qutyar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-9 12:02:40

كۈمۈش ئويناپ باقامدۇق ؟

2008-2009-يىللىرى پايچەك بىلەن فونىد قىزغىنلىقى بىر ئەۋجىگە چىققاندىن كىيىن مەن ساراڭ ئالتۇننىڭ گىپىنى چىقاردى ،شۇ ۋاقىتلاردا قىززىقىپ باققان بولساممۇ لىكىن ئوقۇغۇچى ۋاقىتلار ئالتۇنغا پۇل يوق توختاپ قالدىم .


خىزمەتكە چىققان ئىككى يىلدىن بىرى يىغىپ تۆشىگەن تۆت تەڭگە پۇلنى قانداق قىلىپ كۆپەيتىشنى تولاپ ئويلاپ كاللام قىتىپ تۇرغاندا ئالتۇن -كۈمۈش سودىسىنىڭ ئۇچۇرىنى ئاڭلاپ شۇنىڭغا قىززىقىپ قالدىم . ھەم سودا سانائەت بانكىسىدىن ھىساپ ئىچىپ يانچۇقتىكى پۇلغا چۇشلۇق كۈمۈش سودىسى قىلىپ باقتىم ، ئىشقىلىپ يامان ئەمەس كۈندە بىرەر يۈز يۇەندىن نەچچە يۈز يۇەنگىچە پايدا چىقىۋاتىدۇ . بۇ ئىشنى قىلىۋاتقىلى 7-8كۈن بولدى .500يۇەندىن كۆپرەك پايدا ئالغان ئوخشايمەن ،كۈندىلىك چاي تۇزنىڭ پۇلى چىقىپتۇ . ئەمدى ئىزدىنىشتا مۇشۇ ئىش بىلەن بۇرۇنراق ھەپىلەشكەنلەر بولسا گەپ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ قۇلاق پۇشۇرغاچ يىڭىلار بولسا با مەسلىھەت بىر ئىش قىلايلىمىكى دەپ ماۋۇ تىمىنى يىزىپ قويدۇم .


بۇ سودىدا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كىرەك ،ئۆسۈش چۈشۈشىنى نىمىگە ئاساسەن پەرەز قىلغىلى بولىدۇ ؟ مۇشۇ ھەقتە ئارىمىزدا قۇرۇلغان qqتوپلىرى بارمۇ ؟


ئەتىگەندىن كەچكىچە ئەقلىفۇندا ئۈندىدارنى ئىچىۋىلىپ ئەتراپىمىزدىكى قىزلارنى ئىزدەپ يۈرگىچە ئارىلاپ كۈمۈش بازىرىغا قاراپ چۈشكەندە ئىلىپ ،ئۆسكەندە ساتساق بۇمۇ بىر ئىشكەن قىززىقىدىغانلار بىر پاراڭلىشىپ باقايلى .

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-9 13:01:23

پايدا ئالغىنىڭىز ياخشى بوپتۇ، ئەمما بۇ بازاردا ئويناۋاتقان ھەر ئون ئادەمنىڭ ئىچىدە سەككىز ئادەم زىيان تارتىدۇ، بىر ئادەم ئىزلىشىدۇ، بىر ئادەم پايدا ئالىدۇ. بۇ ئاكسىيە ياكى ئالتۇن كۈمۈش بازىرىنىڭ قانۇنىيىتى. شۇڭا ئەگەر مۇمكىن بولسا ئوينىماي، باشقا قول سېلىپ تەر ئاققۇزۇپ پۇل تاپىدىغان ئىشقا مەبلەغ سېلىڭ،

ئوينىغانلىقى ئادەم پايدا ئالسا كىشىلەر جاپادا ئىشلەپ نېمىش قىلىدۇ،

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

bugday يوللانغان ۋاقتى 2012-11-9 16:52:38

ھېيييييييي، ئالتۇن، كۆمۈش، قەرەللىك مال، پىرىۋوت، پايچىكى، فۇنىد،......بۇ لاردىن ئىزچىل پايدا ئېلىش تەس جۇمۇ.



مۇشۇ تور بەتتە يازدا بالام ئاغرىپ قالدى دەپ تېما يوللىغان،ئۈرۈمچىدە سىنتاش شىركىتىمۇ ئىش قىلىپ بىر شىركەت قۇرغان بىر خانقىز بار، شۇ بۇنداق سودىنىڭ ئۇچۇر بۇجۇرىغىچە بىلىدۇ.

