AVAR يوللانغان ۋاقتى 2012-11-3 18:22:23

DLNA ‏ ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە














DLNA ‏ ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە











‏‏ DLNA بولسا Digital Living Network Alliance نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ
2003-يىلى ئىيۇندا Sony شىركىتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، پايدا ئېلىشنى مەقسەت
قىلمايدىغان بىرلەشمە ئورگان.(بىر ساھەدىكى بىر قانچە شىركەت ئورتاق ھالدا
مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە بۇ ساھەنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت
قىلىدۇ، خۇددى Unicode ئورگىنىغا ئوخشاش) مەزكۇر ئورگان مۇزىكا، رەسىم، سىن
قاتارلىق رەقەملىك مېدىيالارنى كومپىيۇتېر، تېلېۋىزور، پىرىنتېر، كامېرا،
يانفون ۋە باشقا كۆپ ۋاستە ئۈسكۈنىلىرىدە ھەمبەھرلەش ئىمكانىيىتىنى بەرپا
قىلىدىغان قائىدىلەرنى تۈزۈپ چىقىشقا مەسئۇل. بۇ قائىدىلەر ھازىر مەۋجۇت
بولغان ئۆلچەملەر ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن بولىدۇ ۋە ئۈسكۈنىلەر
ئارامەشغۇلاتچانلىقنى (interoperability) ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇ
ئۆلچەملەرنى ئىشلىتىشنىڭ بىر قاتار ئۇسۇللىرىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.



‏ DLNA مېدىيا باشقۇرۇش، بايقاش ۋە كونترول قىلىش ئۈچۈن Universal Plug and
Play (UPnP) نى ئىشلىتىدۇ UPnP .بولسا ‏ DLNAقوللايدىغان ئۈسكۈنىلەر
(مۇلازىمېتىر، تەمىنلىگۈچ ۋە كونتروللىغۇچ) نىڭ تىپىنى ۋە مەلۇم تور
ئارقىلىق مېدىيا ھۆججەتلىرىگە ئىگە بولۇشنىڭ مىخانىزىمىنى ئىنىقلايدۇ.
‏DLNA قائىدىلىرى مەلۇم ئۈسكۈنە قوللىشى زۆرۈر بولغان مېدىيا ھۆججەتلىرىنىڭ
فورماتى، كودى ۋە ئىنىقلىق دەرىجىسى ئۈستىدىن بىر قەۋەت چەكلىمىلەرنى
بېكىتىدۇ.



2011-يىلى يانۋارغىچە 9000 دىن ئارتۇق ئۈسكۈنە‏DLNAگۇۋاھنامىسىغا
ئېرىشتى. بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ قېپى ئۈستىدە ئۇلارنىڭ باشقا ئۈسكۈنىلەر بىلەن
ئارامەشغۇلاتچانلىقىنى دەلىللەيدىغان‏DLNAتۇغى بولىدۇ.

ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قولىدىكى رەقەملىك كامېرا، ئويۇن كونتروللىغۇچ ۋە
تېلېۋىزور قاتارلىق 440 مىليوندىن ئارتۇق ئۈسكۈنىنىڭ ‏DLNAگۇۋاھنامىسىغا
ئىگە بولغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.



تارىخى:



‏Sonyشىركىتى 2003-يىلى DLNA نى قۇرغان بولۇپ، ئەسلى ئىسمى Digital Home
Working Group ئىدى. قۇرۇلۇپ بىر يىلدىن كېيىن DLNA نىڭ تۇنجى تۈركۈم
قائىدىلىرى ئېلان قىلىنغان ۋاقىتتا ھازىرقى ئىسمىغا ئۆزگەرتىلگەن.

‏Home Networked Device Interoperability Guidelines v1.5بولسا 2006-
يىلى مارتتا ئېلان قىلىنغان ۋە شۇ يىلى ئۆكتەبىردە پرىنتېر ۋە كۆچمە
ئۈسكۈنىلەردىن ئىبارەت يېڭى ئىككى تۈرلۈك مەھسۇلاتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان
ھالەتتە كېڭەيتىلگەن.



تەپسىلاتى:



‏DLNAگۇۋاھنامىسىغا ئېرىشكەن ئۈسكۈنىلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.



