Kanji يوللانغان ۋاقتى 2012-11-2 16:21:30

بۇ ناخشنىنىڭ مۇزىكىسنى ئابلىكم ئابلەت ئىشلىگەن دىيىشكە بولامدۇ؟




kahxal يوللانغان ۋاقتى 2012-11-3 09:12:49

سىز بۇ ئىككى ناخشىنىڭ ئاھاڭىنى ئوخشايدۇ دىمەكچىما؟ مەن قەتئىي ئوخشىتالمىدىم...ئاستىدىكى ئىككى ناخشا ئوخشايدۇ مانا.....



http://v.youku.com/v_show/id_XNDY5NTk5MzY4.html   ماۋۇ مەكتەپ گۈزىلى...





http://www.yinyuetai.com/video/70613   ماۋۇ usher نىڭ ناخشىسى....


talmas يوللانغان ۋاقتى 2012-11-3 09:37:20

مەنمۇ پەقەتلا ئوخشىتالمىدىم.ئاستىدىكى چوكان ياخشى ئېيتىپتۇ{:136:}.ئۇخشاش ياكى ئەمەسلىكىنى كەسپى مۇزىكاتلا ئايرىيالايدۇ. \"\"

Yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-3 10:29:31

naprat2009 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-3 11:39:17

ئاساسەن ئوخشاش ئىكەن....بىر مىنۇت ئاڭلىسىلا ھېس قىلغىلى بولىدىكەن ئوخشاشلىقىنى، كىم باشتا ئىجاد قىلغاندۇ ئەمدى؟

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-11-3 11:52:55

خەنزۇلارنىڭ بۇرۇنقى دەۋر سۈرگەن ناخشىلىرى



freebird يوللانغان ۋاقتى 2012-11-3 12:30:02

مۇزىكىسى ئاساسەن ئوخشاش!

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2012-11-3 14:17:45

ئۈستىدىكى ناخشنى ئاڭلاۋاتقىلى يېرىم يىلدەك بولدى، كۈندە دىگۈدەك ئاڭلايمەن. شۇنچە قىلىپمۇ ئاستىدىكى ناخشا بىلەن ئوخشايدىغان يەرلىرىنى تاپالمىدىم.

5tash يوللانغان ۋاقتى 2012-11-3 14:35:03

ئۈستىدىكى ناخشا ئېتلىغاندىن بېرى ماڭا ھەمراھ ..

مەيلى ئوخشاپ قالسۇن قالمىسۇن شۇنداق يېقىشلىق.

ئاستىدىكى جۇۋان نىم دەۋاتىدۇ. ئۆرگىلەي \"\"

xamal0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-3 16:25:28

ئابلا دەي دىسەم، يېشى مەندىن چوڭ،ئابلائاكا دىسەم دىگىم كەلمەيدۇ، ئابلا ئەپەندى دەي بولدى... گەپكە كەلسەم ، تۇنۇيدىغانلا بولسا دەپ قۇيۇڭلا ئاۋۇنىڭغا ،بوشراق دورىسۇن،سەنئەت ساھەسىنى ئىنتاھان دىسەك، ئىشلىگەن ئىجادىيەتنى ،ئىنتاھان قەغىزىگە يازغان جاۋاپ دىسەك، بەزى مۇشۇنداق سەنئەتچىلىرىمىز قاراپ تۇرۇپ باشقىلارنىڭ قەغىزىدىن جاۋابنى كۆچۈرۈپ ،بىز خەلىقىگە تاپشۇرسا،...ئويلاپ بېقىڭلار بەزىلەر كۆزىمىزگە كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ توغرا بەلگىسنى ئۇرۇپ،ئىنتاھاندىن ئۆتكۈزۋېتىپ،سەنئەت ساھەسى سىنىپىدىكى ‹ئەلاچى›قىلىپ قۇيۋاتىدۇ...

ئىتىماس:كومسىيەلەر ئۆتكۈر بۇلايلى.... كۆچۈرمە كەشلىككە ،يەنە تېخى كۆز بۇيامچىلىق قا قاتتىق قارشى تۇرۇپ،ئۇنداقلار بوپ قالسا،ئىنتاھان قەغىزنى تارتىۋېلىپ،ئىنتاھان مەيداندىن چىقىرىپ تاشلايلى...!

