kanjebatur يوللانغان ۋاقتى 2012-10-23 16:58:23

بۇلارنى چۇشەندۇرۇپ قويساڭلار



ھازىر دوكتۇر ،ماگىستىر  دىگەندەك ئاتالغۇلارنى كۆپ ئاڭلايدىغان بوپكەتتۇق.بىراق بۇنىڭ ئارىسىدا دوكتۇر،ماگىستىر دىگەندىن باشقىسىنى چۇشەنمەيدىكەنمەن.بىلىدىغانلار  چۇشەندۇرۇپ قويساڭلار بوپتىكەن.


دوتسىنىت دىگەن ئۇنۋانما؟قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىغان ئادەملەرگە بىرىلىدۇ؟


لىكتور دىگەنچۇ؟بۇمۇ ئۇنۋانما؟


مەن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ پالانچى ئاسپارانتكەن،لىكىن ماگىستىر ئەمەسكەن دىگىنىنى ئاڭلىدىم .بۇنداقلار ئاسپارانتلىقتا ئوقۇپ ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالالمىغانلارمۇ؟


دوكتۇر ئاشتى دىگەن قانداق گەپ ؟ئاڭلىسام ئۇ ئۇنۋان ئەمەسكەن،قانداق ئادەملەر دوكتۇر ئاشتى بولىدۇ؟


قانداق شارائىتنى ھازىرلىسا دوكتۇر يىتەكچىسى ياكى ماگىستىر يىتەكچىسى بولالايدۇ؟بۇنى مەكتەپ بىكىتەمدۇ ياكى باشقا بىر ئورگان بارمۇ؟


ئاكادىمىكقا قانداق تەلەپلەر قويۇلىدۇ؟ئاكادىمىك بولغاننىڭ قانداق پايدىسى بار؟



Marshal يوللانغان ۋاقتى 2012-10-23 22:33:03

دوتسىنىت دېگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ خىزمەت تارىخىغا قارىتىپ،قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى،خىزمەت تەجرىبىسى بىر قەدەر پىشىپ يېتىلسە،ئاندىن دوتسىنت بولالايدۇ.

يەنە خىزمەت تەجرىبىسى مول،ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان،تەربىيلىگەن ئوقۇغۇچىلىرى ياخشى نەتىجە قازانغان،ئۇزۇن مۇددەت ئالىي مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ،ئىنتايىن مول تەجرىبىگە،ئۆزگىچە ئوقۇش مېتۇدىنى يارىتالىسا،ئوقۇتقۇچىلىقتىن سىرت،يازغان ماقالىرى ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىپ،خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشسە،پېروفېسور بولالايدۇ.

دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ،ئالىي مائارىپتا ماگىستىر-ئاسپىرانتلارنى تۇلۇق تەربىيلەپ يېتىشتۈرەلىسە،پوستدوكتۇر(دوكتۇر ئاشتى)بولالايدۇ.

ئاكادىمىك دەپ ئۇيغۇرلاردىن كومپىيۇتۇر ئالىمى ھۇشۇر ئىسلامنى دېسەك بولىدۇ،ئۇ ئىلىم تەتقىقاتىدىكى ئەڭ نۇپۇزلۇق تەتقىقات تۈرى بولۇپ،ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى بولۇپ ھوشۇر ئىسلام كىردى.دۆلەت ئىچىدىكى ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى ئۇيغۇر ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلامنىڭ كىرىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاكادىمىك يوق بولۇشقا خاتىمە بېرىلدى.

ئادەتتە،ئاكادېمىك دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى -بىر تەتقىقات تۈرىنى ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە،رايۇن سەۋىيىسىدىن ھالقىپ،دۆلەت،خەلقئارالىق نۇپۇزلۇق تەتقىقات تۈرى بىلەن ئوخشاش تەتقىقات ئېلىپ بارالايدىغان،مەملىكەتلىك ۋە خەلقئارالىق پاتىنىت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن،دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى نۇپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسى نۇپۇزلۇق ئالىملارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن كىشىلەرلا بۇ شان--شەرەپكە نائىل بولالايدۇ.

