tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-11-8 15:05:36

ئوردۇ تىلى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

كۆپىنچىمىز ھىندىستان ياكى پاكىستاندا ئىشلەنگەن كىنولارنى كۆرگەندە كىنودىكى كىشىلەرنىڭ بىر قىسىم سۆزلىرىنىڭ تىلىمىزدىكى بىلەن ئوخشاشلىقىدىن ئەجەبلىنىمىز، - دە، ئۇيغۇرچە بىلەن ئوردۇ ۋە ھىندىچىلارنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى باردۇ، دەپ ئويلاپ قالىمىز. ئەمەلىيەتتە تارىختىكى تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى، بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيچە(تۈركىي تىللار)، ئەرەبچە، پارسچە، ئوردۇچە، ھىندىچە قاتارلىقلاردا خېلى كۆپ قىسىم سۆزلەر ئورتاق ئىشلىتىلىدۇ. ئەمدى، ئەسلى سۆزىمىز ئوردۇ تىلى توغرىسىدا تۆۋەندىكى يازمىنى كۆرۈپ باقايلى:



ئوردۇ تىلى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە


«ئوردۇ» دېگەن سۆز تۈركىي تىلىدا «قۇشۇن، ئەسكەر، ئوردا»  مەنىلىرىدە بولۇپ، ئوردۇ تىلى ھىندىستاندا تۈركىي خەلقلەر ئىمېراتورلىقى ھۆكۈمىرانلىق قىلغان دەۋر(تەخمىنەن مىلادى 1520-يىللىرى)دە ئىمپېرىيە قوشۇنلىرىنىڭ تىل مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يۈزىسىدىن ھىندىچە، ئەرەبچە، پارسچە، ۋە تۈركىي تىللىرىنىڭ لۇغەت تەركىبىدىكى ئەسكەرلەر ئىچىدە ھەر قايسى مىللەتلەرگە چۈشىنىشلىك ۋە ئومۇملاشقان سۆزلەرنى قوبۇل قىلىپ ھەم شۇ تىللارنىڭ قائىدە قانۇنىيەتلىرىنى ئاساس قىلىپ تۈزۈپ ئىجاد قىلىنغان. بۇ تىل يېڭى ئىجاد قىلىنغان چاغدا ئەسكەرلەر ئارىسىدا ۋە ئوردا ئىچىدە قوللىنىلغان، كېيىنچە ئەل ئىچىگە كېڭەيگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تىلنى «ئوردۇ(ئوردا، قۇشۇن) تىلى» دەپ ئاتىغان، بۇ تىلنىڭ تارىخى ئانچە ئوزۇن بولمىغان بولسىمۇ ھازىر دۇنيادا چوڭ تىللار قاتارىدا مەيدانغا چىقماقتا.


بۇ تىل ھازىر پاكىستان، ھىندىستان، بىنگال، نېپال، قاتارلىق دۆلەت ھەمدە غەربتىكى، ئافرىقىدىكى بەزى دۆلەت، مىللەتلەر ئارىسىدا قوللىنىلىدۇ.


ئوردۇ تىلى لىكسىكىسى- ئوردۇ تىلىدىكى سۆزلەرنى تەتقىق قىلىدۇ. ئۇ ھىندىچە، ئەرەبچە، پارسچە، تۈركچە ۋە ئىنگلىزچىدىن سۆز قۇبۇل قىلغاچ ئۇنىڭ لۇغەت تەركىبى ئىنتايىن مول ھىسابلىنىدۇ.


ئوردۇ تىلى يېزىقى، ئەرەب ئېلىپبەسىنى ئاساس قىلغان يېزىق، ئۇلار ئەرەب، ھىندى، پارس يېزىقلىرىدىن ئېلىنغان. ئوردۇ تىلى ھازىر دۇنيادا ھەر قايسى جەھەتلەردە تونۇلىۋاتقان ھەم تەرەققىي قىلىۋاتقان تىلدۇر.




شىنجاڭ پەن- تېخنىكا سەھىيە نەشرىياتى 1992-يىلى نەشىر قىلغان «ئوردۇ تىلىدىن ئاساس» ئاتلىق كىتابتىن ئېلىندى.




xatmen يوللانغان ۋاقتى 2012-11-8 16:52:36

داۋابى گام ناھى ، مىرى خۇدا ھاۋانالاگى ................. \"\"

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-11-8 19:43:21

دۇنيادا 5 مىليۇن پاكىستانلىقتىن سىرىت 40 مىليۇن ئادەم ئوردۇ تىلىدا سۆزلىشىدۇ ياكى 2- ئانا تىلى دەپ بىلىدۇ. ھىندىستاندىكى 30 مىليۇندىن ئارتۇق مۇسۇلمانلارمۇ ئوردۇ تىلىدا سۆزلىشىدۇ . ئوردۇ تىلى ئاساسەن ھىندى تىلىغا ئوخشاپراق كىتىدۇ ، پەرقى شۇكى ، ئوردۇ تىلى ئەرەپ-پارىس ئىلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۆزگەرتىلگەن ھەرىپ بىلەن يىزىلىدۇ، ھىندا يېزىقى بولسا سانسىكرىت ھەرىپى بىلەن يىزىلىدۇ، ئوردۇ تىلىدا ئەرەپ -پارىسچە ئاتالغۇلارۋە تۈرۈكچە سۆزلەر كۆپرەك، ھىندى تىلىدا قەدىمكى ھىندىچە سۆزلەر كۆپرەك.

ئەمەلىيەتتە ئوردۇ تىلى ماھىيەتتە ھىندى تىلىنىڭ بىر خىل دېئالىكتى ھېسابلىنىدۇ.

ئوردۇ دېگەن سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى «گازارما» دېگەنلىك بولىدۇ !

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2012-11-10 07:11:08

ئۇنداقتا، ئوردۇ تىلىنى بىلسە، ھىندى تىلىنى چۈشىنەلەيدۇ، دېگەن گەپمۇ؟
بەت: [1]
: ئوردۇ تىلى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە