يەل تۇرۇپ قالسا، قايسى ئۇسۇلنى قوللانسا ياخشى؟
2 كۈن بولاي دىدى ،بوينۇمنىڭ سول تەرىپىگە يەل تۇرۇپ قاپتىكەن ،شۇنداق بىئارام بوپ كىتىۋاتىمەن ،مۇنبەردىكى ھەر قايسىلىرىنىڭ مۇشۇ خىل كىسەلگە قارىتا مەنپەئەت قىلىدىغان ياخشى چارىلىرى بولسا ئايىماسلىقىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن...
دورىلىق چاپلاقنى ئىشلەتكەن ،دەسلەپتە قىزىتقاندەك قىلغان،كىيىن ھىچ ئۈنۈمى يوق
ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بېقىڭ، يەنە بولمىسا ئەگەر ئۈرۈمچىدە بولسىڭىز، خالىسىڭىز شىپاخانىمىزغا بىر ئۆتۈڭ . 1980441533چچ . بوينىڭىزنى چىداپ سولغا بۇراپ تىلۋىزوردىن خۇ رەئىسنىڭ دوكلاتىنى بىر ئاڭلاپ باقامسىز يا؟{:90:}چاقچاق...گۈلھەكىمنىلا ئىزدەڭ بولمىسا ،ئىزدىنىشنىڭ يۈزىنى قىلىپ ئوبدان داۋالاپ قويىدۇ . بىر كىشى بوينى ئاغرىپ بىر تەرەپكە قارىيالماس بوپقېلىپ، بىر تىۋىپنى ئىزدەپ بېرىپتۇ. ئۇ تىۋىپ ئوچاقتىكى ئوتنى لاخشىگىر بىلەن چوقچىلاۋاتقان ئىكەن. تىۋىپ قاپاقنى تۈرۈپ تۇرۇپ، ئوتتا قىزىرىپ كەتكەن لاخشىگىرنى ھېلىقى بىمارنىڭ قارىيالايدىغان تەرىپىدىن كۆزىگە بىرلا شىلتىپتىكەن، ئۇ بىمار ۋاي دەپلا بېشىنى تارتىپتۇ ۋە ئۆزىمۇ تۇيمايلا ساقىيىپ كېتىپتۇ.
سىزمۇ شۇنداق قىلدۇرۇپ باقامسىز يا{:92:}
4- قەۋەتتىكى esma0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
لوڭقا قويۇڭ. « پەيغەمبەر تىبابىتى » دىگەن كىتاپتا پاتاڭ ، مۆرە قاتارلىق جايلارغا لوڭقا قويۇش ئوبدانلا ئۈنۈم بىرىدۇ دىيىلگەن. دورىخانىلاردا كىچىك تىپتىكى سولياۋ قىتىشمىلىق ، كىچىك ناسوسلۇق لوڭقىلارنى ساتىدۇ. بۇنداق لوڭقىلارنىڭ ئەڭ ئەرزىنى 33كوي، داۋالىنىش كىنىشكىسىغىمۇ ئالغىلى بولىدۇ.
لوڭقىنى ئۇزاق تۇرغۇزسىڭىز يەل بەك ئېغىر بولسا باشتا توق سۆسۈن رەڭلىق بولۇپ، كېيىنچە سۇلۇق قەپراتقۇ چىقىدۇ. ئاندىن يىڭنىنىڭ ئۇچىنى ئوتتا دىزىنفىكسىيە قىلىپ، سۇلۇق قاپراتقۇلارنى تىشىۋىتىڭ. چىققان سۇنى پاكىز لوڭگە دىگەن سۈرتىۋىتىڭ. مۇشۇنداق قىلسىڭىز بويۇن ئاغرىقىدىن 100%قۇتۇلىسىز.
بەل پۇت ئاغرىقلىرىغىمۇ لوڭقا قويۇشقا بولىدۇ.
بۇ ئىنكاسنى قوللايمەن، قايسى بىر يىلى قان تەقدىم قىلغاندا ناسۇسلۇق لوڭقا سوۋغا قىلغان، شۇنى ھازىرغىچە ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمىز ، پەللە ئورنىنى دىگەندەك تېپىپ بولالمىساقمۇ چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىغا ئاساسەن قويۇپ ئۈنۈمىنى كۆردۇق.
ئىشلىتىپ بېقىڭ ! ۋاقتى-ۋاقتىدا يەل قۇيىۋېتىڭ{:90:}،
يولۋاس پىلاستىردىن ئېلىپ چاپلاپ قۇيسا بىر كۈندىلا ئۈنۈمى بولاتتى، ئەسمانىڭ گېپى ئۇرۇنلۇقكەن. كۈچەپ تۇرۇپ بىر يەل قۇيۇپ بىرىڭە بولمىسا...... كەچۈرۈڭلا بالام يوللىۋېتىپتۇ
ھەممىڭلارنىڭ قالدۇرغان ئۇسۇللىرىڭلارغا رەھمەت...
ئىىسىق ئۆتكۈزۈپ سەللىمازا ساقىيىپ كەتتىم
بىلگىنىڭنى ئەلدىن ئايىما ، بىلمىگەنگە كايىما
ساقايغىنىڭىز ياخشى بۇپتۇ ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم!
تۇز بىلەن كېپەكنى قازاندا قورۇپ قىزىتقاندىن كېيىن پاختا رەختكە ئېلىپ بوينىڭىزغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بېرىڭ!
ئاللا خاھلىسا تىزلا ئۈنۈم بېرىدۇ!
بەت:
[1]