kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-10-31 19:21:38

يۇمۇرلار

بىردەم يېرىمدەم كۈلىۋالايلى.  


1. بىر كۈنى قۇناخۇن تاققا تۇققا سۆزلەپ مۇنبەرنى قالايمىقان قىلغاچقا مۇنبەرچوڭلېرى قۇناخۇننى جازالىماقچى بوپتۇ. باچكا دەپتۇ 3 كۈن سولاپ ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەيلى. زىيالى دەپتۇ بىر ھەپتە سولايلى بولمىسا ئوڭشالمايدۇ بۇ . پىنھاننىڭ ئاچچىقى بەك تۇتۇپتۇ دەپتۇغۇ مەن بۇ گۇينى ئېتىپلىۋىتەي بولدى تولا تەربىيە قىلىپ زېرىكتىم. پىنھان بىلەن مەتو ئىككىسى قۇناخۇننى تۇرغۇزۇپ قويۇپ مىلتىقنى بەتلەپ پىنھان بىرىنچى پاي ئوقنى ئېتىپتۇ. ئوق تەگمەستىن قۇناخۇننىڭ قۇلاق تۈۋىسىدىن ئۆتۈپ تېگىپتۇ. ماڭاۋە مۇشۇنىمۇ ئاتالمىدىڭمۇ دەپ مەتو ئىككىنچى پاي ئوقنى ئېتىش ئۈچۈن غالىلداپ تىترەپ تۇرغان قۇناخۇننى قارغا ئېلىپتۇ، لېكىن پىستان چېقىپ ئوق ئېتىلماپتۇ.بۇ بولمىدى مەن قايتا ئاتاي دەپ پىنھان مىلتىقنى قولىغا ئېلىشىغا قۇناخۇن يەرگە تىزلىنىپ يىغلاپ تۇرۇپ دەپتۇ- ئاھ خۇدا سىلەرمىنى ئېتىپ ئۆلتۈرمەكچىمۇ ياكى قورقۇتۇپمۇ؟



2. ئەركتېكىن قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان ئايرۇپىلان ھەيدەيدىغان ئۇچقۇچى بوپتۇ.بىر قىتىملىق سەپەردە ئايروپىلان تازا ئۇچۇپ كۇچا ئاسمىنىغا كەلگەندە ئايرۇپىلاندىن چاتاق چىقىپتۇ ئەركتېكىن ئۈمۈد قالمىغىنىنى بىلىپ دەپتۇ


-ئايرۇپىلان بۇزۇلۇپ قالدى ھەممىڭلار پاراشوت بىلەن سەكرەڭلار.


لېكىن بىر يۇلۇچى قەتئى سەكرىگىلى ئۇنىماپتۇ.ئەركتېكىن نىمىشقا سەكرىمەيسەن دىسە ئېۋۇ قورقۇنچاق دەپتۇ:


- بۇلتۇر ئاچام پاراشوت بىلەن سەكرەپ پاراشوتى ئېچىلماي ئۆلۈپ كەتكەن مەن سەكرىمەيمەن بولدى.ئەركتېكىن شۇنچە زورلىسىمۇ ئۇنىمىغاندىكىن ئاخىرى ئۇنىڭغا:


- مەن ساڭا ئۆزەمنڭ ياخشىراق بولغان پاراشوتۇمنى بېرەي بولدى بۇنىڭدىن قەتئى چاتاق چىقمايدۇ، سەكرىگىن -دەپتۇ.


ھېلىقى قورقۇنچاق ئەركتېكىننىڭ پاراشوتى بىلەن پەسكە چۈشۈپ كېتىۋاتسا ئەركتېكىن ئاۋۇ قورقۇنچاقنىڭ پاراشوتىنى ئاچالماي ئوقتەك چۈشۈپ كېتىۋاتقۇدەك. ھېلىقى يۇلۇچى سوراپتۇغۇ ۋوي ئۇچقۇچى بۇنچە ئالدىراش نەگە؟ ئەركتېكىن ئاچچىقىدا ۋاقىراپتۇغۇ:-ئاچاڭنىڭ قىشىغا.



