مانى ئالسام بولاما؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى، كېچىكىپ بولسىمۇ ئايەم مۇبارەك.
ئەسلى تۈزۈت قىلغۇدەك ئىشمۇ يوق، بىر ياندېسكا ئالماقچى ئىدىم، ئالاھىدە ئېھتىياج- تەلەپ يوق، پەقەت پۇلى ئەرزانراق، سىغىمى 1 ت ب دىن يۇقىرى، ھۆججەتنى ساقلاپ لازىم بولغاندا ئاچقىلى بولسا كۇپايە.
سورىماقچى بولغىنىم، تاۋباۋدىن تولا يانفون ئېلىپ پىشىپ قالغان بولساممۇ، كومپيۇتېر زاپچاسلىرىنى ئېلىپ باقمىغان، ھەم باشقىلارنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى ساۋاقلىرىنى تولا ئاڭلىغاچ، ئىككىلىنىپ قالدىم، كېڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس.
http://item.taobao.com/item.htm?spm=a230r.1.10.228.LCjV4H&id=20622780172&_u=2f4kcmvc6b6
http://item.taobao.com/item.htm?spm=a230r.1.10.162.0hjBkS&id=17665667430&_u=2f4kcmve450
بۇلارنى كۆرگەن، لېكىن دۇكان قۇرۇلغىلى بىر ئاي بولماپتۇ، ئىشەنچ قىلالمىدىم.
ئومۇمەن، http://s.taobao.com/search?q=2TB%D2%C6%B6%AF%D3%B2%C5%CC&initiative_id=staobaoz_20121102 دىكى ئىزدەش نەتىجىسىدە كۆرسەتكەن ماللار ئىچىدە تۆۋەن باھالىقلىرىغا دىققەت قىلدىم. سىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى تەجرىبە ۋە تەتقىقات نەتىجەڭلارغا دەھشەت قىزىقىۋاتىمەن.
ئاۋۇ كۆرگەنلېرىڭىزنى سىزدىن بۇرۇن بىرمۇ ئادەم ئېلىپ باقماپتۇ،ناچار چىقىپ قالسا بىكار جاپا تارتىپ قالىسىز.
ئەڭ ياخشىسى سەل قىممەت بولسىمۇ كۆپرەك كىشى سېتىۋىلىپ باھا بەرگەن ماللارنى سېتىۋىلىڭ،سېتىۋالغاندا سېتىۋالغۇچىلارنىڭ بەرگەن باھاسىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ. lenovo نىڭ بىر T لىقىنى 800 گە ئالدىم. خېلى يامان ئەمەستەك قىلىدۇ.
پۇلنى قاتلاپ يانچۇققا سېلىپ كومپىيوتىر بازىرىدىنلا ئېلىڭ، كۆرۈپ ئالغانغا يەتمەيدۇ... مەن فرانسىيەنىڭ Lacie ماركىلىق ياندىسكىسىنى زاكاس قىلدىم، يولدا كېلىۋاتىدۇ، سىغىمى 1T ، ئەگەر باشقا ماركىدىكى ياندىسكىلارنى ئالغان بولسا ماۋۇنى ئالغان پۇلغا ئوخشاش سەپلىمىدىكىسىدىن 2-3 كېلەتتىكەن. ئۇزۇن مەزگىل ئۇچۇر ساقلاش ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ئۈچۈن پۇلغا چىداپ مۇشۇنى ئالدىم.
http://trade.taobao.com/trade/detail/tradeSnap.htm?spm=a1z09.2.9.22.hqyy3U&tradeID=239820285336785
مەن ئالغان دۇكان Lacie ماركىلىق ياندىسكىسىنىڭ جۇڭگۇدىكى توردىن سېتىش باش بايراقدار دۇكىنى. Lacie ماركىسىغا كەلسەك تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى كۆرۈڭ.
http://baike.baidu.com/view/2999232.htm ئاۋۇلار بەكلا ئەرزانكەن، ئىشەنچسىزدەك قىلىدۇ.
چاتاق چىقسا نەچچە يۈز كويلۇق دېسكىمۇ مۇھىم ئەمەس، يامىنى ساقلاۋاتقان مۇھىم نەرسىلىرىڭىز يوقاپ كېتىدۇ. بۇنداق ئاچچىق زىياننى تارتىپ باققان ئادەم بىلىدۇ.... يەنە بىر گەپ: تاۋباۋدا دۇكاندار ئۆزىنىڭ مېلىنى ئۆزى سېتىۋېلىپ ئەلا باھا بېرىپ ساختا ئىناۋەت تىكلەيدىغان ئىش بار دەپ ئاڭلىۋىدىم، قانچىلىك راستۇ؟
5- قەۋەتتىكى esirنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يەنە بىر گەپ: تاۋباۋدا دۇكاندار ئۆزىنىڭ مېلىنى ئۆزى سېتىۋېلىپ ئەلا باھا بېرىپ ساختا ئىناۋەت تىكلەيدىغان ئىش بار دەپ ئاڭلىۋىدىم، قانچىلىك راستۇ؟
ئۇنداق ئىشلار بەك جىققۇ ؟ 淘宝商城 دىن بولسا مەيلىتى، باشقا ئىشەنچىلىك يەرلەردىن تاپقىلى بولىدىغان نەرسىنى تاۋباۋدىن ئالماڭ. ئالغاندىن كېيىن ئىشلەتمىسڭىز بولمايدۇ.
بولسا ئازراق پۇل قوشۇپ جىڭدوڭدىن ئېلىڭ، ئىشەنچىلىك، بىخەتەر، قايتۇرىمەن دېسىڭىزمۇ جىق گېپى يوق.
1T لىقى 600 سومدىن ئازلا تۆۋەنكەن، خېلى چۈشۈپتۇ.
http://www.360buy.com/products/670-686-693-0-0-1703-0-0-0-0-1-1-1.html
مەن بىر نەچچە ئاي بۇرۇن توشىبانىڭ بىر ت لىقىنى 800 سومغا يېقىن ئالغانتىم، ھازىر 569كەن. ئاۋۇ سېتلىشى نەچچە مىڭدىن ئاشقانلىرىمۇ بولىدۇ، ھەجىمىنى ئويلىسىڭىز توشىبا سەل سىپتىراق.
ماۋۇ خالتىلىرى:
amazon ، ئىشەنچلىك ، باھادا ئانچە چوڭ پەرق يوق . تاۋباۋدىن يېقىندا Sony نىڭ يۇقۇرى ئېنىقلىتىكى كىنو قويغۇشنى ئالغان،مال كەلگەندىن كېيىن يا قاتتىق دېسكىنى تونۇمايدۇ يا تورغا ئۇلانمايدۇ

9- قەۋەتتىكى consirvatipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەنچە قىمممەترەكىنى ئېلىڭ.. چۈنكى قىممەت نەرسە ياخشى چىقمايدۇ...



9- قەۋەتتىكى consirvatipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەنچە قىمممەترەكىنى ئېلىڭ.. چۈنكى قىممەت نەرسە ياخشى چىقمايدۇ...



كۆچمە دېسكا ئالغاندا ئامال بار توشىبانى ئېلىڭلار، TOSHIBA قاتتىق دېسكىنىڭ پېشۋاسىدۇر، ئەرزان دەپ باشقا ماركىلارنى ئېلىۋالغان بىلەن، ساقىلىغان ھۆججەتلەر يۇيۇلۇپ كەتسە يىغلاپ ئولتۇرىدىغان ئىش چىقىدۇ...
http://www.360buy.com/ مەن tmall دىن ئالدىم.