arman78 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-19 18:58:59

شەرىئەتتە قۇربانلىق ئەھكاملىرى[كۆچۈرۈلمە]

شەرىئەتتە قۇربانلىق ئەھكاملىرى



(سوئال-جاۋابلار )



(1-قىسىم)



ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن



جىمى ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ ئىگىسى ئاللاھقا خاستۇر، دۇرۇت سالاملار پۈتۈن جاھانغا رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن زاتقا، ئائىلىسىگە ۋە ساھابىلىرىگە، شۇنداقلا تاكى قىيامەتكە قەدەر ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭغانلارغا بولغاي!



ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك:



قۇربانلىق قىلىش ئىسلامىي ئىبادەتلەرنىڭ بىرى تۇرۇقلۇق بەزى مۇسۇلمانلار قۇربانلىق ئەھكاملىرىنى تولۇق ھەم ئېنىق بىلمەي تۇرماقتا، شۇڭا بۇ ماقالىمىزدا شەرىئەتتىكى قۇربانلىق ئەھكاملىرىنى سوئال-جاۋاب تەرىقىسىدە ئىخچام بايان قىلىپ ئۆتىمىز. جانابى ئاللاھ بىزنى خاتالىقتىن يىراق قىلسۇن، ئەمەللىرىمىزنى خالىس قىلسۇن، ئامىين .



قۇربانلىق قىلىش دېگەن نېمە؟



ئاللاھ تائالاغا يېقىن بولۇش نىيىتى بىلەن قۇربانلىق قىلىش بەلگىلەنگەن كۈنلەردە شەرتىگە توشقان قوي، كالا، تۆگە ۋە ئۆچكە قاتارلىق چارۋا ماللارنى بوغۇزلاشتىن ئىبارەت.



قۇربانلىق قىلىش يولغا قويۇلۇشتىن ھېكمەت نېمە؟



بۇ ئىبادەت تېگىدە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى بوغۇزلاش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرمەكچى بولغاندا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا جىبرىل ئارقىلىق بىر قوچقارنى ئوغلىنىڭ ئورنىدا بوغۇزلاشقا چۈشۈرگەن، شۇنىڭدىن تارتىپ ئاللاھ تائالا بۇ پائالىيەتنى تۇتۇپ ماڭىدىغان سۈننەت قىلىپ بىكىتكەن .



ئاللاھ تائالا: (ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىش-ئوقەت قىلغۇدەك بولۇپ يېتىلگەن چاغدا، ئۇ: «ئى ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاۋېتىپ چۈش كۆرىۋاتىمەن، ئويلىنىپ باق! قانداق قارايسەن؟» دېدى. ئۇ: «ئى ئاتا! بۇيرۇلغىنىڭنى قىلىۋەرگىن، ئاللاھ خالىسا مېنىڭ سەۋرچانلاردىن ئىكەنلىكىمنى كۆرىسەن» دېدى. شۇنداق قىلىپ ئىككىيلەن (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) بويسۇنۇپ، ئۇنى چېكىسىگە (يېنى) ياتقۇزغىنىدا، ئۇلارنىڭ ئىتائەتمەنلىكى ئىسپاتلاندى. بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! چۈشكە ئىشەندىڭ» دەپ نىدا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز. ھەقىقەتەن بۇ ئېنىق سىناقتۇر.) دېگەن.( ساففات سۈرىسى 102-106-ئايەتلەر.)



دېمەك بۇ ئىبادەت ئىمان، ئىخلاس، ئاللاھنىڭ ئەمرىنى مەيلى قانداق ئىشقا بۇيرۇغان بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئىككىلەنمەستىن تولۇق ئىجرا قىلىشنىڭ، ئاللاھقا تولۇق بويسۇنۇشنىڭ ئالاھىدە بىر ئۆرنىكى بولغاچقا، كېيىنكى ئىنسانلار بۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئاشۇ پىداكارلىق قىسسىسىنى داۋاملىق ئەسلەپ تۇرىشى ئۈچۈن يولغا قويۇلغاندۇر.



قۇربانلىقنىڭ ھېكمىتىنى ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزلىرى ئەڭ ياخشى ئىپادىلەيدۇ: ئاللاھ تائالا ھاجىلار قىلىدىغان قۇربانلىق ھەققىدە مۇنداق دېگەن:



(مەلۇم كۈنلەردە ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن((ھەج سۈرىسى 28-ئايەت.)



(بىز ھەر بىر ئۈممەتكە ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بوغۇزلىشى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشنى بەلگىلىدۇق، چۈنكى ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، شۇڭا ئۇنىڭغىلا بويسۇنۇڭلار،((ھەج سۈرىسى 34-ئايەت.)



يەنە ئاللاھ تائالا كەئبىگە ھەدىيە قىلىنغان تۆگىلەر ھەققىدە مۇنداق دېگەن: (ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ياكى قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا پەقەت سىلەرنىڭ تەقۋادارلىقىڭلار يېتىدۇ، ئاللاھنى سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئەھكاملىرىغا يېتەكلىگەنلىكىگە ئۇلۇغلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇلارنى سىلەرگە ئاشۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا خۇش بېشارەت بەرگىن)(ھەج سۈرىسى 37-ئايەت.)