3. ئۇيغۇر بالىغ توي قىلىپ ئىككى ئاي بولا بولمايلا ئۆيگە كەچ بولغۇچە كەلمەي يەنىلا دىسكۇخانا، قاۋاقخانىلاردىن كەلمەيدىغان بولىۋاپتۇ. ئايالىنىڭ ئاچچىقى كېلىپ تۇغۇلغان كۈنى بولغاندا ئۇيغۇر بالىغقا زادى مەن سەن بىلەن بىرگە بۈگۈن سەن  دائىم بارىدىغان يەرگە بارىمەن. ئۇيغۇر بالىغ ئامال يوق ئايالىنى ئېلىپ دىسكۇخانىغا كىرىشىگە ئۇزۇن پاچاق، سېرىق چاچ، مودا بىر قىز ئۇيغۇر بالىغقا يىپىشىۋىلىپ دەپتۇغۇ:


-ئۆز سالاپىتىڭىزگە ياراشمايدىغان بۇ ئاۋاق جىننى نىمە دەپ قولتۇقلىۋالدىڭىز؟


ئۇيغۇر بالىغ  ئاچچىقتىن يېرىلىپ كېتەي دىگەن ئايالىنى بەزلەپ ئەمدى ئولتۇرۇشىغا يەنە بىر قىز دەرھاللا مىكروفوننى ئېلىپ ۋاقىراپتۇغۇ:


- كۆپچىلىك دىققەت، زامانىمىزدىكى ئەڭ كىلىشكەن ئەر، ماھىر دىسكو چولپىنى ئۇيغۇر بالىغ بىزگە ئۇدا يەتتە كۈن داۋاملاشقان شاش دىسكوسىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرمەكچى. ھەممەيلەن قىزغىن قارشى ئالايلى.


ئۈچ تۆت قىز قىيا-چىيا ئۇيغۇر بالىغنى يۆلەپ ئېسىلىپ تارتىپ ئۇتتۇرىغا ئېلىپ چىقىپتۇ. ئۇيغۇر بالىغ مىڭ تەستە يەتتە-سەككىز قىزنىڭ ئارىسىدىن تارتىشماقتىن چۈشۈپ خوتۇنىنىڭ يىنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ ئاچچىقلانماسلىقنى ئۆتۈنۈپتۇ. ئايالى ئاچچىقىدا ئۇنى بىر شاپىلاق ئۇرۇپ سىرتقا مىڭىپتۇ. ئۇيغۇر بالىغ بىر تاكسى تۇسۇپ ئايالىنى تاكسىغا سىلىپ ئەمدى ماشىنا قوزغىلىشىغا ئايالى تىل-دەشنامنى باشلىۋىتىپتۇ. شوپۇر تۇيۇقسىز دەپتۇغۇ ئۇيغۇر بالىغ ئاداش بۈگۈن يىتىلىۋالغان بۇ تۇمۇچۇقنىڭ ئەجەپ ئاچچىقى يامانغۇ.



4. جەۋلان بىر تۈركۈم ئىزدىنىشلىقلارنى باشلاپ جەڭگە چىقىپتۇ. دۈشمەن بىلەن نەچچە كۈن جەڭ قىلغاندىن كېيىن ئىزدىنىشتىكى ھورۇنلارنى يىغىپ غەلبىنى تەبرىكلەپ مەشرەپ قىلىۋاتسا تارىم722 دوكلات قىلىپ دەپتۇ:


- دوكلات باشلىق دۈشمەن ئايرۇپىلانى كېلىۋاتىدۇ قانداق قىلىمىز؟ جەۋلان دەپتۇ:


- دەرھاپ ئاكوپقا كىرىڭلار. تارىم722 دەپتۇغۇ:


- باشلىق بۇ ئايرۇپىلان جاسوسلۇق قىلىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانكەن، قوراللىق ئايرۇپىلان ئەمەسكەن. جەۋلان دەپتۇ:


-ئەمىسە بۇيرۇقۇمنى يەتكۈز ھېچكىمنىڭ كۈلۈشىگە رۇخسەت يوق.



