atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-22 12:06:41

كىتابخۇمارلارغا كىتاب تاللىشىپ بېرىش ھەققىدە مۇراجەتنامە.

سالام تورداشلار،مەكتىۋىمىزنىڭ كىتابخانىسىدا ساقلانغان كىتابلار بىر قەدەر كونا،خەنزۇچە،سىياسى خاراكتىرلىك كىتابلار كۆپ بولۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىپ ئوقۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش قىيىنغا توختاۋاتقان بولغاچقا مەكتىۋىمىز بۇ قېتىم 30مىڭ يۇەن ئەتراپىدا كىتاب سېتىۋالماقچى.ئۆزىمىز سېتىۋالىدىغان كىتابلارنىڭ مۇندەرىجىسىنى تۇرغۇزۇپ باقتۇق(ئۆزىمىز ياقتۇرغان ئەسەرلەردىن).ئەمما بىر ئادەمنىڭ ئوقۇغان كىتابلىرى ھامان چەكلىك بولىدۇ.شۇڭا ئىزدىنىشتىكى كىتاب بىلەن ھەپىلىشىدىغان دوستلارنىڭ ئۆزى بېلىدىغان ياراملىق كىتابلارنى تەۋسىيە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.تەلەپ تۆۋەندىكىچە:


1.ئۇيغۇرچە بولىشى كېرەك.


2.ئوقۇغۇچىلارغا تارىخ،كىملىك جەھەتتىن تىگىشلىك نىسىۋە بېرەلەيدىغان بولىشى كېرەك.


3.ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخكا ساغلاملىقى ۋە ئۆزىنى يىتىلدۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك ياخشى كىتابلار بولسىمۇ بولىدۇ.


4.ئوقۇغۇچىلارنى ھۈنەر كەسىپ،تېخنىكىغا قىزىقتۇرىدىغان كىتابلار بولسىمۇ بولىدۇ.


5.تولۇقسىز ئوقۇغۇچىلىرىغا خاس پەلسەپىۋى كىتابلار


6.جاھان بىلىملىرىدىن خەۋەردار قىلالايدىغان،تەپەككۈرىنى غىدىقلاش خاراكتىرلىك كىتابلار.


ئىشقىلىپ مەكتەپ بولغاچقا دىنى خاراكتىردە بولمىغان،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر جەھەتتە يېتىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان بارلىق ئۇيغۇرچە كىتابلار بولىدۇ.


تەۋسىيە قىلغان كىتابنىڭ ئىسىمى،نەشىرياتى،باھاسى....قاتارلىق ئۇچۇرلاردىن قانچىلىك بىلسىڭىز شۇنچىلىك قالدۇرۇپ قويسىڭىز،ئەگەر ۋاقتىڭىز يار بەرسە تەۋسىيە قىلغان كىتاۋىڭىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى،ئاساسى ئىدىيىسى،ئاساسى ۋەقەلىكى....نى قۇشۇپ قالدۇرۇپ قويسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-10-22 12:08:11

كەپشەرلەش تېخنىكىسى، سېلىسسارلىق تېخنىكىسى دىگەن كىتاپلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار.

urdek يوللانغان ۋاقتى 2012-10-22 12:34:30

30 مىڭ سوغا ھىچقانچە كىتاپ كەلمەيدۇ،مەكتىۋىڭىز پىخسىقمۇ ياكى ئۇيغۇر ئوقۇۋچىلار ئازمىتى.

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-22 12:50:22

1- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كەپشەرلەش تېخنىكىسى، سېلىسسارلىق تېخنىكىسى دىگەن كىتاپلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار.

مۇشۇ خىلدىكى كىتابلارمۇ ئەلۋەتتە لازىم ئىدى.ئۇيغۇرچىسى بولسا تېخى ياخشى،ئەگەر بولمىسا چۈشىنىشلىك خەنزۇچىسى بولسىمۇ تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭلار.

ئۆردەك ئاكا،كىتابنى خالىغانچە ئېلىشقا خوجاملار رۇخسەت قىلمايدۇ،خوجاملار رۇخسەت قىلغان كىتابلارنىڭ قانداق كىتابلىقىنى سىزمۇ ئوبدان بىلىسىز.مۇشۇ 30مىڭ يۇەننى قانداق ھەل قىلغانلىقىمىزنى سىز بىلمەيسىز ھەقىچان.

adreamofmine يوللانغان ۋاقتى 2012-10-22 13:24:10

بۈيۈك بىرتانىيە قامۇسى باھاسىنىڭ قانچە پۇللىقىنى بىلمەيدىكەنمەن...بۇنىڭ ئىككى خىلىنى «غالبىيەت كىتابخانىسى» دا كۆرگەن.

ئونمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن؟ بۇنىڭمۇ باھاسىنى بىلمەيمەن...بۇنىڭمۇ ئىككى خىلى بار،

تۈركى تىللار دىۋانى يېڭى نۇسخىسى 500 يۈەن

ئەلۋەتتە مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ تەرجىمھالى، شېئىر، تېپىشماق، لەتىپە يۇمۇر، چۆچەك، مەسەل تۈرىدىكى كىتابلار

ئىز، ئويغانغان زېمىن، ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا، ئۆزلۈك ۋە كىملىك...

باھادىرنامىنى سېتىۋالالىسىڭىز ياخشىتى...

durak يوللانغان ۋاقتى 2012-10-22 13:33:02

قوشۇمچە قىلىپ يېزىپ قوياي ، ھازىر تور دۇنياسىدىكى كىتاپلارنىمۇ بوش چاغلىغىلى بولمايدۇ ، مەسىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تور كۇتۇپىانىسىدىكى 200 پارچىغا يېقىن كىتاپ . بۇلارنى ئوقۇش مۈمكىنچىلىگى ھەركىمگە تامامەن مۈمكىن .



ئىمام غەزالىينىڭ پەرزەنت تەربىيەسى ھەققىدىكى كىتاۋى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يۇنىسكو تەرىپىدىن ئەڭ نادىر پەرزەنت تەربىيەلەش ئۆرنىگى قىلىپ تاللانغان ، بۇ كىتاپنىمۇ توردىن تاپقىلى بولىدۇ . بولۇپمۇ ھەربىر ئۇيغۇر پەرزەنت كۆرۈپ ئوقۇشقا تېگىشلىك .



تېخنىكا ۋە بىلىمنى ئۆگىنىش مۇھىم ، دۇنيا قاراش ۋە توغرا ئېتىقاد شەكىللەندۈرۈش ئاسان ئىش ئەمەس ، پەقەت نۇرغۇن كىتاپ ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىقلا قولغا كېلىدۇ .



ئەمدى يۇقۇرىدىكى پۇلىڭىزلەرگە تولاراق تىل ئۆگىنىش تۈرىدىكى كىتاپلارنى سېتىۋالسىڭىزلار تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولامدىكىن .


tayirt يوللانغان ۋاقتى 2012-10-22 13:33:21

ھازىرقى كىتاپخانلاردا ھەرھالدا ياخشى كىتاپلار چىقىدۇ .

كەپشەرلەش تېخنىكىسى، سېلىسسارلىق تېخنىكىسى، مانىسازلىق قاتارلىق كىتاپلار 90 - يىللاردا ھەرقايسى تېخنىك مەكتاپلاردە دەرىس قىلىپ ئۆتۈلگەن ئۇيغۇرچە كىتاپلار بار ئىدى . بىراق ھازىر كىتاپخانلاردىن تاپقىلى بولمايدىكەن .

kanjibay يوللانغان ۋاقتى 2012-10-22 13:33:36

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قەدىرلىك بۇرادەرلەر. مۇنبەر ئارىلاشنى توختاتقىلى خېلى ئۇزاق ۋاقىت بولغاندىن كېيىن يەنە قايتىپ كەلدىم، شۇ سەۋەب ئاۋۋال سىلەرگە سالام!

تېما ئېگىسىنىڭ سوئالىغا قارىتا مۇنداق تەكلىپنى بېرىمەن:

مۇمكىن بولسا رايونىمىزدىكى نەشرىياتلارنىڭ( بىلىشىمچە 13ئەتراپىدا ) تارقىتىش بۆلۈمى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشالىسىڭىز، كىتابنى 30% ئەتراپىدا ئەرزان ئالالايسىز، شۇنداقلا ئۇلار سىز تەلەپ قىلسىڭىزلا سىزگە ئۇيغۇر تىلىدا ياكى خەنزۇ تىلىدا نەشر قىلىنىپ، بازارغا سېلىنغان كىتابلىرىنىڭ مۇندەرىجىسىنى ئەۋەتىپ بېرەلەيدۇ. ئۇ مۇندەرىجىدە كىتابلارنىڭ ئىسمى، باھاسى، فورماتى، تۈرى ھەممىسى ئېنىق يېزىلغان بولىدۇ. ئەگەر شۇ 30مىڭ يۈەندىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىمەن دېسىڭىز، جاپا تارتسىڭىزمۇ مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ باقسىڭىز بولىدۇ.

adreamofmine يوللانغان ۋاقتى 2012-10-22 13:34:08

تاپالىسىڭىز ئۆرپ-ئادەت، قائىدە-يوسۇن تىپىدىكى كىتابلارنىمۇ ئىزدەپ بېقىڭ، بالىلاردا شۇ نەرسىلەرمۇ كام...ئەڭ ئاۋۋال كىتاب ئالىدىغان يەرگە بېرىپ كۆرۈپ بېقىڭ، سىز تىزىۋالغان بىز تەۋسىيە قىلغان كىتابلاردىن قانچىسى بار قانچىسى يوق كۆڭلىڭىزدە سان بولىدۇ، قامۇسنى جۇڭگونىڭ قامۇسى بولسا قاراپ ئېلىڭ، مەن قامۇس بولغاندىكىن دەپ سېتىۋېلىپ، ھىجىيىپ قالدىم.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-10-22 14:27:07

