ئۆزھالىمغا باقماي توۋلاپ قويدۇم
تۈنۈگۈن تېلېفۇندا ئاۋازغا ئىلىپ قاندان قىلىشنى بىلمەي بىر مۇنچە جاپا تارتىپ ئاخىرى تورغا يوللىيالىدىم . ناخشا يىڭى ناخشا ئەمەس . تېكسىتنىمۇ تولۇق يادا ئالمىغان ھەر ھالدا ياساپ ئاۋازغا ئالغانغا قارىغاندا تەبئى چىقتى دەپ ئويلاپ نەزىرىڭلارغا سۇندۇم . ھۇزۇر ئىلىڭلار ياكى تىللاڭلار بۇ پەقەت بىر سىناق قىلىپ ئىيتقان ناخشا خالاس
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئېيتقان ناخشا ئىكەن . دۇتتارنى راس ياخشى چالىدىكەنسىز . ياخشى چىقىپتۇ . بۇ دۇتتا باشقىچە تۇردىغۇ ؟ دۇتتارنىڭ ئاۋازى چىرايلىقكەن

دۇتارنى ياخشى چالىدىكەنسىز جۇمۇ، دۇتارمۇ پەيزى دۇتتاركەن ، نىسىپ بولسا دۇتىرىڭىزنىمۇ بىللە تىڭشاپ ھۇزۇرلىنارمىز.
3- قەۋەتتىكى ozhalنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
دۇكاندىكى ئەڭ ياخشى ئەمەس دىگەن دۇتتارنى تۈزۈپ چالغان بولمىسا .
ماۋۇ ئېلان سۆزى قالتىسكەن مانا.

خەلق ئارسىدا سەھنىگە ئىلىپ چىقىلمىغان ناخشىلار كۆپ جۇمۇ ئاز قالدى . موزىكا ئىشلەيدىغان باللار بىلەن دىيشىپ بۇلالماي چىچىم ئاقىرپ كەتتى . ئاز قالدى خۇدايىم بۇيرۇسا .
ئۇ ناخشىنى مەن ئوقۇپ ئەتىگىچە چىقىرىپ قوياي .
ما ناخشىنى ھازىر ئوقۇدۇم
سۆزى : ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر
موزىكىسى : مۇساجان روزى .
ئورۇنلىغۇچى : راخمانجان ئاۋۈت ئۆزھال
ئۆزھالنى ناخشا ئېيتىۋاتقاندا كۈلدۈرىۋەتكەن قايسى شەيتان ئۆزى؟ {:90:} يىگىت ئىشقى
قاراپ پەقەت تويماي ئۆتتۈم كۆزۈڭگە،
سۇ بولىدۇ يۈرەك باغرىم سۆزۈڭگە.
بۇ ئالەمدىن تاپالمايمەن ئۆزۈمنى،
ئەگەر ياقسام يۈزلىرىمنى يۈزۈڭگە.
نىگاھىڭدۇر سېنى ماڭا قاراتقان،
سەن ئەمەسمۇ يۈرىكىمنى ياراتقان.
ۋۇجۇدۇمغا ھارارەتلەر تاراتقان،
قۇربان بولاي سېنىڭ شېرىن سۆزۈڭگە.
ۋىسالىڭغا يېتىپ جاندىن كېچەيمەن،
سېنىڭ بىلەن ئۇ دۇنياغا كېتەيمەن.
يۈرەكىمنى ئىككى قوللاپ تۇتايمەن،
تۇمار قىلىپ ئېسىۋالغىن بويىڭگە.
3- قەۋەتتىكى ozhalنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
دۇكاندىكى ئەڭ ياخشى ئەمەس دىگەن دۇتتارنى تۈزۈپ چالغان بولمىسا .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابدۇراخمانجان، كەمىنە ئۆزلىرىنىڭ ئاكىسى ئوسمانجان ئارقىلىق بىر ئۈنئالغۇ لېنتىلىرىنى ئاڭلىغان ئول زامان، شۇ ناخشىلىرىنى كۆپ سېغىنىمەن. مۇمكىن بولسا شۇلارنى بىر رەتلەپ نەشىر قىلدۇرۇپ باقسىلا قانداق بولا؟ دۇتتارنى ھەرھالدا ياخشى چالىدىكەنسىز،بۇ جەھەتتە تىرىشسىڭىز بولغىدەك.ئاۋازىڭىزدا ھېسىيات يوق دىيەرلىك. بار يوقى ئىككى تال تارىدىن شۇنچىلىك ئېسىل كۇيلەرنى يارتالىغاندىن كىيىن ،ئۇستا دەيمىزدە سىزنى پولاتچىلاپ( پولات ئەلەملەر )... مەن ناخشىغا خۇيمۇ ئامراق.
16- قەۋەتتىكى kokoyunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
دۇتتارنى ھەرھالدا ياخشى چالىدىكەنسىز،بۇ جەھەتتە تىرىشسىڭىز بولغىدەك.ئاۋازىڭىزدا ھېسىيات يوق دىيەرلىك.
_________________________
ئەرەنچە ئاۋازنىڭ ئۆزىلا ھېسسىيات. ئۇيغۇردا ئەرەنچە ئاۋازدا ناخشا ئوقۇيدىغان ساناقلىق ناخشىچىدىن ئابدۇرېھىم ھېيت، ھوشۇر قارى، يېڭىدىن يېتىشىۋاتقان تەلبا ۋە ئۆزھاللار بار. ئەرەنچە ناخشىلارغا ئارتۇق دەرەم زەئىپ ھېسسىياتلارنىڭ نە كېرىگى؟ مەن ئۆزھالنىڭ ناخشىسىغا قول قويىمەن.