paltahun يوللانغان ۋاقتى 2012-11-5 16:21:38

Windows 8 نى سېتىۋېلىش (248 يۈەن)

Windows 8 نى سېتىۋېلىش (248 يۈەن)



Windows 8 نى سېتىۋېلىش (ياكى ئىشلىتىش) ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك 2 خىل ئۇسۇل بار


(1) دەرىجە ئۆستۈرۈش

248 يۈەن ئېتىبار باھا بىلەن ھازىر ئىشلىتىۋاتقان Windows نىڭ نەشرىنى Windows 8 Pro (كەسپىي نەشرى)گە ئۆستۈرەلەيسىز. ناۋادا، 2012-يىل 6-ئايدىن باشلاپ، ماركىلىق كومپيۇتېر ئالغان بولسىڭىز، 98 يۈەن تاپشۇرۇپ، 7 Windows نىڭ نەشرىنى Windows 8 Pro (كەسپىي نەشرى)گە ئۆستۈرەلەيسىز.


(2) Windows 8 قاچىلانغان ماركىلىق كومپيۇتېر سېتىۋېلىش

مۇشۇ ئايلاردا يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان Sony, Dell, 联想،….قاتارلىق ماركىلىق كومپيۇتېر سېتىۋالسىڭىز، ئىچىدە Windows 8 ھەقىقىي نەشرى قاچىلانغان بولىدۇ. بۇ يەردە (2)-ئۇسۇلنى تونۇشتۇرمايمەن، ئۆزى ياقتۇرىدىغان ماركىدىكى خالىغان كومپيۇتېرنى سېتىۋالسا بولىدۇ.


بىرىنچى: دەرىجە ئۆستۈرۈش ئارقىلىق Windows 8 Pro (كەسپىي نەشرى)نى سېتىۋېلىش


ئالدى بىلەن سىزدە ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) ياكى Paypal ھېساباتى بولۇشى كېرەك (مۇشۇنداق ئېنىق دەپ تۇرساممۇ ئادەتتىكى بانكا كارتىلىرىدا سېتىۋېلىشقا بولمامدۇ دەپ سوئال سوراپ يۈرمەڭلار)، مەن پەقەت ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) ئارقىلىق سېتىۋېلىشنى تونۇشتۇرىمەن (مۇشۇنداق دەپ تۇرساممۇ يەنە Paypal دا سېتىۋېلىشنى نېمە ئۈچۈن تونۇشتۇرمىدىڭىز دەپ سوراپ يۈرمەڭلار)، شۇڭا ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) بېجىرمىگەنلەرنىڭ تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى كۆرمىسىمۇ بولىدۇ. ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) بېجىرىش ئۈچۈن، بانكىلارغا بېرىپ سۈرۈشتە قىلىڭ، بۇ يەردە جاۋاب بېرىپ بولالمايمەن، رەھمەت!


(1) ئالدى بىلەن تور كۆرگۈچ ئادرېس بالدىقىغا تۆۋەندىكى ئادرېسىنى كىرگۈزۈپ، Microsoft تور بېكىتىگە يۆتكىلىڭ.


http://windows.microsoft.com/zh-cn/windows/buy?ocid=GA8_O_MSCOM_Prog_FPP_Null_Null


بۇ بەتتىن 仅需 ¥248# 即可下载专业版 (پەقەت 248 يۈەن تاپشۇرۇپ، كەسپىي نەشرىنى دەرھال چۈشۈرۈش)نى بېسىپ، Windows8-UpgradeAssistant (دەرىجە ئۆستۈرۈش ياردەمچىسى)نى چۈشۈرۈڭ، سىغىمى 5.18MB



(2) Windows8-UpgradeAssistant (دەرىجە ئۆستۈرۈش ياردەمچىسى)نى قوش چېكىپ ئىجرا قىلىڭ.


