركى قەۋملەرنىڭ ‹‹تۈركى تىللار دىۋانى›› دا نامى قەيت قىلىنماسلىغى بەلكىم يېقىنقى تارىخ تەتقىقاتىدا بوشلۇق پەيدا قىلىپ ھەرخىل قىياسلارنى كۆپەيتىۋەتكەن بولىشى مۈمكىن . ئەگەر دۇراك ئەپەندى كۆرگەن مەنبە ئىشەنچلىك بولسا ،مەھمۇد كاشىغەرىي زامانىدا بۇ قەۋملەر بەلكىم \"\"بۇلغار\"\" نامىدا ‹‹تۈركى تىللاردىۋان ›› نىغا ئېلىنغان بولىشى ،چىڭگىزغان قوشۇنى دەشتى قىپچاقنى ئىستىلا قىلىپ بۇلغار زىمىنىغا كەلگەندە بۇلغارلار بارلاس ،ئارلات ،دوغلات ...قاتارلىق قەبىللەرگە بۆلۈنۈپ چىڭگىزغان قوشۇنىغا ئەل بولۇپ مەرگىزى ئاسىياغا قايتىپ كەلگەن بولىشى مۈمكىن .دىمەك مىرزا مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ \"\"موغۇللارنىڭ تىلى قىرغىزلارنىڭ تىلى بىلەن بىردەك\"\" دىگەن بايانىنىڭ ئىلمى ئاساسمۇ تېپىلدى مانا .چۈنكى ئۇزۇن زامان قوشنا ياشىغان بۇلغارلار بىلەن قىپچاقلارنىڭ تىلىنىڭ بىردەكلىگىدە گەپ يوق .بۇلغارلارنىڭ ھازىرقى ئەۋلادى بولغان تاتار ھېلى-ھەم قىپچاق دىئالىكتىدا سۆزلەيدۇ .

qutghur يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 17:14:37

ئەگەر يۇقارقى قاراش بويىچە بولغاندا بۇ مۇغۇل قەبىلىرى بۇلغارلارنىڭ ھازىرقى ئەۋلادلىرى بولغان تاتار ،چۇۋاشلارغا ئوخشاش ئۆڭى ئاق ،چېچى قوڭۇر قەدىمكى تۇران ئىرقىغا تەۋە بولىدۇ .موڭغۇل ئېرقىنىڭ ئالاھىدلىگىدىن ناھايىتى يىراق .
بەت: [1]
: بارلاس قەبىلىسى[تەرجىمە]