muzat2012 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-11 13:03:37

ئامىركا ۋە گىرمانىيە تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر دوختۇرلاردىن جىددى ياردەم سورايمەن

مىىنىڭ 8ياشقا كىرگەن بىر ئوغۇل بالام بار ئىدى،4ياشتىن ئاشقاندا تۇرۇپلا ئۆزلۈكىدىن يېقىلىپ كىتىدىغان بۇلۇپ قالدى.يېقىلىپ كەتسە ئاسانلىقچە ئورنىدىن تۇرالمايدۇ.مەن شۇنىڭ بىلەن2009-يىلى4-ئايدا ئۇرۇمچىگە ئاپىرىپ ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق 1-خەلىق دوختۇرخانىسىغا(تىببى ئونۋېرسىتىت) ئاپىرىپ تەكشۈرۈتسەم ئۇلار بالىنى بىر ھەپتە تەكشۈرۈپ <<ئېرسىيەت خاراكتىرلىك مۇسكۇلغا ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك >> كېسىلى دەپ دىئاگنۇز قويغان.بۇكېسەلنىڭ تېخى ھازىرغىچە دۇنيادا داۋاسى يوق،بالا كۆپ بولسا 19-20ياشلارغىچە ياشىيالايدۇ.دېدى شۇنىڭ بىلەن مىنىڭ بېشىمغا خۇددى بىر تاغ يېقىلغاندەك بولدى.شۇۋاقىتتىكى ھېسىياتىمنى ھازىر تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن. شۇيىلى خوتەنگە ئاپىرىپ داۋالىتىپ باقاي دەپ خوتەنگە ئاپىرىپ 3كۈن بولغاندا بالا يېقىلىپ چۈشۈپ <<ئۆلمەكنىڭ .ئۈستىگە ،تەپمەك >>دېگەندەك ئوڭ پۇتى يۇتىسىدىن سۇنۇپ كەتتى.مەن مۇشۇ 3-يىل جەريانىدا بالىنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋالىتىپ كەلدىم ،بالا ھازىر ماڭالمايدۇ،مەن ئۇنى كۈتۈرۈپ  تالاغا ئېلىپ چىقىمەن.8ياشلىق بالىنىى كۈتۈرمەك ماڭا ئانچە تەس كەلمىگىنى بىلەن ئاپىسىغا تەس كىلىدىكەن.مەن بۇجەريانىدا ئىقتىسادى جەھەتتىن نۇرغۇن قىينالدىم.لېكىن داۋالاشنى ،ئىزدىنىشنى توختۇتۇپ قويغىنىم يوق.مۇشۇ خىل كېسەل بولغان بالىلاردىن 5-6نى تۇنۇيمەن .ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تەقدىرگە تەن بەردى.<<خۇدانىڭ بەرگىنى شۇ ئىكەن>>دەپ بالىسىنى ئۆيگە ياتقۇزۇپ قۇيۇپ بېىقىۋاتىدۇ. مىنىڭ تورداشلاردىن تەلەپ قىلىدىغان ياردىمىم ،بۇخىل كېسەلنىڭ دۇرىسى ئامىركا ۋە گېرمانىيەدە بار ئىمىش شۇ يەردە تۇنۇشى بارلارنىڭ ماڭا مەسلىھەت بىرىشىنى سورايمەن. ئەگەر داۋاسى چىقىپلا قالسا مەن بىر ئاماللار بىلەن قەرىز ئېلىپ بولسىمۇ بالىنى داۋالىتىمەن.بالىنى داۋالاتماي شۇ پېتى تاشلاپ قۇيۇشقا ھەر-بىر ئاتا- ئانىنىڭ يۈرىكى چىدىمايدىكەن. توداشلارنىڭ ماڭا ياردەم بىرىشىنى سورايمەن. ئامىركىدىكى <<مۇھەممەت .ئەمىن>>ۋە <<شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ >> ئالاقىلىشىش ئادىرىسىنى بىلىدىغانلارنىڭ ماڭا دەپ بىرىشىنى سۇرايمەن.


