durak يوللانغان ۋاقتى 2012-11-10 18:15:48

گېرمانىيە ئالىمى : قەدىمىي مىسىر مەدىنىيەت ئىنقىلابىنىڭ تۈرتكىچىسى







ئالمانىيە ئالىمى : نېفىرتىتى قەدىمىي مىسىر مەدىنىيەت ئىنقىلابىنىڭ تۈرتكىچىسى

  مەشھۇر   گېرمانىيە ئارخېئولوگىيە ئالىمىنىڭ يېڭى تارىخىي تەتقىقاتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى ، قەدىمىي مىسىرنىڭ   ئەفسانىۋىي  خانىشى نېفىرتىتى (Nefertiti) ئۆز زامانىسىدا مەدىنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئاساسلىق  تۈرتكىچىسى بولغان .

  قەدىمىي مىسىر ئاسارە ئەتىقەشۇناس ئالىمى ھىرمان شىلوگىل  « جەنۇبىي ئالمانىيە گېزىتى »  گە مۇنداق دەيدۇ :  نېفىرتىتى مىسىر فىرئوۋنى ئاخناتوننىڭ جەزبىدار گۈزەل خانىشى  بولۇپلا  قالماي  يەنە  ئۆز زامانىسىدىكى مەدىنىي- سىياسىي ئىسلاھاتنىڭ كۈچلۈك تۈرتكىچىسى  بولغان . بۇلار  كەرنەك ئىبادەتخانىسىدا تېپىلغان قەدىمىي  قوليازمىلار  تەرىپىدىن ئىسپاتلاندى . شىلوگىل يېقىندا نېفىرتىتى تەتقىقاتى توغۇرلۇق ۋە ئۇنىڭ تەرجىمىھالى ھىسابىدىكى كىتابىنى نەشر قىلدى ،  بۇ كىتاپتا كەرنەك ئىبادەتخانىسىدىن تېپىلغان قوليازمىلار قايتىدىن تەرجىمە  قىلىنغان  ۋە مەنىسى چۈشەندۈرۈلگەن ، شىلوگىل مۇنداق  دەيدۇ : كىتاپتا نېفىرتىتىينىڭ  يېڭى  سىماسى كىتاپخانلار  كۆز  ئالدىدا پەيدا  بولىدۇ  . نېفىرتىتىي زامانىسىدا قوزغالغان مەدىنىيەت ئىنقىلابىنىڭ دەلىلى مىلادىيەدىن 14 ئەسىر  بۇرۇن مىسىرنىڭ  تۇيۇقسىز  ۋەخدانىيەت دىنىغا كىرىشىدۇر  دەپ زىكرى  قىلىدۇ  ئالىم ، ئۇ  يەنە  تولۇقلاپ  مۇنداق  دەيدۇ  : بۇ  ئەسىردىكى تونۇلغان ئىلاھنىڭ ئىسمى « ئاتون » بولۇپ ، نېفىرتىتىي « مەن ئىلاھ ئاتوننى تاپتىم » دەيدۇ  ۋە بۇنى  تەرغىپ  قىلىدۇ . ئارخولوگ  شىلوگىلنىڭ  چۈشەندۈرۈشىچە بۇ فېرئوننىڭ ئايالى نېفىرتىتىيغا  نىسبەتەن  ئېيتقاندا ئىنقىلاپ  خاراكتىرلىق ھادىسە .

  شىلوگىل مۇنداق  دەيدۇ ، تېپىلغان رەسىمدە نېفىرتىتىي پادىشاھلىق ئەرشىدە ئولتۇرغان ۋە فېرئون  بولسا  ئۇنىڭ قېشىدىكى ئاددى  ئورۇندۇقتا  ئولتۇرغان ،  بۇ  كۆرۈنۈشنىڭ ئۆزىمۇ  شۇ  دەۋرگە نىسبەتەن ئىنقىلاپ خاراكتىرلىق . شۇنى  كۆرسىتىپ  ئۆتۈشكە  ئەرزىيدۇكى نېفىرتىتىينىڭ يېرىم بەدەن ھەيكىلى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندىكى  موزېيخانىلار توپلاشقان رايوندىكى يېڭى  موزېيخانىدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان ، يېرىم ھەيكەل 1912- يىلى گېرمانىيە ئېكىسپىدىتچىيسى Ludwig Borchardt باشچىلىق قىلغان ئارخولوگلار  تەرىپىدىن مىسىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئىمارانا  تۆپىلىگىدىن تېپىلغان ۋە  گېرمانىيەگە مەخپىي يۆتكەپ كېلىنگەن . كېيىن مىسىر  گېرمانىيەدىن بۇ  ھەيكەلنى  قايتۇرۇپ  بېرىش توغۇرلۇق تەلەپ  سۇنغان ، ھازىرغىچە  ئىختىلاپ  مەۋجۇت .