5. تاش ئادەم دەريا بويىدە پىۋا ئىچىپ ئولتۇرسا دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن بىر يولداش ئەييا ئەييا دەپ ۋاقىراۋاتقۇدەك. تاش ئادەم دەلدەڭشىگىنىچە بېرىپ ئېۋۇ يولداشنى تارتىپ چىقارغاچ دەپتۇغۇ-ھەي توڭجى بۇ ئەييا ئەمەس دەريا. ھازىر ھەممە يەردە قوش تىللىق بولۇشنى تەكىتلەۋاتىدۇ. ئۇيغۇرچىنى ياخشى ئۆگەن بولمىسا چۆكۈپ كېتىسەن.



6. تاشپاقا يارلىنىپتۇ ئۇنىڭ ياخشى دوستى قۇلۇلە دورا ئالغىلى چىقىپ كېتىپ ئىككى سائەتكىچە قايتىپ كەلمەپتۇ. تاشپاقا ۋايجان ۋاييەي دەپ قاقشىغىنىچە بۇ قۇلولە دىگەن قاقۋاش دورا ئالىدىغان پۇلۇمنى ئېلىپ يەنە ھاراق ئىچكىلى كەتتىمۇ نىمە دەپ غۇدۇرىشىغا سىرتتىن قۇلولىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ:


- دورا ئالغىلى كىتىۋاتىمەنغۇ مانا، يەنە مۇشۇنداق غۇدۇرىساڭ دورا ئالغىلى بارمايمەن جۇمۇ..



7. بىر كۈنى مانتا بىلەن لەغمەن ئۇرۇشۇپ قاپتۇ. لەغمەن ئۇزۇن بولغاچقا مانتىنى تازا ساۋاپتۇ. مانتا بۇ دەردلەرنى ئىچىگە سىغدۇرالماي موما ئاكىسىنى باشلاپ لەغمەندىن قىساس ئېلىش ئۈچۈن مىڭىپتۇ. ئالدىغا تەييار چۆپ ئۇچراپ قىلىپ مانتا بىلەن موما ئىككىسى تەييار چۆپنى تازا ساۋاپتۇ. تەييار چۆپ يىغلاپ تۇرۇپ نىمىگە مىنى ئۇرىسىلەر دىسە مانتا دەپتغۇ:


- ھې لاۋزا چېچىڭنى بۈدرە قىلىۋالسڭمۇ تۇنۇۋالدىم مەن سېنى.



8. ئۆزھالكام قەشقەرگە ساياھەتكە بېرىپ ھېيتگاھ ئالدىنى ئالدىنى ئايلىنىپ بىر زات ھەكىمنىڭ دۇكىنىغا كىرسە شاگىرتى ئۇستام يوق چىقىپ كەتكەن دىگۈدەك. ئۆزھالكام ھېلىغىچە كىلىپ قالار بۇ تېۋىپ، مەنمۇ بىر ئايلىنىپ كىرەي دەپ بازار ئايلىنىۋىتىپ كېتىۋاتسا ئۇيۇن قۇيىۋاتقان بىر ھايۋاناتلار سېرىك ئۆمىكى ئۇچراپ قاپتۇ. ئۆزھالكام تاماشا كۆرۋاتسا بىرەيلەن كېلىپ دەپتۇغۇ. سىز بىزنىڭ يۈتۈپ كەتكەن شىمپانزىغا ئوخشايدىكەنسىز، مۇنداق قىلايلى سىز بىزگە شىمپانزىنىڭ تېرە كىيىمىنى كىيىپ قەپەستە ئۈچ سائەت ئولتۇرۇپ بەرسىڭىز بىز سىزگە 5000 يۇەن بېرىمىز. ئۆزھالكام دەسلەپ ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ ئۈچ سائەت دىگەن بىردەمدە توشمامدۇ جىم ئولتۇرغانغا نىمە بولاتتى دەپ ماقۇل دەپتۇ. بىر چاغدا چوڭ بىر باشلىق كىلىپ سوراپتىغۇ بۇ شىمپانزا بىلەن قوشنا قەپەستىكى يولۋاس ياخشى ئۆتەمدۇ؟بايىقى ئۆزھالكامنى ياساندۇرغان كىچىك باشلىق دەپتۇ:


- شۇنداق بۇ ئىككىسى ئاكا-ئۇكىدەك يىقىن ئۆتىدۇ.


-ياخشى ئەمىسە ئوتۇرىدىكى توساقنى ئېلىۋىتىڭلار.


توساقنى ئېلىۋىتىشىگە يولۋاس باۋ باۋ قىلىپلا ئۆزھالكامغا ئېتىلىپتۇ. ئۆزھالكام قورقۇپ كېتىپ ۋاي قۇتقۇزۇڭلار! دەپ ۋاقىرىسا ھېلىقى يولۋاس ئۆزھالكامنى نۇقۇپ دەپتۇغۇ:


-قورقمىسىلا تەقسىر، كەمىنە بىر زات بولىمەن.



قىزىقچىلىق بولسۇن ئۈچۈن يىزىپ قويدۇم. ئىسمى ئاتالغان ئەزىزلەر خاپا بولۇپ كەتمىگەي ھە. ھى ھى ھى يەنە ئېسىمگە كەلسە داۋاملاشتۇرۇپ يازارمەن. ئاڭغىچە ئېسىدە قىزىق يۇمۇر بارلار تۆكۈڭلار بىر. بىللە ھۇزۇرلىنايلى.

pulsar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-1 08:06:42

تازىمۇ بىر كۈلۈۋالدىم، تاڭ سەھەردە، رەھمەت.

تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر ئىنكاس، «ئىزدىنش»قا رەسىم يوللاشنى ئۆگىتىپ قويىدىغانلار بارمۇ؟ بولسا تەپسىلىي ئۆگىتىپ قويساڭلار.

yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-1 08:34:47

يانچۇقۇمنى ئاختۇرۇپ بېقىڭ

ئوفىىتسېر:ئاپتوماتنى تىقىپ قويغان سەنغۇ دەيمەن

ئەسكەر:ياق كوماندىر ،ئىشەنمىسىڭىز يانچۇقۇمنى ئاختۇرۇپ بېقىڭ.

پىتنە توقۇش ماھىرى

بىر يىگىت ئىشقا قوبۇل قىلىنىش ئىلتىماسىنىڭ ‹‹ئارتۇقچىلىقى>>دېگەن كاتەكچىگە ‹‹پىتنە توقۇش ماھىرى‹‹دەپ يېزىپ قويۇپتۇ،بۇنى كۆرگەن خوجايىن قىزىققان ھالدا دەپتۇ:

-ئەمىسە،سىز بىر پىتنە توقۇپ بېقىڭ،كۆرۈپ باقاي.

ھېلىقى يىگىت ئىشخاندىن چىقىپتۇ-دە،

نۆۋەت كۈتۈپ تورغان كىشىلەرگە قاراپ دەپتۇ:

ھەر قايسىڭلار قايتىپ كەتسەڭلار بولىدۇ ،چۈنكى ،بۇ خىزمەتكە مەن ئېرىشىتىم،سىلەرگە ئىش قالمىدى .

western يوللانغان ۋاقتى 2012-11-1 17:33:31

.....

