商户 بىلەن 收单 نى ئۇيغۇرچە نېمە دىسەك بولار؟
商户 بىلەن 收单 ھەر ئىككىلىسىلا بانكا ئاتالغۇلىرى ئىكەن. لېكىن مەنىسىنى چۈشەنگەن بىلەن، ئۇيغۇرچىدە بىرەر نەرسە دىيىشتە بەكلا قىينىلىۋاتىمەن. بۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسىنىڭ چىققان -چىقمىغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئەگەر بۇنى بىلگەن تورداشلارنىڭ پېقىرنى ۋاقىپلاندۇرۇپ قويۇشىنى ئۆتىنىمەن.
گەپكە كەلسە، 商户 دىگىنى ئادەتتە "بانكا بىلەن توختاملاشقان دۇكاندار" دەپ چۈشەندىم. مەسىلەن: سىز بىرەر دۇكانغا ياكى ئىستېمال سورىنىغا كىرىپ، بانكا كارتىڭىزنى سۈركەپ بىر نەرسە سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، كارتىڭىزنى بىر كىچىك ئەسۋابقا سۈركەپ، مەخپىي نومۇرىنى بېسىپ بېرىسىز. ئاشۇ دۇكاننىڭ پۇلغا مەسئۇل خوجايىنى دەل شۇ بانكىنىڭ 商户 سى بولىدۇ. بىزدەك كارتا تۇتىۋالغانلار 用户بولىمىز.
收单 بولسا، توختام ئارقىلىق ئەسۋابنى تەمىنلىگەن بانكىنىڭ، كارتا سۈركەپ قىلىنغان ئىستېمالنى ھېساپلاپ، 商户 (دۇكاندار) غا خەجلەنگەن پۇللارنىڭ ھېساۋاتىنى قىلىدۇ، يەنى 收单 قىلىدۇ، شۇ ھېساۋات بويىچە 商户 غا يخېرىدارلار كارتا سۈركەپ ىغىلغان پۇلىنى بېرىدۇ.
koktashنىڭ تېمىسىدىن نەقىل
商户 بىلەن 收单 ھەر ئىككىلىسىلا بانكا ئاتالغۇلىرى ئىكەن. لېكىن مەنىسىنى چۈشەنگەن بىلەن، ئۇيغۇرچىدە بىرەر نەرسە دىيىشتە بەكلا قىينىلىۋاتىمەن. بۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسىنىڭ چىققان -چىقمىغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئەگەر بۇنى بىلگەن تورداشلارنىڭ پېقىرنى ۋاقىپلاندۇرۇپ قويۇشىنى ئۆتىنىمەن.
.

مەنمۇ سىزگە ئوخشاشلا چۈشىنىدىكەنمەن ، خاتالاشتىممۇ قانداق - ھە...؟

koktashنىڭ تېمىسىدىن نەقىل
商户 بىلەن 收单 ھەر ئىككىلىسىلا بانكا ئاتالغۇلىرى ئىكەن. لېكىن مەنىسىنى چۈشەنگەن بىلەن، ئۇيغۇرچىدە بىرەر نەرسە دىيىشتە بەكلا قىينىلىۋاتىمەن. بۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسىنىڭ چىققان -چىقمىغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئەگەر بۇنى بىلگەن تورداشلارنىڭ پېقىرنى ۋاقىپلاندۇرۇپ قويۇشىنى ئۆتىنىمەن.
گەپكە كەلسە، 商户 دىگىنى ئادەتتە \"بانكا بىلەن توختاملاشقان دۇكاندار\" دەپ چۈشەندىم. مەسىلەن: سىز بىرەر دۇكانغا ياكى ئىستېمال سورىنىغا كىرىپ، بانكا كارتىڭىزنى سۈركەپ بىر نەرسە سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، كارتىڭىزنى بىر كىچىك ئەسۋابقا سۈركەپ، مەخپىي نومۇرىنى بېسىپ بېرىسىز. ئاشۇ دۇكاننىڭ پۇلغا مەسئۇل خوجايىنى دەل شۇ بانكىنىڭ 商户 سى بولىدۇ. بىزدەك كارتا تۇتىۋالغانلار 用户بولىمىز.
收单 بولسا، توختام ئارقىلىق ئەسۋابنى تەمىنلىگەن بانكىنىڭ، كارتا سۈركەپ قىلىنغان ئىستېمالنى ھېساپلاپ، 商户 (دۇكاندار) غا خەجلەنگەن پۇللارنىڭ ھېساۋاتىنى قىلىدۇ، يەنى 收单 قىلىدۇ، شۇ ھېساۋات بويىچە 商户 غا يخېرىدارلار كارتا سۈركەپ ىغىلغان پۇلىنى بېرىدۇ.
商户 بانكىدىن باشقا نۇرغۇن سودا ساھەسىدە ئىشلىتىلىدۇ. چوڭ شىركەتلەر تۆۋەنلەردىكى ۋاكالەتچى دۇكانلىرىنىمۇ شۇنداق ئاتايدۇ.
بۇنى ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەردە «ھەمكارلاشقۇچى»«ھەمكارچى» دەپ ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ.
ئاۋۇ 收单 نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسى ئىنتايىن كۆپ:
تالون، ئىككىلىك خەت، ئاساس، كۆتەك.... دېگەندەك... ئەھۋالغا ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەتسە بولىدۇ.
收单 ھۆججەت خەنزۇچە -تۈركچە لۇغەت بولسا قاراپ بېقىڭ ، چىقىپ قالار 商户 نى تۈركچىدە تۇججار دەيدىكەن ...
سودىگەر ۋە تالون دەپ ئالسىڭىز بولىدۇ.
6- قەۋەتتىكى hiyalqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
商户 نى تۈركچىدە تۇججار دەيدىكەن ...
تۇججار دىگەن سودىگەر دىگەن گەپ شۇ.قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى گەپ. ياردىمىڭلەرگە تەشەككۈر!@