دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل جايلار
دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل جايلار
ۋېكتورىيە شارقىراتمىسىVictoria Falls- ئافرىقا زامبېزى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدا، زامبىيە بىلەن زىمبابۇۋى چىگرىلىنىدىغان جايدا بولۇپ، كەڭلىكى 1700 مېتىر، ئېگىزلىكى 108 مېتىر كېلىدۇ، دۇنيادىكى داڭلىق شارقىراتمىلارنىڭ بىرى.

كامبېل پورتى -ئاۋىستىرالىيەدە بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل دېڭىزبويى قىيا تاشمەنزىرىلىرىنىڭ بىرى.

ئانتىراكتىدا- مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن ئانتىراكتىدا« كۆز يەتسىمۇ قول يەتمەيدىغان» جاي. « كۆز يەتسىمۇ قول يەتمەيدىغان» بولغاچقا بۇ قار-مۇز بىلەن قاپلانغانبۇ گۈزەل جايرىۋايەتلەردىكىدەك سىرلىق تۈس ئالغان.

پروۋېنسProvence-فىرانسىيەنىڭ شەرقى جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ئوتتۇرا دېڭىزغا تۇتاش، ئىتالىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ.دۇنياغا داڭلىق ئۈستىقۇددۇس ماكانى، داڭلىق ساياھەت رايونى.

شانگىرىلا shangri-la - تىبەت ئىگىزلىكىنىڭ جەنۇبىدىكى خېڭدۈەنشەن تاغلىرىنىڭ كىندىكى، يۈننەن، سىچۈەن، شىزاڭ ئۈچ ئۆلكە تۇتاشقان جايدا. تىبەت تىلىدا«بەخت-قۇت ماكانى» دىگەن مەنىدە.

تاھىتى ئارىلى Tahiti- جەنۇبى تېنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى فىرانسىيىگە قاراشلىق پولۇنىزىيە تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئىچىدىكى چوڭ ئارال. كىشىلەر تەرىپىدىن «جەننەتكە ئەڭ يېقىن ئارال» دەپ تەرىپلىنىدۇ.

بالى Bali ئارىلى-ھىندونېزىيە،ياۋا ئارىلى بىلەن 3.2 كىلومېتىر كېلىدىغان بوغۇز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ھىندونېزىيەدىكى بىردىنبىر ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان رايون، «پانىي ئالەمدىكى جەننەت» .

مالدىۋى- جەنوبى ئاسىياغا جايلاشقان بولۇپ، ھىندى ئوكياندىكى بىر ئارال دۆلىتى. 1200دىن ئارتۇق مارجان خادا تاش ئاراللىرىدىن تۈزۈلگەن.رومانتىك كىشىلەر تەلپۈنىدىغان ، رومانتىك مۇھەببەت ھېكايىلىرىگە باي ئورۇن.

بۇددالار سارىيى -بىرزاماندا مۇشۇ يەرنى تونۇشتۇرغان تەرجىمە تېما يازغان ئىدىم، ئارتۇق توختالماي. ئىسىمىنىبېسىپ كىرىڭ.

خوككايدو- تۆت پەسىل پەرقى ناھايىتى روشەن. ئەتىيازدا نورۇز گۈلى چېچىكى، شاپتۇل-ئۆرۈك گۈلى چېچەكلىرىبەس-بەستە ئېچىلىدۇ. يازدايەر يۈزىنى ئۈستىقۇددۇس، سېرىنگۈللەر قاپلايدۇ. كۈزدە ئالتۇن رەڭگە كىرىدۇ، قىشتا ئاق قار ، كۆك مۇزدىن لىباس كىيىدۇ.

سىتونھېنگ تاش تۈۋرۈكلىرى. (ماۋۇنىمۇ تەرجىمە قىپتىكەنمەن )

ئافېىنا قورغىنى- گېرىتسىيىدە،كىشىنى يىراق ئۆتمۈشكە باشلاپ بارىدۇ. (ماۋۇمۇ باركەن)

ۋاتىكان- دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دۆلەت، شەھەر ئىچىدىكى دۆلەت. رىم پاپاسى تۇرىدىغان ، كاتولىك دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى.

