xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-27 22:25:07

ئۆپكە-ھېسىپنى مۇنداق قۇيىمىز

بۈگۈن بىكار بولۇپ تورغا كىرسەم، سىرلىق مۇنبىرىدە بىر مۇنبەردىشىم،ئۆپكە-ھېسىپ قۇيۇشتىن ياردەم سوراپتۇ،شۇنىغا يازغان جاۋابىمنى بۇ يەرگىمۇ يوللاپ قويدۇم،كامنى تولۇقلاپ، تەڭ پايدىلىنارمىز!



مەن بۇ يىللىق قۇربانلىق قوينىڭ ئىچ-باغرىنى قوشنامغا بەردىم،شۇنداق بولسىمۇ قۇيۇش خىيالى بارلاردىن ياردىمىمنى ھەرگىز ئايىمايمەن.


ئۆپكە-ھېسىپ بەلكىم بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئېسىل تائاملىرىدىن بىرسى بولسا كېرەك،چۈنكى مەن مۇشۇ يېشىمغىچە بىزدىن باشقىلارنىڭ بۇ تائامنى بۇنچە ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەييارلىغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم.


ئۆپكە قۇيۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۈچەي قېرىن بەك پاكىز تازلىنىشى كېرەك!

ئۆپكە قايتا-قايتا قانسىرتىلىپ،ئاپپاق بوپ كەتسۈن،ئاندىن ئۇزاق تۇرغۇزۇلۇپ سۇيى ساقىسۇن،شۇنداق قىلغاندا قۇيۇلغان ئۆپكە، تەييارلانغان ئۆپكە سۈيىنى تولۇق قۇبۇل قىلىپ،بەك ئوخشايدۇ.

ۋاقىت يار بەرسە ئۆپكىنى بۈگۈن قانسىرتىپ ئەتە قۇيۇش كېرەك!

ئاندىن ئۈچەينى تازلاش:

ئاۋال ئۈچەينىڭ ئىچىدىكى ماياقلارنى پاكىز چىقىرىۋىتىش كېرەك،ئىسسق ۋاقتىدا چىقىرۋالساق تەس كەلمەيدۇ،چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن،تازا ئەپلەپ تۇرۇپ نەق ئوتتۇردىن ئىككى پارچە قىلىۋالساق،قۇيماق ئاسان بولىدۇ،ماياقنى چىقىرىۋالغاندىن كېيىن،ئىككى- ئۈچ نۆۋەتسۇ ماڭدۇرۋىلىپ،ئۈچەينى تەتۈر ئۆرىمىز.بۇنداق قىلغاندا ئۈچەينىڭ ئىچىدىكى ئاچچىق سۈيىنى پاكىز تازلىۋالغىلى بولىدۇ،تەتۈر ئۆرۈلگەن ئۈچەينى قايتا-قايتا چايقاپ، ئاندىن بىر قوشۇق تۈزدا شاكاراپ قىلىپ چىلاپ قويساق دېزىنفىكسىيەلەش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ.


قېرىن: ئەڭ مەينەت، لېكىن ئەڭ يىيىشلىك يېرى دەل مۇشۇ شۇ،بىراق تازلىماق شۇنداق تەس،قېرىننىڭ تىرپىسىنى چىقىرىش،بەك قول تۇتىدىغان ئىش، بىراق ئېپىنى بىلسە بۇمۇ تەس ئەمەس،مەن ئادەتتە قېرىننىڭ ئىچىنى ئادالاپ بولغاندىن كېيىن،قازاندا قايناۋاتقان سۇغا بىر چۆكۈرۈپلا ئالىمەن،شۇنداق قىلغاندا تىرپىلىماق ئاسان بولىدۇ.يىمىرلىپ يىمىرلىپ ئۆزى چىقىدۇ،ئالدىمىزدا جۇغۇرۇپ جۈرۈپ.

تازلىق ئىشلىرى پۈتكەندىن كېيىن،ئىككى ياكى ئۈچ پىيالە ئۇندا خېمىر يۇغۇرىمىز،تۈزىنى شۇنداقلا تېتىتساق بولغىنى، بەك تېتىپ كەتسە خېمىر كىرىشىۋىلىپ سۈيىنى چىقارماق تەس بولىدۇ،خېمىر سۈيىنى چىقىرىشتا ئامال بار قىززىقىراق سۈئىشلەتسە ياخشى.