dreamcatcher يوللانغان ۋاقتى 2012-11-3 18:44:00

9- قەۋەتتىكى xamal0997نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئابلا دەي دىسەم، يېشى مەندىن چوڭ،ئابلائاكا دىسەم دىگىم كەلمەيدۇ، ئابلا ئەپەندى دەي بولدى... گەپكە كەلسەم ، تۇنۇيدىغانلا بولسا دەپ قۇيۇڭلا ئاۋۇنىڭغا ،بوشراق دورىسۇن،سەنئەت ساھەسىنى ئىنتاھان دىسەك، ئىشلىگەن ئىجادىيەتنى ،ئىنتاھان قەغىزىگە يازغان جاۋاپ دىسەك، بەزى مۇشۇنداق سەنئەتچىلىرىمىز قاراپ تۇرۇپ باشقىلارنىڭ قەغىزىدىن جاۋابنى كۆچۈرۈپ ،بىز خەلىقىگە تاپشۇرسا،...ئويلاپ بېقىڭلار بەزىلەر كۆزىمىزگە كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ توغرا بەلگىسنى ئۇرۇپ،ئىنتاھاندىن ئۆتكۈزۋېتىپ،سەنئەت ساھەسى سىنىپىدىكى ‹ئەلاچى›قىلىپ قۇيۋاتىدۇ...


ئىتىماس:كومسىيەلەر ئۆتكۈر بۇلايلى.... كۆچۈرمە كەشلىككە ،يەنە تېخى كۆز بۇيامچىلىق قا قاتتىق قارشى تۇرۇپ،ئۇنداقلار بوپ قالسا،ئىنتاھان قەغىزنى تارتىۋېلىپ،ئىنتاھان مەيداندىن چىقىرىپ تاشلايلى...!


ئابلاجان مەن ياقتۇرىدىغان ھەم يېڭىلىق ياراتتى دەپ پەخىرلىنىدىغان بىر يېتىلىۋاتقان چولپان، سىزنىڭ بۇ گەپلىرىڭىز مېنىڭ ئازراق ئويلاندۇرۇپ قويدى، ئەگەر راست سىز دېگەندەك قازىناققا مەھكەم كىرىپ، تاشقى دۇنيا بىلەن ئايرىلغان، مەلىسىدە ئېشەكنىڭ ھاڭرىشى، موزاينىڭ مۆرىشىدىن بۆلەك ئاۋاز ئاڭلىمايدىغان نۇرغۇن بىزلەرگە، ناخشىچىلار ئەگەر قوشنا دۆلەت، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياكى ياۋرو ئامېرىكىلارنىڭ ناخشىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپلا ئېيتىپ بەرسە، بىز بەلكىم، ناخشا دېگەن مۇشۇنداق بولا، ناخشىچى دېگەن ئاشۇنداق بولار دەپ يۈرۈۋېرەرمىز، شۇڭا، بولسا ئەگەر ئاشۇنداق قاملاشمىغان قىلمىش بايقالسا، ئىسپاتى بىلەن خەلقى ئالەم ئالدىغا قويساق، ئەمدى سىزنىڭ گېپىڭىزگە ئىشىنەي دېسەم ئابلاجاننىڭ ناخشىلىرىنىڭ مىللىي تۈسكە خېلى ماسلاشقانلىرىمۇ بار، ئەمدى ئىشەنمەي دېسەم خېلى ۋەزنى بار گەپنى قىلىپسىز، بولسا ئىسپات بىلەن دەڭ، بىزمۇ خەلقنىڭ كۈچى ئارقىلىق، ئۆز ناخشىچىلىرىمىزغا تەربىيە بەرسەك، توغرا يولنى كۆرسىتىپ قويساق تامامەن بولىدۇ دەپ ئويلايمەن، ئاخىرىدا، ناخشىچىلىرىمىزنىڭ ھالالدىن ياشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەگەر راستىنلا باشقىلارنىڭ ئەسەرىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش قىلمىشى يۈز بەرسە، مېنىڭچە بۇ ھالال - ھارام مەسىلىسىگە خېلىلا تاقىشىدۇ، پەقەت بولمىغاندا ئەخلاق نۇقتىسىدىنمۇ مەيلى دېيىشكە بولمايدۇ...


utkur2012 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-3 19:00:37

مەن بۇ ئىككى ناخشىنى پەقەت ئوخشىتالمىدىم.مېنىڭچە،مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر يەنىلا ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ناخشىسى كىشىگە ھوزۇر بېغىشلايدۇ......

sahralih يوللانغان ۋاقتى 2012-11-3 19:58:26

ئالامەت -كارامەتلەر!!!!!

koragan يوللانغان ۋاقتى 2012-11-3 20:50:26

بۇ ئابلاجان دىگەن يىتىم بىرىنجى قىتىم پىلاستىنكىسى چىققاندىلا كۆزۈمگە غەلىتە كۆرۈنگەن...

