adwukat يوللانغان ۋاقتى 2012-11-2 09:07:40

گۇاڭدۇڭدا ئېتىراز ئەرزگە سوت ئېچىلدى

گۇاڭدۇڭدا تۇنجى جىنايى ئىشلار ئېلتىماس ئەرزى سوت نازارەتچىلىك ئېتىرازىغا سوت ئېچىلدى






گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك تەپتىش مەھكىمىسى لىن ۋىيجاڭنىڭ ئاھالىلەرنىڭ كىملىك گۇۋاھنامىسىنى يالغاندىن ياسىسىغا چېتىشلىق سوت نازارەتچىلىك تەرتىپى بويىچە ئېتىراز بىلدۈرگەن دىلوسى يېقىندا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ چوڭ سوت زالىدا سوت ئېچىپ قاراپ چىقىلدى . مەزكۇر دىلو سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاللىبۇرۇن قانۇن ئۈنۈم كۈچىگە ئىگە بولغان ھۆكۈم – كېسىملىرىگە قايىل بولماي ئىلتىماس ئەرز بەرگەن دىلولارنىڭ بىجىرىش تەرتىپى ئىسلاھات قىلىنغاندىن كېيىنكى ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە تۇنجى تۆۋەن دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىسى ئېتىراز بىلدۈرگەن ھەمدە ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئېتىرازنى قوللىغان دىلو بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .


گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار ئىلتىماس ئەرز تەپتىش باشقارمىسى ئىستايىدىل تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق ، بۇ دىلونى پۈتۈن ئۆلكە بويىچە سوت نازارەتچىلىك تەرتىپى بويىچە ئېتىراز بىلدۈرۈپ يىڭىباشتىن سوت قىلغان دىلولارنىڭ « تىپىك ئۈلگىسى » قىلىپ ، پۈتۈن ئۆلكىدىكى ھەر قايسى شەھەرلىك شۆبە تەپتىش مەھكىمىسى ، قىسمەن ئاساسى قاتلام جىنايى ئىشلار ئېتىراز ئەرز تەپتىش مەسئۇللىرى ، كەسپى تايانچلاردىن 70 دىن ئارتۇق ئادەمنى تەشكىللەپ نەق مەيدان سوت پائالىيىتىگە قاتناشتۇردى .


بۇ يىل 44 ياشلىق ئىلتىماس ئەرز قىلغۇچى لىن ۋىيجاڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ پۇنىڭدىن بولۇپ ، ئۇ ساياھەت نامىدا كۆپ قېتىم شياڭگاڭغا بىرىش يول خىتى بىلەن شياڭگاڭغا بىرىپ قىسقا مۇددەتلىك ئىشلەپ ، شياڭگاڭ تاموژنا خادىملىرى تەرىپىدىن بايقالغاندىن كېين چېگىردىن كىرگۈزۋىتىلگەن . 2006 – يىلى ، لىن ۋىيجاڭ ئېنىسىنىڭ نوپۇس ئۇچۇرلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ سۈرىتىنى ئىشلىتىپ ، شۇ جايدىكى ج خ ئورگانلىرىغا كىملىك بىجىرىشنى ئىلتىماس قىلغان . شۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ كىملىك بىلەن شياڭگاڭغا بىرىش يول خىتىغا ئىلتىماس قىلىپ ، داۋاملىق ساياھەت نامىدا شياڭگاڭغا بىرىپ قىسقا مۇددەتلىك ئىشلىگەن . 2010 – يىلى 8 – ئايدا ، ئاممىنىڭ پاش قىلىشى بىلەن ، لىن ۋىيجاڭ ج خ ئورگانلىرى تەرىپىدىن دىلو تۇرغۇزۇلۇپ تەھقىقلەنگەن .


پۇنىڭ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى 1 – سوت ھۆكۈمى ئارقىلىق لىن ۋىيجاڭنىڭ ئاھالىلەرنىڭ كىملىك گۇۋاھنامىسىنى يالغاندىن ياساش جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ مۇددەتلىك 8 ئايلىق قاماق جازاسى بەرگەن . لىن ۋىيجاڭ بۇنىڭغا قايىل بولماي ، نارازىلىق ئەرز بەرگەن . جى ياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى بۇ دىلوغا 2 – سوت بويىچە قاراپ چىقىپ ئەسلى سوت ھۆكۈمىنى كۈچكە ئىگە قىلىپ ، نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلغان .


لىن ۋىيجاڭ 2011 – يىلى 12 – ئاينىڭ 22 – كۈنى جىياڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئىلتىماس ئەرز بەرگەن . جى ياڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار ئىلتىماس ئەرزى بۆلىمى بۇ دىلونى قوبۇل قىلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ، ئاھالىلەرنىڭ كىملىك گۇۋاھنامىسىنى يالغاندىن ياساش جىنايىتى بولسا كىملىك گۇۋاھنامىسى ياساش سالاھىيىتى بولمىغان كىشىنىڭ ساختا ئاھالىلەر كىملىك گۇۋاھنامىسى ياساش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ . مەزكۇر دىلودا ج خ ئورگانلىرىنىڭ كىملىك گۇۋاھنامىسىنى ياساش ھەركىتى مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرى تەكشۈرۈپ تارقاتقان ھەقىقى گۇۋاھنامە ھېسابلىنىدۇ . ئىلتىماس ئەرز قىلغۇچى لىن ۋىيجاڭنىڭ قىلمىشى بولسا ساختا ماتىرياللارنى تەمىنلەپ كىملىك گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشىش ۋە ئالدامچىلىق ئۇسۇلى بىلەن كىملىك گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشىۋىلىش قىلمىشى بولۇپ ، ئۇنىڭ بۇ ھەركىتى مەمۇرى قانۇن بەلگىلىمىلەرگە خېلاپ ھەرىكەت بولۇپ ساختا كىملىك گۇۋاھنامىسى ياساش جىنايى قىلمىش ھېسابلانمايدۇ . جى ياڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جى ياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەسلى سوت ھۆكۈمىنى كۈچكە ئىگە قىلىشىدا قانۇننى تەدبىقلاش جەھەتتە خاتالىق ساقلانغان دەپ قاراپ ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك تەپتىش مەھكىمىسىگە سوت نازارەتچىلىك تەرتىپى بويىچە ئېتىراز ئەرز بىلدۈرۈشنى قارار قىلغان . ئۆلكىلىك تەپتىش مەھكىمىسى مەزكۇر دىلونى تەكشۈرگەندىن كېيىن ، سوت نارازەتچىلىك تەرتىپى بويىچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئېتىراز ئەرز بەرگەن .


سوت جەريانىدا ، سوتقا قاتناشقان تەپتىشلەر سوت نازارەتچىلىك ئېتىراز ئەرز تەرىپى بويىچە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلدى ، تەپتىش ئورگىنىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىك پىكىرنامىسىنى تولۇق ئېزاھلاپ ئۆتۈپ ، ياخشى بولغان سوت ئۈنۈمىگە ئېرىشتى . دەۋالاشقۇچىلار ۋە ئۇنىڭ ئادۋۇكاتلىرى شۇ كۈندىكى سوتتىن مەمنۇن بولدى ھەمدە سوتقا قاتناشقان تەپتىشلەرگە رەھمىتىنى بىلدۈردى .





http://news.ifeng.com/society/1/detail_2012_11/02/18772296_0.shtml

rock يوللانغان ۋاقتى 2012-11-2 13:14:17

نىماندا لاۋزا سوت بۇ؟ تۇققىنىنىڭ كىملىكىنى ئىشلەتكەنگە مۇشۇنچىۋالا غۇلغۇلا قىغان باما.

borayar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-2 15:18:16

گەپنىڭ پوسكاللىسىنى يېزىڭە..  نېمىنىڭ بىرىنجىسى بوپتۇ بۇ سوت، نېمىنى بىلىۋالىمىز؟ ئوقۇپ ھېچنەرسە چۈشەنمىدىم.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-11-2 15:40:51

گەپنىڭ قىسقىسىنى دىگەندە



بىرسى ئۈزىنىڭ كىملىكى بىلەن شىياڭگاڭغا بېرىپ ئىشلەپ تۇتۇلۇپ قېلىپ قارا تىزىملىككە چۈشۈپتۇ

قارا تىزىملىك بويىچە كىرگىلى بولمىغاندىن كىيىن،ئىنىسنىڭ نوپوسىنى ئىشلىتىپ ئۈزىنىڭ رەسمى بىلەن يىڭى كىملىك ياسىتىپتۇ.

