tvman يوللانغان ۋاقتى 2012-10-26 15:28:08

بارى لۈچېڭ پۇتبۇل كولوبىدىن چىقىرۋىتىلدى

ۋاڭيى تورىنىڭ 10-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرى.

خاڭجوۋ لۈچېڭ پۇتبۇل كولوبى تەرەپ بارىنىڭكولبتىن چىقىرۋىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى، شۇنداقلا 35000يۈەن جېرىمانە قويغانلىقىنى بىلدۈردى،كولوب تەرەپنىڭ دىيىشىچەبارى مۇسابىقە جەرىيانىدا كۆپ قېتىمتۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغان بولۇپ بۇندىن ئىلىگىرىكۆلوب تەرەپ بارىغا <ئۈچتىن توختىتىش> (مەشىقتىن ،مۇسابىقىدىن،مۇئاشتىن) جازاسى بىرىپ ئۇنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىش پۇرسىتى بەرگەنمىش، بىراق بارى خاتالىقنى ئۈستىگە ئالمىغان ھەم تۈزەتمىگەن، ئاخىرىدا كولوب ئۇنى كولوبتىن چىقىرۋىتىش قارارىنى چىقارغان .

بارى بۇنىڭغا ئىپادە بىلدۈرۈپ ، مۇئاشنى ۋاخىدابەرمەسلىك ۋە كولوپتا توپ تېپىش پۇرستى بەرمەسلىك سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى ئىيىتقان ، شۇنداقلا بۇ مۇسابىقە پەسىلىدىن كىيىن بارىنىڭ توختام ۋاختى توشىدىغان بولۇپ كولوب تەرەپ بىلەن بارى ئوتتۇرسىداباھادا كېلىشەلمەسلىك كېلىپ چىققان يەنى كولوب تەرەپ بارىغا مۇئاشنى ئەسلىدىكىدىن 80% كۆپەيتىپ بىردىغانلىقىنى ئەمما بارىنىڭ بۇنىڭغا قوشۇلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ، بارى يۇقىرىقى جازا سەۋەبى كولوب تەرەپ بىلەن داۋاملىق توختام تۈزمىگەنلىكىدىنئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن .

دەرۋەقە ئىشلار مۇشۇنداق بولغان ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭباھانىسىنى كۆرسەتكەن ئەمما بىز يەنىلا بارىغا ئىشنىمىز ، نۆۋەتتە بارىنىڭ ئۆزىنىڭ ئويلىغىنى بارمۇ يوقمۇ ، زادى نېشانى نېمە ؟بۇنى بىلىش ئۈچۈن كىيىنكى خەۋەرلەرگە قارايمىز.

ۋاڭيى تورىدىن تۈمەن تەرپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ قىسقارتىلىپ تەرجىمىسى

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2012-10-31 16:45:58

30مىڭنىڭ 80%تى قانچە بۇلدىغانلىقىنى بىلمەيمەن دەپ ئولتۇرۇپتۇ ماۋۇ بىچارە بالا,ئۇ دەرجىدە ساپاسىز بولمىسا بۇلاتتى ئەسلى..... \"\" \"\" \"\"

koqahawiri1 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-26 17:19:54

ئىسىمدە قىلىشىچە تور خەۋەرلىرىدە دىيىلىشىچە ئەزىمىتىمىز ئابدۇل بارى تۈركىيە گە چىقىپ توپ تىپىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئىپادىلىگەن .كەرەملىك اللاھ بۇ ئەزىمىتىمىزنىڭ ئىشلىرىگە نۇسرەت ئاتا قىلغاي

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2012-10-26 18:38:00

تۈركىيە كوماندىلىرىنىڭ سەۋىيىسىگە نىسبەتەن بارىجاننىڭ نان تېپىپ يېمىگى تەس. بۇ بالا سەل ئۆزىنى چاغلاپ ئىش قىلسا بولاتتى. كەسپىي تەنھەركەتچىلەر ئىشتىن سىرتقى تەنھەركەتچىلەرگە ئوخشىمايدۇ. كەسپىي ئەخلاق دەيدىغان بىر نەرسە بار. مۇشۇنىڭدىن بىر ياغلىق قاپاق ئاتىلىپ قالسا قايتا ئورنىغا كەلتۈرمىكى بەك تەس. بۇنداق تەنھەركەتچىگە ھىسداشلىق قىلماسلىق كېرەك.