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-11-1 18:27:25

يۇمۇر سۆزلەڭلار دىگەنتىم، ئىتتەك غاجاڭلار دىمىگەنتىم.  {:107:}  \"\"

306398168 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-1 20:51:52

قايدا يومۇر يېزىپتىڭىزبولا غوجام ..... پەشۋا يەپكىتىپسىز غۇ،

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2012-11-1 21:02:10

؟؟؟؟؟؟؟؟ يېنىغا دىگىنى ھەجەپ قىزىىقكەن\"\"\"\"

terjime يوللانغان ۋاقتى 2012-11-1 21:26:52

ئوبۇرنىدىن چىقسام ئىككى ياشلىق قىزىم سورىدى:

_دادا نىمە قىلىپ چىقتىڭ ؟

-تەرەت ئېلىپ چىقتىم .

-ئالە قېنى ، مەن كۆرەپ باقاي؟

_  {:107:}

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-1 21:30:22

7- قەۋەتتىكى terjimeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئوبۇرنىدىن چىقسام ئىككى ياشلىق قىزىم سورىدى:

_دادا نىمە قىلىپ چىقتىڭ ؟

-تەرەت ئېلىپ چىقتىم .

-ئالە قېنى ، مەن كۆرەپ باقاي؟

_ \"\"

--------------------------


ھا ھا ھا ...ئۆلتۈرىدىغىنىكەن ماۋۇ ...

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-1 21:31:21

ھە راست ھېيتتا قەشقەرگە ساياھەتكە بېرىپ ئوغۇت پۇراپ يېنىپ كەلگەن ئاغىينىلەر تۆكمەمسلەر مەشەگە  {:90:}

atarut يوللانغان ۋاقتى 2012-11-1 22:00:51

Erke_Yigt يوللانغان ۋاقتى 2012-11-2 12:26:38

- شۇنداق بۇ ئىككىسى ئاكا-ئۇكىدەك يىقىن ئۆتىدۇ.



-ياخشى ئەمىسە ئوتۇرىدىكى توساقنى ئېلىۋىتىڭلار.



توساقنى ئېلىۋىتىشىگە يولۋاس باۋ باۋ قىلىپلا ئۆزھالكامغا ئېتىلىپتۇ. ئۆزھالكام قورقۇپ كېتىپ ۋاي قۇتقۇزۇڭلار! دەپ ۋاقىرىسا ھېلىقى يولۋاس ئۆزھالكامنى نۇقۇپ دەپتۇغۇ:



-قورقمىسىلا تەقسىر، كەمىنە بىر زات بولىمەن.



============================================================================

\"\"   \"\"


    \"\"


\"\"   \"\"


تازاكۈلۈپتىمەن

Pitbash يوللانغان ۋاقتى 2012-11-2 14:33:50

گولف توپ مەيداننىڭ ھاجەتخانىسىدا بىرەيلەن ئولتۇرسا ياندىكى بىرسىگە تېلىفون كەپتۇ:

تېلفوننىڭ ئاۋازىنى يوغان ئېچىپ قۇيۇپ پاراڭلىشىپ كىتپتىغۇ، تېلفوندا بىر ئايالنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ:

ئايال : سۈيۈملۈكۈم سىز كۇلۇپتىمۇ؟

ئەر : ھەئە مەن كۇلۇپتا.

ئايال : سۇيۇملۇكۈم ھېلىقى ئېسىل پىكاپ كەلدى باھاسىنى 3 مىليون دەيدۇ .

ئەر : ئالايلى.

ئايال : ھېلىقى شەھەر مەركىزىدىكى بىنا سېتىلىشقا باشلاپتۇ، ھەر كۇۋادىراتى 70 مىڭ كەن،

ئەر : ئالايلى.

ئايال : سىز بەك ياخشى جۇمۇ سۈيۈملۈكۈم ، خەيىر - خوش.

ئەر : خەيىر - خوش.

