ALFA07 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-20 21:31:34

ياردەم قىلساڭلار( ماقالىغا تىما قويۇش توغرىسىدا)

پېقىر ھالىمغا باقماي مەكتەپ ژۇرنىلىغا بىر ماقالە يېزىپتىمەن.

ماقالىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى:ھازىرقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بۇرۇنقى ئوقۇغۇچىلاردەك قىزىقماس بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى ، ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنىىڭ بارغانچە سۇسلاپ مەكتەپتىن زىرىكىپ ھەتتا بىزار بولۇۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈسىتىدە تەھلىل يۇرگۈزەلگەن ماقالە ئىدى.  ماقالىنى يازدىم ( ياخشى يازالمىساممۇ،چېنىقىش ۋە باشلىنىش بولسۇن دەپ ئۆزى- ئۆزۈمگە مەدەت بېرىپ) ئەمما تىمىسنى پەقەت قويالمىدىم.

قويۇلمىدىم ئەمەس قويۇپ باقتىم<< ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن نىمىشقا زىرىكىدۇ؟>>،

<< ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنىڭ سۇسلىشىپ كىتىشىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈسىتىدە ئويلىنىش>> دىگەندەك . ئەمما بۇ  تىمىلار ئۆزۈمگىمۇ پەقەتلا ياقمىدى.

ماقالىنىڭ تىمىسى قىسقا ، جەلىپ قىلارلىق مۇھىمى ماقالىنىڭ باش تىمىسنى بىۋاستە ئەكىس ئەتتۇرۇپ بېرەلىشى كېرەك دەپ ئويلاپ بۇ تىمىلارنى تېخىمۇ ياراتمىدىم .ماقالەمگە ياخشىراق تىما چىقىپ قالارمىكىن دەپ بۇ تىمىنى ياردەم سوراپ يوللىدىم. ھەر بىرلىرى پېقىردىن بىر جۈملە سۆزۈڭلارنى ئايىمىغايسىلەر !

ئەمسە تىما قويۇشنى باشلىساڭلار بولىدۇ.( چاقچاق ھە)

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-21 09:24:35

ماقالىڭىز مۇھاكىمە ماقالىسىكەن ، مىنىڭچە ئىككىنىچى ماۋۇزۇرڭىز بۇپ قالغىدەك،  

ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنىڭ سۇسلىشىپ كىتىشىنىڭ سەۋەبلىرى

لىكىن سىز شۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تىپىپ چىققان بۇلشىڭىز ۋە ئۇنىڭ ھەل قىلىش چارلىرنى ئوتتۇرغا قويغان بۇلۇشىڭىز كىرەك، (مىنىڭچە)

ياكى بولمىسا

ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگۈنىش قىزغىنلىقى نىمە ئۇچۇن بارغانسىرى سۇسلاپ كىتىدۇ

ياكى بولمىسا ماۋۇ بىزنىڭ ئىزدىنىش توربىتىمىزنىڭ نامىنى قىتىپ

ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگۈنۈش قىزغىلىنىقىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىش ئۈسىتىدە ئىزدىنىش

bilkan يوللانغان ۋاقتى 2012-10-21 10:45:37

‹‹ مەكتەپتە ھەرگىز ئوقوماڭ ›› دەپ تېما قويۇڭ، لىكىن ماقالىڭىز مۇشۇ تېمىنى يورۇتۇپ بىرەلەمدۇ يوق بىلمىدىم،

NewTab يوللانغان ۋاقتى 2012-10-21 17:25:31

گەپ سۆز يوق ھالدا «بىزگە قانداق ئوقۇغۇچىلار كېرەك» دەپ يوغان ماۋزۇدىن بىرنى قويۇۋېتىپ، ئاندىن مۇشۇنىڭغا بىر جاۋاب بەرسىڭىز ئوبدان ھەم بىخەتەر چىقىدۇ. \"\"

aman121 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-21 17:47:51

تۈنۈگۈنكى مەكتەپ،بۈگۈنكى ئوقۇغۇچىلار

بۇ مەسئۇلىيەتنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟

ئۇلار نىمە ئۈچۈن ئوقىۋاتىدۇ؟

hekemi يوللانغان ۋاقتى 2012-10-21 19:08:13

ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن نىمىشقا زىرىكىدۇ؟

مۇشۇ ماۋزۇ ياخشى قويۇلۇپتىغۇ.