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2012-10-26 19:28:18

بارىنىڭ كەسپى ئەخلاقىدىن گۇمانلىنىشتىن بۇرۇن جوڭگۇ پۇتبول ئەخلاقى توغرۇلۇق ئويلىنپ باقتىڭىزمۇ؟.......

arqin يوللانغان ۋاقتى 2012-10-26 20:18:00

جوڭگو پۇتبولچىلىقى دۇنيا بويىچە مىنوس 1 - شۇڭا ، بارىمۇ بۇ يەردە توپ تەپكمىكى تەس ! پايدىسى يوق

MVXVK يوللانغان ۋاقتى 2012-10-26 20:25:13

2- قەۋەتتىكى enwerjulaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تۈركىيە كوماندىلىرىنىڭ سەۋىيىسىگە نىسبەتەن بارىجاننىڭ نان تېپىپ يېمىگى تەس. بۇ بالا سەل ئۆزىنى چاغلاپ ئىش قىلسا بولاتتى. كەسپىي تەنھەركەتچىلەر ئىشتىن سىرتقى تەنھەركەتچىلەرگە ئوخشىمايدۇ. كەسپىي ئەخلاق دەيدىغان بىر نەرسە بار. مۇشۇنىڭدىن بىر ياغلىق قاپاق ئاتىلىپ قالسا قايتا ئورنىغا كەلتۈرمىكى بەك تەس. بۇنداق تەنھەركەتچىگە ھىسداشلىق قىلماسلىق كېرەك.

بارىنىڭ كەسپىي ئەخلاقى بىر قانداقمىكەن؟ يوچۇن گەپ قىلماي تۈزۈك دەڭچۇ، سىزنى ئۈستىدىكى خەۋەرگە قاراپلا بىر نەرسە دېدى دېسە ئىشەنمەيمەن

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2012-10-26 20:43:39

ئەنۋەركا جوڭگۇدىكى جان باقتى كۇلۇبلاردا بارىنىڭ كەسپى ئەخلاقىنى باھالىغۇدەك سەۋىيە بارمىدۇ سىزچە ؟

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2012-10-26 21:36:31

بارىجان بىر يىلنىڭياقى پۇتبولغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردە باش تېما بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. قاچانلا قارىسا مەشق قىلماي ئۇ پائالىيەت- بۇ پائالىيەت دەپ ئۈرۈمچىدىلا يۈرگىنىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز. بۇ خىل مەغرۇرلىنىش بىر كەسپىي تەنھەركەتچىگە نىسبەتەن چېكىنىشتىن باشقا ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ.

جۇڭگونىڭ پۇتبول ساھەسىنىڭ چىرىكلىكىنى بىلىمەن، لېكىن ئۇ ئاساسەن يۇقۇرى قاتلام باشقۇرۇش تارمىقىدا كۆرۈلگەن. كۇلۇپلار كارخانا تۈزۈمىدە باشقۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭ چىرىكلىك بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوق. شۇڭا بارىنىڭ ھەيدىلىشىگە باشقا باھانە قويساق بولمايدۇ. بارىدەك دەرىجىدىن تاشقىرى كوماندىغا كىرمەك، دۆلەت كوماندىسىغا تاللانماق ئوڭاي گەپمۇ؟ بۇنداق پۇرسەتنى قەدىرلەپ چىڭ تۇتىشى لازىم ئىدى. بارى كىچىككىنە نەتىجە ئالدىدا مەغرۇرلىنىپ كەتتى. لۇچېڭ ۋە چىڭداۋلىقلار ئەينى ۋاقىتتا ئۇنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرگەن ئىدى. جۇڭياڭ ديەنشىتەيمۇ تازا ماختىغان ئىدى. لېكىن ئۇ بالا مەغرۇرلىنىپ كەتتى. پۇتبولدا تالانتلىقلار ھەش-پەش دېگۈچە چىقىپ تۇرىدۇ. بىر كۈن مەشق تاشلىسا 10 كۈن كەينىگە دەسسەيدۇ. پو ئاتىدىغان، مەغرۇرلىنىدىغان كەسپ ئەمەس.

باشقا پۇتبولچىلىرىمىز ئۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىش كېرەك.

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2012-10-26 21:50:56

4- قەۋەتتىكى arqinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

جوڭگو پۇتبولچىلىقى دۇنيا بويىچە مىنوس 1 - شۇڭا ، بارىمۇ بۇ يەردە توپ تەپكمىكى تەس ! پايدىسى يوق

_______________________

خېلى جىق بالىلار بىر ئوبدان تېپىۋاتمامدۇ؟ جۇڭگونىڭ پۇتبول سەۋىيىسى تۆۋەن بولغان بىلەن پۇتبول تاماشىبىنلىرىنىڭ پۇتبولنى قوللىشى، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشى دۇنيادا خېلى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. نېمىلا بولمىسۇن، پۇتبولچىلارغا توپ تېپىدىغان سەھنە بار. بالىلار چۈشكۈنلەشمەي، ئاقماس پاراڭلارغا گول بولماي ھەركىم ئۆز كەسپىنى ياخشى قىلسۇن. ھەرقانداقباھانىلەرگە ئورۇن يوق.

naprat2009 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-26 22:14:42

بالىلار ھېىيساتقا تايانماي ئەنۋەرجۇلادەك ئوبيېكتىپ باھا بېرىڭلار، مىللىي ھېسىيات باشقا ئىش، كەسپىي ئىنتىزام باشقا بىر ئىش...خەقنىڭ كۇلۇبىدا توپ تەپكەندىكىن خەقنىڭ ئىنتىزامىغا بوي سۇنىشى كېرەك.