ئىمام ئىبنى كەسىير رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مەزكۇر ئايەتنى مۇنداق تەپسىر قىلىدۇ:



”ئاللاھ تائالا مۇشۇ ھەدىيە ماللارنى ۋە قۇربانلىق ماللارنى ئۇلارنى بوغۇزلىغىنىڭلاردا ئاللاھنى زىكىر قىلىشىڭلار ئۈچۈن يولغا قويغاندۇر، چۈنكى ئۇ ياراتقۇچىدۇر، رىزىق بەرگۈچىدۇر، ئۇنىڭغا ئۇ ماللارنىڭ گۆشلىرى ياكى قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ ھەممىدىن بىھاجەتتۇر. جاھىلىيەتتە كىشىلەر بۇتلىرىغا مال بوغۇزلىغاندا بۇتلىرىنىڭ ئۈستىگە قۇربانلىقلىرىنىڭ گۆشلىرىنى قويۇپ، قانلىرىنى ئۈستىگە چېچىپ قويىدىغان بولغاچقا، ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ياكى قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، دېگەن.“ ،



قۇربانلىق قىلىش يولغا قويۇلۇشتىن ھېكمەتنى مۇنداق خۇلاسىلەشكە بولىدۇ:



1. ئاللاھ تائالاغا پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ئارقىلىق يېقىنلىشىش.



2. بەندىلەرنى ئاللاھ تائالاغا قۇللۇق قىلىشقا تەربىيىلەش.



3. تەۋھىد ئەقىدىسىنى جاكارلاش، مالنى بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتاش ئارقىلىق ئاللاھنى ئۇلۇغلاش.



4. پېقىر-مىسكىنلەرگە سەدىقە قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى تويۇندۇرۇش.



5. ئۆزى ۋە بالا-چاقىلىرىغا كەڭرى ئازادە غىزا تەييارلاش بېرىش،



6. ئاللاھنىڭ بەندىگە ئاتا قىلغان مال-دۇنيا نېمىتىگە شۈكۈر قىلىش.



7. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ، شۇنداقلا مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش.



قۇربان ھېيتتا قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟



قۇربان ھېيتتا قۇربانلىق قىلىشنىڭ شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان ئىبادەت ئىكەنلىكىدە بارلىق ئالىملار ئىتتىپاق.



ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىم كەۋسەر سۈرىسى 2-ئايەتتە دە رەسۇلىنى مۇنداق دەپ بۇيرۇغان: (ئۇنداق بولىدىكەن، رەببىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇپ، پوكانلىغىن). بۇ ئايەت ھەر خىل تەپسىر قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن مەككىدە نازىل بولۇپ، ئايەتنىڭ زاھىرى ناماز بىلەن قۇربانلىق مال كېسىشكە بۇيرۇشتىن ئىبارەت بولغاچقا، مۇشرىكلارنىڭ قىلغىنىغا خىلاپ ھالەتتە ئاللاھقا ناماز ئوقۇپ، قۇربانلىقنى بۇتلارغا ئەمەس ئاللاھقا بوغۇزلا، نامىزىڭ بىلەن قۇربانلىقىڭ ئاللاھقىلا بولسۇن، غەيرىيگە بولمىسۇن، دەپ تەپسىر قىلىش مۇۋاپىق. يەنە قەتادە، ئىكرىمە ۋە ئەتائ قاتارلىقلار: بۇ ئايەتتىن مەقسەت ھېيت نامىزى بىلەن قۇربانلىق قىلىش، دەپ تەپسىر قىلغان.



ئايەتتىكى قۇربانلىق قىلىشنى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەدىسلەر بىلەن بايان قىلىپ ئىزاھلىغان. مەسىلەن:



قەتادە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۈڭگۈزلۈك ئىككى ئالاقارا قوچقارنى قۇربانلىق قىلغان، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ پۇتىنى ئۇ ئىككىسىنىڭ بوينىغا قويۇپ تۇرۇپ، ”بىسمىللاھ“ دەپ تەكبىر ئېيتىپ، ئۇلارنى ئۆز قولى بىلەن بوغۇزلىغانلىقىنى كۆرگەن.(سەھىھۇل بۇخارىي 5558-ھەدىس)



قاسىم رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللىرى ئۈچۈن بىر كالىنى قۇربانلىق قىلدى، دېدى. (سەھىھۇل بۇخارىي 5559-ھەدىس)



ئابدۇل ئەزىز ئىبنى سۇھەيب رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: مەن ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى قوچقارنى قۇربانلىق قىلاتتى، مەنمۇ ئىككى قوچقارنى قۇربانلىق قىلىمەن. (سەھىھۇل بۇخارىي 5553-ھەدىس)



ئەبۇ قىلابە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ خۇتبە سۆزلەپ بولۇپ مۈڭگۈزلۈك ئىككى ئالاقارا قوچقارنىڭ قېشىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇلارنى ئۆز قولى بىلەن بوغۇزلىغان. (سەھىھۇل بۇخارىي 5554-ھەدىس)



ئالىملار قۇربان ھېيتتا قۇربانلىق قىلىشنىڭ شەرئى ھۆكمىدە مۇنداق ئىككى قاراشتا بولغان:



1. قۇربى يەتكەنلەر ئۈچۈن تەكىتلەنگەن سۈننەت. بۇ شافىئىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەب قاتارلىق بىر گۇرۇپ ئالىملارنىڭ قارىشى.