پالمېرا- سۈرىيە چۆللۈكىدىكى بىر بوستانلىق، دەمەشىقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان. قەدىمقى زاماندىكى مەدەنىيەت ئوچاقلىرىنىڭ بىرى، قەدىمقى شەھەرلەرنىڭ نۇرغۇن قۇرۇلۇشلىرى ساقلىنىپ قالغان. سەنئەت ۋە قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى جەھەتتىن قەدىمقى گېرىك ، پارس ۋە يەرلىك ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبلار زىچ بىرىككەن.

جىراش- ئىئوردانىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان شەھەر، ئىئوردانىيە تەۋەسىدىكى بىر قەدەر مۇكەممەل ساقلانغان قەدىمقى رىم شەھەرلىرىنىڭ بىرى.

مايا مەدەنىيەت ئىزلىرى. ( ئىلگىرى مايا مەدەنىيەت ئىزلىرىدىن بىرى بولغان تىئوتىخۇاكان توغۇرلۇق تېما يوللىغان ئىدىم، كۆرۈپ باقارسىلەر)


ئېروسالىم_ئۈچ چوڭ دىننىڭ مۇقەددەس جايى



سۇ ئۈستىدىكى شەھەر- ۋېنتسىيە

پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋى

ياۋروپانىڭ گۈلى- بارسلونا

نيۇيورك

سان-فرانسىېسكو

ھىمالايا تاغلىرى

ئافرىقىنىڭ سىمۋولى -كىلىمانجارو تېغى

ئالپنىس تاغلىرى- ياۋروپادىكى ئەڭ ئېگىز، ئەڭ ھەيۋەت تاغ تىزمىسى، بۇ يەرگە كەلسىڭىز ھاياجاندىن نەپەسلىرىڭىز توختاپ قالىدۇ.

ئېرلاندىيە

ئوتتۇرا دېڭىزدىكى مەرۋايىت- كىرىت ئارىلى

ئاندىس تاغلىرى- ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئۇمۇرتقىسى، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن تاغ تېزمىسى

ئىستانبۇل- شەرق ۋە غەرپنىڭ گۈزەللىكلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن شەھەردىن دۇنيادا ئىستانبۇلدەك يەنە بىرىنى تاپقىلى بولمايدۇ. سۈرەتتىكىسى ئايا سوفىيە مەسچىتى

روكىي تاغلىرى

كولورادو جىلغىسى

مېكىنلىي تېغى- شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئەڭ ئىگىز چوققا، ھىندىئان تىلىدىكى مەنىسى «قۇياشئۆيى»

ئۈمىد تۇمشۇقى

سالزبۇرگ- ئاۋىستىرىيەدە،بۇ شەھەردە مۇزىكا مەڭگۈلۈك تېما.

ئارچېس تاش قوۋۇقى، ئامېرىكا يۇتا شىتاتىدا

ئاۋىسترالىيە ئالتۇن ساھىلى، ئاۋىسىترالىيەنىڭ شەرقى دېڭىز بويلىرىدا بولۇپ، تۆت پەسلىنىڭ ھەممىسىدە ساياھەت قىلىشقا باب كېلىدۇ، 8-ئايدىن كېلەر يىلىنىڭ 1-ئېيىغىچە ئاۋىستىرالىيەنىڭ ياز پەسلى بولغاچقا، بۇ چاغدا سۇغا چۆمۈلۈشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى.