      ئائىلە تورىدا ئىشلتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەر: (Home Network Devices)



      رەقەملىك مېدىيا مۇلازىمېتىرى: (Digital Media Server)بۇ
ئۈسكۈنىلەر مەزمۇن ساقلايدۇ ۋە ئۇنى تورلاشقان رەقەملىك مېدىيا قويغۇچ
(digital media players) ۋە رەقەملىك مېدىيا تەمىنلىگۈچلەرنىڭ (digital
media renderer)ئىشلىتىشىگە سۇنىدۇ. مەسىلەن، شەخسىي كومپيۇتېر ۋە تورغا
يانداشقان ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى (network-attached storage) دېگەندەك.

      رەقەملىك مېدىيا قويغۇچ: (Digital Media Player)بۇ ئۈسكۈنىلەر
رەقەملىك مېدىيا مۇلازىمېتىرىدىكى (Digital Media Server) مەزمۇنلارنى
ئىزدەپ تاپىدۇ ۋە ئۇنى قويۇش ئىمكانىيىتىنى تەمىن ئېتىدۇ. مەسىلەن،
تېلېۋېزور، ياڭراتقۇ، سىمسىز ئېكران ۋە ئويۇن كونتروللىغۇچ قاتارلىقلار.

      رەقەملىك مېدىيا تەمىنلىگۈچ: (Digital Media Renderer) بۇ
ئۈسكۈنىلەر رەقەملىك مېدىيا كونتروللىغۇچ (digital media controller) دىن
قوبۇل قوبۇل قىلىنغان مەزمۇنلارنى قويىدۇ. رەقەملىك مېدىيا كونتروللىغۇچ
بولسا رەقەملىك مېدىيا مۇلازىمېتىردىن مەزمۇنلارنى ئىزدەپ تاپىدۇ. مەسىلەن،
تېلېۋىزور، ئۈن-سىن قوبۇللىغۇچ، ئېكران، ۋە يىراقتىن باشقۇرۇلىدىغان
ياڭراتقۇ قاتارلىقلار.

      رەقەملىك مېدىيا كونتروللىغۇچ: (Digital Media Controller) بۇ
ئۈسكۈنىلەر رەقەملىك مېدىيا مۇلازىمېتىردىن مەزمۇنلارنى ئىزدەپ تاپىدۇ ۋە
ئۇنى رەقەملىك مېدىيا تەمىنلىگۈچتە قويىدۇ. مەسىلەن، تاختا كومپيۇتېر،
Wi-Fi ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان رەقەملىك كامېرا ۋە PDA قاتارلىقلار.

      رەقەملىك مېدىيا پرىنتېرى: (Digital Media Printer) بۇ ئۈسكۈنىلەر
DLNA ئائىلە تورى ئۈچۈن باسمىچىلىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەسىلەن،
تورغا ئۇلانغان ھەرخىل پرىنتېرلار.



      كۆچمە ئەپلىك ئۈسكۈنىلەر: (Mobile Handheld Devices)



      كۆچمە رەقەملىك مېدىيا مۇلازىمېتىرى (Mobile Digital Media
Server) : بۇ سىمسىز ئۈسكۈنىلەر مەزمۇن ساقلايدۇ ۋە ئۇنى سىملىق ياكى
سىمسىز تورغا ئۇلانغان كۆچمە رەقەملىك مېدىيا قويغۇچ (mobile digital media
players)، رەقەملىك مېدىيا تەمىنلىگۈچ ۋە رەقەملىك مېدىيا پرىنتېرى
قاتارلىقلارنىڭ ئىشلىتىشىگە سۇنىدۇ. مەسىلەن، كۆچمە تېلېفون ۋە ئەپچىل
مۇزىكا قويغۇچ قاتارلىقلار.

      كۆچمە رەقەملىك مېدىيا قويغۇچ: (Mobile Digital Media Player) بۇ
سىمسىز ئۈسكۈنىلەر رەقەملىك مېدىيا مۇلازىمېتىرى ياكى كۆچمە رەقەملىك
مېدىيا مۇلازىمېتىرىدىكى مەزمۇنلارنى ئىزدەپ تاپىدۇ ۋە قويىدۇ. مەسىلەن،
كۆچمە تېلېفون ۋە تاختا كومپيۇتېر قاتارلىقلار.