ئىسىمىم:ئاۋۇت ئابدىرىيىم. كەسپىم ئۇقۇتقۇچى، ئادىرىسىم باي ناھيە ئومباش ئوتتۇرا مەكتەپ.  ھازىر ئۈرۈمچىدە بىلىم ئاشۇرۇۋاتقاچ بالىنى داۋالىتىۋاتىمەن.  چچ:  1498736930 تىلىفۇن:13565128510

keyser01 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-11 17:48:29

كۆڭلۈم يېرىم بولدى، ئاللاھ ئۆزى شىپالىق بەرسۇن، مېنىڭمۇ ئىككى بالام بار

DOWZAK MUXUGI يوللانغان ۋاقتى 2012-11-11 18:02:28

چەتئەلدىكى قېرىنداشلار ئېغىر كۆرمەي سۈرۈشتۈرۈپ باقساڭلار ، كىچىك بالىلاردا كۆرۈلىدىغان بىرلەمچى دىئابېت كېسىلىگە قارىتا چەتئەللەردە داۋالاش ئۈنۈمى قانداق بولىۋاتىدۇ ؟؟؟ بۇ كېسەلنى داۋالاش ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى نەگىچە بولىۋاتىدۇ ؟؟؟ .............. ئالدىن رەھمەت .

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-11-11 18:31:22

ئوغلىڭىزنىڭ ئەھۋالىدىن كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى. خۇدايىم شىپالىق بەرگەي.

datman يوللانغان ۋاقتى 2012-11-11 20:59:29

بۇخەۋەرنى ئاڭلاپ كۆڭلۇم بەكلا يىرىم بولدى ئاللاھ شىپالىق بەرگەي

بىزنى بىر تۇققىنىمىزنىڭ بالىسىمۇ شۇنداق كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان

بىچارە تۇققىنىمىز كۇندە بالىسىنى ۋىلىسپىتنىڭ ئالدىغا ئولتۇرغۇزۇپ يوللاردا ئايلىنىپ يۇرۇرەتتى

10 يىل شۇنداق باقتى ئۇبالىنى شۇ جەرياندا ئايلىمۇ ئاجىرشىپ كەتتى ھەنىم بولسا ئىدارىدىن خىزمەتكە كەلمىسىمۇ

مۇئاشىنى ئايمۇ ئاي تولۇق بىرىدىكەن شۇبالىسىمۇ 19 ياشقا كىرگەندە تۇگەپ كەتتى

ئاللاھ شىپالىق بەرگەي سەۋىرقىلىڭلا

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2012-11-11 21:59:02

بۇ ئىنكاس تورداش@begir3  غا ۋاكالىتەن يېزىلدى . ئەسىلى بۇ ئىنكاسنى تىما قىلىپ يوللاپتىكەن . تىما بىلەن خاراكتىرى ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن بىرلەشتۈرۋېتىدى.@begir3 توغرا چۈشەنگەيسىز.

__________________

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ، مېنىڭمۇ بىر ئوغلۇم بار ، مېڭە پاراللىچ ، ئاساسلىق كېسەللىك ئالامىتى جىم تۇرالماسلىق 多动症 ، گەپ قىلالماسلىق . جىم تۇرالمىغانكىن دىققىتىنىمۇ بىر يەرگە يىغالمايدىغان گەپكەن شۇ .

مۇشۇ كېسەلنىڭ ئامرىكا ھەم باشقا چەتئەل دۆلەتلىرىدە قانداق داۋالىنىدىغانلىقىنى ، ئوپىراتسىيە قىلىپ داۋالاش ئىمكانىيىتى بارمۇ يوقلىقىنى بەكمۇ بىلگۈم بار (باش قىسمىنى يېرىپ ، تۇتاشمىغان ياكى قىسقا تۇتۇشۇش بولۇپ قالغان نېرىپ تومۇرلار بولسا بىر تەرەپ قىلىۋەتسە دىمەكچى).

مۇزات 2012 دىگەن تورداشنىڭ تېمىسنى ئوقۇپ ئاستىغا ئىنكاس تەرىقىسىدە يازسام ئىنكاسىم يوللانماي قالدى . ئامالسىز تېمىلار قاتارىدا يوللاۋاتىمەن .

مۇشۇنىمۇ ئايرىم تېما قىپ تەستىقلاپتۇ ياكى يوللاپتۇ دەپ باشقۇرغۇچىلار بىلەن مېنى تىللاپ يۈرمىگەيسىزلەر . رەھمەت .

petir manta يوللانغان ۋاقتى 2012-11-12 10:13:23

سىىتىفىن خاۋكىڭغا ئوخشاش كىسەللىك ئىكەن ، لوگاريى كىسەللىكى دەپمۇ قويىدۇ .

