ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2012-11-1 17:12:54

ئەلۋىدا، مەريەم جەمىلە

ئەلۋىدا، مەريەم جەمىلە







تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(01.11.2012) خەۋىرى:

ئىسلام دۇنياسىنىڭ تونۇلغان مۇتەپەككۇرى ۋە يازغۇچىسى مەريەم جەمىلە بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى.

پاكىستانلىق ئىسلام ئالىمى ئەبۇلئەئلا مەۋدۇدى بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن مۇسۇلمان بولۇپ، مارگارېت ماركۇس دېگەن ئەسلىدىكى ئىسمىنى مەريەم جەمىلەگە ئۆزگەرتكەن يەھۇدىي مۇخبىر – يازغۇچى جەمىلە، پاكىستاننىڭ لاھور شەھىرىدىكى تورالغۇسىدا 91 يېشىدا بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى.

پەلەستىنلىك مۇساپىر ئەھمەد خەلىلنىڭ ھايات ھېكايىسىنى تېما قىلغان تۇنجى كىتابىنى 17 يېشىدا قەلەمگە ئالغان جەمىلەنىڭ، جەمئىي 17 پارچە كىتابى ۋە 70 پارچىدىن ئارتۇق كىتابچىسى بار.

جەمىلەنىڭ «ئۆزىنى تەنقىدلىگەن غەرب»، «ئىسلام ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى زاماندىكى يېتەكچىلىرى»، «مەۋدۇدى بىلەن يېزىشقان خەتلەر»، «شەرقشۇناسلىق»، «غەرب مەدەنىيىتى ۋە ئىنسان» ناملىق ئەسەرلىرى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغانىدى.

★★★★★

saadatman يوللانغان ۋاقتى 2012-11-2 10:22:07

ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن ئاللاھ ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلسۇن ئۇنىڭدىنمۇ بىلىملىك كىشىلەرنى ئۇرۇنباسار قىلىپ بەرسۇن

Erke_Yigt يوللانغان ۋاقتى 2012-11-2 12:34:08

ئاللاھ ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلغاي

ansariy يوللانغان ۋاقتى 2012-11-2 21:26:45

بىز ئاللاھنىڭ بەندىلىرى، ئاللاھ تەرەپكە قايتقۇچىلارمز.

  مۇشۇ تۈركىيە ئاۋازى تورىنى قانداق قىلغاندا ئاچقىلى بۇلىدۇ؟ ئۆتكەندە بىرەيەن ئېچىش ئۇسۇلىنى دەپ بەرگەنتى ئۇنتۇپ قاپتىمەن...

tawlan يوللانغان ۋاقتى 2012-11-5 20:29:05

ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن
بەت: [1]
: ئەلۋىدا، مەريەم جەمىلە