(3) Windows8-UpgradeAssistant (دەرىجە ئۆستۈرۈش ياردەمچىسى) كومپيۇتېرىڭىزدىكى مەشغۇلات سىستېمىسىنى تەكشۈرۈپ، دەرىجە ئۆستۈرۈشكە بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بېرىدۇ ھەمدە ماسلاشمايدىغان (ياكى سىغىشمايدىغان) ئۈسكۈنە ياكى پىروگرامما (دېتاللار)نى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.


(4) كېيىنكى (下一步)نى باسسىڭىز، ساقلاپ قالىدىغان مەزمۇنلارنى تاللاش دىيالوگ رامكىسى ئېچىلىدۇ. بۇ يەردە 3 خىل تاللاش بار.


Windows تەڭشەكلىرى، خۇسۇسىي ھۆججەت ۋە ئەپلەر

پەقەت خۇسۇسىي ھۆججەتنى ساقلاپ قېلىش

ھېچقانداق مەزمۇنلارنى ساقلىمايمەن


بۇنىڭ ئىچىدىن 1-تاللاش يەنى Windows تەڭشەكلىرى، خۇسۇسىي ھۆججەت ۋە ئەپلەرنى ساقلاپ قېلىشنى تاللاڭ (تەۋسىيە قىلىمەن)، ئاندىن كېيىنكى (下一步)نى بېسىڭ.


(5) سىزگە ماس كېلىدىغان Windows 8 نىڭ باھاسى 248 يۈەن دېگەن ئۇچۇر چىقىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىن سېتىۋېلىش (订购)نى تاللاڭ.


(6) سىز زاكاز قىلغان مەزمۇن كۆرۈنىدۇ، ھېسابات قىلىش (结账)نى تاللاڭ.


(7) پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىش ئادرېسىنى تولدۇرۇپ، كېيىنكى (下一步)نى بېسىڭ


(8) پۇل تۆلەش ئۇسۇلىنى تاللايسىز، بۇنىڭ ئىچىدىن ئىناۋەت كارتىسى (信用卡)نى تاللاپ، كېيىنكى (下一步)نى بېسىڭ


(9) پۇل تۆلەش ئۇچۇرىدا يەنە ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) ئۇچۇرىنى تولدۇرۇپ، كېيىنكى (下一步)نى بېسىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىنى چوقۇم توغرا كىرگۈزۈڭ. مەھسۇلات ئاچقۇچى بۇ يەرگىمۇ ئەۋەتىلىدۇ.


(10) ئاخىرقى باسقۇچتا سىز زاكاز قىلغان ئۇچۇرلارنى جەزملەشتۈرىسىز.


(11) سىز بەرگەن زاكاز بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، يەنى بانكا كارتىڭىزدىن 248 يۈەننى تۇتۇپ قالىدۇ.


(12) مەھسۇلات ئاچقۇچىنى تەمىنلەپ بېرىدۇ. بۇ ئاچقۇچنى پۇختا ساقلاڭ، ئۇ يەنە ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىزغا ئەۋەتىلىدۇ.


(13) Windows 8 نى چۈشۈرۈشكە باشلايدۇ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا 2Mbs لىق توردىمۇ 1 سائەت 30 مىنۇت ئىچىدە چۈشۈرۈپ بولىدۇ، سەۋر قىلىپ ساقلاپ تۇرۇڭ.


مەن يەنە ISO ھۆججىتى ھاسىل قىلىش، ئوپتىك دىسكىغا ئويۇش ۋە بارماق دىسكىدىن قاچىلاش ئۇسۇللىرىنى يازىمەن. ئاندىن يەنە بۇ ئىنگلىزچە Windows 8 نىڭ تىلىنى خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچىگە تەڭشەش ئۇسۇللىرىنى مۇشۇ يەردە تونۇشتۇرىمەن. داۋامىغا دىققەت قىلغايسىز. لېكىن تۈزۈك ئىنكاس چۈشمىسە، بۇ تېمىغا قىزىقمايدىكەن دەپ داۋامىنى يازمايمەن.


(مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، بۇ تېمىنى خالىغان يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلىسىڭىز بولىدۇ)


مەنبە:http://www.alimahat.com/?p=2027


yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-11-5 16:50:47

ئۇزاقتىن زارىقىپ كۈتكەن Windows 8 نى ئىشلەتمەي مۇمكىنمۇ؟! شۇ تاپنىڭ ئۆزىدىلا چۈشۈرىۋاتىمەن…  {:92:}

ئىشخانا، ئۆي، تاختا كومپيۇتېر، يانفون ھەممىسىدە Windows 8 نى ئىشلىتىشنى نىيەت قىلىپ تۇرىۋاتىمەن، خۇدا خالىسا.

Windows 8 كومپيۇتېر مەشغۇلاتىمىزغا ئۆزگىچە ھوزۇر ۋە سالاپەت بېغىشلايدىكەن.

Windows 8 نىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزنى نېگىزىدىن قوللايدىغانلىقىنىڭ ئۆزىلا، ئۇنى ئىشلەتمەسلىككە ھېچقانداق باھانىمىز يوقلىقىغا يېتىپ ئاشىدۇ. \"\"

talmas يوللانغان ۋاقتى 2012-11-5 17:12:57

Proدىگىنىڭىز Professional نۇسخىسىمۇ؟


نىم بۇپتۇ مۇنبەرگە ؟يوللاشنى بۇيرىقىنى بىر بەرگەندەك قىلغان ،ئالتە قېتىممۇ يوللىنىپ كىتەمدۇ؟\"\"

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2012-11-5 17:24:19

ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئىشلەتكىنى قايسى بانكىنىڭ كارتىسى بولغىيتى. نۇرغۇن تورداشلار سودا سانائەت بانكىسىنىڭ ئىناۋەت كارتىسىنى ئىشلەتسەك خاتالىق چىقتى دەيدۇ.

gewala يوللانغان ۋاقتى 2012-11-5 17:45:46

مىنىڭ win7رىم ھالال ئەمەستى،248يۈەن بىلەنلا win8نى ئىشىلەتسەم بولامدۇ ياكى پۈتۈن باھاسى چىققاندا ئاندىن سېتىۋىلىپ ئىشلتەرمەنمۇ؟248 يۈەن ھەقىقى نەشىردىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە چىقىرىلغان ئىتىبار ھەقىچان.نەشىر كۆتۈرگۈچنىمۇ چۈشۈرۈپ،بانكا كارتامنى paypalغا باغلاپ  تەييار قىلىپ قويغان .ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدىم.ئوتتەك ئىشتىياق بىلەن ساقلاۋاتىمەن ئۇيغۇرچە win8نى.

Relax1 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-5 17:51:14

4- قەۋەتتىكى gewalaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مىنىڭ win7رىم ھالال ئەمەستى،248يۈەن بىلەنلا win8نى ئىشىلەتسەم بولامدۇ ياكى پۈتۈن باھاسى چىققاندا ئاندىن سېتىۋىلىپ ئىشلتەرمەنمۇ؟248 يۈەن ھەقىقى نەشىردىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە چىقىرىلغان ئىتىبار ھەقىچان.نەشىر كۆتۈرگۈچنىمۇ چۈشۈرۈپ،بانكا كارتامنى paypalغا باغلاپ  تەييار قىلىپ قويغان .ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدىم.ئوتتەك ئىشتىياق بىلەن ساقلاۋاتىمەن ئۇيغۇرچە win8نى.


  


مىنىڭمۇ win7رىم ھالال ئەمەستى
248يۈەن بىلەنلا win8نى
چۈشۈرۈپ ئىشلەتتىم، بولىۋىرىدۇ.




yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-11-5 18:37:07

3- قەۋەتتىكى paltahunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئىشلەتكىنى قايسى بانكىنىڭ كارتىسى بولغىيتى. نۇرغۇن تورداشلار سودا سانائەت بانكىسىنىڭ ئىناۋەت كارتىسىنى ئىشلەتسەك خاتالىق چىقتى دەيدۇ.