2. قۇربى يەتكەنلەر ئۈچۈن ۋاجىب. بۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە قاتارلىق بىر گۇرۇپ ئالىملارنىڭ قارىشى بولۇپ، دەلىل جەھەتتىن مۇشۇ قاراش كۈچلۈك. ئىمام ئىبنى تەيمىيە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىمۇ مۇشۇ قاراشنى تەرجىھ قىلىپ: ۋاجىب دېگەن قاراش جانلىق، ۋاجىب ئەمەس دېگۈچىلەرنىڭ ئېنىق دەلىلى يوق، دېگەن



شۇئبە سەلەمەدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەبۇ جۇخەيفە بەرائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: ئەبۇ بۇردە ھېيت نامىزىدىن بۇرۇن بوغۇزلىۋەتكەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: «ئورنىغا قۇربانلىق قىلغىن» دېدى. ئۇ: مېنىڭ ئىككى ياشقا قەدەم قويغان قويدىن ياخشىراق، بىر يىلنى تولدۇرمىغان بىر چىشى ئوغلىقىم بار، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇنى ئورنىغا قۇربانلىق قىلغىن، ئەمما (ئۇنداق ئوغلاق) سەندىن كېيىن ھېچكىمدىن قۇربانلىقنى ئادا قىلمايدۇ» دېدى. (سەھىھۇل بۇخارىي 5557-ھەدىس) بۇ ھەدىستىكى بۇيرۇق ئىپادىسى بىلەن ئادا قىلمايدۇ دېگەن ئىبارىلەر ۋاجىبلىقنى بىلدۈرىدۇ. يەنە قۇربانلىق قىلىش ۋاجىب بولمىغان بولسا بۇرۇنقىنىڭ ئورنىغا باشقىنى قىلىشقا بۇيرۇپ بۇ ساھابىنى قىيىن ئىشقا دۇچار قىلمىغان بولاتتى.



يەنە ئەسۋەد ئىبنى قەيس رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: مەن جۇندەب ئىبنى سوفيان ئەلبەجەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: مەن قۇربانلىق ھېيت كۈنى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە بولغان، رەسۇلۇللاھ: «كىمكى ھېيت نامىزىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن قۇربانلىق قىلغان بولسا، ئورنىغا قايتىدىن باشقا قۇربانلىق قىلسۇن، كىمكى تېخى قۇربانلىق قىلمىغان بولسا، قۇربانلىق قىلسۇن» دېدى. (سەھىھۇل بۇخارىي 5562-ھەدىس) بۇ ھەدىستىكى: ئورنىغا قايتىدىن باشقا قۇربانلىق قىلسۇن، دېگەن سۆز بىلەن قۇربانلىق قىلسۇن دېگەن بۇيرۇقمۇ ۋاجىبلىقنى كۆرسىتىدۇ.



ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى قۇربى يېتىدىغان تۇرۇقلۇق قۇربانلىق قىلمايدىكەن، بىزنىڭ نامازگاھىمىزغا يېقىن يولۇقمىسۇن».(ئەھمەد بىلەن ئىبنى ماجە قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان، ئالبانىي سەھىھى ئىبنى ماجەدە: ھەسەن دەپ باھالىغان) مانا بۇ ھەدىستىكى تەھدىت پەقەتلا ۋاجىبنى تەرك قىلىشقىلا مۇناسىپ كېلىدۇ.



ئىمام شەۋكانىي دەيدۇ: بۇ ھەدىس مۇنداق دەلىل بولالايدۇ: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇربى يەتكەن كىشىنى قۇربانلىق قىلمىغان تەقدىردە نامازگاھقا يېقىن يولاشتىن توسقانلىقى ئۇنىڭ ۋاجىبنى تەرك قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، خۇددى مۇشۇنداق بىر ۋاجىبنى تاشلاپ تۇرۇپ ئاللاھقا ناماز ئوقۇپ يېقىنلىشىشنىڭ پايدىسى يوقتەكلا.(تەيلۇل ئەۋتار)



دېمەك قۇربانلىقنىڭ ھۆكمى قۇربى يەتكەنلەرگە ۋاجىب. ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇربانلىق قىلىش دېگەن ئىسلامىيەتنىڭ شوئارى، دىننىڭ بەلگىسىدۇر، قۇربانلىق قىلساق ئىسلامىيەت ئىبادەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ جەمىيەتتە جاكالايمىز، شەرىئەت ئەنئەنىسىنى ئىجرا قىلىمىز، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىزچىل تاشلاپ قويماي قىلىپ كەلگەن ئىشنى قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئەگەشكەن بولىمىز، ئاللاھنى زىكىر قىلىمىز، بالا-چاقىلىرىمىزنى خۇشال قىلىپ ئۇلارغا كەڭ-كۇشادە گۆش يېيىش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن قىلىمىز، ئايەم خوشاللىقىنى، تەنتەنىسىنى تولۇقلايمىز، ئەتراپتىكى موھتاجلارغا گۆش يېگۈزىمىز…. دېمەك بۇنىڭ يولغا قويۇلۇشتىكى نۇرغۇن مەقسەتلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارغان بولىمىز،



ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىگە نەزەر سالايلى: ((كەئبىگە ھەدىيە قىلىنىدىغان) تۆگىلەرنى سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىدىن قىلدۇق، ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن خەير باردۇر، شۇڭا ئۇلارنى قاتار قىلىپ ئۆرە تۇرغۇزۇپ ئاللاھنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىڭلار، بېقىنلىرى يەرگە چۈشكەندە، ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭلارمۇ يەڭلار، قانائەتچان موھتاج ۋە سائىلغىمۇ يېگۈزۈڭلار، سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ، ئۇلارنى بىز سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ياكى قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا پەقەت سىلەرنىڭ تەقۋادارلىقىڭلار يېتىدۇ، ئاللاھنى سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئەھكاملىرىغا يېتەكلىگەنلىكىگە ئۇلۇغلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇلارنى سىلەرگە ئاشۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا خۇش بېشارەت بەرگىن) (ھەج سۈرىسى 36-37-ئايەتلەر.)



داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ…



تەييارلىغۇچى: دوكتۇر ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.

arman78 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-20 10:09:02

شەرىئەتتە قۇربانلىق ئەھكاملىرى



(سوئال-جاۋابلار )



(2-قىسىم)



ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن



قايسى جايلاردىكى كىشىلەر قۇربانلىق قىلىدۇ؟



كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا قۇربى يەتكەن ھەرقانداق مۇسۇلمان قۇربانلىق قىلىدۇ، مەيلى شەھەرلىك ياكى يېزىلىق ياكى سەھرا-باياۋانلىق بولسۇن، ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، ھاجى ياكى باشقىلار بولسۇن، مۇساپىر ياكى مۇقىم تۇرىدىغان بولسۇن ھەممىسى ئوخشاش .



بەزى ئالىملار مۇساپىر، ھاجىلار قۇربانلىق قىلىشى كېرەك ئەمەس، دەپ قارىغان بولسىمۇ دەلىللەردىن ئۇلارنىڭمۇ قۇربانلىق قىلىدىغانلىقى چىقىدۇ. مەسىلەن :



قاسىم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ ھەجگە ماڭغاندا مەككىگە كىرىشتىن ئىلگىرى سەرىف دېگەن يەرگە كەلگەندە ھەيز كۆرۈپ قېلىپ يىغلاپ ئولتۇرغىنىدا رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ: «سىزگە نېمە بولدى؟ ھەيز كۆرۈپ قالدىڭىزمۇ، نېمە؟» دېۋىدى، ئۇ: ھەئە، دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: «بۇ دېگەن ئاللاھ ئادەمنىڭ قىزلىرىغا پۈتىۋەتكەن بىر ئىش، سىز بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىشتىن باشقا ھەج قىلغۇچىلار قىلىدىغان پائالىيەتلەرنى قىلىۋېرىڭ» دېدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دېدى: بىز مىنادىكى چاغدا ئالدىمغا كالا گۆشى كەلتۈرىلىۋىدى، مەن: بۇ نېمە گۆش؟ دەپ سورىسام، ئۇلار: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللىرى ئۈچۈن بىر كالا قۇربانلىق قىلدى، دېيىشتى. (سەھىھۇل بۇخارىي 5548-ھەدىس).



دېمەك بۇ ھەدىستە ھاجىلارغىمۇ قۇربانلىق قىلغان. ئەگەر ھاجىلار قۇربانلىق قىلغان ئەھۋالدا قۇربانلىقنى ئەرەبىستاندا بوغۇزلىماي يۇرتتىكى تۇغقانلىرىغا بۇيرۇپ بەرسە تېخىمۇ ياخشى، چۈنكى بۇنىڭدىن يۇرتتىكى تۇغقانلىرى پايدىلىنالايدۇ، ھەم بەزىدە مىنادا گۆش بۇزۇلۇپ تاشلىنىپ كېتىدۇ .



يەنە بىر ھەدىستە سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇربانلىقىنى قىلىپ بولۇپ: ئى سەۋبان! ماۋۇنىڭ گۆشىنى تەييارلىغىن، دېگەن ئىدى، مەن ئۇنىڭ گۆشىدىن رەسۇلۇللاھقا تاكى مەدىنىگە بارغىچە يېگۈزۈپ تۇردۇم.(سەھىھۇ مۇسلىم 1975-ھەدىس).



يۇقىرىقى ئىككى ھەدىس مۇساپىر ھالەتتە، مىنادىكى ھاجى بولغان ھالەتتە قۇربانلىق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ .



ئىقتىسادى ئەھۋالى قانچىلىك بولسا قۇربانلىق قىلىدۇ؟



ئالىملار قۇربانلىق قىلىدىغان كىشىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنىڭ ئۆلچىمى توغرىسىدا توختالغان، بەزى ئالىملار بۇ ئىقتىسادنى زاكات بېرىش ئۆلچىمى بىلەن مۆلچەرلىگەن، يەنە بەزىلەر ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ بىر يىللىق ئېھتىياجىدىن ئاشسا، دەپ قارىغان، يەنە بەزىلەر ھېيت كۈنلىرى ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجىدىن ئاشسا، دېگەن. بۇلارنىڭ قاراشلىرى ئاساسەن ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجىدىن ئارتۇق ئىقتىسادى بولغانلارنىڭ قۇربانلىق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرىنى خۇلاسىلەيدىغان بولساق مۇنداق دېيىشكە بولىدۇ:



قۇربانلىق قىلىدىغان كىشى قۇربانلىق مالنىڭ پۇلىغا قۇربى يېتىدىغان، قۇربانلىق مال ياكى ئۇنى سېتىۋالىدىغان پۇل ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجىدىن ئاشىدىغان بولىشى كېرەك. چۈنكى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى قۇربى يېتىدىغان تۇرۇقلۇق قۇربانلىق قىلمايدىكەن، بىزنىڭ نامازگاھىمىزغا يېقىن يولۇقمىسۇن» دېگەن.(ئەھمەد بىلەن ئىبنى ماجە قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان، ئالبانىي سەھىھى ئىبنى ماجەدە: ھەسەن دەپ باھالىغان) مانا بۇ ھەدىستە قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ ئۆز ئېھتىياجىدىن ئاشىدىغان مەلۇم دەرىجىدە ئىقتىسادى بولىشى كۆرسىتىلگەن .



يەنە بەزى ئالىملار كېيىن قايتۇرالايدىغان بولسا ھازىر نەخ پۇل بولمىسىمۇ قەرز ئېلىپ قۇربانلىق قىلىدۇ، دەپ قارىغان .