سەھرايى كەبىر چۆللۈكى

ئايېرس گىگانت تېشى- دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تاش، ئاۋىستىرالىيىدە بولۇپ، ئۇزۇنلىقى 3 كىلومېتىر، يەر يۈزىدىن ئىگىزلىكى 348 مېتىر، ئايلانمىسى 9 كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئېتنا يانار تېغى، ئىتالىيە سىسىلىيە يېرىم ئارىلىدا

ئەنجىل (پەرىشتە) شارقىراتمىسى- ۋېنسوئىلانىڭ بولىۋار شىتاتىدىكى كارونى دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنىدىكى شارقىراتما، ئېگىزلىك پەرقى 979.6 مېتىر بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز شارقىراتما. شارقىراتما سۈيى بەك ئىگىزدىن چۈشكەچكە، پەسكە چۈشۈپ بولغۇچە سۇ تۇمانلىرىغا ئايلىنىپ كېتىدىكەن.

نىئاگارا شارقىراتمىسى- ئامېرىكا ، كانادا چېگرىسىغا جايلاشقان، داڭلىق ساياھەت ئورنى

ئامازون يامغۇرلۇق ئورمىنى،دۇنيادىكى ئەڭ سىرلىق ئىككى يەرنىڭ بىرى، چوڭقۇر دېڭىز ئاستى، يەنە بىرى ئامازون يامغۇرلۇق ئورمىنى.

京都(كىيوتۇ دەمدا زىيالىي باي)

دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن دەريا - نىل دەرياسى

دوناي دەرياسى

پامۇك قەلئەسى(پاختا قەلئە)- تۈركىيە دېنىلىز شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا، تەبىئەت ئاتا قىلغان مۆجىزە.

گىگانتلار يولى- ئەنگىلىيدە،تەبىئىي شەكىللەنگەن تاش پەلەمپەيلەردىن تۈزۈلگەن مۆجىزە.

لاپلەند- فىنلاندىيەدە، روژىستوۋا بوۋاينىڭ يۇرتى

Phang-Nga قولتۇقى، تايلاندنىڭ جەنوبىدا

روتورۇئا- يېڭى زىللاندىيەدە،

ئىسلاندىيە

تىتى كاكا كۆلى- ئېگىزلىكتىكى مەرۋايىت دىگەن نامغا ئىگە، دۇنيادىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز تاتلىق سۇلۇق چوڭ كۆل. پېرۇ-بولىۋىيە چېگىرىسىدا.

پوكخارا- ھىمالايا تاغلىرىنىڭ جەنۇبى ئېتىكىدە، نىپالدا

شىۋىتسارىيە

ناكۇرۇ كۆلى- كېنىيەنىڭ ئوتتۇرا جەنوبىغا جايلاشقان، قۇشلار جەننىتى.

ئامېرىكا سېرىق تاش دۆلەت باغچىسى.

ئاۋىسترالىيەنىڭ شەرقى شىمالى قىرغاقلىرىدىكى مارجان خادا تاشلىرى توپى

نورۋىگىيە دېڭىز بويلىرى

ۋېرمونت ئورمانلىرى. ئامېرىكىنىڭ شەرقى شىمالى قىسىمىدىكى ۋېرمونت شىتاتىدا. كۈز پەسلىدا ئاجايىپ گۈزەل تۈسكە كىرىدۇ.

سېيىشىل. شەرقى ئافرىقىدىكى ئارال دۆلىتى

ھاۋاي

شىياڭگاڭ

كاسابلانكا- ماراكەشتە

رىئودى ژانېرو

تور بەتلىرىدىن تېرىۋېلىندى.