      كۆچمە رەقەملىك مېدىيا يۈكلىگۈچ: (Mobile Digital Media
Uploader)بۇ سىمسىز ئۈسكۈنىلەر رەقەملىك مېدىيا مۇلازىمېتىرى ياكى كۆچمە
رەقەملىك مېدىيا مۇلازىمېتىرىغا مەزمۇن يوللايدۇ. مەسىلەن، رەقەملىك كامېرا
ۋە كۆچمە تېلېفون قاتارلىقلار.

      كۆچمە رەقەملىك مېدىيا چۈشۈرگۈچ: (Mobile Digital Media
Downloader)بۇ سىمسىز ئۈسكۈنىلەر رەقەملىك مېدىيا مۇلازىمېتىرى ياكى
كۆچمە رەقەملىك مېدىيا مۇلازىمېتىرىدىن كەلگەن مەزمۇنلارنى ئىزدەپ تاپىدۇ
ۋە ساقلايدۇ. مەسىلەن، ئەپچىل مۇزىكا قويغۇچ ۋە كۆچمە تېلېفون قاتارلىقلار.

      كۆچمە رەقەملىك مېدىيا كونتروللىغۇچ: (Mobile Digital Media
Controller)بۇ سىمسىز ئۈسكۈنىلەر رەقەملىك مېدىيا مۇلازىمېتىرى ياكى
كۆچمە رەقەملىك مېدىيا مۇلازىمېتىرىدىكى مەزمۇنلارنى ئىزدەپ تاپىدۇ ۋە ئۇنى
رەقەملىك مېدىيا تەمىنلىگۈچكە يوللاپ بېرىدۇ. مەسىلەن، PDA ۋە كۆچمە
تېلېفون قاتارلىقلار.

      ئائىلە ئاساسىي قۇرۇلما ئۈسكۈنىلىرى (‏‏Home Infrastructure Devices)

      بۇ كۆچمە ئەپلىك ئۈسكۈنىلەر تورى بىلەن ئائىلە تورى ئوتتۇرىسىدا
كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغان ئۈسكۈنىلەرنى ۋە ئائىلە تورى بىلەن كۆچمە ئەپلىك
ئۈسكۈنىلەر ئوتتۇرىسىدا مەزمۇن يوللاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان
ئۈسكۈنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.



ئەزا شىركەتلەر:



2011-يىلى ئىيۇنغىچە 26 ئىلگىرى سۈرگۈچى ئەزا ۋە 199 تۆھپىكار ئەزا بۇ ئورگانغا قېتىلغان. ئىلگىرى سۈرگۈچى ئەزالار:



ACCESS, AT&T Labs, Awox, Broadcom, Cisco Systems, Comcast, DIRECTV,
Dolby Laboratories, Ericsson, Hewlett-Packard, Huawei, Intel, LG
Electronics, Microsoft, Motorola, Nokia, Panasonic, Promise Technology,
Qualcomm, Samsung Electronics, Sharp Corporation, Sony Electronics,
Technicolor, Verizon.

‏Appleشىركىتى بۇ ئورگاننىڭ ئەزاسى ئەمەس. Apple شىركىتى DLNA نىڭ UPnP
كېلىشىمىنىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭ Digital Audio Access Protocol نى ئىشلىتىدۇ.



DLNA تېخنىكا تەركىبلىرى (‏‏DLNA technology components)



‏DLNAنىڭ سابىق رەئىسى 2009-يىلى مارتتا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن:

«يۇمشاق دېتال ساتقۇچىلار DLNA گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشكەن ئۈسكۈنىلەردە سىناق
ئېلىپ بارغان بولسا ئۆز مەھسۇلاتىنى DLNA Technology Component دەپ ئاتىسا
بولىدۇ.‏DLNA Technology Componentsئىستىمالچىلارغا سېتىلمايدۇ، پەقەت
سانائەت ساھەسىدىكىلەر (ئىشلەپچىقارغۇچىلار) غىلا سېتىلىدۇ.»



