tagdirm يوللانغان ۋاقتى 2012-10-22 23:19:41

كۆۋرۈكى يوغاندىن مەسلەھەت سورايمەن

2-3 ھەپتە ئاۋۋال قولتۇقۇمغا چىقىپ ئازابىنى خىلى تارىتقان يەرلىك تىلدا "كۆۋرۈك"ى يوغاننى دوختۇر ھەم شۇ خىل يارىنىڭ ئازابىنى تارىتقانلاردىن سوراش ئارقىلىق ئوكۇل سلادۇرۇپ داۋالاتقان ئىدىم ،4 كۈن بولدى مانا ئەمدى بىرى ئىككى بولاپ ، باشتا چىققان يەرگە ئۇنى ئاز دىگەندەك كۆزۈمنىڭ ئاستىغىلا بىراقلا 2 سى چىقىۋىلىپ ھىچ مەسلەھەتىمنى قويمىدى .


يەنە بىرىپ قايتىدىن ئكۇل سالدۇراي دىسەم بىرمۇنچە پۇلنى ىەجلىگەنگە تۇشلۇق ئۇنىڭ قىپىنى يەنە بەدەنگە سىڭدۇرىۋىتىپ قايتا كۆكلەپ چىقىشىدىن خاتىرجەمسىزلىنىپ ، مۇشۇ كۈنگىچە ئۇنى ئۆزەم داۋالاپ ئاغرىقى بىلەن ئېلىشىپ كەلدىم . لىكىن بۇنىڭ ئەمدى تىخى يوغىناپ سەمرىدىغان ۋاقتى كىلىۋاتىدۇ


ئىلگىرى مۇشۇخىل ئاغرىقنى باشتىن كەچۈرگەنلەر ھەم  تىۋىپلىرىمىزدىن سوراپ باقسام ، سادىغان كىتەيلە ، مۇشۇ نىجىسنىڭ قىپىنى چىقىرۋىتىپ چاپسانراق قۇتۇلىدىغان ئىلمى ، ئۈنۈملۈك داۋاسى بارمۇ ؟ ئوقۇشۇمغا تەسىرى بەك چوڭ بولاپ كەتتى ، ھىيىتتا بۇنداق يەكچەشمىدەك يۈرگۈم يوق .

function يوللانغان ۋاقتى 2012-10-23 08:33:07

بىز «قوڭى يوغان» دەيمىز، كۆۋرۈكى يوغان دېسە بىر خىل كىتابى تىلدەك تۇيۇلىدىكەن. ئەمدى خۇدايىم ساقلىسۇن بۇ قوڭى يوغاندىن، بۇنى يەرلىك ئۇسۇلدا قۇچقاچنىڭ ئىچى باغرىنى (يېپيېڭى، ھازىرلا ئۇچۇپ كېتىپ بارغان قۇچقاچنىڭ) قوڭى يوغان بار ئورۇنغا تاڭىدىغان ئىش بارتى. باشقىلارمۇ بىر نېمە دەپ باقسۇن.

ZAPAR يوللانغان ۋاقتى 2012-10-23 08:48:59

نىمە دەيدىكىن دەپتىمەن،ھاھاھاھا بۇرۇنلاردا بىرخىل قاپقارا چاپلىما بولدىغان شۇنى چاپلاپ قويسا تىزلا ئېغىز ئالدۇراتتى...ئىسمى ئېسىمدە يوق. يەنە نۆشۈدۇر قۇيدىغان ئىشلارمۇ باركەندۇق. ياخشىسى بىرزات بىلەن يۈكسەلباينىڭ نامىنى ئاتاپ مەسلىھەت سوراڭە.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2012-10-23 09:08:29

2008-يىلى قىشتا يۈزۈمگە شۇنداق چىقىپ قالغان ئىدى، ھەر كۈنى خىتيول دىگەن نەرسىدە تېڭىپ دىگەندەك يۈرگەن. تۇيۇقسىز ئۈرۈمچىگە سەپەر قىلىدىغان ئىش چىقىپ، يۈزۈم تېڭىق پىتى چىقتىم (تېخى قىپى بار ئىدى). ئۈرۈمچىگە چىقىپ ئەتىسى قوپۇپ قارىسام ھىچنىمە قالماپتۇ. ھەيران قالدىم، مۇشۇ سەپەر پايدا قىلغان ئوخشايدۇ دەپ. \"\"

tagdirm يوللانغان ۋاقتى 2012-10-23 09:24:31

ئەتىگەن قوپسام ، ئوڭ كۆرۈم ئىتىلىپلا قالدى ، ھازىر باشلىرىممۇ قىيىپ كىتىۋاتىدۇ بۇنىڭ دەستىدىن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇلۇقۇمنىڭ يىنىدىكى بەزمۇ يوغىناپ قاپتۇ ، ناشتا قىلاي دەپ ئاغزىمنى ئاچالماي قىلىۋاتىمەن ، بىر قولۇمنىڭ بەدىنىم بىلەن بولغان بۇلۇڭىمۇ ھازىر `90 بولاپ كەتتى ، مىڭ تەستە تىڭىپ يەنە داۋا ئىزدەپ ئوتتاردىم . \"\"