بىر ئائىلىگە بىر قۇربانلىق كۇپايە قىلامدۇ؟



كۈچلۈك قاراشتا بىر ئائىلە كىشىلىرى قانچە كىشى بولىشىدىن قەتئىينەزەر بىر قۇربانلىق بىر ئائىلىگە يېتەرلىك بولىدۇ، بۇنىڭدا بىر تۆگە ياكى بىر كالا ياكى بىر قوي ئوخشاش .



ئىمام ئىبنى قاييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ”زادۇل مەئاد“تا مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۇتقان يولىنىڭ جۈملىسىدىنكى، بىر قوي بىر كىشىگە ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىغا قارىتا ئۇلارنىڭ سانى كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ قۇربانلىقىقا ئادا بولىدۇ، ئەتائ ئىبنى يەسار دېگىنىدەك: مەن ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا قۇربانلىقلار قانداق ئىدى؟ دەپ سورىسام، ئۇ: بىر ئەر كىشى ئۆزى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتى ئۈچۈن بىر قوي قۇربانلىق قىلىپ يېيىشەتتى، باشقىلارغىمۇ يېگۈزىشەتتى، كېيىن كىشىلەر كۆز-كۆز قىلىپ سەن كۆرەۋاتقاندەك ھەر بىر كىشىگە بىردىن قىلىدىغان بولغان، دېدى.(مالىك، ئىبنى ماجە ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان، تىرمىزى سەھىھ دېگەن).



يەنە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر قوينى قۇربانلىققا بوغۇزلىغاندا: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن، ئى ئاللاھ! مۇھەممەدتىن، مۇھەممەدنىڭ ئائىلىسىدىن ۋە مۇھەممەدنىڭ ئۈممىتىدىن قوبۇل قىلغىن، دەپ قۇربانلىق قىلغان .



يەنە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پۈتۈن ئائىلە تاۋابىئاتى ئۈچۈن بىر قوي قۇربانلىق قىلاتتى.(ھاكىم رىۋايەت قىلغان، ئىسنادى سەھىھ).



ئىمام شەۋكانىي دەيدۇ: ”ھەق شۇكى، بىر قوي بىر كىشىگە ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىغا قارىتا ئۇلار يۈز كىشى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ قۇربانلىقىغا ئادا بولىدۇ، سۈننەت شۇنداق ھۆكۈم قىلغان ”.



ئەگەر ئائىلىدە ئەر كىشى بولمىغان تەقدىردە ئائىلىگە باش بولغان ئايال ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىدۇ، ئەگەر يولدىشى يېنىدا بولمىغان ئەھۋالدا يولدىشىنىڭ پۇلىدىن قۇربانلىق قىلىدۇ .



ئىمام ئىبنى تەيمىيە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى پەتىۋا توپلىمىدا مۇنداق دەيدۇ: ”يىتىم بالىغا قارىتا يىتىم بالىنىڭ مال-مۈلكىدىن قۇربانلىق سېتىۋېلىپ قۇربانلىق قىلىدۇ، يولدىشى ئىجازەت قىلمىغان تەقدىردىمۇ ئايالى ئېرىنىڭ پۇلىدىن قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن پۇل ئالىدۇ، قەرزدار كىشى قەرزنى ھازىرلا تۆلىشى كېرەك بولمىغان ئەھۋالدا قۇربانلىق قىلىدۇ. كېيىن قايتۇرالايدىغان بولسا قەرز ئېلىپ تۇرۇپ قۇربانلىق قىلىدۇ“. يەنە مۇنداق دېگەن: ”كېيىن قايتۇرالايدىغان بولسا قەرز ئېلىپ تۇرۇپ قۇربانلىق قىلسا ياخشى، لېكىن ئۇنداق قىلىشى ۋاجىب ئەمەس ”.



ئەگەر بىر چوڭ ئائىلىدە بىر قانچە ئەر كىشى بولسا، مەسىلەن ئاتا بىر قانچە ئوغۇللىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرىدىغان بولسا، ئاتىنىڭ ئىقتىسادى ئايرىم، ئوغۇللىرىنىڭ ئىقتىسادى ئايرىم بولسا، ھەر بىرى ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن ئايرىم بىر قۇربانلىق قىلىدۇ، ئىقتىسادى ئايرىم بولماي ئاتىسىنىڭ ئىقتىسادى بىلەن بېقىلىپ كېلىۋاتقان، ئوغۇللىرىنىڭ ئايرىم ئىقتىسادى يوق بولسا، يۇقىرىقى ھەدىسلەرگە ئاساسەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە بىر قۇربانلىق كۇپايە قىلىدۇ. باشقا باشقا يەردە تۇرىدىغان بولسىمۇ ئاتىسىنىڭ ئىقتىسادى بىلەن بېقىلىپ كېلىۋاتقان بولسا، يەنىلا بىر قۇربانلىق ھەممىسىگە كۇپايە قىلىدۇ .



ۋەللاھۇ ئەئلەم .

داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ…



تەييارلىغۇچى: دوكتۇر ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.

arman78 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-20 10:10:41

شەرىئەتتە قۇربانلىق ئەھكاملىرى



(سوئال-جاۋابلار )



(3 -قىسىم)



ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن



بىر تۆگە ياكى بىر كالا قانچە كىشى ئۈچۈن قۇربانلىققا يارايدۇ؟



بىر تۆگە ياكى بىر كالا بىر ئائىلە ئۈچۈن قۇربانلىققا يارىغىنىدەك، قۇربانلىق قىلماقچى بولغان يەتتە كىشى ئۈچۈنمۇ قۇربانلىققا يارايدۇ. يەتتە كىشى بىر ئائىلىدىن بولسۇن ياكى ئايرىم-ئايرىم كىشىلەر بولسۇن، ئۇرۇق-تۇغقان بولسۇن ياكى يات كىشىلەر بولسۇن، بەزىسى قۇربانلىق قىلماقچى بەزىسى گۆش ئۈچۈن بوغۇزلىماقچى بولسۇن ئوخشاش. دېمەك يەتتە كىشى شېرىكلىشىپ بىر تۆگە ياكى بىر كالا قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ.



جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: بىز رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە ھۇدەيبىيە يىلى بىر تۆگىنى يەتتە كىشىگە، بىر كالىنى يەتتە كىشىگە قۇربانلىق قىلغان.(سەھىھۇ مۇسلىم 1318-ھەدىس)



قۇربانلىق قىلىشقا چارۋا ماللارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى قايسى؟



كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا قۇربانلىق قىلىشقا چارۋا ماللارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى تۆگە ئاندىن قالسا كالا ئاندىن قالسا قوي ئاندىن قالسا ئۆچكە.



ئاللاھ تائالا: ](كەئبىگە ھەدىيە قىلىنىدىغان) تۆگىلەرنى سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىدىن قىلدۇق، ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن خەير باردۇر، شۇڭا ئۇلارنى قاتار قىلىپ ئۆرە تۇرغۇزۇپ ئاللاھنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىڭلار، بېقىنلىرى يەرگە چۈشكەندە، ئۇنىڭدىن ئۆزەڭلارمۇ يەڭلار، قانائەتچان موھتاج ۋە سائىلغىمۇ يېگۈزۈڭلار[ دېگەن. (ھەج سۈرىسى 36-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)



مەزكۇر ئايەتتە تۆگىنى ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىدىن قىلغانلىقى قۇربانلىق قىلىشتا ئالدىن ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ .



ئەبۇ سالىھ ئەسسەممان ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمىكى جۈمە كۈنى جانابەت غۇسلىدەك غۇسلى قىلىپ (جۈمە نامىزىغا) بىرىنچى سائەتتە بارسا بىر تۆگە قۇربانلىق قىلغاندەك بولىدۇ، كىمىكى ئىككىنچى سائەتتە بارسا بىر كالا قۇربانلىق قىلغاندەك بولىدۇ. كىمىكى ئۈچىنچى سائەتتە بارسا، مۈڭگۈزلۈك بىر قوچقار قۇربانلىق قىلغاندەك بولىدۇ، كىمىكى تۆتىنجى سائەتتە بارسا، بىر توخۇ قۇربانلىق قىلغاندەك بولىدۇ، كىمىكى بەشىنجى سائەتتە بارسا بىر تال تۇخۇم قۇربانلىق قىلغاندەك بولىدۇ، ئىمام خۇتبىگە چىققاندا پەرىشتىلەرمۇ كېلىپ خۇتبە ئاڭلايدۇ»..(سەھىھۇل بۇخارىي 881-ھەدىس)



بۇ ھەدىسمۇ ئەۋزەللىكتە يۇقىرىقى تەرتىپنى كۆرسىتىدۇ .



يەنە بەزى ئالىملار گۆشنىڭ سۈپىتىگە قاراپ: قوي ئەڭ ئەۋزەل، ئاندىن قالسا كالا، ئاندىن قالسا تۆگە، دەپ قارىغان.



رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئادەتتە قوي قۇربانلىق قىلاتتى، ئاياللىرى ئۈچۈن كالا قۇربانلىق قىلغانلىقىمۇ سەھىھ ھەدىستە كەلگەن. يەنە ئۆزى تۆگە قۇربانلىق قىلغانلىقى ھەدىستە كەلگەن. ئەلۋەتتە گۆشى كۆپرەك، كەمبەغەللەرگە پايدىلىقراق بولغىنى ئەۋزەل بولىشى ئېنىق. شۇڭا ئىقتىسادى بارلار قويغىلا يېتىۋالماي تۆگە، كالىلارنىمۇ قۇربانلىق قىلايلى.



قۇربانلىق مالنى سېمىز بولىشى ۋە ئۇنى سەمرىتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟



ئالىملارنىڭ قارىشىدا قۇربانلىق مالنىڭ سېمىز بولىشى مۇستەھەبتۇر، چۈنكى سېمىزنىڭ گۆشى كۆپ بولغاچقا ئۆزى ۋە نامراتلار ئۈچۈن پايدىسى كۆپرەك بولىدۇ .



پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۈڭگۈزلۈك ئىككى-سېمىز ئىككى دەپمۇ رىۋايەت قىلىنغان-قوچقارنى قۇربانلىق قىلغان.(سەھىھۇل بۇخارىي)



كۆپچىلىك ئالىملار قۇربانلىق مالنى بورداپ سەمرىتىشنىمۇ مۇستەھەب دەپ قارىغان.



