Windows8 سىستېمىلىق بىلكان كومپيۇتېرى
سىستېمىلىق بىلكان كومپيۇتېرى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇبارەك قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن. ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىمىز قۇتلۇق قەدەملىرىنىڭ يىتىپ كېلىشى شۇنداقلا گىگانت مەشغۇلات سىستېمىسى Windows8 نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە تاماملىنىپ(ئەجىر ئىگىللىرىگە زىيادە ھەق-ھۆرمەتلەر بولغاي) تارقىتىلىشى بىر كومپيۇتېر ئەھلىگە نىسبەتەن قوش خۇشاللىق بولدى، مۇشۇ قۇتلۇق كۈنلەردە شىركىتىمىزنىڭ يېڭى مەھسۇلاتى -بىلكان بىرلەشمە كومپيۇتېرىنىڭ بازارغا سېلىنىشى ھەققىدە خۇشخەۋەر بەرمەكچىمىز. مەزكۇر مەھسۇلاتىمىز ئاساسىي ماشىنا ۋە ئېكران بىرلەشتۈرۈلگەن، 23.6 دىيوملۇق كوندىنساتورلۇق، 10 نوقتا سىزىمچان ئېكرانلىق كومپيۇتېر بولۇپ، Windows8 نىڭ ئۇيغۇرچە OEM ھەقىقىي نەشىرى ھەم ئۇيغۇرچە ئاندىرويىد 4.0 سىىستېمىسى ئالدىن قاچىلانغان بولۇپ، ئېكراندا ئىككى قول (10 بارماق) بىلەن ئازادە مەشغۇلات قىلىشقا بۇلىدۇ. كامېرا، كۆكچىش، WiFi، كارتا ئوقۇغۇچ، سىمسىز روتېر، تېلېۋىزور كارتىسى قاتارلىق سەپلەنمىلەر قۇشۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مىھمانخانا، ئىشخانا ۋە ئائىلىلەرگە ماسلاشقان ھەر خىل ئېكران چوڭلۇقىدىكى بىرلەشمە كومپيۇتېرلار بىرلا ۋاقىتتا بازارغا سېلىنىدۇ. Windows8 نىڭ مېترو كۆرۈنمە يۈزى شۇنداقلا ئاندىرويىد سىستېما مەشغۇلاتلىرى چوڭ، كەڭ ئېكراندا ئاجايىپ راھەت ۋە قۇلايلىق ئەپكەلگۈسى. Windows8نىڭ مېترو كۈرۈنمە يۈزدە ئالاھىدە ئىشلەنگەن بىر قاتار بىلكان ئەپلىرى مەھسۇلاتلىرىمىز بىلەن بىرگە سىزلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكۈسى. بىلكان ئېلېكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى |
ۋاي ۋاي ... بەك ياخشى ئىش بوپتۇ . بىلكاندىكىلەرنىڭ ئەمگىكىگە كۆپ تەشەككۈر . ئېلىتىرون ساھەسىدىكى ئۇيغۇرچە ماركىلارنىڭ سەركىسى بولۇپ مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمىز . ئەگەر شارائىت يار بەرسە قوللاپ بېرىشكىمۇ تەييار تۇرىمىز . رەھمەت خەۋاردارقىلغىنىڭىزغا ! قوللايمىز. ۋوي، خۇشخەۋەركەنغۇ! باھاسى نەچچە دوللار بولا ؟... باھاسى تېخى بېكىتىلمىدى. سەپلىمىرىگە قاراپ ئوخشىمايدۇ. ۋاھ، ئالامەت ، كارامەت ماختىغۇدەك ئىش بوپتىغۇ !
قەشقەر ۋىلايتىدىكى ۋاكالىتەن سېتىش نوقتىسى قايسى؟ خۇدايىم بۇيرىسا بىرنى ئالاي، تىزراق بازارغا سېلىنغاي. Windows8 نىڭ ئۇيغۇرچىسى ئېلان قىلىندىمۇ؟ مۇمكىن بولسا باھاسىنى تىزراق ئېلان قىلىۋەتسەڭلەر .
بەت:
[1]