خېمىر سۈيى تەييار بولغىنى، ئىشنىڭ يېرىمى تۈگىگىنى، خېمىر سۈيى تەييار بولغاندا، شۇ سۇغا تۇزىنى تەڭشەيمىز.

ئانىلىرىمىز كىچىك بالىلارنى ،كۆزىدە مېڭى بارلارنى ،ئۆپكە قۇيىۋاتقان يەرگە كىرگۈزمەيدۇ،سەۋەبى: ئۆپكىگە كۆز چىقىپ قېلىپ،قۇيماق تەس بولارمىش.

ئۆپكە خېمىر سۈيىنىڭ يېرىمىنى ئىچىپ بولغاندا بىردەم تىندۇرۇش كېرەك،شۇنداق قىلغاندا ئۆپكىنىڭ سېرىق سۈيى قاچىدۇ،ھە راس ئۆپكە ئاغزى بەك مۇھىم،ھازىر بازاردا تەييار ئۆپكە ئاغزى بار، تاپالىساڭلار شۇنى ئىشلىتىڭلار!

بولمىسا قېرىننى ئۆپكە كانىيىغا يۆمەپ تىكمەكتىن باشقا ئامال يوق!

ئۆپكە تىنىۋالغاندىن كېيىن،بىر ئارا چىنا پىششىق ماي،ئىككى دانە تۇخۇم قۇيىۋەتسە،پەچچەت بوپ كېتىدۇ،شۇلارنى ئۆپكە ئىچىپ بولغاندىن كېيىن،داۋاملىق ئۆپكە سۈيى ماڭدۇرىمىز.

ئۆپكە سۈيى ماڭدۈرغاندا،ئۆپكە سۈيى قۇيۇلغان چىلەكنى بىكار تۇرماي قوچۇپ تۇرۇش كېرەك،بولمىسا كىراخماك ئاستىغا تىنىۋالىدۇ.


شۇنداق قىلىپ ئۆپكە قۈيۈلۈپ بولدى،ئۇنى قازانغا تىقاۋىرىڭلار! بىر قاينىۋالغاندىن كېيىن،سۇس ئوتتا قاينىتىش كېرەك،قاينىتىش جەريانىدا بىر-ئىككى قېتىم ئۆرۈپ قويمىساق،تەكتى تۇتىۋالسا ئىش چاتاق.


ئەمدى ئۈچەي:

ئۈچەينى تازلاپ بولدۈق،بىر يېرىم چوڭ چىنا گۈرۈچ، 25 كېلوگىرام گۆش چىققان قوينىڭ ئۈچىيىگە يېتىدۇ، ئاندىن جىگەر، قۇيرۇق، تاللارنى قىيما قىلىمىز،  كۆك مۇچ بىر تال،قىزىل مۇچ بىر تال،شوخلا ئىككى تال،بىر باش پىياز ، ئىككى باش قىزىل سېرىق سەۋزە OK! قىيما قىلىمىز!

ئاندىن ئىلمان سۈ قۇيىمىز،سۈ بىلەن خۇرۇچلارنىڭ نىسبىتى،جاۋۇرغا قۇيۇلۇپ بولغاندىن كېيىن،كۆرسەتكۈچ بارمىقىمىزنىڭ چىلىساق تولۇق چىلاشسا بولغىنى ،ئاندىن تۇزىنى تەڭشەيمىز،زىرە بىلەن قارمۇچنى جىق سالىمىز،تېتىپ ئېشىپ تۇرسا بەك تەملىك بولىدۇ.

پىنە ياكى يۇمغاقسۈت قوشىۋەتسەك تېخىمۇ تەملىك بولىدۇ.

ئاندىن كاۋاپ زىقىدىن بىرنى ئىلىپ.ئۇنى ئېلپىس شەكىلدە ئېگىپ كەرگۈچ ياسايمىز، ئۈچەينىڭ ئىنچىكە يېرىنى يىپتا بۇغساقمۇ،ئۆزىنى چىگىپ قويساقمۇ بولىدۇ،يۇغان يېرىگە كەرگۈچنى كەپلەپ، ئۈچەينىڭ بېشىنى ئازراق تەتۈر ئۆرىمىز،شۇنىڭ بىلەن قىيمىنى قيماق ئاسان بولىدۇ.


