qasimjanosman يوللانغان ۋاقتى 2012-11-7 07:23:00

«تاش قەدەھ»ناملىق كىتاب نەشىردىن چىقتى

يازغۇچى مۇتىللا ئەبەد قىرانىنىڭ «تاش قەدەھ» ناملىق نەسىرلەر توپلىمى يېقىندا شىنجاڭ ياشلار ـ ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. بۇ توپلام  يازغۇچى مۇتىللا ئەبەد قىرانىنىڭ «تاش شەھەر» ناملىق كىتابىدىن كىيىن نەشر قىلىنغان 2-كىتابى .

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2012-11-7 09:05:22

مۇبارەك بولسۇن . تەبىركىلەيمەن .

kanjibay يوللانغان ۋاقتى 2012-11-7 10:05:31

مۇھەررىرلىك خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بۇلۇش سەۋەبىدىن، بىر كىتابنىڭ نەشر قىلىنىش جاريانىدىكى مۇشەققەت ۋە ئاۋارىچىلىكلەردىن تولۇق خەۋەردارمەن. شۇڭا، يازغۇچىنىڭ نەشر قىلىنغان بۇ كىتابلىرىنى تېخى ئوقۇمىغان بولساممۇ، ئەمما ئىجادىيىتىنىڭ يورۇقلۇققا چىققىنىنى تەبرىكلەيمەن.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-11-7 15:35:08

مېنىڭچە دىيارىمىزدا بىر كىتاپنىڭ يېزىلىشىغا قارىغاندا، ئۇنىڭ ھەر قايسى تارماقلاردىن ئۆتۈپ، ئاخىرى نەشردىن چىقىشى ھەممىدىن تەسمىكىن دەيمەن.

دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى چۈشەندۈرىدىغان بىر كىتاپ يازغان ئىدىم، يېرىم يىلدەك بولدى، تېخى نەشرىياتتا ياتىدۇ.

kanjibay يوللانغان ۋاقتى 2012-11-7 16:21:37

3- قەۋەتتىكى koktashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مېنىڭچە دىيارىمىزدا بىر كىتاپنىڭ يېزىلىشىغا قارىغاندا، ئۇنىڭ ھەر قايسى تارماقلاردىن ئۆتۈپ، ئاخىرى نەشردىن چىقىشى ھەممىدىن تەسمىكىن دەيمەن.

دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى چۈشەندۈرىدىغان بىر كىتاپ يازغان ئىدىم، يېرىم يىلدەك بولدى، تېخى نەشرىياتتا ياتىدۇ.