مەن ئۆز چۈشەنچەمنى دەپ باقتىم جۇمۇ،خاتا سۆزلىگەن يېرىم بولسا،چۈشەنچە بېرەرسىلەر \"\"

قالغاننى باشقىلار تېخىمۇ تەپسىلىي تولۇقلىسا ياخشى بولغۇدەك \"\"

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-10-24 07:40:51

دوتسېنت دېگەن ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا بېرىلىدىغان دەرىجە، ئۇنۋان ئەمەس. 副教授 غا تەك كېلىدىغۇ دەيمەن.

ئالى مەكتەپ ئوقوتقۇچىلىرىنىڭ دەرىجىسى 讲师,副教授,教授 مۇشۇ بويىچە ئۆرلەپ ماڭىدۇ. بۇلار ئۇنۋان ئەمەس. لېكتورنىڭ نېمىلىكىنى مەنمۇ تازا بىلمەيدىكەنمەن.

ئەمدى ئاسپرانت، دوكتور... دېگەنلەرگە كەلسەك، بۇ ئوقۇملار ئالى مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىغا قارىتىلىدۇ.

ئۇنۋان يۆنىلىشى بويىچە ماڭغاندا، باكلاۋۇر(تولۇق كۇرس)، ئاسپرانت دەپ بۆلىنىدۇ. ئاسپرانتلىقنى دەرىجىسى بويىچە ماگىستىر ئاسپرانت ۋە دوكتور ئاسپرانت دەپ بۆلىدۇ. يەنى تولۇق كۇرسنى تاماملىغاندىن كېيىنكى ئىككى ياكى ئۈچ يىللىق ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ ماگىستىر ئاسپرانتلىقنى تاماملايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقچىسىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئۆزى تۇتقان يۆنىلىشتە بىر ماقالە يېزىپ نوپۇزلۇق ژورناللاردا ئېلان قىلغان بولىشى شەرت.

بۇنى تاماملىغاندىن كېيىن دوكتور ئاسپرانت تەربىيلەش سالاھىيىتى بار پرافىسسورلارنى تاللاپ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالالايدۇ، بۇنىڭ ئىشى سەل تەسرەك بولىدىكەن، ئادەتتە 4 يىلدىن 6 يىلغىچە پۈتتۈرەلەيدىكەن، بىلىشىمچە ئۆزىنىڭ ساھاسىدە مۇستەقىل بىر مەسىلىنى ھەل قىلىشى شەرتمىشمۇ دەيمە، مەن ئوقۇپ باقمىغان \"\"

دوكتور ئاشتى ئۇقىمىغا كەلسەك جېك بۇ ھەقتە بىر چۈشەندۈرۈش بەرگەن، بۇ ئۇنۋان ئەمەس، بىر خىزمەتكە تەڭداش بولۇپ، دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە مەلۇم بىر دوكتورغا ياردەملىشىپ بىر خىزمەتنى ئىشلىگەن بولسا دوكتور ئاشتىلىقتا تۇرغان دىيىلىدىكەنتۇق.

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-10-24 08:38:25

خەنزۇچە 讲师,副教授,教授 دېگەنلەر دەل « لىكتور ، دوتسېنىت ، پىېرافىسسور» لەرنىڭ ئۇيغۇر تىلدىكى تەڭدىشى بولۇپ ، ئالىي مەكتەپلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارغا بىرىلىدىغان ئوتتۇرا ۋە ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي ئۇنۋاندۇر . بۇ ئۇلارنىڭ خىزمەت سىتاژى ۋە ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات خىزمىتىدىكى تۆھپىسىگە ئاساسەن بىرىلىدۇ.تۆۋەن دەرىجىلىك ئۇنۋاندىن يەنە « ئاتسېنىت» مۇ بار.