ئەنۋەرجۇلا توغرا ئېيتىدۇ، بارىنىڭ تۈركىيەدە توپ تەپمىكى ئاسان، ئەمەس، تۈركىيە كوماندىلىرى دۇنياۋى ئالدىنقى سەۋىيدىكى كوماندىلار، بارى تېخى جۇڭگونىڭ ئادەتتىكى سەۋىيىدىكى (ياكى ناچار سەۋىيىدىكى) كوماندىلىرىدا ياخشى توپ تېپەلمىدى، ھېسىياتقا تايىنىپ قالايمىقان گەپ قىلمايلى، باشقىلارنىڭ خاتالىقىدىن ساۋاق ئالايلى.

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-26 22:22:28

راست گەپ قىلغاندا جۇڭخۇا بىرلەشمىسىدە ئۆزىنىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملەپ تۇرالمىسا ، تۈركىيە بىرلەشمىسىدە تىخىمۇ تەس. تۈركىيە بىرلەشمىسى ياۋرۇپا بىرلەشمىسىدىكى 2-قاتاردىكى بىرلەشمە .

ئەنۋەر جۇلا نىڭ پىكىرى ئورونلۇق.

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2012-10-26 22:54:37

مۇسابىقە تۇزىمىگە خىلاپلىق قىلدى دەيلى بوپتۇ، ئەمىسە نىمىشقا توختام ۋاختى توشۇپ تۇرۇغلۇق يەنە نىمىشقا بارىنى قويىۋەتمەي يۇقۇرى مائاشتا توختام تۇزمەكچى بولىدۇ؟ توختام تۇزمىدى دەپ ئاشۇندا سېسېتىۋېتىش چىدىماسلىق بولماي نىمە؟.........

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-26 23:02:57

11- قەۋەتتىكى horazjanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇسابىقە تۇزىمىگە خىلاپلىق قىلدى دەيلى بوپتۇ، ئەمىسە نىمىشقا توختام ۋاختى توشۇپ تۇرۇغلۇق يەنە نىمىشقا بارىنى قويىۋەتمەي يۇقۇرى مائاشتا توختام تۇزمەكچى بولىدۇ؟ توختام تۇزمىدى دەپ ئاشۇندا سېسېتىۋېتىش چىدىماسلىق بولماي نىمە؟.........

    ئەپەندىم ، توختام ۋاقتى توشقان پۇتبولچىغا كۇلۇپ ھىچقانداق جازا ھوقوقى يۈرگۈزەلمەيدۇ. توختام ۋاقتى يىقىن كەلگۈسىدە توشىدىكەن. توختام ۋاقتى توشقۇچە بارى يەنىلا جاڭجۇ كۇلۇبىنىڭ كەسپىي پۇتبولچىسى.

   كۇلۇپنىڭ جازاسى سەل ئاشۇرۋىتىلگەن بولسىمۇ ، سەۋەنلىكنى بىز يەنىلا بارىدىن ئىزدەيمىز.

       بارىنىڭ بۇنداق قىلمىشىنىڭ كەلگۈسىدە كەسپىي بىرلەشمىدە كەسپىي پۇتبولچى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ۋە تىرشىۋاتقان ئونلىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ يولىنى توسوپ قويىدۇ.

         شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەن بارىغا تور ئارقىلىق شۇنى دەپ قوياي :

       بارى سەن ئۆزەڭنى رونالدو دەپ قالدىڭما ؟

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-10-26 23:21:22

باشقا چوڭ ئۈمىدىممۇ يوق. كېيىنكىلەرنىڭ يولى تورىلىپ قالمىسىلا بولاتتىغۇ؟! \"\"

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2012-10-26 23:33:11

\"\"

koragan يوللانغان ۋاقتى 2012-10-27 01:07:30

بەلكىم كۇلۇب تەرەپمۇ ئاشۇرىۋەتكەندۇ ،لىكىن بارىمۇ سەل ئۆزىنى بىلەلمەي قالغانتى....(ئېتراپ قىلمىسا بولمايدۇ)

قالغىنىنى مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندا بىلىمىزغۇ

kamil85 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-27 03:25:02

ئالدى بىلەم ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن!