تېلفوننى قويۇپ ئەركىشى دەپتىغۇ : بۇ تېلفون چىمنىڭ بولاتى.......  {:92:}

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-11-2 14:41:48

زىيالى ياپۇنغا بارغۇچە تۇنجى قېتىم ئايرۇپىلانغا ئولتۇرغاچقا ، قورققىنىدىن چىرايى تاتىرىپ كېتىپتۇ . ماتۇر ئوت ئېلىشى بىلەن كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ ، ئورۇندۇقنىڭ يان يۆلەنچۈكىنى چىڭ تۇتۇۋاپتۇ ، بەش مىنۇتتىن كېيىن كۆزىنى ئېچىپ ، زور جاسارەت بىلەن ئايرۇپىلان دېرىزىسىدىن سىرىتقا قاراپ :

_ ھەقىقەتەن قالتىسكەن ، يەر يۈزىدىكى ئادەملەر چۈمۇلىدەكلا كۆرۇنىدىكەن ئەمەسمۇ !_ دەپتۇ .

_ كۆرۋاتقىنىڭىز چۇمۇلە ، ئايرۇپىلان تېخى قوزغالمىدى ، __ دەپتۇ يېنىدا ئولتۇرغان كېشى.

Pitbash يوللانغان ۋاقتى 2012-11-2 14:48:23

ئىككىچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە زىيالى روس ئەسكەلىرى قاتارىدا ئۇرۇشقا قاتنىشىپتۇ.

گىرانات تاشلاشنى مەشىق قىلدۇرۇپتىغۇ،

ماڭ قارا بودەك كۈچۈڭ جىق بولغاندىكىن سىنىڭ يىراققا ئاتالايسەن،

ئېتىشتىن بۇرۇن پىلكىنى غاچىچىدە تارتىيسەندە

بىردىن ئونغىچە ساناپ كۈچەپ ئاتساڭ بولىدۇ،

مەشقاۋۇل مۇشۇنداق دەپ بىرمۇنچە كوتۇلداپ ئاران ماقۇل دىگۈزۈپتۇ.

ئۇرۇش باشلىنىپ كىتىپتۇ،

زىيالى قارسا دۇشمەن ئەسكەرلىرى قىستاپ كەپ كىتىپتۇ.

5 مىتىرچە نېرىدا بىر ئورەك جاي باركەن، شۇ يەرگە گۇپلا قىپ ئۆزىنى ئېتىپتۇ.

گىراناتنىڭ پىلىنى تارتىۋىتىپ بارمىقى بىلەن ساناشقا باشلاپتىغۇ،

ئوڭ قولىنىڭ بارماقلىرى 1،2،3،4،5 تۈگەپتۇ، مۇشتۇمىنى چىق تۈگۈپ تۇرۇپ سول قولىدا گىراناتنى چاتىرقىغا قىستۇرۇپ قويوپ ساناشقا باشلاپتۇ :

1،2،3،4،5 .....................\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-11-2 14:51:42

ۋاي مەن نىمىدىگەن قىزىقچى  {:90:}

Bughra1902 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-2 16:20:43

زىيالى بويتاقلىقتىن زېرىكىپ بىر قىز بىلەن ھاپىلا شاپىلا توي قىپتۇ. تويدىن كېيىن ئايالى زىيالىدىن سوراپتۇ :

- تاماق ئېتىپ بېرەي، نېمە تاماق يەيسىز ؟

- پولو يەي - دەپتۇ زىيالى

ئايال ئەتكەن پولو شويلىدەكلا چىقىپتۇ، خەپ دەپ يەۋىتىپتۇ زىيالى. يەنە بىر كۈنى ئايالى يەنە دەپتۇ؛

- بۈگۈن نېمە تاماق يەيسىز ؟

شويلا ئەتكىن، شۇنى كۆڭلۈم تارتىپ تۇرىدۇ .