قۇلىقىنى تىشىپ ،تۆشۈكىگە جوبو چاپلىۋاپتىكەن ،شۇنىڭدىن تارتىپ پەقەتلا كۆرمەيدىغان ھەم ئاڭلىمايدىغان بولغان...

abaidul يوللانغان ۋاقتى 2012-11-3 21:41:21

ئابلاجاننىڭ دورىخىنى ھەقىقەتكەن، ئەمما ئۈستىدىكىسى يەنىلا ھازىرچە ئىجادىيەتكە مەنسۈپ!{:92:}

jesurmen يوللانغان ۋاقتى 2012-11-4 10:14:20

قۇلىقىڭىز بەك تەرجىمە قىلامدۇ نىمە بۇ لاۋزا پىتنىنى يوللىغۇچى؟

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2012-11-4 10:59:37

1.ئوخشىمايدۇ دىگۇچىلەر بىرىنچى ناخشنىڭ مۇزىكىسغا ئىككىنچى ناخشىنى غىڭشىپ بېقىڭلار.



2.مۇزىكىسنى (لورا خانىم مۇزىكىسىدىن)ئۆزلەشتۈرگۈچى ئابلىكىم ئابلەت دەپ يازغان بولسا،مەنمۇ بۇ پىتنىنى تارقاتماستىم.

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2012-11-4 11:20:47

تەسەۋۋۇر ياكى ئىلھامنىڭ ئوخشىشىپ قېلىشىشى.تەلىپىڭىز بەك يۇقىرىكەن.بۇ يا خاتادۇ يا توغرىدۇ.قانداق بولسا بولمامدۇ؟كىم كىمنىڭ گېپىنى ئاڭلايتتى ھازىر.

مۇلاھىزە قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ دەپ قارىغانلىقتىن مۇشۇنداق مەيدانسىز گەپ قىلىپ سالدىم.



ئەركىن دەپ بىر يېڭى ناخشىچى چىقىپتۇ.ئاۋازى سەت مۇڭكەن،كلاسسىك ناخشىلارنى ئېيتىدىكەن.ئۇنى بۇنى قويۇپ ئاڭلاپ بېقىڭلار.

http://www.yue365.com/musiclist/32264.shtmlھەممىسىنىڭ تەۋەلىكى ئېنىق ناخشىلار.***چە ئاڭلىمايدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەر ئاڭلىماڭلار.

shakira يوللانغان ۋاقتى 2012-11-4 11:51:26

ھەي تورداشلار،بىر پۈتۈن ناخشىنى بىر باشتىن ئاڭلاپ سېلىشتۇرساڭلار ھېس قىلغىلى بولمىغان بىلەن،بىر مىسرا،بىر مىسرا بويىچە سېلىشتۇرۇپ ئاڭلاپ بېقىڭلار.راسىت ئوخشايدىكەن.ئوخشىمايدىغان ساز ئىشلەتكەن بولغاندىكىن ئاڭلىماققا ئوخشىمايدىغاندەك تۇرىدىكەن.

farwana يوللانغان ۋاقتى 2012-11-4 11:55:03

17- قەۋەتتىكى zaparistanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تەسەۋۋۇر ياكى ئىلھامنىڭ ئوخشىشىپ قېلىشىشى.تەلىپىڭىز بەك يۇقىرىكەن.بۇ يا خاتادۇ يا توغرىدۇ.قانداق بولسا بولمامدۇ؟كىم كىمنىڭ گېپىنى ئاڭلايتتى ھازىر.

مۇلاھىزە قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ دەپ قارىغانلىقتىن مۇشۇنداق مەيدانسىز گەپ قىلىپ سالدىم.



ئەركىن دەپ بىر يېڭى ناخشىچى چىقىپتۇ.ئاۋازى سەت مۇڭكەن،كلاسسىك ناخشىلارنى ئېيتىدىكەن.ئۇنى بۇنى قويۇپ ئاڭلاپ بېقىڭلار.

http://www.yue365.com/musiclist/32264.shtmlھەممىسىنىڭ تەۋەلىكى ئېنىق ناخشىلار.***چە ئاڭلىمايدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەر ئاڭلىماڭلار.

ما ئەركىن دېگىنى كىم ئەمدى ؟ رەسىمىنى ياندىن تارتىپتۇ ، ئۇيغۇرمۇ باشقا مىللەتمۇ بىلگىلى بولمايدىكەن ، ناخشىلىرى ئېسىلكەن ، روسچە خەنسۇچە ناخشىلاركەن ، ناخشىچى نەدىكى كىم قايسى مىللەت تەپسىلاتىنى تاپالمىدىميا
بەت: [1] 2
: بۇ ناخشنىنىڭ مۇزىكىسنى ئابلىكم ئابلەت ئىشلىگەن دىيىشكە بولامدۇ؟