يەنە تۇتۇلۇپتۇ

سوتتا ساختا كىملىك ياساتقان دەپ كىسىم ئېلان قىپتۇ

رازى بولماي قايتا ئەرز قىلسا سوت بۇرۇنقى ھۈكۈمنى ياقىلاپتۇ

كىيىن سوتقا ئەمەس تەپتىشكە ئەرز قىپتىكەن،پالانى پۈكۈنى،ھۈكۈمەت ئۈزى ياسىغان كىملىك تۇرسا،ساختا ئەمەس دەپ سوتنىڭ ھۈكۈمىنى ئاغدۇۇرۇپ بېرىپتۇ.

مەنغۇ بىلمىدىم،سوت ھۈكۈمىنى تەپتىش ئاغدۇرغىنى تۇنجىسى ئوخشايدۇ.

قىسقىسىنى دىگەندە مۇشۇنداق ئۇزىراپ كەتتى



سوت بىلەن تەپتىشنىڭ پەرقىنى قانۇن بىلىدىغانلار چۈشەندۈرۈپ قويسۇن


atiyan يوللانغان ۋاقتى 2012-11-2 15:48:12

نەتىجىسى قانداق بولۇپتۇ ؟... قاماقتا ياتىدىغان بولۇپتىمۇ ياكى گۇناھسىز دەپ تاكسىدا يولغا سىلىپ قويۇپتىمۇ ؟...

honman يوللانغان ۋاقتى 2012-11-2 16:13:49

زىيالىمۇ چۈشەنمەپتۇ.

honman يوللانغان ۋاقتى 2012-11-2 16:19:23

بۇ تېمىنى تەرجىمە قىلغان ئادۋوكات ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدۇ،چۈشەنگەن بولسا بۇنداق قالايمقان مۈجىمەل تەرجىمە قىلمايتتى.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-11-2 16:28:22

شىنجاڭدا فورمىلا كىيىۋالغان بولسا،باۋئەنلەرمۇ قانۇن ئىجرا قىلىپ كىسىم ئېلان قىلىۋېرىدىغان تۇرسا،سوت تەپتىش نازررەت قىلىش ئورگىنى دىگەندەك بىر نىمىلەرنى دىسە قايسى فورما كىيىدىغانلاردۇ دەپ ھەيران قالىدىغان ئىشكەن شۇ  {:90:}  

مەن قانۇن ئىجرا قىلىنىش تەرتىپىنى بىلمەيدىكەنمەن.

تېمىدا سوتنى نازارەت قىلىش ئورگىنى تۇنجى بولۇپ ئىش قىلدى دىمەكچى ئوخشايدۇ

بۇرۇن نازارەت قىلماي ئىشەك باققان ئوخشايدۇ.........

كىم بىلىپتۇ.......... \"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-11-2 16:34:34

مۇشۇ باھانىدە ساۋاتسىزلىق يوقىتىۋالىلى ھە

سوت بىلەن تەپتىشنىڭ پەرقى



法院是司法(审判)机关,是负责审理案件,解决纠纷的

市法院职责

(一)审判法律规定、省高级人民法院指定由市法院管辖和市法院认为依法应当由自己审判的刑事、民事、行政等第一审案件。

(二)审判法律规定由市法院审判的刑事、民事、行政等第二审案件。

(三)审查处理不服市法院和下级法院判决、裁定的各类申诉和申请再审案件。

(四)审判由检察机关按照审判监督程序提出抗诉的案件。

(五)对下级人民法院管辖不明的案件指定管辖。

(六)监督和指导基层人民法院的审判工作。

(七)依法行使司法执行权和司法决定权。

(八)依法决定国家赔偿。

(九)管理、协调全市法院执行工作。

(十)研究、征集对法律、法规、规章草案的意见;对案件审理中发现的问题提出司法建议。

(十一)负责指导全市法院思想政治工作、教育培训工作;按照权限管理法官及其他人员;协助管理全市法院机构、人员编制工作;主管全市法院监察工作。

(十二)结合审判工作宣传法制,教育公民自觉遵守宪法和法律。

(十三)承办其他应由市法院负责的工作。



检察院是检察机关

人民检察院的职权和职能部门主要职责

(一)人民检察院是国家的法律监督机关,依法行使下列职权:

1、对于叛国案、分裂国家案以及严惩破坏国家的政策、法律、政令统一实施的重大犯罪案件,行使检察权。

2、对于直接受理的国家工作人员利用职权实施的犯罪案件,进行侦查。

3、对于公安机关、国家安全机关等侦查机关侦查的案件进行审查,决定对是否逮捕、起诉或者不起诉。并对侦查机关的侦查活动是否合法实行监督。

4、对于刑事案件提起公诉,支持公诉;对于人民法院的刑事判决、裁定是否正确和审判活动是否合法实行监督。

5、对于监狱看守所等执行机关执行刑罚的活动地点实行监督。

6、对于人民法院的民事审判活动实行法律监督,对人民法院已经发生效力的判决、裁定,发现违反法律、法规规定的,依法提出抗诉。





ئىزدەپ چاپلاپ قويدۇم

ئالدىرىماي ئوقاي

ئاندىن تەسىرات ماقالىسى يازاي  {:92:}

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-2 16:36:17

ئەسلىدىنلا سوت كەسكەن ھۆكۈملەرنى، سوت تەرتىپلىرىنى تەپتىش مەھكىمىسنىڭ تەپتىش قىلىش، نازارەت قىلىش ھوقوقى بارغۇ دەيمەن. ئەسلىدىنلا بار ھوقوقنى تۇنجى قىتىم ئىشلەتكەنلىكىنى مەدىيلەپتۇ. \"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-11-2 16:44:00

刑事违法行为

行政违法行为

بۇنىڭ پەرقىچۇ؟

پەرقى بەيدۇدا دىگىنىدەككەن


ئوقۇشتىنمۇ چاپلاشتىنمۇ ئېرىندىم


ئاقىۋىتىنىڭ پەرقى



刑事违法行为的法律后果为:刑事拘留直至死刑;民事违法行为的法律后果为:停止侵权,赔偿损失(包括经济损失);行政违法行为的法律后果为:撤销,追究具体责任人的行为,赔偿损失(包括经济损失)。



ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-11-2 16:46:42

ھە

ئەمدى كىم نىمە دەپتۇ باشتىن كىلىلى \"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-11-2 16:55:23

نىمە دەپتۇ ئەمسە!؟

تەپتىش مەھكىمىسىنى بۇرۇندىنلا سوتنى نازارەت قىلىدىغان ئورگان دەپ بىلىدىكەنمىز

قانۇن ئىجرا قىلىدىغانلار مۇشۇنىڭغا ھەيران قەپتۇما؟



مەن قارىسامغۇ ئۇششاق چۈششەك ئىشلارغا سوت،چوڭ چوڭ ئىشلارغا تەپتىش ئىگىدەك قىلىدۇ \"\"

شۇنداق بولسا بۇنداق كىچىك ئىشقا چوڭ ئىشقا مەسئۇل تەپتىشنىڭ چىققىنىنى، مىسال ئېلىپ چۈشەندۈرسەك، جۇڭگو تۇنجى بولۇپ پاشا ئۆلتۈرىدىغانغا ئاتوم بومبىسى ئىشلەتتى دىمەكچى دىمەكچى ئوخشايدۇ.

ھىم

ئەنگىلىيەدىكى جىنىس دۇنيا رىكورتىغا ئىلتىماس قىلىپ باقسا چۈشمىسە شاڭخەيدىكىسىگە ئىلتىماس قىلسا ئۈچ تۆتنى قوشۇپ بەرگىدەك ئىش ئىكەن بۇ \"\"


BAHWAN يوللانغان ۋاقتى 2012-11-5 13:23:01

زىيالى توغرا چۇشەندۇرۇپتۇ
بەت: [1]
: گۇاڭدۇڭدا ئېتىراز ئەرزگە سوت ئېچىلدى