بۇ قېتىم ئايال ئەتكەن شويلا شىپەندەكلا سۇيۇق چىقىپتۇ، زىيالى ئامالسىز ئىچىپتۇ

يەنە بىر كۈنى ئايالى يەنە سوراپتۇ

- نېمە يەيسىز؟

- ۋاي ئالدى بىلەن تاماقنى سەن قىلە، ئىسمىنى ئاندىن قويايلى

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-11-2 16:48:13

زىيالى سەمىرپ 220 كىلو چىقىدىغان بۇلۇپ قاپتۇ. ئورۇقلاي ئەمدى دەپ بىر زات ھەكىمنىڭ قىشىغا دورا ئالغىلى كىرىپتۇ. بىر زات ھەكىم زىيالىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا:

-ئەتىگەن تۇرىدىكەنسىز، جىق ئىشلەيدىكەنسىز، چىنىقىدىكەنسىز يەنىلا سىمىزكەنسىز مىنىڭ باشقا ئامالىم يوق مۇشۇ دەريا بويىدا بىر پېرىخۇن بار ئۇ بىر پاقا شۇنىڭ يىنىغا بېرىپ ماڭا تىگەمسىز دىسىڭىز ياق دەيدۇ. بىر قىتىم ياق دىسە 30 كىلو ئورۇقلايسىز-دەپتۇ.

زىيالى تۈمەن دەرياسى بويىغا بېرىپ پاقىنى تېپىپ ئۇنىڭغا ماڭا تىگەمىسز دەپتۇ. پاقا ياق دەپ جاۋاپ بېرىپتىكەن زىيالى راستلا ئورۇقلاپ كەتكەندەك ھېس قىپتۇ. زىيالى يەنە بىر قىتىم ماڭا تىگەمسىز؟ دەپ سوراپتۇ. پاقا يەنە ياق دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. قىزىق، زىيالى يەنە 30 كىلو ئورۇقلاپتۇ. زىيالى ھىساپلاپ كۆرۈپ 160 كىلو يەنىلا سىمىزغا ھىساپ دەپ ئويلاپ پاقىدىن سوراپتۇ:

-ماڭا تىگەمسىز؟

-قانچە قىتىم سورايسەن ياق، ياق، ياق،ياق،ياق دەۋاتىمەن- دەپ توۋلاپتۇ پاقا.  {:107:}

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-11-2 17:01:21

17- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

زىيالى سەمىرپ 220 كىلو چىقىدىغان بۇلۇپ قاپتۇ. ئورۇقلاي ئەمدى دەپ بىر زات ھەكىمنىڭ قىشىغا دورا ئالغىلى كىرىپتۇ. بىر زات ھەكىم زىيالىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا:

-ئەتىگەن تۇرىدىكەنسىز، جىق ئىشلەيدىكەنسىز، چىنىقىدىكەنسىز يەنىلا سىمىزكەنسىز مىنىڭ باشقا ئامالىم يوق مۇشۇ دەريا بويىدا بىر پېرىخۇن بار ئۇ بىر پاقا شۇنىڭ يىنىغا بېرىپ ماڭا تىگەمسىز دىسىڭىز ياق دەيدۇ. بىر قىتىم ياق دىسە 30 كىلو ئورۇقلايسىز-دەپتۇ.

زىيالى تۈمەن دەرياسى بويىغا بېرىپ پاقىنى تېپىپ ئۇنىڭغا ماڭا تىگەمىسز دەپتۇ. پاقا ياق دەپ جاۋاپ بېرىپتىكەن زىيالى راستلا ئورۇقلاپ كەتكەندەك ھېس قىپتۇ. زىيالى يەنە بىر قىتىم ماڭا تىگەمسىز؟ دەپ سوراپتۇ. پاقا يەنە ياق دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. قىزىق، زىيالى يەنە 30 كىلو ئورۇقلاپتۇ. زىيالى ھىساپلاپ كۆرۈپ 160 كىلو يەنىلا سىمىزغا ھىساپ دەپ ئويلاپ پاقىدىن سوراپتۇ:

-ماڭا تىگەمسىز؟

-قانچە قىتىم سورايسەن ياق، ياق، ياق،ياق،ياق دەۋاتىمەن- دەپ توۋلاپتۇ پاقا. \"\"

مانىڭ رەڭلىك نۇسخىسىنى بىلىمەن مەن\"\"

Bughra1902 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-2 17:03:08

مەنمۇ ئاڭلىغان  {:92:}
بەت: [1] 2
: يۇمۇرلار