مەن سودا سانائەتنىڭ ئىناۋەت كارتىسىدا ئۇتۇقلۇق ھەق تۆلىدىم.

serqut يوللانغان ۋاقتى 2012-11-5 18:40:35

6- قەۋەتتىكى yukselنىڭ يازمىسىدىن نەقىل



مەن سودا سانائەتنىڭ ئىناۋەت كارتىسىدا ئۇتۇقلۇق ھەق تۆلىدىم.


مەن ھەق تۆلىيەلمىدىم، قارىغاندا چوقۇم 双币卡 بولسا ئاندىن نورمال پۇل تۆلىگىلى بولىدىغان ئوخشايدۇ.

serqut يوللانغان ۋاقتى 2012-11-5 19:39:16

بىر چاغلاردا توردا ئېلان چېكىپ پۇل تېپىپ يۈرگەن چاغلاردا PayPal ھېساباتىمغا نەچچە ئون دوللار پۇل كىرىپ قاپتىكەن. شۇنىڭدىن 39.37دوللار تۆلەپلا ئېلىۋالدىم، تولىمۇ خۇرسەنمەن!

tawlan يوللانغان ۋاقتى 2012-11-5 20:19:57

248ئ يۈەن پۇلۇم يوق، مەن ئۇبۇنتۇغا كۆچەي جۇمۇ.

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2012-11-5 20:40:38

بۇ تېما داۋاملىق دىققەت نەزىرىمدە بولىدۇ

سوئال:

توردىن چۈشۈرگەندىن كېيىن ISO ھۆججىتى ھاسىل قىلىپ ئوپتىك دىسكىغا ئويۇۋالغىلى ۋە شۇ ئاكتىپلاش نومۇرى( ئاچقۇچ نومۇرىدا) بىلە ھەر قانداق كومپىيۇتېرغا قاچىلىغىلى ۋە مەڭگۈ ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-11-5 20:45:51

ۋەھشىيغۇ!

مەنمۇ دەرىجىسىنى كۆتىرىش بولىقىنى پەقەت ھەقىقىي نەشىرنى تىزىملاپ سېتىۋالغانلارغىلا بولىدۇ دەپ يۈرۈپتىمەن، كومپيۇتېرنى يېڭىلىغاندا ھەقىقىي نەشىر قاچىلاش بىر ئاسان رىئاللىق بولۇپ قالغۇدەك بۇندىن كېيىن..





ئالدىنقى كۈنى ئىزدىسەم، «دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ سېتىۋېلىش» ۋە «قاچىلانغان كومپيۇتېر سېتىۋېلىش» تىن باشقا، ئايرىم سېتىۋىلىش ئۇسۇلىنى پەقەتلا بايقىمىغانتىم، ئوغرى win7 دىمۇ بولسا قاتتىق ياخشى ئىشكەن، بۇ چوقۇم Windows 8 نىڭ كۆرۈپ بېقىش نۇسخىسى قاچىلانغان كومپيۇتېرغىمۇ ماس كېلىدۇ، خاتىرە كومپيۇتېرغا قاچىلىغىنىم شۇ ئىدى، win8 بىلەن خېلى چىقىشىپ قالدىم.

قارىغاندا، «دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ سېتىۋېلىش» دىگەن ئۇقۇمنى، كومپيۇتېردا بار سىستېمىنى win8 گە ئۆزگەرتىپ قاچىلاش، دەپلا چۈشەنسەك بولغۇدەك، بۇنداق بولسا بۇ Win8 نى ئوغرى نەشىر قاچىلانغان كومپيۇتېرغىمۇ قاچىلاشتا توسالغۇ يوق دىگەن گەپكەنغۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە Relax1 بولىدۇ دەپتۇ، @Relax1 ، سىز ئۇنى مىكروسوفت تورىدا ئاكىتىپلاشقا دۈچ كەلدىڭىزمۇ؟





ئالىم ئەھەت مۇئەللىم مىكروسوفتنىڭ ئەپ دۇكىنى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى ئىگىلەپ بەرسە بوپتىكەن، مەسىلەن، ئەپلەرنى قانداق چىقىرىش توغرىسىدا..

tawlan يوللانغان ۋاقتى 2012-11-5 21:08:13

بىرسىڭلار win8 پەقەت 98 يۇەن دەپسىلەر، بىرسىڭلار 248 دەپسىلەر ، قايسىسى راست؟

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-11-5 21:30:38

98 دىگىنى ئوقۇغۇچى باھاسىغۇ دەيمەن.