‏DLNAگۇۋاھنامىسىغا ئېرىشكەن يۇمشاق دېتاللار



2011-يىلى يىل بېشىدا DLNA ئىستىمالچىلارنىڭ رەقەملىك مېدىيانى تېخىمۇ كەڭ
دائىرىلىك مەھسۇلاتلاردا ھەمبەھرلىشىشىگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن
يۇمشاق دېتال گۇۋاھنامىسى(Software Certification)پروگراممىسىنى
باشلىدى. DLNA پارچە ساتقۇچىلار ئارقىلىق بىۋاستە ئىستىمالچىلارغا
سېتىلىدىغان يۇمشاق دېتاللارغا، تور بېكەتلەرگە ۋە كۆچمە ئەپ دۇكانلىرىغا
گۇۋاھنامە تارقىتىپ بېرىۋاتىدۇ. ئىستىمالچىلار DLNA گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشكەن
يۇمشاق دېتاللار ئارقىلىق ئائىلە تورى ئىچىدىكى DLNA گۇۋاھنامىسىغا
ئېرىشمىگەن مەھسۇلاتلارنىمۇ شەخسىي DLNA ئېكولوگىيىلىك سىستېمىسىغا ئېلىپ
كىرەلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن سىن، رەسىم ۋە مۇزىكا قاتارلىق DLNA گۇۋاھنامىسغا
ئېرىشكەن ئۈسكۈنىلەردە ساقلانغان مەزمۇنلارنى تېخىمۇ كۆپلىگەن ئىستىمال
ئېلېكترون بۇيۇملىرى، (consumer electronics)كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ۋە شەخسىي
كومپيۇتېر قاتارلىق مەھسۇلاتلارغا ئېلىپ كىرگىلى بولىدۇ.



‏DLNAنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن ئەۋزەللىكلىرىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك مىسال ئالايلى:



      ئۆيىمىزدىكى شەخسىي كومپيۇتېر، چوڭ ئېكرانلىق رەقەملىك تېلېۋىزور،
يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى رەقەملىك كامېرا، «بىلكان پەد» ۋە «بىلكان ئاقىل
تېلېفونى» ۋە پرېنتېر قاتارلىقلاردا DLNA ھازىرلانغان دەپ قارىساق، بىز بۇ
ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق ئۆزىمىزنى شەخسىي مېدىيا تورىنى قۇرۇۋالالايمىز. بۇنىڭ
بىلەن كومپيۇتېرىمىزدىكى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى فىلىم ۋە سىن قاتارلىقلارنى،
رەقەملىك كامېرادىكى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈرەت ۋە سىن قاتارلىقلارنى چوڭ
ئېكرانلىق تېلېۋىزورغا يوللاپ شۇ ئارقىلىق شەخسىي مېدىيا ھۆججەتلىرىمىزنى
تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بىلەن تېخىمۇ راھەت بىر شەكىلدە بەھرىلىنەلەيمىز.
كومپيۇتېرىمىزدىكى ئېلكىتابلارنى «بىلكان پەد» دە ئېچىپ، كرېسلو ياكى
كارىۋاتتا سوزۇلۇپ يېتىپ تۇرۇپ ئوقۇيالايمىز. كومپيۇتېرىمىزدىكى
ناخشا-مۇزىكىلارنى تېلېفوندا قويالايمىز. مەيلى ئاشخانىدا تاماق ئېتىۋاتقان
بولايلى ياكى مېھمانخانىدىكى چوڭ ئۈستەلدە تاماق يەۋاتقان بولايلى ۋە ياكى
ھۇجرىمىزدا ئارام ئېلىۋاتقان بولايلى، بىزنىڭ مېدىيا ھۆججەتلىرىمىز
ھەرجايدا بىز بىلەن بىللە بولىدۇ، ھەرقاچان ئۇلاردىن
پايدىلىنالايمىز.بۇنىڭدىن باشقا كامېرا، پەد ۋە تېلېفون قاتارلىق كۆچمە
ئۈسكۈنىلەردىكى ھۆججەتلىرىمىزنى كومپيۇتېرىمىزدا تۇرۇپ باشقۇرالايمىز،
كامېرا ۋە تېلېفوندىكى سۈرەتلىرىمىزنى كومپيۇتېردا تەھرىرلىيەلەيمىز،
باشقىلار بىلەن بەھرىلىنەلەيمىز. خالىغان بىر ئۈسكۈنىدىكى سۈرەتلەرنى
پرېنتېردا بېسىپ چىقىرالايمىز. خالىغان بىر ئۈسكۈنىدىكى ماتېرىياللىرىمىزنى
باشقا ھەرقانداق ئۈسكۈنلىلەر ئارقىلىق زىيارەت قىلالايمىز. قىسقىسى
خالىغان ۋاقىتتا ۋە ئورۇندا، ئۆزىمىز ياقتۇرىدىغان بىر يوسۇندا مېدىيا
ھۆججەتلىرىمىزدىن پايدىلىنالايمىز، ئائىلىدىكى تۇرمۇشىمىزنى رەقەملىك
مېدىيالار ئارقىلىق تېخىمۇ رەڭدار، مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك قىلالايمىز.