كىتاپ ئالسىڭىز ئامال بار ئوخشاش كىتاپنى ئىككى پارچىدىن ئېلىڭ. شۇنىڭدا 30 مىڭ يۇەنگە تەخمىنەن 500 خىل كىتاپ ئالغىلى بولىدۇ. كونا كىتاپ بازىرىدىن كونىراپ كەتمىگەن بەزى كىتاپلارنى ئەرزان ئالالايسىز بۇلۇپمۇ ژۇرناللارنى.

birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-10-22 14:30:49

باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ياكى ئالىي مەكتەپ ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئېيتماپسىز،
ئورتا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كىملىك ھەققىدىكى ئىلمىي
ئەسەرلەرگە قىزىقمىقى سەل تەسراق، شۇڭا يەنىلا قەھرىمانلىق ھەققىدىكىلىرى
بىر قەدەر مۇۋاپىق. مەن تۆۋەندىكى كىتابلارنى تەۋسىيە قىلىمەن:


1. قىسەسۇل ئەنبىيا (رابىغوزى يازغان)


2. ھازىرقى بالىلار كارامەت (ئەزىز نەسىن يازغان)

3. مۇھەممەد ئەلەيھسالامنىڭ تەرجىمىھالى (مۇھەممەد خۇرەزى يازغان)


4. قۇرئان كەرىم (ئاللاھ يازغان، مۇھەممەد سالىھ ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلغان)


5. سەھىسۇلبۇخارى (مۇھەممەد ئەلەيھسالام يازغان «دېگەن» ...)

6. نەسىردىن ئەپەندى (جۇھا) لەتىپىلىرى

7. ئەخمەتجان قاسىمى


8. سادىر پالۋان


9. ....

esir يوللانغان ۋاقتى 2012-10-22 14:40:31

مەن بار مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىش ئالاھىدىلىكىگە قىياس قىلسام، «قۇتادغۇبىلىك» ۋە ئۆرپ- ئادەت، مەدەنىيەت تونۇشتۇرۇلغان كىتابلارغا ئوقۇغۇچىلار ئانچە قىزىقماسلىقى مۇمكىن، ياش ئالاھىدىلىكى ۋە بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئانچە ماس كەلمەيدۇ. ئۆرپ- ئادەتكە دائىر رەسىملىك كىتابلار بولسا قانداقكىن.

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى - بۇ ساھەدىكى بىرىنچى تاللاش بولۇشى كېرەك. بۇنىڭغا قىزىقمايدىغان بالىلار يوق، تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە تويۇنغان. ئىشقىلىپ گەپ كەتمەيدۇ.

باچكا ئەپەندى دېگەن سېلىسارلىق، كەپشەرلەش تېخنىكىسىغا ئائىت كىتابلارمۇ بوپقالىدۇ، يانداشتۇرۇپ ئىلىم- پەن ئوقۇشلۇقى، مەشھۇرلارنىڭ تەرجىمىھالى، يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن دېگەندەك كىتابلارمۇ زۆرۈر دەپ قارايمەن.

تارىخىي ئەسەرلەر ھەققىدە «ئىز»، «بالدۇر ئويغانغان ئادەم»، «ئويغانغان زېمىن» دېگەن كىتابلار بالىلارغا ناھايىتى ماس دەپ قارىدىم.

فانتازىيە تىپىدىكى بالىلار ئوقۇشلۇقلىرى.

esir يوللانغان ۋاقتى 2012-10-22 14:51:51

@birhon نەدە تۇرۇپ يېزىۋاتىسىزكىن ئىنكاسنى، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت سىز بار يەردە قۇرۇلمىدىما تېخى...  {:107:}

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2012-10-22 15:08:29

ماۋجۇشى تاللانما ئەسەرلىرى بىلەن دىڭ شىياۋپىڭ نەزىرىيىلىرى چۈشۈپ قالمىسۇن بولمىسا سالام ماۋجۇشى دىگەن تورداش قاتتىق رەنجىشتىن ئاغرىپ قالىدۇ بۇ بىرى يەنە بىرى پۇل ئازلاپ كىتىشى ئىھتىماللىغى يىقىن   {:92:}

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2012-10-22 17:51:02

سەمەندەر

مەشھۇر شەخسلەرنىڭ تەرجىمىھالى( بىر يۈرۈش)

تارىمنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت

قەدىمقى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما

سىرلىق ئارال

نىلىسنىڭ غاز ئۈستىدىكى ساياھىتى

ئاجايىپ ۋەقەلەر

ئۇچار تەخسە ۋە تاشقى پىلانېت ئادەملىرى

يۈز مىڭلىغان نىمە ئۈچۈن ( 12 قىسىم)

ئۇيغۇر مازارلىرى

بۈگۈنكى ئۇيغۇر دوكتورلىرى

بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا

بۆرە تۇتېمى

ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى ( 2كىتاپ.خاۋكىڭ يازغان)

ئېلىپبە

دۇنياغا مەشھۇرچۆچەكلەر

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ( بىر يۈرۈش )

.................

كېيىن يەنە يازاي

seyyah99 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-22 18:26:02

چۆچەك ، ھېكمەتلىك ھېكايىلەر‹ كەلىلە ۋە دىمىنە › دىگەندەك كىتاپلارنى ،بىرقىسىم تارىخى رومانلارنى ئالساڭلار بۇلىدۇ ، باغۋەنچىلىك ۋە باقمىچىلىق توغرىسىدىكى كىتاپلارنىمۇ قىستۇرۇپ قۇيۇڭلار ، يېزا مەكتەپتىكى بالىلار ئۇقۇيدۇ .

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2012-10-22 23:01:32

5- قەۋەتتىكى durakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل



ئىمام غەزالىينىڭ پەرزەنت تەربىيەسى ھەققىدىكى كىتاۋى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يۇنىسكو تەرىپىدىن ئەڭ نادىر پەرزەنت تەربىيەلەش ئۆرنىگى قىلىپ تاللانغان ، بۇ كىتاپنىمۇ توردىن تاپقىلى بولىدۇ . بولۇپمۇ ھەربىر ئۇيغۇر پەرزەنت كۆرۈپ ئوقۇشقا تېگىشلىك .

.




كىتاب نامى: ئەي قەدىرلىك بالام.


باھاسى: 11 سوم.


تىلى: ئۇيغۇرچە،ئەرەبچە، قازاقچە سېلىشتۇرما.

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-23 09:05:51

ناھايىتى ياخشى كىتابلارنى تەۋسىيە قىلىپسىلەر.كوپچىلىككە رەھمەت.مەكتەپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ.يەنە داۋاملىق تەۋسىيە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.ھازىر جىددى تىزىملىك تۇرغۇزۇش بىلەن..........

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-23 12:09:13

7- قەۋەتتىكى kanjibayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قەدىرلىك بۇرادەرلەر. مۇنبەر ئارىلاشنى توختاتقىلى خېلى ئۇزاق ۋاقىت بولغاندىن كېيىن يەنە قايتىپ كەلدىم، شۇ سەۋەب ئاۋۋال سىلەرگە سالام!

تېما ئېگىسىنىڭ سوئالىغا قارىتا مۇنداق تەكلىپنى بېرىمەن:

مۇمكىن بولسا رايونىمىزدىكى نەشرىياتلارنىڭ( بىلىشىمچە 13ئەتراپىدا ) تارقىتىش بۆلۈمى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشالىسىڭىز، كىتابنى 30% ئەتراپىدا ئەرزان ئالالايسىز، شۇنداقلا ئۇلار سىز تەلەپ قىلسىڭىزلا سىزگە ئۇيغۇر تىلىدا ياكى خەنزۇ تىلىدا نەشر قىلىنىپ، بازارغا سېلىنغان كىتابلىرىنىڭ مۇندەرىجىسىنى ئەۋەتىپ بېرەلەيدۇ. ئۇ مۇندەرىجىدە كىتابلارنىڭ ئىسمى، باھاسى، فورماتى، تۈرى ھەممىسى ئېنىق يېزىلغان بولىدۇ. ئەگەر شۇ 30مىڭ يۈەندىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىمەن دېسىڭىز، جاپا تارتسىڭىزمۇ مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ باقسىڭىز بولىدۇ.

مەنمۇ شۇنداق ئاڭلىغان.ھەتتا توردىن ھەر قايسى نەشىرياتلارنىڭ كىتابلار كاتولوگىنى چۈشۈرگىلى بولىدۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم.تور ئادرىسىنى بىلمەي قالدىم.بىلسىڭىز ئېيتىپ بەرگەن بولسىڭىز.


باشقا تورداشلارنىڭ ئارىسىدىن مۇشۇ ئۇيغۇرچە كىتابلار كاتولوگىنى چۈشۈرىدىغان تور ئادرىسىنى بىلىدىغانلار ئەۋەتىپ قويساڭلار.

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-23 12:22:08

«ئىز» رومانىدىن باشقا كىتاپ ئۇقۇپ باقماپتىمەن تۈگۈتۈپ \"\"
بەت: [1] 2
: كىتابخۇمارلارغا كىتاب تاللىشىپ بېرىش ھەققىدە مۇراجەتنامە.