بەزىلىرىمىز سەل بىر تەرەپلىمە پىكىرلەرنى بېرىپتىمىز،قارىغاندا ئۇقۇشماسلىق بولغاندەك قىلىدۇ. پۇتبولنى چۈشەنمەيدىغانلار،جۇڭگو پۇتبول كۇلۇبلىرىنى چۈشەنمەيدىغانلار،ئەڭ مۇھىمى بارىنى چۈشەنمەيدىغانلار ھاياجېنىمىزنى سەل بېسىۋالايلى! مەن بارىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىدىكى ئىشلىرىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن ھەم بىلىش،ئارلىشىش ھوقۇقۇممۇ يوق.ئەمما ئۇنىڭ بۇ نەچچە يىلدىكى ئىش-پائالىيەتلىرىدىن خېلىلا خەۋەردار،بەزى پائالىيەتلىرىگە بىللە قاتناشقان دېگەندەك.

2011-يىلى4-ئاينىڭ11-كۈنى خاڭجۇ كوماندىسى بىلەن بېيجىڭ كوماندىسى مۇسابىقىسىدە بارى كاللا توپتىن بىرنى ئۇرۇپ كوماندىنى غەلبىگە ئېرىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى،مۇسابىقىگە بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان،ئىشلەۋاتقان بالىلاردىن 12ئادەم كۆرگىلى بارغان ھەمدە دوستۇم ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ مۇسابىقىدىن كېيىن كۆرۈشۈشكە ئالدىن كېلىشىپ قويغان.مەيدان سىرتىدا كۆرۈشۈش قولاي بولماي،ئۇلار كەتكەندىن كېيىن ئارقىسىدىن ئۇلار چۈشكەن مېھمان سارايغا بېرىپ كۆرۈشتۇق.مېھمانخانىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى ئۆزبېكچە رېستۇراندا ئۇ بىزنى تۇققانلىرىنى كۈتۈۋالغاندەك كۈتۈۋالدى.بىزدىن بىردەم بۇرۇن كەلگەن، ئۇنىڭ دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىدىكى دوستلىرى ۋە ئەينى چاغدىكى ئولىمپىك كوماندىسىنىڭ ترېنېر تەرجىمانىمۇ شۇ سورۇندا بار ئىدى.بىزنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك شۇنداق ئەركىن-ئازادە،خۇشال ئولتۇرغىنىمىزنى كۆرۈپ ئۇلار خېلى بىر ھازاغىچە ھەيران بولۇشتى.(دېمىسىمۇ بۇ خەقنىڭ ئۇنداق چولپانلىرى نەدە بۇنداق بىزگە ئوخشاش مەستانلىرى بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ تاماق يەپ كېتەتتى؟) يۇقىرى ئىستىمالدىكى بۇ رېستۇراندا 2000سوم خەلق پۇلىنى يېنىدىن چىقىرىپ بارى بىزنى مېىمان قىلدى.

ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا قارامايدا ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ چولپانلار كوماندىسى بىلەن قاراماي كوماندىسى ئارىسىدىكى مۇسابىقىگىمۇ بارى تەكلىپىمىزگە ماقۇللۇق بىلەن قاتناشتى،بۇ جەرياندا كۆزى داۋالىتىشقا مۇھتاج كىچىك قىزىمىزغا ئىئانە توپلاندى،ئەكرەمكام بىلەن يەنە شۇ بارى باشقا چولپانلىرىمىزغا ۋاكالەتەن پۇلنى ئىئانە ساندۇقىغا سالدى،مۇسابىقىدىن كېيىن شۇ سوغۇقتا نەچچە يۈز كىچىك دوستلىرىمىزغا زېرىكمەي تېرىكمەي ئىمزا قويۇپ بەردى...ۋاھاكازالار بۇ جەرياندا ئۇ بىر تىيىن ھەق ئالمىدى!

ئۇندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە بېرىپ يۈسۈپ ئىمىن ھاجىمنىڭ تون كەيدۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى،ئاندىن5 -باشلانغۇچتىكى ئۆسمۈرلەر بىلەن كۆرۈشتى،«تەلەي يۇلتۇزى» پروگراممىسىغا قاتناشتى....

بۇلارنىڭ جەريانىدىمۇ ئۇ ھەق ئالمىغان،ھېچ كىممۇ ئۇنىڭغا ھەق بېرىمىز دېمىگەن!

يەنە كېلىپ@enwerjula@ ئەپەندىن ئېيتقاندەك:

«بارىجان بىر يىلنىڭياقى پۇتبولغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردە باش تېما بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. قاچانلا قارىسا مەشق قىلماي ئۇ پائالىيەت- بۇ پائالىيەت دەپ ئۈرۈمچىدىلا يۈرگىنىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز. بۇ خىل مەغرۇرلىنىش بىر كەسپىي تەنھەركەتچىگە نىسبەتەن چېكىنىشتىن باشقا ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ. »

---------------------------------------------------------------------

بولماستىن،مۇسابىقە پەسلى ئاياقلاشقاندىن كېيىنكى دەم ئېلىشتا بۇ پائالىيەتلەرگە قاتناشتى،ھەم مەغرۇرلانمىدى.