ئەسسالام قېرىندىشىم: ئالدى بىلەن نەشردىن چىقمىغان بولسىمۇ لېكىن نەشرىياتقا تاپشۇرۇلغان كىتابىڭىز ئۈچۈن سىزنى تەبرىكلەيمەن. ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقى سىلەردەك قىزغىن ئاپتورلار قوشۇنىغا تولىمۇ موھتاج. بۇ يەردە كىتابلارنىڭ نەشر قىلىنىش مۇددەت-سۈرىكى ھەققىدە ئۆزۈم بىلگەننى كۆپچىلىك بىلەن ئازراق ئوتاقلىشاي. نەشرىياتقا كەلگەن كىتابلارنى مەسئۇل مۇھەررىر بىلەن باش مۇھەررىرلەر  بىرلىكتە كۆرۈپ، كىتابنىڭ يېزىلىش ياكى تەرجىمە قىلىنىش سەۋىيەسىنى باھالاپ، دەسلەپكى قەدەمدە بۇ كىتابنى ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتمەسلىكنى بېكىتىدۇ. ئاندىن بۇ كىتاب شۇ نەشرىياتنىڭ پەسىللىك ياكى يىللىق تېماتىك پىلاننى بېكىتىش يىغىنىدا يەنە بىر قېتىم تەستىقتىن ئۆتىدۇ.(ھازىر ئايدا بىر قېتىم مۇشۇنداق تېما مۇزاكىرىسى بولىدۇ)  بۇ يىغىندىن كېيىن نەشرىيات بۇ كىتابنى چىقىرىشنى رەسمىي قارار قىلغان بولسا، ئاندىن مۇناسىۋەتلىك جەدىۋەللەر، يەنى، ئاپتورنىڭ (تەرجىماننىڭ )تەرجىمىھالى، كىتابنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى، فورماتى، پىلانلىغان نەشر قىلىش ۋاقتى قاتارلىقلارنى توشقۇزۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللايدۇ. ئىجادىي كىتابلارنى  ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ ئوقۇپ-تەكشۈرۈش باشقارمىسى مۇتەخەسسىسلەرگە ئوقۇتۇپ، ئاندىن تەستىقلايدۇ. بۇ ئىدارىدىن تەستىق چۈشكەندىن كېيىن، كىتابنىڭ بېتى ياسىلىدۇ، مۇقاۋىسى لايىھەلىگۈچىگە تاپشۇرۇلىدۇ، كىتابقا مەسئۇل بولغان مۇھەررىر كىتابنىڭ دەسلەپكى تەھرىرلىكىنى تۈگىتىپ، مۇئاۋىن باش مۇھەررىرنىڭ تەھرىرلىشىگە سۇنىدۇ، ئاخىرىدا باش مۇھەررىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەكشۈرۈلىشىگە سۇنىلىدۇ.(ئارىلىقتا كوررېكتورلۇق ئۆتكىلىمۇ بار). باش مۇھەررىر بېسىلسا بولىدۇ دەپ ئىمزا قويغاندىن كېيىن، ئاندىن نەشر بۆلۈمىگە تاپشۇرۇلىدۇ. ئەلۋەتتتە بۇ ئارىلىقتا مەسئۇل مۇھەررىر يەنە مۇناسىۋەتلىك جەدىۋەللەرنى توشقۇزۇپ، دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات باش مەھكىمىسىدىن كىتاب نومۇرى ئىلتىماس قىلىدۇ. بۇنىڭغا مەسئۇل مەخسۇس خادىملار بار. مۇشۇ جەرياندا كىتابنىڭ ئارگىنالىىنى مەسئۇل مۇھەررىر كەم دېگەندە ئۈچ قېتىم تولۇق كۆرىدۇ، سېلىشتۇرۇپ تۈزىتىدۇ. مۇشۇ باسقۇچلارغا قارىتا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايدىڭ بولدى، دەپ ئويلايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر نەشرىياتقا كېلىۋاتقان كىتابلارنىڭ سانى كۆپ، ئەلۋەتتە بۇ يەردە ئۇلارنىڭ سۈپىتى ھەققىدە سۆزلەش ئارتۇقچە. شۇنداقلا تۈرلۈك ناملاردىكى كىتابچىلىق تۈر  قۇرۇلۇشىنىڭ كىتابلىرىمۇ كۆپ. سىياسى ۋەزىپە، جىددىي ۋەزىپە قىلىپ چۈشۈرۈلگەن كىتابلارمۇ ئەسلىدىكى نەشر قىلىنىش پىلانى بويىچە ئىشلەشكەۋاقىت جەھەتتىن تەسىر يەتكۈزىدۇ. مەسئۇل مۇھەررىرلەرنىڭمۇ پىلانلاپ قويغان كىتابلىرى بولغاچقا، يېڭى پىلانغا ئېلىنغان كىتابنى ئىشلەش ئۈچۈن چوقۇم ئالدىنقىسىنى تۈگىتىشى كېرەك. بۇ ھالدا كىتاب «نۆۋەت ساقلاپ» يېتىپ قالىدۇ.  نەشرىياتقا كىتاب تاپشۇرغان ئاپتورلار چوقۇم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆز كىتابىنىڭ پىلانغا كىرگەن-كىرمىگەنلىكىنى، تەستىقلانغان-تەستىقلانمىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئېنىق بىلىشى، مەسئۇل مۇھەررىر بىلەن كىتابىنىڭ نەشر قىلىنىش مۇددىتى ھەققىدە ئوچۇق بىلىشكە ئىگە بولۇشى كېرەك. ئەلۋەتتە، نەشرىياتلارمۇ بۇ ئۇچۇردىن خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرىدۇ. شۇنداقتىمۇ تەشەببۇسكار بولۇشنىڭ زىيىنى يوق. شۇندىلا، ئاپتورلارمۇ بىھۇدە رەنجىشلەردىن، چۈشىنىشسىزلىكلەردىن خالىي بولىدۇ.  ياخشى چۈشەندۈرەلمىگەن بولسام ئەيىبكە بۇيرۇماڭلار.

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2012-11-7 19:22:28

يۇقارقى مۇھەررىر ئەپەندىنىڭ بايانلاردىن قارىغاندا ئاپتونۇم رايوننىڭ كىتاپ چىقىرىش دۇنيانىڭ ئەڭ قاتتىق تەكشۈرۈش ،تەتقىق قېلىش ئۆتكەللىرىدىن ئۆتىشى ئىكەن .ئاپتورلارغا سەۋىر ۋە سالامەتلىك تىلەيمەن .

gewala يوللانغان ۋاقتى 2012-11-7 19:31:58

كىتابىم بالدۇر چىقسۇن دەپ پۇل سۈڭگىتىدىغان ئەھۋالمۇ بارمۇ؟
بەت: [1]
: «تاش قەدەھ»ناملىق كىتاب نەشىردىن چىقتى