شىركىتىمىز بازارغا سېلىش ئالدىدا تۇرغان 3G روتېر(DLNA (Router,
路由器كىلىشىمىنى قوللايدۇ، Linux Sambaمۇلازىمىتى تەمىنلەنگەن. USB ئۇلاش
ئېغىزى بولۇپ، چوڭ سىغىمدىكى كۆچمە دىسكا ۋە ياندىسكىلارنى چېتىپ، ئالما
شىركىتى يۈرۈشلۈك ئۈسكۈنىلىرىنى(iPad, iPhone, iPod) ۋە ياكى ئاندىرويىد
تېلېفون، پەد لەر بىلەن روتېرغا ئۇلىنىپ چېتىلغان دىسكىلارنى زىيارەت
قىلشقا بۇلىدۇ. DLNAكىلىشىمى ئارقىلىق دىسكىدىكى ئۈن، سىن، رەسىملەرنى،
ئېلكىتابلارنى ئېچىشقا بولىدۇ. «تور چاچقۇچ» ئىقتىدارى بولۇپ،
3Gسىگنالىنى WiFi غا ئايلاندۇرۇپ، كۆپ ئۈسكىنىلەر بىرگە ئۇلىنشقا
بولىدۇ.جۇغى كىچىك، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپچىل، ئۈزىدە يۇقىرى سىغىملىق
باتارىيە تەمىنلەنگەن، ئالدىن زەرەتلەپ قۇيۇپ سەپەرلەردە زاپاس باتارىيە
قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. مېھمانخانىلاردا تەمىنلەنگەن سىملىق تورنى WiFi
سىگنالىغا ئايلاندۇرۇپ بېرەلەيدۇ. ئاجىز WiFi سىگنالىنى كۈچەيتىپ
بېرەلەيدۇ. ئۈسكۈنە «توركۆرگۈ» دىلا باشقۇرۇلىدىغان بولۇپ، روتېر باشقۇرۇش
سىستېمىسى ئۈسكۈنە بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھالدا ھەر قانداق ئۈسكۈنىدە ئۇيغۇرچە
نورمال كۆرۈنىدۇ.

مەزكۇر مەھسۇلاتىمىز ئالما ئۈسكۈنىلىرىگە سىرتقى ساقلىغۇچ چاتالماي
خاپىچىلىقتا قالغان، سەپەرلەردە توك ۋە توردىن قىسىلىپ قالغان دەردمەنلەرگە
ھەمدەمدە بولغۇسى، شۇنداقلا شىركىتىمىزنىڭ تېخنىكا يېڭىلىقلىرىنى
ئەل-جامائەتكە يەتكۈزۈشتىكى بىر خىزمىتىمىز بوپقالغۇسى.


بىلكان ئېلېكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى



مەنبە : http://bbs.bilik.biz/thread-25274-1-1.html





bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2012-11-5 08:28:01

خەت نورمال ئەمەس ، تۈزۈتۈپ قويۇڭلار.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-5 10:25:50

مۇشۇ نەرسىنىڭ، تىلگىراف كارتىسىنى بىۋاستىلا ئىچىگە سىلىۋىتىدىغىنى بولسىچۇ.{:92:}
بەت: [1]
: DLNA ‏ ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە