abral37 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-3 16:15:44

تونۇر ھەققىدە

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇرنى بىلمەيدىغانلار ئاز بولسا كېرەك. تونۇر مەيلى ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەر بولسۇن، ياكى شىمالى شىنجاڭ ۋە جەنۈبى شىنجاڭنىڭ ئەڭ چەت يېزا- قىشلاقلىرىدا بولسۇن، ئاساسەن ئۇچراتقىلى بولىدۇ.ھەمدە بۇ ھەر قايسى يۇرتلاردا ياسىلىشىدا ئازراق پەرق باركەن. ئۇنىڭ تۈرلىرىمۇ بەلكىم بىر قانچە خىل بولسا كېرەك. مەسىلەن، نان تونۇرى، سامسا تونۇرى، كاۋاپ تونۇرى دىگەندەك. بۇلارنى بۇنداق تۈرگە ئايرىشنى مەن قىلىپ بولالمىغىدەكمەن. شۇڭا ئۇنى تۈرلەرگە ئايرىشنى قويۇپ، ئۆزۈمنىڭ تونۇر ياساش جەريانىدا چۈشەنچە- تەسىراتلىرىمنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ بېرەي.


قۇربان ھىيتنىڭ ئالدىدا دادام تېلېفۇن قىلىپ، بىكار بولساڭ كېلىپ ماڭا ياردەملىشىپ بەر، تونۇر كونىراپ كېتىپتۇ، باشقا تونۇر سالايلى دىدى. ماقۇل بولۇپ باردىم. سائەت 10 دىن 12- گىچە كونا تونۇرنى چۇۋۇش بىلەن كۈنىمىز ئۆتتى. چۈشتىن كېيىن رەسمى تونۇر سېلىشنى باشلىدۇق.


نىمە ئۈچۈن تونۇر ياساش دىمەي تونۇر سىلىش دەيمەن. باشقا تەرەپلەردە قانداقكىن بىلمىدىم.غۇلجىدا مەخسۇس تونۇر(تونۇرنىڭ دۈگىلەك شەكلىنى) ياسايدىغان ھۈنەرۋەنلەر بار. شۇنداقلا يەنە غۇلجىدا تونۇرچى مەھەللىسى دەپ بىر مەھەللە بار. كىشلەر تونۇرنى ئاساسەن شۇ جايدىن ئالىدۇ.


ئالدى بىلەن تونۇر سالماقچى بولغان جاينى تۈزلەپ، ئوتلۇق قويدىغان جايلىرىنى ياسىۋىلىپ،  ئاستىغا بىر قۇر پىششىق خىش يېيتىۋالدۇق. ئاندىن تونۇرنى ئەپلەپ سالماقچى بولغان جاينىڭ ئوتتۇرىغا قويۇپ جايلاشتۇرىۋالدۇق.



2- قەدەمدە تونۇرنىڭ ئاستىغا قاتار قىلىپ پىششىق خىش قويۇپ چىقىمىز ھەمدە ئالدىنى پىششىق خىش بىلەن تام ئېتىپ چىقىمىز.ئادەتتە تونۇرنى قورادىكى ئەپلىك جايغا سالىمىز، شۇڭا بەزىدە تۆت چاسا شەكلىدە بولسا، بەزىدە مۇشۇنداق يايسىمان ھالەتتە بولىدۇ. بىزنىڭ بۇ قېتىم سالغان جايىمىز ئېغىل بىلەن ئۆينىڭ تۇتاشقان ئۈچبۈرجەك يېرى بولۇپ، تونۇرنى يايسىمان ھالەتتە سالدۇق.



3- قەدەمدە ئازراق تام قوپىرىۋالغاندىن كېيىن، تونۇرغا ئوت سالىمىز. غۇلجىدا ئادەتتە كۆمۈرنىڭ زارىنى پوم قىلىدىغان ئىش بار. ئادەتتە تونۇرغا مۇشۇ پومنى ئىشلەتسە ئالدىرىماي ئۇزاق ۋاقت كۆيىدۇ.



4- قەدەمدە تونۇرنىڭ ئاغزىنى چىڭ ئېتىپ،  ئەتراپىغا لاي بىلەن تاشنى چاپلايمىز. ئاندىن ئۇنى توپا بىلەن ئوراپ كۆمىمىز.



بىر قۇر تاش چاپلىساق بىر قۇر توپا كۆمسەك ، تونۇرغا زەخمەت يەتكۈزىۋالماي، زەي تارتىدىغان قىلىپ قويماي سىلىۋالغىلى بولىدىكەن.