«جۇڭگونىڭ پۇتبول ساھەسىنىڭ چىرىكلىكىنى بىلىمەن، لېكىن ئۇ ئاساسەن يۇقۇرى قاتلام باشقۇرۇش تارمىقىدا كۆرۈلگەن. كۇلۇپلار كارخانا تۈزۈمىدە باشقۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭ چىرىكلىك بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوق.»

كۇلۇبنىڭ كارخانا تۈزۈمىدە باشقۇرۇلىشى ئۇنىڭدا چىرىكلىك بولمايدىغىنىنى بىلدۈرمەيدۇ.نۇرغۇن توپچىلار ترېنېرغا ئارقا ئىشىك قىلمىسا ئاساسىي ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقالمايدۇ،ئەنە شۇ كۇلۇبنىڭ ئىچىدىكىلەرمۇ توپچىلارنى «ساختا توپ»ئويناشقا مەجبۇرلايدۇ،..بۇنداق ئىشلار جۇڭگو كۇلۇبلىرىدا ساماندەك تولا.

بارىنىڭ «ھەيدىلىش»سەۋەبىنى @guitarfan@چاپلىغان رەسىمدىكى مەزمۇننى كۆرگەندىن كېيىن ئويلاشساقمۇ كېچىكمەيمىز دەپ ئويلايمەن.

@naprat2009@ تورداش ،

« بارى تېخى جۇڭگونىڭ ئادەتتىكى سەۋىيىدىكى (ياكى ناچار سەۋىيىدىكى) كوماندىلىرىدا ياخشى توپ تېپەلمىدى، ھېسىياتقا تايىنىپ قالايمىقان گەپ قىلمايلى، باشقىلارنىڭ خاتالىقىدىن ساۋاق ئالايلى.»

خاڭجۇ كۇلۇبى ئۆتكەن يىلى ئاسىيا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى تالىشىش مۇسابىقىسىگە جۇڭگودىكى ئالدىنقى تۆت كوماندا قاتارىدا قاتناشتى،بارى ئۇرغان ۋە پاس بەرگەن توپ بىلەن ياپونىيە j بىرلەشمىسى چىمپىيون كوماندىسىنى يەڭدى.بارى يەنە دۆلەتلىك ئولىمپىك كوماندىسىدا ئاساسلىق ئەزا بولۇپ ئوينىدى.

بۇ ئەجىبا سىز دېگەندەك« بارى تېخى جۇڭگونىڭ ئادەتتىكى سەۋىيىدىكى (ياكى ناچار سەۋىيىدىكى) كوماندىلىرىدا ياخشى توپ تېپەلمىدى» نى چۈشەندۈرەمدۇ؟سىزنىڭ ئۇنىڭكىنى توغرا ياكى خاتا دەيدىغانغا نېمە ئاساسىڭىز بار؟

@ ruslan007@ ئەپەندى:

« بارى سەن ئۆزەڭنى رونالدو دەپ قالدىڭما ؟»

----------------------------------------------------------------------

سىز بارى بىلەن رونالدونى سېلىشتۇرۇپ قاپسىز،رونالدو مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان توپچى ئەمما رونالدو ئۇچچىغا چىققان شاپاقچى!بۇنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ،ئۇنىڭ ئۇيەر بۇيەردىن ھارامدىن تاپقان باللىرىنىڭ خەۋىرى تا ھازىرغىچە ئۈزۈلمەي كېلىۋاتىدۇ...

كەسپىي ئەخلاق توغرىسىدا گەپ بولۇپتۇ ،بارىنىڭ يۇقرىدا مەن دېگەن ساخاۋەتلىك ئىشلىرى بىلەن رونالدونى سېلىشتۇرۇپ مېنىڭمۇ رونالدودىن بىر سوئال سوراپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ:

رونالدو سەن ئۆزەڭنى ئادەم دەپ قالدىڭما؟!

بارىنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا 20مىليون ئادەم بىلىدۇ،مۇسابىقىسىنى كۆرگەن دېسەم ئاشۇرۋەتكەن بولماسمەن بەلكىم،مەنمۇ سىزمۇ تونۇيمىز ئەمما بارى سىزنى تونۇمدۇ؟ ئۇ يۇقىرى مائاش تەلەپ قىلغان بولسا كۇلۇب خوجايىنىدىن تەلەپ قىپتۇ،سىزدىن ئەمەس.ئۇنى ھاقارەتلەش ھوقۇقىڭىز يوقلۇقى ئىنتايىن ئەقەللىي.ئەمىسە نېمىشقا؟

ruslan007 سىز ئۆزىڭىزنى كىم چاغلاپ قالدىڭىز؟

پېلى؟

كۇلۇب خوجايىنى؟

---------------------------------

بىزگە ئىگە بولىدىغان چوڭلىرىمىزنىڭ تايىنى يوقلۇقىدىن ياشلىرىمىز ھەر دوقمۇشتا تېڭىرقاپ،ئىگە-چاقىسىز تەمتىرەپلا ...

بارىنى شۇ؟؟؟؟؟؟؟؟كۇلۇب خوجايىنلىرى ئانى تېپىپ،ئويۇن ئويناپ ئىستىقبالىغا ئولتۇرىمىز دەۋاتسا ئۇنىڭغا يار-يۆلەك بولماقتا يوق،كۆڭلىگە ئازار بەرسەك ... ئولماز!

                  بارى مۇھىممۇ ئېشەكمۇ؟!

elqut يوللانغان ۋاقتى 2012-10-27 09:43:29

مىنىڭ ئويلايدىغىنم ھىچنىمە ئەمەس بەلكى ئابدۇلبارىنىڭ كىيىنكى قايسى كوماندا بىلەن توختاملىشىپ قانداق مۇسابىقە ئوينايدىغىنى

بولسا ئىستىقباللىق كوماندىدا تىخىمۇ داڭلىق كۇلۇپتا توپ تەپكەن بولسا دەپ ئارزۇ قىلىدىكەنمەن

naprat2009 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-27 10:18:07

16- قەۋەتتىكى kamil85نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئالدى بىلەم ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن!

بەزىلىرىمىز سەل بىر تەرەپلىمە پىكىرلەرنى بېرىپتىمىز،قارىغاندا ئۇقۇشماسلىق بولغاندەك قىلىدۇ. پۇتبولنى چۈشەنمەيدىغانلار،جۇڭگو پۇتبول كۇلۇبلىرىنى چۈشەنمەيدىغانلار،ئەڭ مۇھىمى بارىنى چۈشەنمەيدىغانلار ھاياجېنىمىزنى سەل بېسىۋالايلى! مەن بارىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىدىكى ئىشلىرىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن ھەم بىلىش،ئارلىشىش ھوقۇقۇممۇ يوق.ئەمما ئۇنىڭ بۇ نەچچە يىلدىكى ئىش-پائالىيەتلىرىدىن خېلىلا خەۋەردار،بەزى پائالىيەتلىرىگە بىللە قاتناشقان دېگەندەك.

2011-يىلى4-ئاينىڭ11-كۈنى خاڭجۇ كوماندىسى بىلەن بېيجىڭ كوماندىسى مۇسابىقىسىدە بارى كاللا توپتىن بىرنى ئۇرۇپ كوماندىنى غەلبىگە ئېرىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى،مۇسابىقىگە بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان،ئىشلەۋاتقان بالىلاردىن 12ئادەم كۆرگىلى بارغان ھەمدە دوستۇم ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ مۇسابىقىدىن كېيىن كۆرۈشۈشكە ئالدىن كېلىشىپ قويغان.مەيدان سىرتىدا كۆرۈشۈش قولاي بولماي،ئۇلار كەتكەندىن كېيىن ئارقىسىدىن ئۇلار چۈشكەن مېھمان سارايغا بېرىپ كۆرۈشتۇق.مېھمانخانىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى ئۆزبېكچە رېستۇراندا ئۇ بىزنى تۇققانلىرىنى كۈتۈۋالغاندەك كۈتۈۋالدى.بىزدىن بىردەم بۇرۇن كەلگەن، ئۇنىڭ دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىدىكى دوستلىرى ۋە ئەينى چاغدىكى ئولىمپىك كوماندىسىنىڭ ترېنېر تەرجىمانىمۇ شۇ سورۇندا بار ئىدى.بىزنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك شۇنداق ئەركىن-ئازادە،خۇشال ئولتۇرغىنىمىزنى كۆرۈپ ئۇلار خېلى بىر ھازاغىچە ھەيران بولۇشتى.(دېمىسىمۇ بۇ خەقنىڭ ئۇنداق چولپانلىرى نەدە بۇنداق بىزگە ئوخشاش مەستانلىرى بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ تاماق يەپ كېتەتتى؟) يۇقىرى ئىستىمالدىكى بۇ رېستۇراندا 2000سوم خەلق پۇلىنى يېنىدىن چىقىرىپ بارى بىزنى مېىمان قىلدى.

ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا قارامايدا ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ چولپانلار كوماندىسى بىلەن قاراماي كوماندىسى ئارىسىدىكى مۇسابىقىگىمۇ بارى تەكلىپىمىزگە ماقۇللۇق بىلەن قاتناشتى،بۇ جەرياندا كۆزى داۋالىتىشقا مۇھتاج كىچىك قىزىمىزغا ئىئانە توپلاندى،ئەكرەمكام بىلەن يەنە شۇ بارى باشقا چولپانلىرىمىزغا ۋاكالەتەن پۇلنى ئىئانە ساندۇقىغا سالدى،مۇسابىقىدىن كېيىن شۇ سوغۇقتا نەچچە يۈز كىچىك دوستلىرىمىزغا زېرىكمەي تېرىكمەي ئىمزا قويۇپ بەردى...ۋاھاكازالار بۇ جەرياندا ئۇ بىر تىيىن ھەق ئالمىدى!

ئۇندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە بېرىپ يۈسۈپ ئىمىن ھاجىمنىڭ تون كەيدۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى،ئاندىن5 -باشلانغۇچتىكى ئۆسمۈرلەر بىلەن كۆرۈشتى،«تەلەي يۇلتۇزى» پروگراممىسىغا قاتناشتى....

بۇلارنىڭ جەريانىدىمۇ ئۇ ھەق ئالمىغان،ھېچ كىممۇ ئۇنىڭغا ھەق بېرىمىز دېمىگەن!

يەنە كېلىپ @enwerjula@ ئەپەندىن ئېيتقاندەك:

«بارىجان بىر يىلنىڭياقى پۇتبولغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردە باش تېما بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. قاچانلا قارىسا مەشق قىلماي ئۇ پائالىيەت- بۇ پائالىيەت دەپ ئۈرۈمچىدىلا يۈرگىنىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز. بۇ خىل مەغرۇرلىنىش بىر كەسپىي تەنھەركەتچىگە نىسبەتەن چېكىنىشتىن باشقا ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ. »

---------------------------------------------------------------------

بولماستىن،مۇسابىقە پەسلى ئاياقلاشقاندىن كېيىنكى دەم ئېلىشتا بۇ پائالىيەتلەرگە قاتناشتى،ھەم مەغرۇرلانمىدى.

«جۇڭگونىڭ پۇتبول ساھەسىنىڭ چىرىكلىكىنى بىلىمەن، لېكىن ئۇ ئاساسەن يۇقۇرى قاتلام باشقۇرۇش تارمىقىدا كۆرۈلگەن. كۇلۇپلار كارخانا تۈزۈمىدە باشقۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭ چىرىكلىك بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوق.»

---------------------------------------------------------------------

كۇلۇبنىڭ كارخانا تۈزۈمىدە باشقۇرۇلىشى ئۇنىڭدا چىرىكلىك بولمايدىغىنىنى بىلدۈرمەيدۇ.نۇرغۇن توپچىلار ترېنېرغا ئارقا ئىشىك قىلمىسا ئاساسىي ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقالمايدۇ،ئەنە شۇ كۇلۇبنىڭ ئىچىدىكىلەرمۇ توپچىلارنى «ساختا توپ»ئويناشقا مەجبۇرلايدۇ،..بۇنداق ئىشلار جۇڭگو كۇلۇبلىرىدا ساماندەك تولا.

بارىنىڭ «ھەيدىلىش»سەۋەبىنى @guitarfan@چاپلىغان رەسىمدىكى مەزمۇننى كۆرگەندىن كېيىن ئويلاشساقمۇ كېچىكمەيمىز دەپ ئويلايمەن.

@naprat2009@ تورداش ،

« بارى تېخى جۇڭگونىڭ ئادەتتىكى سەۋىيىدىكى (ياكى ناچار سەۋىيىدىكى) كوماندىلىرىدا ياخشى توپ تېپەلمىدى، ھېسىياتقا تايىنىپ قالايمىقان گەپ قىلمايلى، باشقىلارنىڭ خاتالىقىدىن ساۋاق ئالايلى.»

---------------------------------------------------------------------

خاڭجۇ كۇلۇبى ئۆتكەن يىلى ئاسىيا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى تالىشىش مۇسابىقىسىگە جۇڭگودىكى ئالدىنقى تۆت كوماندا قاتارىدا قاتناشتى،بارى ئۇرغان ۋە پاس بەرگەن توپ بىلەن ياپونىيە j بىرلەشمىسى چىمپىيون كوماندىسىنى يەڭدى.بارى يەنە دۆلەتلىك ئولىمپىك كوماندىسىدا ئاساسلىق ئەزا بولۇپ ئوينىدى.