ئۇ ئادەممۇ ياشاۋاتىدۇ ئىلىم پەننىڭ چۇقىسدا ، ئۈمۈتۋار بولۇڭ !

esir يوللانغان ۋاقتى 2012-11-12 10:41:11

بىزنىڭ مەھەللىدىمۇ 3-4ى بار مۇشۇنداق بالىدىن... ئىگەم ئاسانلىق بەرگەي.

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2012-11-12 12:43:26

ياخشىمۇسىز،



ئالدى بىلەن ئۇلۇغ ئىگەمدىن ئوغلىڭىزنىڭ كېسىلىگە ئاسانلىق بېرىشىنى تىلەيمەن.

ئامېرىكىدىكى دوختۇر ئاكىمىز مەمتىمىن بىلەن ئالاقىلىشىپ باقتىم. ئاكىمىز، ھازىر بۇ كېسەلنىڭ تېخى تەتقىقات باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى، تېخى يېڭى داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ كەشپ قىلىنمىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۇرۇنمۇ موشۇ خىل كېسەل مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇ ئاكىمىز بىلەن ئالاقىلىشىپ كۆرگەنلەر بوپتىكەن، ئەپسۇس، ھازىرقى سەۋىيە ۋە تېخنىكا بىلەن بۇ كېسەلنىڭ داۋاسىغا شىپا تېپىلماپتۇ...

yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-12 12:48:17

تىببى داۋالاش ئىشلىرىدا ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى مۇتەخەسىسىلەرنىڭ ھەمكارلىقى بەك ياخشى ،ئەيدىز ياكى باشقا ئىنسانىيەتكە خەۋەپ ئەكىلىۋاتقان ھەر قانداق كىسىلىگە ئازراقلا شىپا قىلدىغان دۇرا كەشىپ قىلىنسا ئەتىسىلا بۇ ھەقتىكى خەۋەر دونياغا تارايدۇ ..ئاللا نىسىپ قىلسا داۋاسىمۇ چىقىپ قالار ..

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 09:59:10

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇمmuzat2012ئەپەندىم!

مېھرىبان ئاللاھىم ئوغلىڭىزنىڭ كېسىلىگە شىپالىق بەرگەي! مەنمۇ بالا ئۈچۈن جاپا چەككەن دادا بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىزگە چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىمەن...

مېنىڭمۇ بىر ئوغلۇم شۇنىڭغا ئوخشاش كېسەللىككە گىرىپتار بولغان، مەلۇم ھەربىي دوختۇرخانا بىر مەزگىل داۋالىغاندىن كېيىن ئامال يوق دەپ چىقىرىۋەتكەن ئىدى... 4~5 ياشقا كىرگەن چاغلىرى ئىدى. ھازىر ئوغلۇم 16 ياشقا كىردى. بىر قەدەر نورمال ياشاۋاتىدۇ. ھەر ھالدا ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالىغۇدەك بولدى... بۇ جەريان مەن ئۈچۈن بالا جاپاسىدا تولىمۇ غەملىك يىللار بولدى. ھەر ھالدا ئوغلۇم ماڭالىغۇدەك بولدى. مانا ھازىر قويغا ھەلەپ ئېتىۋاتىدۇ....

ئاللاھ شىپالىق بەرسە ھەممە ئىش ئاسان بولىدۇ... غەم قىلماڭ.... ئىرادىلىك بولۇڭ...

يەرلىك ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ئائىلىدە داۋالاش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتىم... ئاللاھقا مىڭ شۇكرى...

خېلى كۆپ تەجرىبىگە ئىگە بولۇپ قالدىم. ياردىمىم كېرەك بولسا تارتىنماڭ... قولۇم كۆكسۈمدە...

qqنومىرىم: 1770979785

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 11:04:26

يەنە بىرگەپ: بالا 12 ياشقا كىرگۈچە بولغان ئارىلىقتا چارە تەدبىر قىلغاندا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

kosan يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 11:13:28

كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى. بالا ئۈچۈن ئاتا- ئانا نىمە بوپ كەتمەيدۇ-ھە! مېنىڭمۇ ئىككى ئوغلۇم بار. ئاللاھ ھەممە بالىلارنى، ھەممە پەرزەنتلەرنى بالا- قازادىن، كېسەللەردىن ساقلىغاي!



ئاللاھ بىر ئاسانچىلىق بېرەر، ئۈمىدۋار ياشاڭ بۇرادەر! بىر يولى چىقىپ قالار...

selma يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 11:27:39

خۇدايىم مۆجىزە يۈز بېرىشى مۈمكىن...بەلكىم دىئاگنوز خاتا بولۇپ قېلىشىمۇ مۈمكىن...ھەممە ئىشلار مۈمكىن. پەقەت ئىرادەڭلارنى بوشاشتۇرماڭلار.ئاللاھ ئورۇنلاشتۇرغان ھەممە ئىشنىڭ تېگىدە ھېكمىتى بار،بەندە بۇلارنىڭ تېگىگە يېتىپ  بولالماسلىقى مۈمكىن...بالىڭىزغا دۇئا قىلىمەن. ئامېرىكا، گىرمانىيەدە داۋا بارمىكىن دەپ ئۇ يەرلەرگە ئاپىرىپ بولالمايسىز، ئۇ دۆلەتنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بولمىسا بۇ يەردىكى ئۆينى سېتىپ بارغان بىلەنمۇ پۇل يەتمەيدۇ....مېنىڭمۇ ئۇماق ئوغلۇم ئاللاھنىڭ مۆجىزىسى ،قېرىنداشلارنىڭ دۇئاسى  بىلەن ساقايدى،ساقىيىۋاتىدۇ...بۇرۇن ئوغلۇم تېخى تۇغۇلمىغادا مۇشۇنداق  بىر تېمىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم يېرىم بولغان، ياردەم قىلاي دېگەنتىم. يەنە كۆردۈم ئوخشاش تېمىنى، قولۇمدىن كەلگۈدەك ياردەم بولسا قىلىمەن، بىزنىڭ چەتئەلدە تۇققانلار بار، ئوغلۇممۇ چەتئەلدە  ھازىر. ئەگە ر ياردەم كېرەك بولسا مەن بىلەن  ئايرىم ئالاقىلىشاسىز.ئوغلىڭىزغا ئاللاھدىن شىپاھ، سىز ۋە ئايالىڭىزغا سەۋر تىلەيمەن.



ماۋۇ تېمىدىكى سىزنىڭ ئوغلىڭىزمۇ ياكى باشقا بىرسىمىدۇ؟

http://www.izdinix.com/showpost.aspx?Page=2&ThreadID=41085#Inkas

selma يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 11:33:02

مەن سىز بىلەن  ئالاقىلىشىمەن...تېلفون نۇمۇرىڭىزنى كۆرمەي قاپتىمەن...

xaqan يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 14:18:34

ئاللاھ ئوغلىڭىزغا شىپالىق بەرگەي. بەلكىم مۆجىزە يۈز بېرىشى مۇمكىن.

مېنىڭ بىر نەۋرە ئاكامنىڭ ئوغلىمۇ بەش ياشقا كىرگەندە تۇيۇقسىز بىر پۇتى تەدرىجى دەسسىمەي ماڭالماي قالغاندى، مېنىڭ تەۋسىيىم بويىچە ئۈرۈمچىگە ئاچىقتى، مەن شىركەتتىن رۇخسەت سوراپ، ئاپتونۇم رايونلۇق 2-دوختۇرخانىدا تەكشۈرتتۈق، دەسلەپ ھەممە تەكشۈرۈشنى قىلدى، ھېچقانداق دىئاگنوز قويالمىدى، ئاخىرى بىر نەچچە مۇتەخەسسىلەر بىرلىشىپ بىردەك مۇسكۇل يېگىلەش دەپ دىئاگنوز قويدى. ئاندىن مىڭ سوملۇق ئوكۇلدىن بىرنەچچىنى ئاستى، پۇتنىڭ مۇسكۇلىنى غىدىقلايدىغان بىرنېمىلەرنى قىلدى. ئالاھىزەل دوختۇرخانىدا ئون كۈن ئەتراپىدا يېتىپ ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغاندىن كېيىن ئاچىقىپ كەتتى. ئەڭ ئاخىر ئۈرۈمچىدە بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ بالىنى ئەڭ گۈزەل يەرلەرگە ئاپىرىپ ئويناتتۇق، ئاكام بالىنى كۆتۈرۈپ ماڭاتتى، مەن كۆتۈرۈۋالاي دېسەم ئاكامنىڭ ئوغلى قەتئىي ئۇنمايتى، ئاكا ھارمىدىڭمۇ دېسەم ياق قەتئىي ھارمىدىم دەيتتى. كېيىنچە ئوغۇلۇم توغۇلۇپ ئاتا-ئانىنىڭ نەقەدەر كۆتۈرۈشچانلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇنداق قىلىپ ئاكام ئاخىرى ئۈرۈمچىدىن كەتتى. ئۆزىنىڭ دېيىشچە نۇرغۇنلىغان يەرلىك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ تەخمىنەن ئىككى ئاي بولغاندا مۆجىزە يۈز بەرگەندەك ساقىيىپتۇ، مەنمۇ تولىمۇ خوش بولدۇم. غەيرەتلىك بولۇڭ، ئاللاھ ئوغلىڭىزغا شىپالىق بەرگەي.