   مەنبە : جوڭگو خەلقارالىق رادىيو ئەرەپچە  ئاڭلىتىش 2012-يىل 11-ئاي 8- كۈنىدىكى « پاناروما » پىروگراممىسىدىن  تەرجىمە  قىلىندى .


   ئىزاھ : نېفېرتىتىي (Nefertiti مىلادىدىن بۇرۇن 1370 - 1330- يىللار  ) مىسى فىرئوۋنى ئاخناتون ( ئەمىن خاۋتىپ 4 دەپمۇ تەرجىمە  قىلىنىدۇ )نىڭ خانىشى  بولۇپ  ئېرى  بىلەن بىللە ھۆكۈمرانلىق  يۈرگۈزگەن دەۋردە دىنىي  ئىسلاھات  ئېلىپ  بېرىپ قەدىمىي مىسىرنىڭ بارلىق ئەنئەنىۋى ئىلاھلىرىنى ئۆرۈپ  تاشلىغان ۋە  پەقەت « ئاتون» غىلا ئىبادەت  قىلىشقا  بولىدۇ دەپ  جاكالىغان .

  ئۇ  زامانىسىنىڭ گۈزىلى بولۇپ  دۇنيادا  مىسلىسىز  4 گۈزەل ئايالنىڭ  بىرى دەپ  تەرىپلىنىدۇ __ wikipedia

durak يوللانغان ۋاقتى 2012-11-10 19:07:41

تارىختىكى قەدىمىي مىسىر 18- سۇلالىسىنىڭ فىرئوۋنى « ئەمىن خاۋتىپ 4 » كۆرۈرمەنلەرگە ئانچە ناتونۇش بولمىسا كېرەك ، كەنئانلىق ئىبرانىي يۈسۈپ سىددىق ئىبن ياقۇب مىسىردا قۇللۇققا سېتىلغان دەۋردىكى مىسىر فىرئوۋنى .

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-11-10 21:48:53

قالغان ئۈچ گۈزەل كىملەركەن?

koxuk يوللانغان ۋاقتى 2012-11-11 10:29:36

بىرسى چوققۇم كېلىئوپاترا. كىنوسىمۇ بارغۇ، ئېلزابىت تەيلور رول ئالغان «مىسىر خانىشى » دەپ.

يەنە بىرسى «تىرويا» دىگەن كىنودىكى تىرويا مەلىكىسى خەيلۇنمىكىن. شۇ خوتۇننى دەپ تىرويا بىلەن سىپارتا ئون يىل ئۇرۇش قىلىدىغۇ.

ئۈچىنجىسى كىمكىن ياڭ گۈيفېي ؟  {:106:}   {:92:}

durak يوللانغان ۋاقتى 2012-11-11 11:20:22

4- سى قەدىمىي جوڭگودىكى شىشى دىگەن بىرى دەپتۇ ، لېكىن ئەسلى خەۋەرنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى قەدىمىي دۇنيادىكى ساھىبجاماللار توغۇرلۇق ئەمەس ئىكەن ...



بەلكىم قۇرئانى كەرىم قىسسىسىنى ئوقۇغان تورداشلارغا مەلۇم بولسا كېرەك ، ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىچە ( بۇ قىسسە كونا- يېڭى تەۋراتلاردىمۇ زىكرى قىلىنغاچقا يەھۇدىي ئالىملىرى ياكى خىرىستىيان ياكى مۇسۇلمان ئالىملار ) نەبىياللاھ يۈسۈپ ئىبنى ياقۇب مىسىردا ياشىغان دەۋر دەل قەدىمىي مىسىرنىڭ 18- سۇلالىسى فىرئوۋىنى ئەمىن خەۋتىب 4 ۋە نېفېرتىتىي ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋر دەپ تەتقىق قىلىشقان ، چۈنكى بۇ دەۋردە مىسىردا كۆپ ئىلاھلىق دىن يوقىتىلىپ تەۋخىد دىنى تەرغىپ قىلىنغان ، لېكىن بۇ ھەقتە تالاش- تارتىش مەۋجۇت ئىكەن ، ئەمما مەزكۇر ئالىمنىڭ تەتقىقاتى بۇ تارىخىي ۋەقەنى قەدىمىي ئىبادەتخانىدىن تېپىلغان قوليازمىنى تەرجىمە قىلىپ چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئىسپاتلاپ چىقىپتۇ ، بۇ بايقاش يېقىندا دۇنيا جاماەتچىلىگى نەزىرىگە مەركەزلەشكەن مۇھىم ئارخولوگىيەلىك بايقاش ئىكەن ... دەپ تەرجىمە قىلىپ يوللىغان . \"\"

