ئاۋازلىق فىلىمنىڭ چىقىش يولى قەيەردە؟
ئۇيغۇر كىنو فىلىملىرىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئاۋازلىقفىلىملەردىن باشلاندى. دەسلىپىدە تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىلىرىنىڭ قولىدىن
چىققان بولسا، تېخنىكا تەرەققىي قىلىپ شەخسىيلەرمۇ ئاۋاز بېرىدىغان بولۇپ
كەتتى. شۇنىڭ بىلەن قالايمىقانچىلىق باشلاندى.
تېلىۋىزىيە
ئىستانسىلىرىنىڭ شىتاتلىق تەرجىمانلرىى ۋە ئاۋاز ئارتىستلىرى بار
بولغاچقىمىكىن، تەرجىمىلىرى ناھايىتى سۈپەتلىك چىقىپ كەلگەن ئىدى، يېقىنقى
يىللاردىن بۇيان ئۇنداق سەرخىل تەرجىمىلەر ئازلاپ كەتتى، ئۇنىڭغا ئۇلىشىپلا
شەخسلەر تەرجىمە قىلغان فىلىملەر تارقىلىشىقا باشلىدى.
شەخسىيلەر
تەرجىمە قىلغان فىلىملەرنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلماقچى ئەمەسمەن، سۈپەتلىك
چىقىۋاتقان تەرجىمە فىلىملەرمۇ بار، بىراق ئەخلەت فىلىملەر چىدىغۇسىز
دەرىجىدە كۆپ. كىنودىكى پىرسوناژلارنىڭ ھەرىكىتىگە قاراپلا ئاۋاز بېرىش،
ئەسلى مەزمۇندىن چەتنەپ مەنتىقىگە لوگىكىغا چۈشمەيدىغان دېئالوگلارنى بايان
قىلىش ئەھۋالى كىشىنى راستلا بېزار قىلىدۇ.
يۇقاردىكىلەر ئاق بۈركۈت تورىدىكى توردىشىمىز سۈرخاننىڭ بايانىلىرىنىڭ بىر قىسىمى . ئەسلىي مەنبە: http://www.akburkut.com/eza/forum.php?mod=viewthread&tid=3819
ئاۋازلىق فىلىملەرنىڭ چىقىش يولى قەيەردە ؟
بۇ مەسىلىنى بىر قانچە نوقتىدىن تەھلىل قىلىشقا توغرا كىلىدۇ .
- يەرئاستى تەرجىمە گۇرۇپىللىرى يەنى پۇتۇن بىر كىنونى ئىككى ئادەم ياكى كۆپ بولسا ئۈچ تۆت ئادەملا تەرجىمە قىلىپ پۈتتۈرۈش .
- ئىقتىساد تېخنىكا مەسىلىسى .
- پىرىسلاش مەسىلىسى يەنى بىر دىسكىغا 10 دەك كىنونى پىرىسلاپ سېتىش .
- تورغا يوللاش مەسىلىسى بىر كىنونى تورغا يوللىغاندىن كىيىن ئەسلىدىكى چاپاق فىلىم تېخىمۇ چاپاق بۇلۇش.
- ئاۋاز بىلەن سۈرەت بىردەك بولماسلىق مەسىلىسى.
- دىئالوگ مەزمۇنغا ماس كەلمەسلىك مەسلىسى.
- ئېكراننىڭ ئۇ يەر بۇ يەرلىرىگە ئاساسلىق ئاستى تەرەپكە ئېلان قىستۇرۇش مەسلىسى.
- فىلىمنىڭ سۈزۈكلىك مەسىلىسى.
- ۋە باشقىلار
ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق فىلىملەرنى ئادەتتە كىملەر كۆرىدۇ ؟
مىنىڭچە بۇ بىزگە ناھايىتى ئېنىق . ئادەتتە :
- شۇ فىلىمنىڭ تىلىنى ئاساسلىق ئىنگىلىزچە ۋە خەنزۇچىنى تازا ياخشى بىلىپ كەتمەيدىغان ياكى پەقەت بىلمەيدىغانلار.
- ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمنى خېتى بىلەن كۆرۈشكە كۆنۈپ بولالمىغانلار.
- بىر قىسىم ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق فىلىمنى كۆرۈشكە ئامراق كۆرۈرمەنلەر.
- ۋە باشقىلار
جۈملىدىن
مەنمۇ ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق فىلىملەرنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىمەن . بۇرۇن
پات-پات دەيخانىلاردىن ئىجارە ئېلىپ كۆرەتتىم ، يېڭى فىلىم چىقسىلا كۆرۈپ
بولاتتىم . بارا - بارا كۆرمەس بولدۇم . سەۋەبلەر يۇقاردا دىيىلگەندەك .
ئەمدى قانچىلىغان تورداشلار ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق سۈزۈك فىلىملەرنى توردا ، يانفۇندا ، ۋە باشقا ئۈسكۈنلەردە كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ ؟
مۇشۇلارنىڭ
ئىچىدىكى بىرسى بىز . شۇڭا بىز ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق فىلىملەرنى توپلاشنى
قارار قىلدۇق . ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق سۈزۈك فىلىملەرنى توپلاپ ، توردا ھەقسىز
كۆرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى پىلانلىدۇق .
نۇرغۇنلىغان تورداشلاردا
ئۇزاقتىن بۇيان ساقلاپ كىلىۋاتقان ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق فىلىملەر بار ئەلۋەتتە
. بىز شۇ تورداشلاردىن قۇلىدا بار بولغان ئۇيغۇرچە فىلىملەرنى باشقا
تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى سورايمىز. بۇ يەردە ھېچقانداق ئىقتىسادىي
مەنپەت كۆزدە تۇتىلمايدۇ .
ئۇيغۇرچە سۈزۈك فىلىملەردىن مىسال :
http://ali.ug/
ئەسكەرتىش : بارلىق فىلىملەرنى توردا ھەقسىز كۆرۈشكە تەمىنلەيمىز !
تېما يوللاش كۆزنىكىدە بىۋاستە يېزىشىم ، ئىملا خاتلىقى بولسا كەچۈرگەيسىلە .
ئالاقىلىشىش چ چ : 348581707
ئېلخەت : ali@mail.ali.ug
ئۇيغۇرچە
ئاۋازلىق فىلىملەر ئۈچۈن تۆھپە قۇشۇڭ ، ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق فىلىملەرنى
توردا ، يانفۇندا بىۋاستە كۆرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن دوستلىرىڭىزغىمۇ
تەشۋىق قىلىپ قۇيۇڭ . رەھمەت!
كىچىككىنە قىسقا سۇئال :
تېلۋىزىيە
ئىستانسىدا ئىشلەيدىغانلار بولسا ياكى دوستلىرىڭلار بولسا سوراپ بەرگەن
بولساڭلار ، شۇلار تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق فىلىملەرنى باشقىلارغا
تەمىنلەپ بېرەمدۇ يوق ؟ شىتاتسىز تەرجىمانلارنىڭ فىلىملىرىنى داۋاملىق قوللايمەن ،ئالى تىلەكلەرنى تىلەيمەن. سەۋەبى ناھاريىتى ئاددى ئۇلار ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىدىن مۇستەسنا ، خەلقىڭلار سىلەرگە مۇھتاج !! داۋاملىق ئالغا!! مەن بۇپىكىرىڭىزنىڭ قوش قوللاپ قۇۋەتلەيمەن، ھەم كۈچۈمنىڭ يىتىشچە ياردەمدە بۇلۇشقا مەن تەييار.
ھازىر كونا كىنولارنى قويماس بولۋالدى، مۇشۇ كونا كىنولارنىڭ سۇزۈك نوسخسىنى بىر تۆكىۋەتسە بۇلاتتى، يايما بازارلىرىدىكى 3يۈەنلىك ئەخلەت فىلىمىلار ئەمەس، تىلىۋىزىيە ئىسىتانسىدا ساقىلاقىلىق فىلىمىلارنى سىزدىگەندەك بىر يىغىساق بۇلاتتى،
مۇشۇ شەخسى تەرجىمە ئورونلىرى ئاۋاز بەرگەن كىنولار بىلەن تىلىۋزىيە ئىستانسىنىڭ پەرقى بەك چوڭ، بۇنى توغىرا چۇشىنىشكە بۇلۇدۇ، كاساپەتلەر ئاۋاز بەرگەن كىنودەك ئەمەس، بەلىكى ئاشۇ رولچى ئۆزى سۆزلەۋەتقاندەك بىرىدۇ، ئىسىمنى قىزىق قويىدىكەنلا، ‹توختىماي سۆي مېنى›، قورقمىغىن قىلچە›ھى ھى ھى لىكىن مۇشۇ تۈركىيەنىڭ قىسمىلىق كىنولىرىغا نەدىن ئاۋاز بىرۋاتىدۇ ئۇقمۇدۇم ،خىلى يۇقۇرى سۈپەتتە بىرلىگەن، ئاۋازلىرى بەك يىقىشلىق
1- قەۋەتتىكى koqahawiri1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شىتاتسىز تەرجىمانلارنىڭ فىلىملىرىنى داۋاملىق قوللايمەن ،ئالى تىلەكلەرنى تىلەيمەن. سەۋەبى ناھاريىتى ئاددى ئۇلار ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىدىن مۇستەسنا ، خەلقىڭلار سىلەرگە مۇھتاج !! داۋاملىق ئالغا!!
بۇ گەپكە ئەگەشتىم.
ئاۋازلىق فىلىمنىڭ چىقىش سۈرئىتى خەتلىكتىن قېلىشماۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدە ئاۋازلىق فىلىم خەتلىك فىلىمگە قارىغاندا كۆزنى چارچاتمايدۇ
بەت:
[1]