nurfiya يوللانغان ۋاقتى 2012-11-13 16:37:20

ئاللاھ ئوغلىڭىزغا شىپاھلىق بەرگەي،،،ئۈمۈدۋار بۇلۇڭ ئاكا . خۇدانىڭ قۇدىرىتى بىلەن ئوغلىڭىز چۇقۇم ساقىيىدۇ .

Horma يوللانغان ۋاقتى 2012-11-14 22:22:45

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

ئاللاھ ھەممە بالىلارغا شىپالىق بەرسۇن !

مەنمۇ ياردەم سورىماقچى ،مۇشۇ جايغىلا يازدىم بىلىدىغانلار ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىسەڭلار .

    تۈگەپ كەتكەن نەۋرە ئاكامنىڭ 12 ياشلىق بىر ئوغلى بار ئىدى (دادىسىدىن 7 يېشىدا ئايرىلىپ قالغان) ،سالامەتلىكىمۇ ياخشى ،مىجەزىمۇ بەك ئېسىل ،ئەقىللىق ،ئەخلاقلىق چوڭ بولۇۋاتقان ،ھەممەيلەننىڭ بەك مەسلىگى كېلەتتى ،بۈگۈن تۇيۇقسىز جىددى خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلى 急性白血病 دەپ دىئاگنوز قويۇلدى ، ھەممەيلەن نېمە قىلارىمىزنى بىلمەي قالدۇق ،توردىن بىرەر قۇر ئىزدەپ نەپ تەگكۈدەك ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىدىم . بۇخىل كېسەلنى نەدە ،قايسى دوختۇرخانىنىڭ ،قايسى دوختۇرنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى نىسبەتەن ياخشىراق ؟ مۇشۇ كېسەل بولۇپ پۈتۈنلەي ساقىيىپ نورمال ياشاۋاتقانلار ئەتراپىڭلاردا بارمۇ ؟قانداق ياخشى مەسلىھەتلىرىڭلار بار ؟بىلىدىغانلار ئۇچۇر بەرسەڭلار ، دۇئالىرىڭلاردا شۇ نارەسىدىنى ياد ئېتىپ قويساڭلار .....

muzat2012 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 20:28:36

دوختۇر مەمەت ئەمىن مۇنداق دەپ ئۇچۇر قايتۇرۇپتۇ:

6 I% A4 z\" v7 L% ]بۇ تېمىدا تەسۋىرلەنگەن ئاۋۇت ئابدۇرىھېمنىڭ بالىسى گىرىپتار بولغان كېسەللىك، ئۇنىڭ تەمىنلىگەن ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا، موسكۇل يىگىلەپ قېلىش كېسىلى ((Muscular Dystrophy, 肌肉萎缩症) بولۇشى مۇمكىن. ئۇ كېسەلنىڭ بىر نەچچە تۈرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە بىرى Duchenne Muscular Dystrophy (DMD) دەپ ئاتىلىدۇ.