ئەبۇ ئۇمامە ئىبنى سەھل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: بىز مەدىنىدە قۇربانلىق ماللارنى بوردايتتۇق. باشقا جايلاردىكى مۇسۇلمانلارمۇ بوردىشاتتى. .(سەھىھۇل بۇخارىي)



قۇربانلىق مالنى بورداپ سەمرىتىش ئىستېمال قىلغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزمەيدىغان ھالال، پاك يەملەر بىلەن بولىشى كېرەك. چۈنكى قۇربانلىقتا پەقەت گۆشنىڭ كۆپلىكىلا كۆزدە تۇتۇلمايدۇ، بەلكى گۆشنىڭ پاكلىقى ۋە زىيانسىزلىقى ھەم كۆزدە تۇتۇلىدۇ. شۇنداقلا ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ بەلگىلىرىنى ئۇلۇغلاشمۇ مۇھىم بىر مەسىلە. ئۇنداق بولىدىكەن مال بوردىغاندا قان، چوشقا تەركىۋىي بار ھارام، نىجىس ماددىلارنى، ھورمون، ئۇستىخان ۋە زىيانلىق خىمىيىۋىي ماددىلارنى يەم-خەشەكلەرگە قېتىش چەكلىنىدۇ. بۇنداق نەرسىلەر بىلەن بوردالغان مالنى دەرھال قۇربانلىق قىلىشقا بولمايدۇ، پەقەتلا بەدىنىدىن ئاشۇ نەرسىلەرنىڭ تەسىرى تازىلىنىپ بولدى دەپ كۆڭلى خاتىرجەم بولغۇدەك بىر مۇددەت پاك يەم بىلەن بېقىپ ئاندىن بوغۇزلىسا بولىدۇ .



قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى جاج-ساقال، تىرناق قاتارلىقلارنى ئالسا بولامدۇ؟



ھەر يىلى زۇل ھەججە ئېيى كىرىشكە، مۇبارەك ئون كېچە باشلىنىشقا، قۇربانلىق قىلىدىغانلار قۇربانلىق قىلىشقا، قۇربان ھېيتنى كۈتىۋېلىشقا ئاز قالغاندا نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ھەقتە ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسلىنىپ: قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ زۇل ھەججە ئېيى كىرگەندىن كېيىن چاچ-ساقال، تىرناق ۋە شۇنىڭدەك نەرسىلەرنى ئالسا بولامدۇ ياكى بولمامدۇ؟ دەپ سوراشقا باشلايدۇ.



ئالىملار زۇل ھەججە ئېيى كىرگەندىن كېيىن قۇربانلىق قىلىشنى نىيەت قىلغان كىشىنىڭ بەدىنىدىكى چاچ-ساقال، تۈك ۋە تىرناق قاتارلىق ئارتۇق نەرسىلەرنى كېسىشى، يۇلۇشى ۋە چۈشۈرتىشىدە ئىختىلاپ قىلىشقان.



كۆپچىلىك ئالىملار بۇنداق قىلىشنى مۇباھ دەپ قارىغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەنەفىي مەزھەب ئىماملىرى: چاچ-تىرناق ئالسا بولىدۇ، مەكروھ بولمايدۇ، دەپ قارىغان. يەنە ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرىدىن بىر قىسمى: ئالسا بولىدۇ، مەكروھ بولمايدۇ، لېكىن ئالمىغان ياخشى، ئەۋلانى تەرك قىلغانلىق، دەپ قارىغان. دېمەك بۇلار مەكرۇھتىنمۇ تۆۋەندەك بىر نەرسە بولىدۇ، دېمەكچى. يەنە مۇباھ دېگەن ئالىملاردىن مالىكىي ۋە شافىئىي مەزھەب ئالىملىرى: ئالماسلىق مۇستەھەب، ئېلىش تەنزىيھىي مەكروھ، دېگەن. بۇ قاراشنى ھەنبەلىي مەزھەب ئالىملىرىدىن بىر قىسمى تاللىغان.



ھەنبەلىي مەزھەب بىلەن زاھىرىي مەزھەب: قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى زۇل ھەججە ئېيى كىرسە چاچ، تىرناقلىرىنى ئېلىشنى ھارام، ئالسا گۇناھكار بولىدۇ، دەپ قارىغان. بۇ قاراشنى باشقا مەزھەبتىكى بەزى ئالىملارمۇ ياقىلىغان.



يۇقىرىقى قاراشلارنى خۇلاسىلەيدىغان بولساق ئىلگىرىكى ئۈچ خىل قاراشنى بىر گۇرۇپ قىلىپ مۇنداق دېيىشكە بولىدۇ: كۆپچىلىك ئالىملار: ئالسا بولىدۇ، گۇناھ بولمايدۇ، دەپ قارىغان. ئاخىرقى قاراش ئىككىنچى قاراش بولۇپ، بۇلار: ئېلىشنى ھارام، ئالسا گۇناھكار بولىدۇ، دەپ قارىغان.



مۇباھ دېگەنلەرنىڭ دەلىللىرى:



قاسىم رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۆگىلىرىنىڭ بۇيۇنلىرىغا ئاسىدىغان بەلگىلىرىنى ئۆز قولۇم بىلەن ئېشىپ بەردىم. ئاندىن رەسۇلۇللاھ تۆگىسىگە بەلگىنى ئېسىپ، بەلگە قويۇپ ھەدىيە قىلىپ ھەيدەپ ماڭدى، (بۇنىڭلىق بىلەن) رەسۇلۇللاھقا ھالال نەرسىلەر ھارام بولمىدى. .(سەھىھۇل بۇخارى 1696-ھەدىس. سەھىھۇ مۇسلىم 1321-ھەدىس)



ئۇرۋە بىلەن ئەمرە بىنتى ئابدۇرراھمان ئىككەيلەن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنىدىن ھەرەمگە ھەدىيە قۇربانلىق ئاتاپ ماڭاتتى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىيە قۇربانلىقىنىڭ بويۇنلىرىغا ئاسىدىغان بەلگىلىرىنى ئېشىپ بېرەتتىم، رەسۇلۇللاھ ئېھرام باغلىغۇچى ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىن ساقلانمايتتى. (سەھىھۇل بۇخارى 1698-ھەدىس. سەھىھۇ مۇسلىم 1321-ھەدىس)



