pulsar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-2 11:36:23

«ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى خەزىنىسى» ناملىق كىتاب نەشىر قىلىندى

«ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى خەزىنىسى» ناملىق كىتاب نەشىر قىلىندى



  


خەلقىمىزنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىل تىل، كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت ئامىللىرى مۇجەسسەملەشكەن ئىسىم بايلىقىنى قېزىش، رەتلەش ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىش تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشتۇر. ئۇزۇن يىللاردىن بېرى مانا بۇ ساھەدە ئۈزۈكسىز ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان ياش يازغۇچى، ئىسىم ۋە فامىلە تەتقىقاتچىسى ۋەلى كېرىم كۆكئالپنىڭ 25 مىڭدىن ئارتۇق ئىسىمدىن تەركىپ تاپقان، ھەر بىر ئىسىمنىڭ لاتىنچە ۋە خەنزۇچە ئۆلچەملىك يېزىلىشى بېرىلگەن «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى خەزىنىسى» ناملىق زور ھەجىملىك قامۇسىي كىتابى يېقىندا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىپ تارقىتىلدى.


ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ روشەن گۇۋاھچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تارىختا كۆپ خىل يېزىق قوللانغان، كۆپ خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغان ۋە شانلىق مەدەنىيەت ياراتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان خاس بەلگىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىدىن نەچچە مىڭ يىللىق تارىخنىڭ ئىزنالىرىنى خېرە-شىرە كۆرەلەيمىز ۋە تەسەۋۋۇر قىلالايمىز.


ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنى توپلاش، رەتلەش ۋە ئېلان قىلىش ئىشلىرى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ قولغا ئېلىنغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە نۇرغۇن جاپالىق خىزمەتلەر ئىشلىنىپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ ئەڭ يېڭىسى ۋە بىرقەدەر ئەتراپلىق تۈزۈلگەن «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى خەزىنىسى»نىڭ مۇئەللىپى ‐ ئىسىمشۇناسلىق ساھەسىدە ئۆزىگە خاس يول تۇتۇپ، ئىجتىھات بىلەن ئىزدىنىۋاتقان ياش يازغۇچى، تەتقىقاتچى ۋەلى كېرىم كۆكئالپنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپتۇر.


«ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى خەزىنىسى» ئىسىملارنىڭ ئېتنوگراپىيىلىك مەنىلىرىنى ئىزاھلاشقا بېغىشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىسىملارنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە بالىغا ئات سۈپىتىدە قويۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەنىلەر ئىزاھلىنىدۇ. «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى خەزىنىسى» مۇئەللىپ ئۇزاق يىللار مابەينىدە توپلىغان ۋە ئىنچىكە تەتقىق قىلغان 25 مىڭدىن ئارتۇق ئىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىتابنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ پۈتۈن بايلىقىنى بىر جايغا توپلاپ، مەنىسىنى ئىزاھلاپ بېرىش ئارقىلىق كېيىنكى ئەۋلادلارغا بۇ ھەقتە چوڭ بىر مەنىۋىي مىراس قالدۇرۇشتۇر. بۇنىڭ بىلەن ھەر بىر ئۇيغۇر كىشىسى ئۆز ئىسمىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىۋېلىپلا قالماي، ئاتا-ئانىلارغا يېڭى تۇغۇلغان پەرزەنتلىرى ئۈچۈن كۆڭلىگە ياققان ئىسىملارنى تاللاشقىمۇ ياردەم بېرىدۇ. ئۇشبۇ كىتاب يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىدا، لاتىن يېزىقىدا ۋە خەنزۇچە يېزىلىشىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈلۈشىدە ھەر بىر كىشىگە، بولۇپمۇ رەسمىي ئىدارىلەرگە ياردەم بېرىپ، بۇ ھەقتە مۇئەييەن دەرىجىدە قوللانما ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.




ۋەلى كېرىم كۆكئالىپنىڭ تەرجىمىھالى



تەلەپچان، ئىجتىھاتلىق ياش قەلەمكەش، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، كىشى ئىسىملىرى تەتقىقاتچىسى ۋەلى كېرىم كۆكئالپ 1971-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى پىچان ناھىيەسىدە ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلىدە تۇغۇلدى. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پىچان ناھىيەسىنىڭ لەمجىن بازىرىدا تاماملاپ، 1990-يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىندى. ئۇ ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا ئەدەبىي ئىجادىيەتتە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەندىن باشقا، ئىنگلىز ۋە تۈرك تىللىرىنى ئۆگىنىۋالدى. ئۇ 1995-يىلى ئالىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ، شىنجاڭ «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»گە خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ تەھرىرلىك، مۇخبىرلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىدى. ئۇ تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان مەزگىلىدە ئەدەبىيات قوشۇمچە بېتى، خەلقئارا خەۋەرلەر بېتى ۋە مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا بېشغىشلانغان ئۇنىۋېرسال بەتلەرنى ياخشى ۋە ئەتراپلىق باشقۇردى؛ مۇخبىرلىق قىلىش جەريانىدا جەمئىيەتتىكى ئۆتكۈر مەسىلىلەرنى ئاخبارات ئارقا كۆرۈنۈشى قىلىپ، ئىدىيىۋىي مەزمۇنى ساغلام، تىلى ئۆتكۈر ۋە چوڭقۇر مۇلاھىزىلىك ئاخبارات ئەسەرلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى. ئۇ يەنە ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئەدەبىي تەرجىمىچىلىك بىلەنمۇ پائال شۇغۇللىنىپ، بۇ جەھەتتىمۇ مۇئەييەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇنىڭ تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغان «شەجەرەئىي تەراكىمە» (تۈركلەرنىڭ نەسىل شەجەرىسى)، «تۈركىي تىللىق خەلقلەردە ئاياللار ۋە ئائىلە ھوقۇقى» قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ماقالىلار، ئەزىز نەسېن، ئۆمەر سەيفەتتىن، ياشار كامال قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ نادىر ھېكايىلىرى «بۇلاق»، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىپ، تەتقىقاتچى ۋە مۇشۇ ساھەگە قىزىققۇچىلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.


ۋەلى كېرىم كۆكئالپ 2000 - يىلىغا قەدەم قويغاندىن باشلاپ ئۆزىگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئىجادىيەت ۋە تەتقىقاتتا ئۆزىگە خاس يول تۇتۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ تۇرپان ئىنانچىخانلىرىدىن ئىمىن خوجا، سۇلايمان خوجا ۋە تۇرپان مۇنارىنىڭ سىرلىق تارىخىغا بېغىشلانغان «پاكلىق مۇنارى» ناملىق تارىخىي رومانى 2002 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى پەرزەنت تەربىيەسىنى تەتقىق قىلىش ئاساسىدا يازغان «پەرەزەنت تەربىيەلەش دەستۇرى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك كىتابى 2011 - يىلى شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ، جامائەتچىلىكنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. ئۇ تۈزگەن «كامالەت مەنزىللىرى»، «ئەي قەدىرلىك قىزىم» قاتارلىق كىتابلار بازارلىق كىتابلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. «خاسىيەتلىك يېمەكلىكلىرىمىز»، «ئۇيغۇر تائاملىرى قامۇسى»، «ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى مەجمۇئەسى» (ئەخمەتجان ئىسمائىل ھەمكارلىقىدا) قاتارلىق كىتابلار ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارغا خاس ئوزۇقلىنىش توغرىسىدىكى دەسلەپكى ئىزدىنىش ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان «قابۇسنامە» (روزىمۇھەممەد مۇتەللىپ ھەمكارلىقىدا)، «مەنتىقۇتتەير» (قۇشلار مەنتىقىسى)، «مېھىرسىز قېرىنداشتىن مېھرىبان يات ياخشى»، تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغان «جاۋاھىرنامە» ناملىق كىتابلىرى يېقىندا نەشىر قىلىپ تارقىتىلدى.


21 - ئەسىرنىڭ باشلىنىشى بىلەنلا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى باش قوشۇپ، ئۇيغۇرلارنى فامىلىسىزلىك ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇش دولقۇنىنى قوزغىدى. ۋەلى كېرىم كۆكئالپ بۇنىڭغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئۆزىنىڭ توپلىغان مول ماتېرىياللىرى بىلەن تېز ئارىدىلا 8000دىن ئارتۇق قەدىمكى ئۇيغۇرچە ئىسىم ۋە فامىلە ئۆرنەكلىرى كىرگۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئىسىم-فامىلىلىرى» ناملىق كىتابىنى 2003 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلدۇرۇپ جامائەتچىلىككە تەقدىم قىلدى. ئۇ بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماي، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىلمىيلاشتۇرۇشنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىپ، كىشىلەرنى مەخسۇس ئىسىم قويۇش، فامىلە تونۇشتۇرۇش، دۇكان، شىركەت، تاۋار مەھسۇلاتلىرىغا ئىسىم تونۇشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتىدۇ.


«ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى خەزىنىسى» ‐ ۋەلى كېرىم كۆكئالپنىڭ كۆپ يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن زور ئىلمىي ئەمگىكى،   ئۇنىڭغا ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدىن 25 مىڭدىن ئارتۇقراقى كىرگۈزۈلگەن ۋە ئىزاھلانغان، ھەر بىر ئىسىمنىڭ خەنزۇچە، لاتىنچە ئۆلچەملىك يېزىلىشى قوشۇپ بېرىلگەن بولۇپ، قوللىنىلىشچانلىقى ۋە ئىلمىيلىكى ناھايىتى يۇقىرى.


ئۇ ھازىر يەنە ئىسىم ۋە فامىلىشۇناسلىققا بېغىشلانغان «ئۇيغۇر فامىلە ئۆرنەكلىرى»، «ئۇيغۇرلاردا ئىسىم قويۇش ماھارىتى» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئۈستىدە جىددىي ئىزدەنمەكتە.

kariz يوللانغان ۋاقتى 2012-11-2 13:48:03

مۇبارەك بولسۇن!

     خېلى يىللاردىن بېرى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتكەن بۇ ئىسىل كىتاب ئاخىرى نەشردىن چىقىپتۇ-دە، ۋەلىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرىگە 20 يىلدىن ئاشتىغۇ دەيمەن. ۋەلىنىڭ تىنىمسىز ئىزدىنىش رۇھىغا ئاپىرىن! ۋەلىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

beliver يوللانغان ۋاقتى 2012-11-2 15:40:46

ناھايىتى ياخشى ئىش بوپتۇ،مەن ئۇيغۇرچە ئىسىمنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشىنى كۆرسەم غىدىغىم كېلەتتى.بۇ كىتابتا قانداقراق يېزىلدىكىنتاڭ \"\"

Marshal يوللانغان ۋاقتى 2012-11-2 18:08:08

كىتابخانىغا كىرسەم،200سوم دەيدۇ بۇ كىتابنى \"\"

كۆرۈپ باقسام نۇرغۇن ئىسىملار باركەن،پۇلنىڭ كۆزىگە قارىمايلا ئېلىۋەتتىم،نەچچە ئون ئەسىر ئەسقاتقۇدەك ئەمەسمۇ \"\"

peshpayi يوللانغان ۋاقتى 2012-11-3 12:05:32

مەن بۇرۇنقىسى بار ئىدى . 8.7يۇەن ئىدى . بىراق كونىراپ كەتتى . ما يىڭىسىنى 200يۇەن دەمدا ؟ توۋا يەنە شۇ مەندە بارىنى سەل كىڭەيتىپ مۇقاۋىللىرىنى يىڭىلاپ ئازتۇلا ياساپلا ساتقان ئوخشىمامدۇ ؟
بەت: [1]
: «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى خەزىنىسى» ناملىق كىتاب نەشىر قىلىندى