RawajTap يوللانغان ۋاقتى 2012-11-5 22:41:55

ئىلقۇت بلوگىدىن كىچىككىنە ئېلان : \"\" \"\" \"\"

ئىلقۇتتىن ئىلاۋە:

ھەممىمىز كۆڭۈل بۆلىۋاتقان Windows 8 مۇ ئېلان قىلىندى. بۇ مەشغۇلات سىستېمىسى ئۆزىدىكى ئۆزگىچە يېڭىلىقلار ۋە ئالاھىدە ياخشى بولغان ئىقتىدارلار ئارقىلىق كەڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنى ئۆزىگە تارتىپ كەلدى. ئەينى ۋاقىتتا Windows 7 ئېلان قىلىنغاندا نۇرغۇن تورداشلار بىراقلا Windows XP دىن Windows 7 غا كۆچۈشنى خالىمىدى. چۈنكى بۇ يېڭىچە مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ Windows XP بولغان پەرقى زىيادە چوڭ بولغاچقا، كەڭ ھەۋەسكارلار دەماللىققا بۇ يېڭى سىستېما Windows 7 دا مەشغۇلات ئېلىپ بارالماي، گاڭگىراپ قالدى ۋە ئاخىرى كۆپ ساندىكى ھەۋەسكارلار سىستېمىسىنى يەنىلا Windows XP غا قايتۇرۇپ ئىشلەتتى. بۇ يەردە ھەۋەسكارلارنىڭ Windows 7 غا دەرھال كۆچەلمەسلىكى بۇ شاش ئاتنى قانداق مىنىشنى بىلەلمىدى. چۈنكى بۇ شاش ئاتنى قانداق كۆندۈرۈش، ئۆزىمىزگە قانداق خىزمەت قىلدۇرۇش ھەققىدە بىرەر جايدا سىستېمىلىق ماتېرىيال يوق ئىدى. شۇ ۋەجىدىن تا ھازىرغىچە ئارىمىزدا Windows 7 دىن ئىبارەت بۇ شاش ئاتنى مىنىپ باقمىغانلار نۇرغۇن. مانا ئەمدى نۇرغۇنلىرىمىز بۇ Windows 7 دىن ئىبارەت شاش ئاتنى مىنىشكە ئۈلگۈرمەي تۇرۇپ ئۇنىڭدىنمۇ چاپقۇر ئارغىماق ھېسابلانغان Windows 8 مەيدانغا چۈشتى. بۇ ئارغىماق ھەممىمىزنىڭ ئۇنى تېزدىن كۆندۈرۈپ ئۆزىمىزگە خىزمەت قىلدۇرۇشىمىزغا مۇھتاج. ھەممىمىز بىلىمىز، ئات ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ، ئۇنى مىنىشنى بىلمىسەك ئۇ ھالدا بىز ئۈچۈن ئادەتتىكى ئات بىلەن ئارغىماقنىڭ ھېچقانداق پەرقى بولمايدۇ. شۇڭا بلوگگىر تورداشلارنىڭ بۇ چاپقۇر ئارغىماقنى تېزدىن كۆندۈرۈپ، ھەقىقىي پەيزىنى سۈرۈشىگە پايدىلىق بولۇشىنى كۆزدە تۇرۇپ، بۈگۈندىن باشلاپ، مەزكۇر چاپقۇر ئارغىماققا ئائىت ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن «ئارغىماقنى كۆندۈرۈش قوللانمىسى (Windows 8 产品指南)» نى تەرجىمە قىلىپ، كەڭ تورداشلارغا سۇنۇشقا تۇتۇش قىلدى. تورداشلارنىڭ مۇۋاپىق تۈزىتىش پىكىرى بېرىشىنى ئۇمىد قىلىمەن.