  دوكتۇر ، ماگېستىر ، باكلاۋېر دېگەنلەر ئوقۇش تارخىىغا بىرىلگەن ئىلمىي ئۇنۋاندۇر ، ئادەتتە تولۇق كۇرۇسنى تاماملاپ ئۆلچەمگە يەتكەنلەرگە باكلاۋېر ، ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇپ ئۆلچەمگە يەتكەنلەرگە ماگىستىر ۋە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بىرىلىدۇ.لىكىن ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرىسىدا ئوقۇپ ئوقۇش پۇتتۇرۇش كىنىشكىسى ئالغان بىلەن بەزى دەرىسلەردىن ئۆتەلمەي قايتا ئىمتېھان بىرىپ ئۆتكەنلەرگە باكلاۋېر ئۇنۋانى بىرىلمەيدۇ. بۇنداقلار يۇقۇرلاپ ماگىستېر ۋە دوكتۇرلۇقتىمۇ ئوقۇيالمايدۇ. دوكتۇر ئاشتىلىق ھىچقانداق ئۇنۋان ئەمەس، ئۇ پەقەت تەتقىقات تۇرىنى ئىجرا قىلىش مەزگىلىدىكى ئاتاق خالاس.

urdek يوللانغان ۋاقتى 2012-10-24 09:13:57

دىھقان بولساممۇ چۇشەنچەمنى دەپ باقاي.ئاۋۇ لېكتور دېگىنى ئونۋېرسىتۇتلاردىكى مۇنبەردە دەرس سۇزلىگۇچى ياردەمچى مۇئەللىم غۇ دەيمەن

tawlan يوللانغان ۋاقتى 2012-10-24 12:07:32

ئەڭ ئاددىي جاۋاپ

老师 دېگىنى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ مۇئەللىمى.

讲师 ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىنىڭ مۇئەللىمى.

教授 ئالىي مەكتەپنىڭ مۇئەللىمى.


istiqbal يوللانغان ۋاقتى 2012-10-24 12:11:13

ھى ھى ئەمسە مەنمۇ مەكتەپ پۈتكۇزسەم باكلاۋۇر بوپ قالغۇدەكمەن.بۇرۇن ئويلاپمۇ باققماپتىمەن،ئۇنداق بولدىغىنىنى.

باكلاۋۇر دىسە شۇنداق چوڭ ئۇنۋان ئوخشايدۇ دىسەم ئۆزەممۇ باكلاۋۇركەنمەن ئەمەسمۇ

MVXVK يوللانغان ۋاقتى 2012-10-24 13:41:26

6- قەۋەتتىكى istiqbalنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھى ھى ئەمسە مەنمۇ مەكتەپ پۈتكۇزسەم باكلاۋۇر بوپ قالغۇدەكمەن.بۇرۇن ئويلاپمۇ باققماپتىمەن،ئۇنداق بولدىغىنىنى.

باكلاۋۇر دىسە شۇنداق چوڭ ئۇنۋان ئوخشايدۇ دىسەم ئۆزەممۇ باكلاۋۇركەنمەن ئەمەسمۇ



سىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىما؟

alaibalai يوللانغان ۋاقتى 2012-10-24 18:27:24

لىكتور (讲师)

دوتسىنىت(副教授)

پروفىسسور(教授)

دىگەنلەر كەسپىي تېخنىكا ئۈنۋانى بولۇپ ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئالىدۇ. ئۇنىڭدا ئەكىس ئىتىدىغىنى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى تەجرىبە ۋە ماھىرلىق دەرىجىسى بولۇپ ئوخشىمىغان كەسپلەردە ئوخشىمىغان ناملار بىلەن كەسپى تېخنىكا دەرىجىسىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ. دوختۇرلارنى «ۋىراچ» «مۇدىر ۋىراچ» دەپ، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى بىرىنچى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى دەپ ئايرىغانغا ئوخشاش.