6 r# {: d- a) _$ a3 U Duchenne Muscular Dystrophy (DMD, 杜兴肌肉萎缩症, 杜兴肌营养不良) كېسىلى بولسا فرانسىيەلىك نېرۋا كېسەللىكلەر ئالىمى Guillaume Benjamin Amand Duchenne 1860-يىلى تۇنجى بولۇپ بايقىغان مۇسكۇل يىگىلەپ قېلىش ياكى مۇسكولغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن موسكۇل تەرەققىي قىلالماسلىقتەك بىرخىل ئېرسىي كېسەللىك بولۇپ، تاكى 1980-يىللارغىچە بۇ كېسەلنىڭ سەۋەبىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە كۆپ مەلۇماتلار بولمىغان. 1987-يىلى ئالىملار بۇ كېسەلنىڭ مۇسكۇل تەركىبىدىكى dystrophin دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئاقسىلنىڭ كەملىكى بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى بايقىغان. يەنى بۇ خىل كىسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ مۇسكۇلىدا شۇ خىلدىكى ئاقسىل كەم بولۇپ، مۇسكۇلنىڭ نورمال تەرەققى قىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچۇرايدۇ.. بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغان بالا، تۇغۇلغاندا ساق تۇغۇلىدۇ، تەخمىنەن 2~6 ياش ئەتىراپىدا كىسەللىك ئالامەتلىرى كورۇلۇشكە باشلايدۇ. بۇ كىسەلنىڭ ئاساسلىق ئالمەتلىرى مۇسكۇلنىڭ ئاجىزلىقى ۋە ياكى ماغدۇرسىزلىغى بولۇپ، دەسلەپتە ساغرا، ئاندىن قالسا يوتا، پاچاق، دولا ۋە بىلەكلەرنىڭ مۇسكۇللىرى ماغدۇرسىزلىنىشتىن باشلىنىدۇ. مۇسكۇللار ساغلام تەرەققى قىلمايدۇ. ئاخىردا نەپەس ۋە يۇرەك مۇسكۇللىرى قاتارلىق پۇتۇن بەدەندىكى مۇسكۇللار ئاجىزلىشىپ، بىمارنىڭ پالەج بولۇپ قىلىشىنى ۋە ئۆلۇپ كىتىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. بۇ كىسەلگە نىسبەتەن ھازىرغا قەدەر ئۇنۇملۇك دورا يوق بولۇپ، كوپۇنچە بىمارلار 20 ياش ئەتىراپىدا ئولۇپ كىتىدۇ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ 30 ياشتىن ئارتۇق ئومۇر كورەلمەيدىغانلىغى دوكلات قىلىنماقتا.

6 {\" |+ q0 C! L1 q N& q2012-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى ئېلان قىلىنغان Nature Medicine ژۇرنىلىدا Exon-skipping drug pulls ahead in muscular dystrophy field (ئېرسىيەت كودىدىن ئاتلىغۇچى دورىلار مۇسكۇل يىگىلەش ساھەسىدە نەتىجە قازانماقتا، دەپ چۈشەندىم) Eteplirsen, Drisapersen, Ataluren قاتارلىق ئۈچ خىل دورىنىڭ Duchenne Muscular Dystrophy بىمارلىرىغا بەلگىلىك تەسىرى بولۇۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

+ R, b7 @5 w+ x: Y% _بۇ دورىنى سىناق قىلىۋاتقان ئورۇنلار كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى Duchenne Muscular Dystrophy تەتقىقات مەركىزى، Sarepta Therapeutics of Cambridge, Massachusetts; Centers for Gene Therapy and Muscular Dystrophy at Nationwide Children\"s Hospital in Columbus, Ohio.

, m( { |, c+ h! Y

% |1 |; k0 ~% ?5 x, yبىر ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ ئۇچۇرنى ئوقۇپ قانچىلىك ئازابلىنىۋاتقانلىقىڭىزنى ھېس قىلىپ تۇرۇۋاتىمەن. بۇ ئۇچۇردىكى دورا تەتقىقات باسقۇچىدا ئىكەن. يەنە داۋاملىق ئىزدىنەيلى، باشقا دۆلەتلەردىكىلەر بىلەنمۇ ئالاقىلىشىپ باقايلى. ئاللاھ خالىسا بىر شىپاسى بولۇپ قالىدۇ.

bityon يوللانغان ۋاقتى 2012-12-21 00:04:44

يۇقارقى دورىلارنىڭ سىناق نەتىجىسى قاچان چىقار ؟
بەت: [1]
: ئامىركا ۋە گىرمانىيە تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر دوختۇرلاردىن جىددى ياردەم سورايمەن