ئۈچۈي 40 مىنۇت، ئۆپكە 30 مىنۇت قاينىسا پىشىدۇ.


سىناپ بېقىڭلار! قىلالمىساڭلار مەن ئىگە ئەمەس.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-10-28 01:46:04

مەنجاڭچۇ ؟

ئۇيغۇرچىسى نىمە بولغىيتتى \"\"

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2012-10-28 07:11:57

1- قەۋەتتىكى muzdalaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەنجاڭچۇ ؟

ئۇيغۇرچىسى نىمە بولغىيتتى \"\"

مەنجاڭ شۇ ئۇيغۇرچە گەپ.\"\"

Mohsin يوللانغان ۋاقتى 2012-10-28 07:18:51

بەك تەپسىلى بوپتۇ ، ئاۋۇ تەييارلىغان قىيما شۇ مىيەنجاڭنىڭمىكى دىسەم ئۈچەينىڭ قىيمىسى ئوخشايدۇ .



مىيەنجاڭنىڭ قىيمىسىنى قانداق تەييارلايسىز شەھلا ؟ ، يەنى ئۆپكىنىڭ ئاغزىغا يۆمەپ تىككەن قېرىننىڭ يۇمىلاق يېرىنىڭ ئىچىگە سالىدىغان قىيمىنى دەيمەن ، گۆش ، پىياز ، مۇچلارنى ئارىلاشتۇرۇپ چاناپ تازا ئاچچىق قىلىپ قۇيىدىغان بولسا ... ،  ئەڭ تەملىك يېرى مۇشۇ تېخى .

koqahawiri1 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-28 08:37:27

رەھمەت شەھلا خانقىز! ئايالىمغا ئوقۇپ بەردىم ،پىشىرۇش ۋاقتىنى بەكلا قىسقا بولۇپ قاپتۇ دەيدۇ ئايالىم ،ئانام رەمەتلىكمۇ كىچىكىمدە كەچكىچە قاينىتىپ پۇشۇرىدىغانلىقى ئىسىمدە \"\"

iksak يوللانغان ۋاقتى 2012-10-28 11:38:13

بۇ نەرسىنى ئۆيدە ئېتىپ يىسە پاكىز بولىدۇ.بازانىڭكى ھەي تاڭ............

tahirbeg يوللانغان ۋاقتى 2012-10-28 12:21:25

شەھلا خېنىم ئاچا، ھەرقانچە ئۇستا بولسىللىرىمۇ ئۆپكە ھىسىپ قۇيۇشتا ئاپامنىڭ قولىغا سۇقۇيۇپ بىرەلمەسلىمىكى. \"\"

پو ئەمەس، ئاجايىپ ئوخشىتىپ قۇيىدۇكى ئاپام ئۆپكە ھىسىپنى، قوشنىلار كۆرۈپلا قالسا كەچتە تاماق ئەتمەي ئۆيىمىزگە كىرىۋالىدۇ. بىرەر تەخسىدىن سۇنساق، تاس قالىدۇ يەنە بىر تەخسە بەرسىلە دەپ ئۆيگە كىرگىلى  {:92:}

tahirbeg يوللانغان ۋاقتى 2012-10-28 12:25:03

تەھرىرلەندى

saray يوللانغان ۋاقتى 2012-10-28 18:37:27

بۈگۈن خىزمەتنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا تۈزۈكرەك تاماقمۇ يېمىگەن،ئاغزىمغا سېرىق سۇ،كۆزۈمگە ياش كېلىپ كەتتى \"\"

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2012-10-28 19:18:04

نان تىگىدىغان تىما.

daryaa يوللانغان ۋاقتى 2012-10-28 20:15:24

ئانام بەك ئوخشىتاتتى ئۆپكە-ھىسىپنى ، مەنجاڭنى خېمىلاق دەيدىغان بىز تەرەپلەردە بۇنى ئانام ئازراق زاۋۇت خېمرتۇرىچى بىرىپ يۆگەپ قويۇپ ئۈچەينى قۇيۇپ قازانغا سېلىپ بولغاندىن كىيىن ئاچچىق-چۈچۈك قىزىل مۇچنى سوقۇۋىتىپ جىگەر ياكى گۆش بىلەن تەييارلانغان قىيمىغا پىياز بىلەن مۇچنى قوشۇپ تۇزىنى كەلتۈرۈپ قىيما تەييارلاپ ، چالا بولدۇرۇلغان خېمىلاقنى نىپىز قىلىپ يېيىلدۇرۇپ ئۈستىگە تەييارلانغان قىيمىنى تەكشى سۈركەپ يۆگەپ ھور ناندەك قىلغاندىن كىيىن ياخشىلاپ ماي سۈركەلگەن جىمبىلگە تەكشى ئوراپ قاسقاندا (ياپمىدەك)دۈملەپ پىشۇراتتى ...ئۆپكە-ھىسىپتىنمۇ بەك ئوخشايتى بۇ خېمىلاق(مىئەنجاڭ )....ئاۋۇ ئۈچەيگە قاتىدىغان خۇرۇچلىرى ئارىسىدا چامغۇر بىلەن سەۋزە ،قىزىل - كۆك مۇچ ۋە يېڭى يۇمغاقسۈت ئالاھىدە ئىخلاس بىلەن تەييارلىناتتى گۈرۈچ چوڭلىقىدا تەكشى توغرىلىپ ، بىرەرىمۇ كەم بولسا بولمايتى ئانام نەزىرىدە ..چوقۇم ھەممىسى بولۇشى كېرەكتى ....(ئانامنىڭ باشقا ئااللارغا ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە ئۈچەي پىشۇرىش ئۇسۇلى بارتى ..يەنى ئۈچەينى تەييارلاپ بولغاندىن كىيىن ئۇنى تۇخۇم پىشۇرغاندەك مۇزدەك سوغاق سۇغا سېلىپ ئوتۇرھال ئوتتا تۇۋاقنى يېپىپ توختىماي قاينىتىپ پىشۇراتتى باشقا ئاياللار ئۈچەينىڭ ئىچىگە كىرۋالغان ھاۋانىڭ كىڭىيىشى سەۋەپلىك يېرىلىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ قايناۋاتقان قازان بېشىدا يىڭنە بىلەن توختىماي يەل چىقىرىشىدىغان بولغاچ ئانامنىڭ بۇنداق پىشۇرۇشىغا ھەيران بولۇشۇپ قالاتتى ...لىكىن شۇنچە چوڭ ھەم ئۇزۇن ئۈچەيلەرمۇ قازاندىن ئۈزۈلمەي يېرىلماي ئامان ئىسەن چىقىشاتتى...)

tilsimat يوللانغان ۋاقتى 2012-10-29 10:47:39

شەھلا بىزدىن باشقا ئوخشىتىدىغان ئادەمنى كۆرمىدىم دىگىنىدىن قارىغاندا ئۆيدىن باشقا يەردە يەپ باقماپتۇ،مىيەنجاڭ دىگەن 100پىرسەنىت خاتا گەپ،توغرىسى خېمىلىق!!!!

MVXVK يوللانغان ۋاقتى 2012-10-29 11:42:01

ئۈچەي ئۈچەي دەپ...

ھېسىپ دەيمىز ئۇنى، ئۈچەي دېگەن خام نەرسە، ئۇنى يەيدىغان چاغدا ئىچىگە قىيما سېلىپ پىشۇرۇپ يەيدىغاندىمىز؟ يەنە نېمە ئۈچەي؟ ھېسىپ دەڭلا يەيدىغان چاغدا

مىيەنجاڭ دېگەننى كىم ئىشلىتىدۇ؟ بىز خېمىر دەۋېرىمىز، ئۆپكە-ھېسىپ مەيلى قۇيۇلۇۋاتقاندا ياكى قۇيۇلۇپ بولغاندا بولسۇن، خېمىر دېسىڭىز ھېچكىم خاتا چۈشىنىۋالمايدۇ

ئۆپكە سۈيى ياكى خېمىر سۈيى ئەمەس، ئۆز دېيىلىدۇ

ھېسىپنىڭ قىيمىسىنى تەييارلاشتا ھەركىم ئۆزى ياقتۇرغان بويىچە قىلسا بولىدۇ، مەسىلەن ئاپام ئەزەلدىن ھېسىپ قىيمىسىغا مۇچ ئىشلەتمەيدۇ، نوقۇت، پىياز ئىشلىتىدۇ، شۇنداق تەملىك

yigana.yigit يوللانغان ۋاقتى 2012-10-29 12:38:06

11- قەۋەتتىكى tilsimatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

شەھلا بىزدىن باشقا ئوخشىتىدىغان ئادەمنى كۆرمىدىم دىگىنىدىن قارىغاندا ئۆيدىن باشقا يەردە يەپ باقماپتۇ،مىيەنجاڭ دىگەن 100پىرسەنىت خاتا گەپ،توغرىسى خېمىلىق!!!!



شەھلانىڭ دىمەكچى بولغىنى ئۇيغۇرلاردىن باشقا مىللەتلەرنى دەيدۇ..

ghemkvz يوللانغان ۋاقتى 2012-10-29 20:00:55

نوچى بولساڭ ئۆپكە ھېسىپ قۇيۇپ ئۆيۈڭگە چاقىر ،،،،راست ئۇستىمۇ ئەمەسمۇ ..ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەيمىز  {:92:}

tilsimat يوللانغان ۋاقتى 2012-10-29 20:01:24

13- قەۋەتتىكى yigana.yigitنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

11- قەۋەتتىكى tilsimatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

شەھلا بىزدىن باشقا ئوخشىتىدىغان ئادەمنى كۆرمىدىم دىگىنىدىن قارىغاندا ئۆيدىن باشقا يەردە يەپ باقماپتۇ،مىيەنجاڭ دىگەن 100پىرسەنىت خاتا گەپ،توغرىسى خېمىلىق!!!!




شەھلانىڭ دىمەكچى بولغىنى ئۇيغۇرلاردىن باشقا مىللەتلەرنى دەيدۇ.







توغرا،مەن خاتا چۈشۈنىۋاپتىمەن،چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە رەخمەت!!!

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2012-10-29 20:45:29

ئاچچىقسۇ مۇچلارغا مىلەپ يىگۈم كەپكەتتى \"\"

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-29 22:46:26

1- قەۋەتتىكى muzdalaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەنجاڭچۇ ؟

ئۇيغۇرچىسى نىمە بولغىيتتى \"\"



بۇ مەنجاڭ دىگىنىمىز  ئالدىرما باشلىق دىگەن گەپ 慢长

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-10-30 00:15:46

17- قەۋەتتىكى ruslan007نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى muzdalaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەنجاڭچۇ ؟

ئۇيغۇرچىسى نىمە بولغىيتتى \"\"



بۇ مەنجاڭ دىگىنىمىز  ئالدىرما باشلىق دىگەن گەپ 慢长  

ئالامەت تەرجىمە، ئابدۇكىرەم ئابلىزغا ئۇستاز بولساڭ بوپتىكەن ئەسىلى.


لېكىن ئۇيغۇرچىسىنى \"خېمىلىق\" دېسىمۇ قايىل بولمىدىم، باشقا بىر ئۇيغۇرچە ئىسمى بولۇشى كېرەكتەكلا.

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2012-10-30 08:25:51

xahla91

قاراپ باقسام بۇ تېما تەپسىلى يېزىلماپتۇ،مەن تەپسىلى بىر كۆرۈپ ئۆگىنىۋالاي ۋە ساقلىۋالاي دىسەم نۇرغۇن يەرلەر تومتاقلا يېزىلىپتۇ....

ئۆپكىنى قانسىرىتىمىز دەپسىز،قانداق قانسىرىتىش يوق ! ئانام ئۆپكە قۇيسا بىر يېرى تېشىلىپ كېتىدۇ دەپ بىزنى چىقىرىۋېتىپ بىر نىمە قىلاتتى بىر يەرلىرىنى ، ئۈچەينى قانداق تەتۈر ئۆرۈيمىز،بۇمۇ يېزىلماپتۇ





مەنجاڭ -- خېمىر تىلىپى
بەت: [1] 2
: ئۆپكە-ھېسىپنى مۇنداق قۇيىمىز