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-11-9 18:15:40

ئالتۇن، كۈمۈش سودىسى نەخمۇ -نەخ، قولمۇ - قول بولىشى كېرەك. توردىن تىجارەت قىلغان ئالتۇن، كۆمۈش سودىسى نەخمۇ- نەخ، قولمۇ - قول بولمىغاچقا شەرئىگە خىلاپ بولىدۇ. ئۇنداق تىجارەتتە پايدا ئاز، زىيان كۆپ بولىدۇ. پايدا بولغاندىمۇ بەرىكەتسىز بولىدۇ. شۇڭا ئالتۇن، كۆمۈش سودىسىنى توردا قىلغانلار ئوبدان ئويلانمىقى لازىمدۇر. مەن بىلىپ، توردا ئالتۇن سودىسى قىلىپ نەچچە مىليون زىيان تارتقانلارمۇ بار.



ئۇندىن باشقا، توردىكى ئالتۇن، كۆمۈش سودىسىدا بىزنى سودا سۇپىسى بىلەن تەمىنلىگەنلەر پەقەت ئارىدىن پايدا ئالىدۇ( ئېلىپ - سېتىش ئارلىقىدا 10 تىيندىن 80 تىينغىچە پەرىق شۇلارنىڭ پايدىسى بولىدۇ. ھەرگىزمۇ ئۆسۈپ - چۈشۈشتىن پايدا ئالمايدۇ.). ئۆسۈپ - چۈشۈشتىن قالىدىغان ئاخىرقى پايدا ۋال سېرت كوچىسىدىكى كاپىتاللارغا بولىدۇ.

~Qawandaz~ يوللانغان ۋاقتى 2012-11-10 00:19:08

1- قەۋەتتىكى bahwan0998نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پايدا ئالغىنىڭىز ياخشى بوپتۇ، ئەمما بۇ بازاردا ئويناۋاتقان ھەر ئون ئادەمنىڭ ئىچىدە سەككىز ئادەم زىيان تارتىدۇ، بىر ئادەم ئىزلىشىدۇ، بىر ئادەم پايدا ئالىدۇ. بۇ ئاكسىيە ياكى ئالتۇن كۈمۈش بازىرىنىڭ قانۇنىيىتى. شۇڭا ئەگەر مۇمكىن بولسا ئوينىماي، باشقا قول سېلىپ تەر ئاققۇزۇپ پۇل تاپىدىغان ئىشقا مەبلەغ سېلىڭ،

ئوينىغانلىقى ئادەم پايدا ئالسا كىشىلەر جاپادا ئىشلەپ نېمىش قىلىدۇ،



پۇتى بولسا ماڭغۇدەك ، قانېتى بولسا ئۇچقۇدەك ئىنكاس !

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2012-11-10 07:00:15

بىرمەزگىللىك باھا يۈزلىنىشىگە قارىغاندا 5.8سومدىن تۆۋەن بولسا بىخەتەر، 6.5سومدىن كىيىن خەتەرلىك، 7 سومغىچە تۇتۇپ تۇرۇش سىزدىن باتۇرلۇق تەلەپ قىلىدۇ.

بانكىغا تۆلىگەن ھەققە قورساق ئاغرىمىسا قىسقا مەزگىللىك ئويناش بىخەتەر، زىياننى چوقۇم كونترول قىلىش كېرەك ! ساقلاپ يېتىۋېرىشكە بولمايدۇ. بىخەتەر رايۇنغا كىرگەندە ئەپ قويۇپ ئۇزۇن مەزگىللىك ئويناش( ھازىرقى يۈزلىنىش بويىچە 3-6 ئاي) مۇ بولۇپ قويىدۇ.



باھاسى ئالتۇننىڭ باھاسىغا قاراپ ئۆزگىرىۋاتىدۇ، چىقىش-چۈشۈش نىسبىتى پەرىقلىنىدۇ، ئەمما يۈزلىنىشى ئوخشاش كېتىۋاتىدۇ.

peshpayi يوللانغان ۋاقتى 2012-11-11 11:20:02

بۇ تىمىغا سودىگەرلەر كىرسە بولغىدەك بىز دىھقانلار بىر نىمە دىيەلمىگۇدەكمىز

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2012-11-11 20:19:43

بۇنداق سودىدا ساتسڭىزمۇ پۇشايمان قىلىسىز،ساتمىسڭىزمۇ پۇشايمان قىلىسىز..
بەت: [1]
: كۈمۈش ئويناپ باقامدۇق ؟