باكلاۋۇر (学士)

ماگىستىر(硕士)

دوكتۇر(博士)

دىگىنى ئىلمىي ئۈنۋان بولۇپ ئۇنىڭدا شەخسىنىڭ ئوقۇش تارىخى ۋە تەربىيلىنىش دەرىجىسى ئەكىس ئەتتۈرىلىدۇ. باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق (ئوتتۇرا تېخنىكوم) ، مەخسۇس كۇرس (ئالىي تېخنىكوم)،  تولۇق كۇرس (تەلەپكە يەتسە باكلاۋۇرلۇق ئۈنۋانى بىرىلىدۇ)،  ماگىستىر، دوكتۇر قاتارلىق دەرىجىلەر ئارقىلىق تۈۋەندىن يۇقىرىغا ئوقۇش تارىخنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىمى بىلگىلى بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە باكلاۋۇر، ماگىستىر، دوكتۇر دىگەنلەر ئوقۇش تارىخىنى بىلدۈرۈشتىن سىرت شۇ ساھەدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش ئقىتىدارىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرىدىغان بولۇپ باكلاۋۇر دىگىنى مۇستەقىل تەتقىقاتقا يىتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغان، تەتقىقاتتا ياردەمچىلىك رولىنى ئۆتىسە بولىدۇ دىگەننى بىلدۈرسە ماگىستىر، دوكتۇر دىگەنلەر مۇستەقىل تەتقىقات ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان دەپ قارىلىدۇ.



ئاسپىرانت (تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچى) بۇ ئوقۇپ تۇرىۋاتقان ، تېخى ماگىستىر، دوكتۇر ئۈنۋانلىرىنى رەسمىي ئالمىغان ئوقۇغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ، قاتلىمىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ماگىستىرئاسپىرانت،  دوكتۇرئاسپىرانت دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ،   ماگىستىرئاسپىرانتتلار لاياقەتلىك ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ماقالىسى دىسسرتاتسىيە دىن ئۆتسە ماگىستىرلىق ئۈنۋانى ئالىدۇ دوكتۇرئاسپىرانتلار دوكتۇرلۇق ئۈنۋانى ئالىدۇ.  

بۇ يەردە دىيىشكە تىگىشلىك نەرسە دوكتۇر ئاشتى مۇستەقىل ئىلمىي ئۈنۋان ئەمەس، دوكتۇرلۇقنى ئېلىپ بولغاندىن كىيىنمۇ تۇرىۋاتقان ئالىي مەكتەپ ياكى تەتقىقات ئورنىدا تەتقىقات خىراجىتىگە ئىرىشىپ شۇ ساھەدىكى تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئېلىپ بارسا دوكتۇر ئاشتى بولغان بولىدۇ.



دوكتۇر يىتەكچىسى ياكى ماگىستىر يىتەكچىسى دىگىنىنىڭ مەنىسى چۈشىنىشلىك بولۇپ ئالىي مەكتەپ ياكى تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى ماگىستىر، دوكتۇر تەربىيلەش شارائىتىنى ھازىرلىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.



ئاكادىمىيە دۆلەتنىڭ يۇقىرى سەۋىيىلىك تەتقىقاتچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئۇيۇشمىسى بولۇپ شۇ دۆلەتنىڭ خەلقئارادىكى ئىلىم نوپۇزى ۋە تەتقىقات سەۋىيىسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ. ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەتقىقات سەۋىيىسى ئارقىلىق ئالى مەكتەپنىڭ تەتقىقات سەۋىيىسىگە باھا بەرگىلى بولسا ئاكادىمىيە ئەزالىرى (يەنى ئاكدىمىكلارنىڭ) نىڭ سەۋىيىسى ئارقىلىق شۇ دۆلەتنىڭ شۇ پەن ساھەسىدىكى سەۋىيىسىگە باھا بەرگىلى بولىدۇ. شۇڭا ئاكادىمىكلارنىڭ يىزىملىكى قرەللىك تۈردە يېڭىلىنىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.

kanjebatur يوللانغان ۋاقتى 2012-10-25 15:36:10



مەن بۇرۇن بىر خەنچە ژۇرنالدىن(ژۇرنالمۇ ياكى تور بەتمۇ ئىنىق يادىمدا قالماپتۇ.)زەپەر ئابلىزنى تۇنجى ئۇيغۇر ئاكادىمىك دەپ كۆرگەندەك قىلغان.زەپەر ئابلىز مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىن تۇنجى بولۇپ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇغان مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى ئىكەنتۇق.5-ئىيۇل ۋەقەسى يۇز بەرگەندىن كېيىن تىلۋۇزۇردا ئۇنى زىيارەت قىلغاندەك قىلغان.ئۇ چاغدا ئۇنى تونۇشتۇرۇپ جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادىيمىسىنىڭ ئاكادىمىكى دىگەندەك قىلغان(ئۇ ۋاقىتتا تازا دىققەت قىلماپتىمەن).

زادى زەپەر ئابلىزتۇنجى ئۇيغۇر ئاكادىمىكمۇ ياكى ھوشۇر ئىسلام تۇنجى ئۇيغۇر ئاكادىمىكمۇ؟بىلىدىغانلار بۇ توغرىسىدا ئۇچۇر بەرسەڭلار بوپتىكەن.

Fatema يوللانغان ۋاقتى 2012-10-25 16:44:45

ئەمسە بىزدەك خىزمەتنى تاشلاپ ئارقا سەپكە چېكىنگەنلەرنى«家数»دەيمىزمۇ؟  {:92:}

istiqbal يوللانغان ۋاقتى 2012-10-25 21:17:34

7- قەۋەتتىكى MVXVKنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى istiqbalنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھى ھى ئەمسە مەنمۇ مەكتەپ پۈتكۇزسەم باكلاۋۇر بوپ قالغۇدەكمەن.بۇرۇن ئويلاپمۇ باققماپتىمەن،ئۇنداق بولدىغىنىنى.

باكلاۋۇر دىسە شۇنداق چوڭ ئۇنۋان ئوخشايدۇ دىسەم ئۆزەممۇ باكلاۋۇركەنمەن ئەمەسمۇ



سىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىما؟

شۇنداق ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسسى،ئادەتتە خەنزۇچە ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىپ ئاناتىلدىكى ئاتالغۇلارنى بىلمەي يۈرۈپتىمەن

MVXVK يوللانغان ۋاقتى 2012-10-26 21:44:00

11- قەۋەتتىكى istiqbalنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

7- قەۋەتتىكى MVXVKنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى istiqbalنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھى ھى ئەمسە مەنمۇ مەكتەپ پۈتكۇزسەم باكلاۋۇر بوپ قالغۇدەكمەن.بۇرۇن ئويلاپمۇ باققماپتىمەن،ئۇنداق بولدىغىنىنى.

باكلاۋۇر دىسە شۇنداق چوڭ ئۇنۋان ئوخشايدۇ دىسەم ئۆزەممۇ باكلاۋۇركەنمەن ئەمەسمۇ



سىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىما؟

شۇنداق ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسسى،ئادەتتە خەنزۇچە ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىپ ئاناتىلدىكى ئاتالغۇلارنى بىلمەي يۈرۈپتىمەن



شۇنى دەيمەن، ھازىرغىچە بىلمىگىنىڭىزنى

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-26 22:30:18

shakira يوللانغان ۋاقتى 2012-10-26 23:07:58

كېلىنكا دوختۇرلىرىنىڭ ئۇنۋانى ياردەمچى ۋىراچ،ۋىراچ،مەسئۇل ۋىراچ،مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچ،مۇدىر ۋىراچ بويىچە ماڭىدۇ.
بەت: [1]
: بۇلارنى چۇشەندۇرۇپ قويساڭلار