4- قەۋەتتىكى joshuaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
سىز شىنجاڭنىڭ كۆپ يەرلىرىگە باردىڭىز. ئۆزىمىزنىمۇ بىر تونۇشتۇرمامسىز؟
ئاللاھ خالىساچوققۇم يوللايمەن. تورداشلارمۇ ھە ھۇ دەپ ئىنكاستا تولۇقلاپ بەرسە، راست ئەھمىيەتلىك تېما بولغۇدەك.
يەجۈج- مەجۈجلەر بىلىپ قالمىغاندۇ-ھە؟
ئامېرىكا، فىرانسىيە.... دېگەندەك ئۆزى كىچىك بولسىمۇ چوڭ دۆلەتلەر شۈ گۈزەللىكىنى ساقلاپ قالغان بىلەن، باشقا ئۈششاق- چۈششەك دۆلەتلەر ھۆسىن- جامالىنى سېتىپ، خەجلىۋېتەرمىكىن دەپ ئەنسىرەپ قالدىم. دىيارىمىزدا ھېلىغۇ يەر- زىمىنكەن، ئادەملەرمۇ جامالىنى پۈلغا ساتقىلى تۇردى. دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل قىزلارنى يوللايدىغانلار چىقماسما ؟

ئامازون يامغۇرلۇق ئورمىنى سىرلىق ئىككى جاينىڭ بىرىكەن... قانچىلىك سىرلىقتۇ...
كېلىش مەنبەسى : http://w.hudong.com/1c419cab6f6849aa9b6ff4989e474e1f.htm
ئەسلى مەنبەدىكى رەسىملەرنىڭ سۈزۈكلىكى سەل تۆۋەنكەن. مانىڭدىكى رەسىملەرنى تور بەتلەردىن تېرىۋالغان. شارائىت بولسا ساياھەت قىلىپ كورۇپ كەلسە بولىدۇ ،لېكىن ئۇ گۈزەل يەرلەردە ياشىغان بىلەن ئۆزەڭنىڭ مىللىتى ،جامائىتى ،بولمىسا نېمە ئەھمىيىتى ،، رەسىمنى قانداق يوللايدۇ,بىر دەپ بىرىڭلارچۇ? مەنزىرسى ناھايتىمۇ گۈزەل جايلار ئىكەن ، پاھ پاھ پاھ بەكلا ھاياجانلىنىپ كىتىۋاتىمەن دېسە توۋا... ئاۋۇ ئۈمىت تۇمشۇقىنىڭ ئۇچىسد تۇرۇپ قاماق تاشلاپ شۇنداق كىت تۇتقوم كىلىپ كەتتى

ئاۋۇ فىرانسىيە كونتىروللوقىدىكى پولونىزيە تاقىم ئاراللىرى ئەجەپ چىرايلىق ئىكەن دىسە...
مەن ئەشۇ پولونىزيە تاقىم ئاراللىردىن چىقىدىغان «نونى» شەربىتىنى ئىچىپ كۆردۈم
ھەقىقەتەن پايدىلىق ئىكەن..گوگلىرنىڭ خەرىتىسىدىن ئىزدىسەم ئاۋىستىرالىيە بىلەن تىنىچ
ئوكياننىڭ ئارلىقىدا ئىكەن گۈزەل، بەك گۈزەل. ساياھەت قىلىشتىنمۇ كۆڭۈللۈك ئىش بارمىدۇ دۇنيادا؟
ساياھەت خاتىرلىرى دەمدۇ دالا دەمدۇ شۇنداق سەھىپىلەرنى ئېچىپ قويساڭلار بەك ياخشى بولاتتى. ھازىرقى سەھىپىلەرنىڭ ناملىرى بەكلا كەڭ ۋە كونىچە بوپ قاپتۇ. سەل ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى تەكلىپ بېرىمەن. ئاندىن مالداۋى، سېيشېل، سەيپەن، بالى دىگەن ئاراللارغا ساياھەت قىلسا ۋىزا كەتمەيدۇ. لېكىن ساياھەت ئۆمىكى ئارقىلىقلا ماڭغىلى بولىدۇ. ئىككى ئۈچ ئائىلە بىرلىشىپ بالا چاقىلار بىلەن 10 ئادەملىك توپ قۇرۇپ ساياھەت قىلىپ باقسا بولىدۇ ھازىرچە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ۋىزىسىنى ئېلىشقا قۇربى يەتمىگەن تورداشلار.
بەت:
[1]