بۇ ئەجىبا سىز دېگەندەك« بارى تېخى جۇڭگونىڭ ئادەتتىكى سەۋىيىدىكى (ياكى ناچار سەۋىيىدىكى) كوماندىلىرىدا ياخشى توپ تېپەلمىدى» نى چۈشەندۈرەمدۇ؟سىزنىڭ ئۇنىڭكىنى توغرا ياكى خاتا دەيدىغانغا نېمە ئاساسىڭىز بار؟

@ ruslan007@ ئەپەندى:

« بارى سەن ئۆزەڭنى رونالدو دەپ قالدىڭما ؟»

----------------------------------------------------------------------

سىز بارى بىلەن رونالدونى سېلىشتۇرۇپ قاپسىز،رونالدو مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان توپچى ئەمما رونالدو ئۇچچىغا چىققان شاپاقچى!بۇنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ،ئۇنىڭ ئۇيەر بۇيەردىن ھارامدىن تاپقان باللىرىنىڭ خەۋىرى تا ھازىرغىچە ئۈزۈلمەي كېلىۋاتىدۇ...

كەسپىي ئەخلاق توغرىسىدا گەپ بولۇپتۇ ،بارىنىڭ يۇقرىدا مەن دېگەن ساخاۋەتلىك ئىشلىرى بىلەن رونالدونى سېلىشتۇرۇپ مېنىڭمۇ رونالدودىن بىر سوئال سوراپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ:

رونالدو سەن ئۆزەڭنى ئادەم دەپ قالدىڭما؟!

بارىنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا 20مىليون ئادەم بىلىدۇ،مۇسابىقىسىنى كۆرگەن دېسەم ئاشۇرۋەتكەن بولماسمەن بەلكىم،مەنمۇ سىزمۇ تونۇيمىز ئەمما بارى سىزنى تونۇمدۇ؟ ئۇ يۇقىرى مائاش تەلەپ قىلغان بولسا كۇلۇب خوجايىنىدىن تەلەپ قىپتۇ،سىزدىن ئەمەس.ئۇنى ھاقارەتلەش ھوقۇقىڭىز يوقلۇقى ئىنتايىن ئەقەللىي.ئەمىسە نېمىشقا؟

ruslan007 سىز ئۆزىڭىزنى كىم چاغلاپ قالدىڭىز؟

پېلى؟

كۇلۇب خوجايىنى؟

---------------------------------

بىزگە ئىگە بولىدىغان چوڭلىرىمىزنىڭ تايىنى يوقلۇقىدىن ياشلىرىمىز ھەر دوقمۇشتا تېڭىرقاپ،ئىگە-چاقىسىز تەمتىرەپلا ...

بارىنى شۇ؟؟؟؟؟؟؟؟كۇلۇب خوجايىنلىرى ئانى تېپىپ،ئويۇن ئويناپ ئىستىقبالىغا ئولتۇرىمىز دەۋاتسا ئۇنىڭغا يار-يۆلەك بولماقتا يوق،كۆڭلىگە ئازار بەرسەك ... ئولماز!

بارى مۇھىممۇ ئېشەكمۇ؟!

يولداش، ئوبيېكتىپ باھا بېرىڭ دېسەم يەنە بىر مۇنچە شەخسىي ھېسياتنى ئارىلاشتۇرۇپ تاشلاپىسز، سىزنى مېھمان قىلغان بولسا ئۇ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئىش، بۇ يەردە تەكىتلىنىۋاتقىنى ئىنتىزام مەسىلىسى ۋە ماھارەت مەسىلىسى.

ماھارەتتە بارى ھەقىقەتەن رونالدوغا يەتمەيدۇ، لېكىن ئەخلاق جەھەتتە بارى ھەقىقەتەن رونالدودىن ياخشى، غەرب پۇتبولچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى شۇنداق، ئەخلاقى ياخشى ئەمەس...لېكىن ئۇ شەخسىي ئىشى...ئارىلاشساق بولمايدۇ.

بەك كۆپ غۇلغۇلا قىلىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق...پەقەت ئىنتزام مەسىلىسىنى تەكىتلەپ قويساقلا بولدى، مۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ، نورمال ئەھۋال.

ياپونىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىسىدىن ئانچە خەۋىرىم يوق، لېكىن مېنىڭ بىلىدىغىنىم، ئادەتتە چەتئەل كوماندىلىرى جۇڭگو بىلەن مۇسابىقە ئوينىسا سەرخىل خادىملىرىنى مەيدانغا چۈشۈرمەيدۇ، ئادەتتىكىچە ئوينايدىغان كوماندا ئەزالىرىنى مەيدانغا چۈشۈرىدۇ.يارىدار بولۇپ قېلىپ باشقا مۇسابىقىلارغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەيدۇ.

بەك ھاياجانلىنىپ كەتمەڭ!

بەت: [1] 2 3 4 5
: بارى لۈچېڭ پۇتبۇل كولوبىدىن چىقىرۋىتىلدى