mingoy يوللانغان ۋاقتى 2012-11-7 14:23:55

ئەھەد داۋۇتنىڭ يېڭى كىتابى : « كۈسەن مەدەنىيىتى گىرۋەكلىرىدە » نەشردىن چىقتى

      ئەھەد داۋۇتنىڭ  "  كۈسەن مەدەنىيىتى گىرۋەكلىرىدە " ناملىق يېڭى كىتابى بۇ يىل 9 - ئايدا  شىنجاڭ پەن - تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى . بۇ كىتابنى نەشرگە ئۇيۇشتۇرۇشنى ئىجتاھاتلىق ۋە مول - ھوسۇللۇق تارىخ تەتقىقاتچىسى ئادىل مۇھەممەد تۇران ئەپەندى پىلانلىغان ، ئۇستاز ژۇرنالست قۇربان مامۇت مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەن بولۇپ ، كىتابقا ئاپتۇرنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىزدىنىشىنىڭ مەھسۇلى بولغان " كۈسەن ئۇسسۇلى يالىڭاچ ئۇسسۇلمۇ ؟ " ، " كۈسەننىڭ بۇددىزىم دەۋرىدىكى مائارىپ ئىدىيىسى ۋە بىر قىسىم تارىخىي نامايەندىلەر " ، " يازغاننىڭ پايدىسى يوقمۇ؟ " ، " ئۇۋالچىلىقتا قېلىۋاتقان ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز توغرىسىدا " ، " تەسكەي پاراڭلىرى "... قاتارلىق 18 پارچە ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ، بۇ كىتاب كۈسەن مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشتە بەلگىلىك ئىلمىي قىممەتكە ئىگە بولغان ئاپتۇرنىڭ يېڭى بىر ئەمگەك مېۋىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ .

jallat يوللانغان ۋاقتى 2012-11-7 15:44:14

دوستۇم ئەھەد داۋۇتنىڭ «كۈسەن مەدەنىيىتى گىرۋەكلىرىدە »ناملىق تەتقىقات كىتاۋىنىڭ نەشىر قىلىنغانلىغىغا مۇبارەك بولسۇن .

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-11-7 20:04:57

مۇبارەك بولسۇن! مېنىڭ بىلىشىمچە ئەھەت داۋۇت ئىلگىرى ‹كۇچار خەلق ناخشا تېكىستلىرى› ناملىق بىر كىتاب نەشىر قىلدۇرغانىدى. شەخسەن ئۈمىدىم ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مەدەنىيەت ، سەنئەت تەتقىقاتىغا دائىر ئەسەرلەرنى تېخىمۇ كۆپلەپ يېزىپ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا يەنىمۇ كۆپرەك كۈچ چىقىرىشىنى، تېتىملىق ئەسەرلىرىنى ئۈزۈپ قويماسلىقىنى شۇنداقلا كۇچاردىكى باشقا تىرىشچان قەلەمكەشلەردىن نىياز ئىمىن، ئوسمان ھۇشۇر، ئابلىكىم ئەبەيدۇللا، ئەخمەت كېبىر، قەيسەر كېبىر، رۇقىيە ئابدۇللا ، پاتىگۈل نىياز، پاشاگۈل ئىسمايىل... قاتارلىقلارنىڭمۇ ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

paradocs يوللانغان ۋاقتى 2012-11-8 08:54:02

ئەھەت داۋۇت ئىجداھادلىق قەلەم ئېگىسى بولۇپلا قالماي، كۈسەنشۇناس. ئۇ يەنە كۈسەن دىيارىدىكى تالانىتلىقلارنى تەشكىللەش ساھىبى شۇنداقلا بۈگۈنكى ئۇيغۇر يېزىقىدا چىقىۋاتقان يەرلىك ژورناللارنىڭ سەركىسى بولۇشقا لايىق «كۈسەن مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ روياپقا چىقىشى ۋە بۈگۈنكىدەك زور ئالقىشقا ئېرىشىشدە زور تۆھپىگە لايىق بىر شەخىس.

  ئۇنىڭ كىتابىنى تېزراق ئوقۇشقا ئالىدراۋاتىمەن.

مۇبارەك بولسۇن، ئەھەد داۋۇت!

mingoy يوللانغان ۋاقتى 2012-11-8 10:47:45

gulhekim  مېنىڭ بىلىشىمچە ئەھەت داۋۇت ئىلگىرى ‹كۇچار خەلق ناخشا تېكىستلىرى› ناملىق بىر كىتاب نەشىر قىلدۇرغانىدى......

.......................................................



‹كۇچار خەلق ناخشا تېكىستلىرى›  ئەمەس ، « كۇچا خەلق ناخشىلىرى » ناملىق نوتا بىلەن تېكىست بىرلەشتۈرۈلگەن ، تېكىستى ئىككى خىل تىلدا بېرىلگەن مۇزىكا تەتقىقاتىغا دائىر كىتاب!

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-11-8 17:14:48

mingoy

نىڭ تۈزىتىش بەرگىنىگە رەھمەت. مېنىڭ ئېسىمدە قالغىنى بويىچە شۇنداق ئالغانىدىم. بۇ پەقەت ئەھەت داۋۇتنىڭ شۇ تۆھپىسىنى ئەسلىتىش يۈزىسىدىن ئېلىنغان مىسال ئىدى.

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2012-11-9 10:42:24

ئەھەد داۋۇد مېنىڭ مۇزىكا ئۇستازىم ئىدى
بەت: [1]
: ئەھەد داۋۇتنىڭ يېڭى كىتابى : « كۈسەن مەدەنىيىتى گىرۋەكلىرىدە » نەشردىن چىقتى