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-11 16:54:58

مەنبە : جوڭگو خەلقارالىق رادىيو ئەرەپچە ئاڭلىتىش 2012-يىل 11-ئاي 8- كۈنىدىكى « پاناروما » پىروگراممىسىدىن تەرجىمە قىلىندى . دەيدىغۇ

دۇراك ئەپەندى ، رادىئودىن ئاڭلاپ تەرجىمە قىلغان بولسىڭىز راستلا قالتىسكەنسىز . قارىغاندا رۇسچىدىن باشقا ئەرەبچىنىمۇ خېلى ئوبدانلا بىلىدىكەنسىز . (قېنى ھېلىقى چاۋاك چالغان ئىپادە ؟)

  دۇنيا تارىخىدا تۆت چوڭ گۈزەل سايلاپ چىقىلغىنىنى بىلمەيدىكەنمەن ، ئەمما جوڭگۇ تارىخىدا تۆت چوڭ گۈزەل بارتى . ياڭ گۈيفىي ، دىياۋچەن ، شى شى ، ئاندىن ھېلىقى فىڭ خانىم دىگەن كىنودىكى فىڭ ئىكىس ئىكىس .



دۇراكنىڭ كىيىنكى ئىنكاسىدىكى ئارخىئولوگىيىلىك بايقاش توغرىسىدىكى ئۇچۇرمۇ بەك مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ بىرىكەن \"\"

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2012-11-11 17:49:53

3- قەۋەتتىكى koxukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يەنە بىرسى «تىرويا» دىگەن كىنودىكى تىرويا مەلىكىسى خەيلۇنمىكىن. شۇ خوتۇننى دەپ تىرويا بىلەن سىپارتا ئون يىل ئۇرۇش قىلىدىغۇ.

ئۈچىنجىسى كىمكىن ياڭ گۈيفېي ؟ \"\" \"\"



خەيلۇن-مۇشۇ ئىسىمنى بولسىمۇ قوش تىلدا دىمىسەكمۇ بولار، ئۆز تىلىدا دەيلى ھېلىن دەپ


مۇشۇ بەسەيلەر كىم بىر گەپ قىلسا مىسىردا  ئېشەك ئۆلۈپتۇ دىسە ئۆپكىسنى بىز قۇيغان دپ\"\"

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2012-11-11 17:55:55

ئاۋۇ ياڭ گۇيفېي دىگىنىنى مۇشۇلار قوشۇۋالغان ،دۇنيا ھەرگىزمۇ ئېتىراپ قىلمايدۇ بۇنداق خوتۇننى

بىر فىلىمدىن كۆرۈشۈمچە ياڭ گۇيفېي بەكمۇ ئىشقىۋاز،پاھىشە بىر ئايالكەن، ئۇ تاڭنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھىراۇللىرىدىن ئۆڭلۈكمۇ ياكى سۆيگۈنمۇ ئىشقىلىپ بىرسى بىلەن ئاشنىدارچىلىق قىلىپ كېيىن سېزىلىپ قېلىپ پادىشاھ تۇتۇپ قولغا ئلماقچى بولغاندا بۇ توپىلاڭ پارتلىغانلىقى توغرىلىق مەلۇمات بېرىلىپتىكەن

durak يوللانغان ۋاقتى 2012-11-12 09:38:37

پەقەت باشلانغۇچ سەۋىيەدىكى تىل ھەۋەسكارى ...



بۇ تارىخ ئالدىنقى يىللاردا تارقالغان ئىران قىسىملىق فىلىمى يۈسۈپ- زىلەيخانى كۆرگەنلەرگە تونۇشلۇق بىلىنىدۇ ، نېفېرتىتىي دىگەن خانىش شۇ فىلىمدىكى ئەمىن خاۋتىپ 4 نىڭ ئايالى ...
بەت: [1]
: گېرمانىيە ئالىمى : قەدىمىي مىسىر مەدىنىيەت ئىنقىلابىنىڭ تۈرتكىچىسى