بىرزات ھەكىم بىلەن يۈكسەلنىڭ دىئاگونىزىنىمۇ ساقلاي ئەمسە \"\"

qassap يوللانغان ۋاقتى 2012-10-23 10:51:16

بىزمۇ «قوڭى يوغان» دەيمىز. مىنىڭ ئىڭىكىمنىڭ ئاستىغا چىقىپ قېلىپ بەك ئاغرىتقان. كىيىن دوختۇرخانىغا بېرىپ چىداپ تۇرۇپ سىقتۇرۇپ، قېپىنى ئالاۇرۋەتكەن. \"\"

urdek يوللانغان ۋاقتى 2012-10-23 10:57:10

ياراششا توققۇزى ي،ياراشمىسا ئوتتۇزى چىقىدۇ بۇ نىجىس.مۇھىم ئىش ئىسسىق يەرگە يولىماڭ،چۇنكى بۇ سوغۇق ئەنگىزدىن پەيدا بولىمىش

tagdirm يوللانغان ۋاقتى 2012-10-23 10:58:37

غۇلجىدا ھەم ئۈرۈمچىدىمۇ قوڭى يوغان دەيمىز ، تىمىنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن شۇڭا كۆرۈكنى \"\" \"\" مانىڭ ئىچىغا ئەپ قويغان ئىدىم ، خاتا چۈشىنىۋىلىشمىغايلا كۆپچىلىك \"\"

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-23 11:44:17

بىز «چىقان» دەيمىز.

سىلەنىڭ دەۋاتقىنىڭلا مۇشۇ چىقانمۇ بىلمىدىم يا بۇ ئىككىسى ئىككى گەپمۇ.

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2012-10-23 11:55:54

ماڭا توي قىلىشقا ھەپتە قالغاندا چىقىپ قالغان. گۈلىدەك بولغاندا ئىككى ئۈچ كۈن خىتىيۇل سۈرۈپ بولۇپ بىر سىقسام قاپلىقى چىقىپ كەتكەن. تويلۇق جاڭزىغا رەسىمگە چۈشكەن كۈنى ساقىيىپ قاپتىكەن. سىزمۇ جاڭزىغا رەسىمگە چۈشۈپ بېقىڭ بولمىسا  {:92:}

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-23 11:56:06

ئەگەر مىنىڭ دىگىنىم شۇ بولسا مەجۈنى چۈبىچىن دىگەندەك دورىلارنى يەپ تۇرۇپ ئاندىن تېشىدىنمۇ دورا قىلسىڭىز ئىچى تېشىدىن بىرلىشىپ ئاسانراق ساقايتقىلى بۇلىشى مۇمكىن \"\"

xjdxwhx يوللانغان ۋاقتى 2012-10-23 12:42:48

بىر ۋاقىتتا ئاكامنىڭ قولىغىمۇ چىقىپ قالغان. دوختۇرلار ساقايتالماي، قۇچقاچ تېڭىپ داۋالىغان ئىدۇق.

قۇچقاق تاڭسا ساقىيىشنىڭ سەۋەبىنى ھازىرمۇ بىلمەيمەن.

uzakam يوللانغان ۋاقتى 2012-10-23 13:07:40

ئۇنى خوتەندە خەسنە دەيمىز، كىچىكرەك دۇراخانىغا بارىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بىر قارا سىقماق دۇرا باركەن ، شۇنى داكىغا سىقىپ ، يەرلىك ئۇرۇننى ئسپىرىتتا تازلىۋىتىپ چاپلاپ قويسا 3 كۈندە ئېغىز ئېلىپ قىپى چىقىپ كىتىدىكەن، مېنىڭمۇ كىندىكىمنىڭ ئاستىغا چىقىپ قىلىپ ساقىيىپ قالار دەپ ساقايماي ئاخىرى شۇ ئۇسۇلدا ساقايغان. \"\"

calisiyorum يوللانغان ۋاقتى 2012-10-23 13:13:25

1- قەۋەتتىكى veyraniنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىز «قوڭى يوغان» دەيمىز، كۆۋرۈكى يوغان دېسە بىر خىل كىتابى تىلدەك تۇيۇلىدىكەن. ئەمدى خۇدايىم ساقلىسۇن بۇ قوڭى يوغاندىن، بۇنى يەرلىك ئۇسۇلدا قۇچقاچنىڭ ئىچى باغرىنى (يېپيېڭى، ھازىرلا ئۇچۇپ كېتىپ بارغان قۇچقاچنىڭ) قوڭى يوغان بار ئورۇنغا تاڭىدىغان ئىش بارتى. باشقىلارمۇ بىر نېمە دەپ باقسۇن.





ئەمدى جىنىنى باقالماي يۈرگەن باشمالتاقچىلىكمۇ كەلمەيدىغان،قورقۇپ-ئۈركۈپلا تۇرىدىغان شۇ جانىۋارغا ئارام يوقكەندە،

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2012-10-23 13:40:20

كىچىك چېغىمدا كۆلچەكتە ئىچمەكچى بولۇپ چۈشۈپ كەتكەن ئەسكەر چۈمۈلىنى تاياققا ئېلىندۈرۈپ قۇتۇلدۇرۋالغىنىم ئېسىمدە،شۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ سۇ ئىچشىنىڭمۇ زور خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئىدىم ،قايىسى كۈنى ھايۋاناتلار دۇنياسىدا كەينىدىن چۈمۈلە، خانقىز ، كېپىنەك قاتارلىق ھاشاراتلارنىڭ شەبنەم سۈيىدە ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرغان كۆرۈنۈشىنى كۆرسەتتى ،ئەسلى شەبنەم شۇ بىز بىر شاپىلاققا تەڭ قىلمايدىغان ھاشاراتلەرنىڭ بىخەتەر ئۇسسۇزلۇق مەنبەسى ئىكەن ،دېمەك خۇدا شۇ ھاشاراتلار ئۈچۈن شەبنەمنى ياراتقان ،ئۇلارنىڭ ھاياتىمۇ ئوخشاشلا قەدىرلىك ،  (چىۋىن پاشىلاردەكلارنى ئويلاشماي تۇرغاندا) قۇشقاچمۇ ئوخشاش ،ئۆلۈپ قالىدىغان كېسەلگە تېپىلماس دورا بولمىسا قۇشقاچنى دورا قىلماڭلارچۇ بولسا ،بەك ئوماق جاندارلار ئۇ ،ھازىر شەھەردە دەل دەرەخنىڭ تايىنى يوق ، ،بىچارىلەر ئۇ يەر بۇ يەرلەرگە چۈشۈپ قالغان ناننىڭ ئۇۋاقلىرى ،گازىر -پۇرچاق دېگەنلەر بىلەن قورساق توقلايدىغان بولۇپ قاپتۇ ،قۇشقاچلارنىڭ يەيدىغان نەرسە تالىشىپ چۇرۇقلىشىپ چوقىشىپ كەتكىنىنى دائىم كۆرىمەن ،بىچارىلەر كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرسۇن ،ئاچ جاندارلارنى يەيدىغان نەرسە بىلەن ئالداپ تۇتىۋىلىپ دورىلىق قىلىش ماڭا ئاجايىپ رەھمىسزلىكتەك تۇيۇلۇپ كەتتى

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2012-10-23 14:16:09

14-قەۋەتتىكى ئىنكاسقا بىر ئەلا كەتتى. \"\"

zapar يوللانغان ۋاقتى 2012-10-23 14:29:52

توپتوغرا، ئىسمى خىتيول شۇ نەرسە شۇ،

يەنە بىر ئۇسۇل باشقىلارغادېسىڭىز شوراپ چىقىرۋەتسۇن، ئىلان چېقىۋالسىمۇ شۇنداق قىلدىكەنغۇ زەھەرنى  {:92:}  ماۋۇسى چاقچاق، تىللاش قەتئى مەنئى قىلىنىدۇ!  {:136:}

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2012-10-23 14:48:54

بۇ ھەقتە ئەڭ ياخشىسى كۆۋرۇك ئۆزى كىرىپ بىر نەرسە دېسۇن ....

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2012-10-23 15:36:57

مۇشۇ مۇنبەردە مەتۇنىڭ بىر تېمىسى بولىدىغان مەخسۇس مۇشۇ توغرىلىق.

http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=44209

مۇشۇنىڭ ئىچىدە پايدىلىق ئۇسسۇللار چىقىپ قالا.

ئىتتىكرەك ئۇسسۇلدا بىر تەرەپ قىلىمەن دېسىڭىز 牛黄解毒片 بىر دورا بار . شۇنى ئېلىپ بەلگىلىگەن مىقدارىدىن سەل ئاشۇرۇپ يېسىڭىز ناھايىتى تېزلا ئېغىز ئالدۇرىدۇ. ئاندىن ئۇچىنى يېرىپ يىرىڭنى چىقىرىپ تاشلىسىڭىز بولىدۇ. (دوختۇرنىڭ ياردىمىدە)

بىراق 牛黄解毒片 نى داۋاملىق يېيىشكە بولمايدىكەن. زەھەرلىك .

uyghurnisa54 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-23 19:05:48

سىرتىدىن خىتيول تېڭىپ ،ئىچىدىن ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلارنى يەڭ!باشقىلار داۋاتقان قارا رەڭلىك نەرسە خىتيول شۇ ،قېپى چىققاندىن كىيىن يەرلىك ئۇرۇننڭ دىزىنفكىسيە قىلىۋەتسىڭىز تېخىمۇ تىز ساقىيىدۇ .
بەت: [1] 2
: كۆۋرۈكى يوغاندىن مەسلەھەت سورايمەن