5- قەدەمدە تونۇرنىڭ گەۋدىسى پۈتۈپ بولغاندىن كېيىن سىرتىنى بىر قۇر سۇۋىۋەتسەكلا بولىدۇ. غۇلجىدا ئادەتتە قۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ھاك بىلەن ئاقارتىۋىتىدۇ.



ئەنە قاراڭ، ئوت راۋرۇس تۇتىشىپتۇ. ئەمدى بۇ ئوت بىر كۈن مۇشۇنداق كۆيۈپ تونۇرنى قۇرىتىدۇ.


atella يوللانغان ۋاقتى 2012-11-3 19:08:47

بۇ تەييار تونۇرمۇ قانداق،

بىزنىڭ يۇرتتا مۇنداق سالمىز.

ئاۋال جاڭگالدىن تۇزشور ئەكلمىز، ئاندىن مەھەللىمىزدىن سېغىز لاي تاپمىز.

ئىككسنى ئارلاشتۇرۇپ خېمرلىق لاي ئىتمىز.لاينى ئىككى مۇشتۇمدەك چوڭلۇقتا يۇملاق قىلىمىز.

قۇمدىن پايدىلنىپ تونۇر ياكى ئوچاقنىڭ قېلپنى لايھلەيمىز..

ئاندىن قېلپقا بىز تەييارلىۋالغان لاينى قويۇپ چاپلاپ ماڭمىز..

تونۇرنىڭ ئاغزىنى چىقارغان ۋاقىتتا غەلۋىر ياكى ئەلگەك دىن پايدىلنىمىز...تونۇر بىر ئىككى كۈندە قاتىدۇ،ئاندىن قۇم قېلپنى كولاپ ئېلۋىتمىز....

ئاندىن سرتقى تېمنى سىز دېگەندەك قىلىپ ئېتىپ چىقمىز..

ئوت يېقىپ گاسلايمىز....ئوتنى دەسلەپتە بەك ئۇلۇغ كۆيدۈرمەي ئسلاش ئېلىپ بارىمىز....


دادام تونۇرنى ئەشۇنداق سالاتتى، مەن ياردەملىشەتتىم...

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2012-11-3 19:23:59

شور تۇزدا قىلسا بەك پەيزى چىقىدۇ. كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا شۇنداق سالىدىغان تونۇرنى.

holmis1 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-3 22:33:49

تونۇرنىڭ چۆرىسىنى بۇنداق سۇپا شەكىلدە قىرلىۋەتسە نان ياققان ئادەمگە قولايسىز بولۇپ قالمامدۇ ؟ ھەم سەل خەتەرلىك ...

yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-4 17:30:25

ھازىر كوپ ئائىلىلەر ئۆيىدە نان ياقماي ناۋايغا نان ياقتۇرىدىغان بولۇپ كەتتى ،تونۇر بازىرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بۇرۇنقىدەك ياخشى ئەمەسقۇ دەيمەن ،تونۇرچى كوچىسىدىكى تۇنۇرچىلار تۇنۇرنى شەھەردىكى خىرىدارلار بىلەن چەكلىنەمسىلەر ياكى ناھىيىلەرنى تەمىنلىنەمدۇ؟،ھەر قېتىم تۇنۇرچى كوچىسىدىن ئۆتكەندە مۇشۇ تونۇرچىلىق ھەققىدە بىر ئىزدىنىپ تېما يىزىش نىيتىگە كىلەتتىم،سىزنىڭ بۇ تىمىڭىزنى كورۇپ خۇش بولدىم .

Yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-4 22:03:32

ھازىر ناۋايلار ئاسان بولۇشنى كۆزلەپ تۆمۈر تونۇر ئىشلىتىدىغان بوپكەتتى، كۆمۈر قالايدۇ تېخى...

شور تونۇر، ئوتۇننىڭ نېنى باشقىچە تەملىك لېكىن...

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2012-11-5 08:14:26

مىنىڭچە يەنىلا ئۆزبەكلەرنىڭ تونۇرى  ناھايىتى ئەپلىك ۋە بىخەتەر .


ئۆتكەندە بىر ئايال نان يېقىۋېتىپ تونۇرغا چۈشۈپ كەتكەن، ئۆزبەك تونۇرىدا بۇنداق ئىش بولمايدۇ .


\"\"


\"\"

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-5 21:14:22

بىزنىڭ كۇچانىڭ تونۇرىنى كۆرسەڭلار ئادەمنى دەم تارتىپ يەپ كەتكۈدەك دەمسىلەر نىمە ؟  {:92:}  ، ئۆرۈك ئوتۇنى بىلەن شور تونۇرنىڭ چوڭ نېنىنىزە..... \"\"
بەت: [1]
: تونۇر ھەققىدە