———————————————————————–

تولۇق ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئىلقۇت بلوگىدىن كۆرۈڭ: \"\" \"\"  



http://blog.ilqut.com/index.php/archives/4003.html

RawajTap يوللانغان ۋاقتى 2012-11-5 22:45:25

10- قەۋەتتىكى elbilgeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ تېما داۋاملىق دىققەت نەزىرىمدە بولىدۇ

سوئال:

توردىن چۈشۈرگەندىن كېيىن ISO ھۆججىتى ھاسىل قىلىپ ئوپتىك دىسكىغا ئويۇۋالغىلى ۋە شۇ ئاكتىپلاش نومۇرى( ئاچقۇچ نومۇرىدا) بىلە ھەر قانداق كومپىيۇتېرغا قاچىلىغىلى ۋە مەڭگۈ ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟

سوئالىڭىزدا ئالىم مۇئەللىمنىڭ بلوگىدىكى ئىنكاسلاردا تەپسىلىي جاۋاب بېرىلىپتۇ.

RawajTap يوللانغان ۋاقتى 2012-11-5 22:48:04

12- قەۋەتتىكى tawlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىرسىڭلار win8 پەقەت 98 يۇەن دەپسىلەر، بىرسىڭلار 248 دەپسىلەر ، قايسىسى راست؟

98 يۈەن دېگىنى ئەگەر كومپيۇتېرىڭىزنى مۇشۇ يېقىنقى ئىككى ئايدا سېتىۋالغان بولسىڭىز 98 يۈەنگە نەشر كۆتۈرەلەيسىزغۇ دەيمەن. ئەمما 248 يۈەن دېگىنى مىكروسوفتنىڭ ھازىرقى مەزگىللىك ئېتىۋار باھاسى. بۇ باھا كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە كۈچكە ئىگىغۇ دەيمەن. شۇنداقراق ماتېرىيال كۆرگىنىم ئېسىمدە مېنىڭ....

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-11-5 23:59:48

7- قەۋەتتىكى serqutنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى yukselنىڭ يازمىسىدىن نەقىل



مەن سودا سانائەتنىڭ ئىناۋەت كارتىسىدا ئۇتۇقلۇق ھەق تۆلىدىم.


مەن ھەق تۆلىيەلمىدىم، قارىغاندا چوقۇم 双币卡 بولسا ئاندىن نورمال پۇل تۆلىگىلى بولىدىغان ئوخشايدۇ.

ئالىم مۇئەللىم بىزنىڭ ئېنىق چۈشىنەلمەيدىغانلىقىمىزنى بىلىپ، بىر ئوبدان ئۇيغۇرچە يېزىلغان تېمىسىدا 信用卡 دېگەن خەنزۇچە گەپنى قىستۇرۇپ ئۆتۈپتۇ بولمىسا -ھە!\"\"

Relax1 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-6 06:22:21

@baqka

مەن Win7نىڭ ئوغرى نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ چۈشۈرۈپ قاچىلىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرگەن ھۆججەتنى دىسكىغا ئويۇپمۇ قاچىلىغىلى بولىدۇ. Win نىڭ راس يالغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەن.

  قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن تورغا ئۇلاپ ئاكتىپلاشنى باسسام ئۆزى ئاكتىپلىدى، مەسىلە چىقمىدى.

قوشۇمچە:

ئىناۋەتلىك كارتىسى يوقلار مۇنداق سېتىۋالسا بولىدۇ. (مەن مۇشۇنداق سېتىۋالدىم)



1. ئىككى ئىلخەت، ئىككى تال كارتا نومۇرى 62 دىن باشلانغان بانكا كارتىسى تەييارلايمىز. بىرىنچى بانكا كارتىسىنىڭ ئىچىدە پۇل بار ھەم توردا پۇل تاپشۇرۇش كەسپى ئېچىلغان بولىشى كېرەك. ئىككىنچى بانكا كارتىسىنىڭ ئىچىدە پۇل بولمىسىمۇ ھەم توردا پۇل تاپشۇرۇش كەسپى ئېچىلمىغان بولسىمۇ بولىدۇ.

2. ئىككى ئى-خەت نى ئىشلىتىپ ئىككى paypal ھېسابى ئىلتىماس قىلىمىز. مەنزىل: https://www.paypal.com/c2/webapps/mpp/home



3. بىرىنچى paypal ھېسابىڭىزغا كىرىپ بىرىنچى بانكا كارتا نومۇرىمىزنى بىرىنچى paypal ھېسابىمىزغا باغلايمىز. ئاندىن ئىككىنچى paypal ھېسابىمىزغا 43دوللار يۆتكەيمىز(付款نىڭ ئىچىدىن). ئەسلى باھا 39.99دوللار، paypal رەسمىيەت ھەققى تۇتۇپ 40 دوللاردەك قالىدۇ.

4. ئىككىنچى paypal ھېسابىمىزغا كىرىپ پۇلنى تاپشۇرۋالىمىز ھەم ئىككىنچى بانكا كارتا نومۇرىمىزنى ئىككىنچى paypal ھېسابىڭىزغا باغلايمىز.

5. Wondows8 نى سېتىۋالىدىغان كۆزنەكتىن پۇل تاپشۇرۇش  ئۇسسۇلىنى paypal دەپ تاللايمىز، ئىككىنچى paypal ھىسابىمىزنى تولدۇرىمىز. چۈشۈرىمىز، قاچىلايمىز.

مەن مۇشۇنداق سېتىۋالدىم.

ئەسكەرتىش: تەپسىلاتى يېزىلمىدى، مەشغۇلات جەريانىدا دىققەت قىلىڭ.

puhra يوللانغان ۋاقتى 2012-11-6 09:14:07

بەك ياخشى تېما ئىكەن ئەلا باھاغا بىر ئاۋاز كەتتى.

    چۇقۇم سېتىۋالىمەن.بىراق مىنىڭ كومپىيۇتېرىمغا ماس كېلەمدۇ يوق بىلمەيمەن.سوپلىمىسى قانداق بولسا ياخشى بۇلىدۇ؟  كومپڭيۇتېرىمنىڭ كەينىگە يېزىلغان ئاچقۇچ نۇمۇر ئىشلىنەمدۇ ؟



    مىنىڭ كومپىيۇتېرىم  戴尔(Dell)I2320R-268 一体电脑 ئىدى. سەپلىمىسى   [   外理器 - Intel(R) Core(TM)双核 i3-2120 CPU @3.30GHz 3.30    4G内存 1TB硬盘 1G独显] . يېڭىدىن سېتىپ ئالغاندا  WIN 7 نىڭ ئالى دەرىجىە ئاىلە نۇسخىسىنىڭ 64 بىتلىق رەسمى ناشرى [   win7 64位高级家庭版  ] قاچىلاقلىق ئىدى. لېكىن قاتتىق دېسكا بىرلا رايون ئىكەن . شۇنىڭ بىلەن قايتا رايونغا بۈلۈپ WIN 7 نى قايتا قاچىلىغان ئىدىم لېكىن نورمال ئىشلىمىدى.تېلىۋىزور ئىقتىدارىدىنمۇ پايدىلىنالمىدىم. بولمىسا WIN 7 نىڭ ئاچقۇچ نۇمۇرى بار ئىدى. مەن سېتىۋالسام كومپىيۇتېرىمغا ماس كېلارمۇ؟

win7 64位高级家庭版 توردىن چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى تاپالمىدىم.
بەت: [1] 2
: Windows 8 نى سېتىۋېلىش (248 يۈەن)