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2012-10-21 19:43:07

ھەجمى قانچىلىك؟

تېزىسنى ياكى ئابزاسلار نامىنى ئوتتۇرىغا تاشلاڭ.

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-21 20:41:31

مىنىڭىچە بولسا يازغان ماقالىڭىزنى قەتئى قوللىمايمەن،

مىنىڭچە بالىلارنىڭ ئۇگۇنۇش قىزغىنىلىقى تۆۋەن ئەمەس، مائارىپىمىز بەك زىرىكىشلىك،  سەۋەپنى ئۆزىمىزدىن ئىزدىمەي ئوقۇغۇچىلاردىن ئىزدەش مىنىڭچە ئاقىل ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىشى ئەمەس

ALFA07 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-21 21:13:31

ھەر بىرىڭلارنىڭ قىممەتلىك پىكىر -تەلەپلىرىڭلارنى بەرگەنلىكىڭلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت \"\"

ALFA07 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-21 21:22:28

7- قەۋەتتىكى elxat421نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مىنىڭىچە بولسا يازغان ماقالىڭىزنى قەتئى قوللىمايمەن،

مىنىڭچە بالىلارنىڭ ئۇگۇنۇش قىزغىنىلىقى تۆۋەن ئەمەس، مائارىپىمىز بەك زىرىكىشلىك، سەۋەپنى ئۆزىمىزدىن ئىزدىمەي ئوقۇغۇچىلاردىن ئىزدەش مىنىڭچە ئاقىل ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىشى ئەمەس

ئىككىمىزنىڭ ئويلغىنى تامامەن ئوخشاش. مېنىڭ ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويغان كۆز- قاراش پىكىرلىرىممۇ دەل سىز ئويلىغاندەك مەكتەپلىرىمىزدىكى زىرىكىشلىك ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنىڭ يەنىلا ئەمەلدىن قالدۇرۇلماي نەتىجىدە ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتىن زىرىكىدىغان ئۆگىنىشنى قەتئى خالىمايدىغان ،ئىزدەنمەيدىغان ھەتتا مەكتەپتىن قېچىپ مەكتەپ سىرتىنى كۆڭلى تارتىدىغان قىلىپ قويۇلۇۋاتقانلقىدەك مەسىللەر ۋە بۇ مەسىللەرنىڭ قانداق كېلىپ

چىقىۋاتقانلىقى ، مونۇ مەسىللەرگە دىققەت قىلىپ ئۇنى تۈزتۈش، ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپلەرگە قايتىدىن قايتۇرۇپ كېلىشنى ئويلايدىغان رەھبەرلەرنىڭ چىقمايۋاتقانلىقى ئەكىس ئەتتۇرۇلگەن ماقالە ئىدى. سىز دىگەندەك ئوقۇغۇچى ھەرگىز بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەپچىسى ياكى گۇناھكارى ئەمەس ئەلۋەتتە.

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-21 21:41:58

9- قەۋەتتىكى ALFA07نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماقالىڭىزنىڭ  مەزمۇندىن بىخەۋەر بولغاچقا يۇزەكى ئويلىۋاپتىمەن،

راست دەيسىز ئۇلار زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچىلاردۇر

ALFA07 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-21 21:57:12

10- قەۋەتتىكى elxat421نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

  توغرا دەيسىز

esir يوللانغان ۋاقتى 2012-10-22 11:02:09

ماقالەڭ چىققاندا ژۇرنالدىنلا ئوقۇي- ھە! ...  {:92:}

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-10-22 12:15:08

«ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنىڭ ئازلاپ كېتىشى» دەپ قويۇڭ.

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2012-10-22 17:30:18

كىم سەۋەپچى؟

bendora يوللانغان ۋاقتى 2012-10-23 02:05:28

كىم قاتىل؟

بىخلارنى كىم ئۇجۇقتۇرۋەتتى؟

نوتىلار سولاشتى...

terjime يوللانغان ۋاقتى 2012-10-23 19:35:15

لەڭپۇڭخانا ياخشىمۇمەكتەپمۇ؟

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-23 23:18:20

تۈرمىدىن قېچىش(6-بۆلۈم)دەپ قويسىڭىز ھەممەيلەن تالىشىپ ئوقۇيدۇ....

{:90:}
بەت: [1]
: ياردەم قىلساڭلار( ماقالىغا تىما قويۇش توغرىسىدا)