قاسىم رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىيە قۇربانلىقىنىڭ بوينىغا ئاسىدىغان ئاسمىلارنى ئېشىپ بەردىم، ئاندىن رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا بەلگە قويۇپ، بەلگىنى ئاستى، ئاندىن ئۇنى بەيتۇللاھقا ئەۋەتىۋېتىپ مەدىنىدە قالدى، ئۇنىڭغا ئادەتتە ھالال بولغان نەرسىلەر ھارام بولۇپ قالمىدى. (سەھىھۇل بۇخارى 1699-ھەدىس. سەھىھۇ مۇسلىم 1321-ھەدىس)



ئابدۇراھماننىڭ قىزى ئەمرە رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: زىياد ئىبنى ئەبى سۇفيان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ: كەئبىگە ئاتىغان ھەدىيە قۇربانلىقىنى ئەۋەتىۋەتكەن كىشىگە، قۇربانلىقى بوغۇزلانغۇچە ھەج قىلغۇچىغا ھارام بولغان نەرسىلەر ھارام بولىدۇ، دېگەنلىكى توغرىسىدا خەت يازغان ئىدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئىش، ئىبنى ئابباس دېگەندەك ئەمەس، مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىيە قۇربانلىقىنىڭ بەلگىسىنى ئۆز قولۇم بىلەن ئېشىپ بەردىم، رەسۇلۇللاھ ئۇنى ئۆز قولى بىلەن ئاستى، ئاندىن ئۇنى ئاتام بىلەن مەككىگە ئەۋەتتى، ھەدىيە قۇربانلىق بوغۇزلانغۇچە ئاللاھ ھالال قىلغان ھېچقانداق بىر نەرسە رەسۇلۇللاھغا ھارام بولمىدى، دېدى. (سەھىھۇل بۇخارى 1700-ھەدىس. سەھىھۇ مۇسلىم 1321-ھەدىس)



يەنە بىر ھەدىستە: مەسرۇق رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى! بىر كىشى ھەدىيە تۆگىلىرىگە بەلگە ئېسىشنى ۋەسىيەت قىلىپ، ئۆزى يۇرتىدا قالغان بولسا، تاكى ھاجىملار ئېھرامدىن چىققانغا قەدەر، ئېھراملىق ھالەتتە ھېسابلىنامدۇ؟ دەپ سورىغان ئىدىم، پەردە ئارقىسىدىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ چاۋاك چالغانلىقىنى ئاڭلىدىم، ئاندىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېدى: مەن رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىيە تۆگىلىرىنىڭ بەلگىلىرىنى ئېشىپ بېرەتتىم. رەسۇلۇللاھ ھەدىيە تۆگىلىرىنى باشقا ئادەملەردىن كەئبىگە ئەۋەتەتتى. ھاجىملار ھەجدىن قايتىپ كەلگەنگە قەدەر ئائىلىسىدىكى ئەرلەرگە ئاياللىرىدىن ھالال بولغان نەرسىلەر ئۇنىڭغا ھارام بولمايتتى.(سەھىھۇل بۇخارى 5566-ھەدىس)



يۇقىرىقى ھەدىسلەردە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆيدىكى ئىشلىرىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان كىشى يەنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغانكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەدىيە قۇربانلىقنى مەككىگە ئەۋەتىۋېتىپ ئېھرام باغلىغان كىشى ئۆزىگە ھارام دەپ قارايدىغان بىر ئىشنى ئۆزىگە چەكلىمىگەن، چاچ، تىرناق ئېلىشتىن ساقلىنىپ يۈرمىگەن، ھەدىيە قۇربانلىقنى مەككىگە ئەۋەتىش دېگەن قۇربانلىق قىلىشتىنمۇ چوڭراق ئىشتۇر، ئەگەر چاچ، تىرناق ئېلىش ھەدىيە قۇربانلىقنى مەككىگە ئەۋەتكەن كىشىگە ھارام بولمىسا، قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشىگە ئەلۋەتتە ھارام بولمايدۇ.



يەنە قىياس جەھەتتىن مۇنداق دەلىل ئوتتۇرىغا چىقىدۇ: ئالدىنقى ئون كۈنى كىرسە، قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، ئۇنداق كىشىگە جىما قىلىش ھارام بولمايدۇ، جىما قىلىش ئېھراملىق كىشىگە ھارام قىلىنغان ئىشلارنىڭ ئەڭ ئېغىرى تۇرۇقلۇق قۇربانلىق قىلماقچى بولغانلارغا ھارام بولمىسا، جىمادىن تۆۋەن تۇرىدىغان چاچ-تۈكلىرى ۋە بەدىنىدىن بىر نەرسە ئېلىش ئەلۋەتتە ھارام بولمايدۇ. ئىبنى ئابدۇل بەر مۇنداق دەيدۇ: بارلىق ئالىملار ئالدىنقى ئون كۈنى كىرسە، قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، ئۇنداق كىشىگە جىما قىلىش ھارام بولمايدۇ، دەپ بىرلىككە كەلگەن، ئۇنداق بولىدىكەن، ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئىشلار مۇباھ بولۇشقا تېخىمۇ لايىق.



بۇ قىياس ئەسلىدە ئىكرىمەنىڭ سۆزىدىن ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان چاچ ئالسا بولمايدۇ، دېگەن مەزمۇندىكى ھەدىس سۆزلەنگەندە ئېتىراز بىلدۈرۈپ: ئاياللار بىلەن خۇشپۇراقتىنمۇ نېرى تۇرسۇن ئەمىسە، دېگەن.



ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك: سۈننەت كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، دېگەن. يەنى تىرناق ، بۇرۇت ۋە تۈكلەرنى سۈننەت ئىش، بۇنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ، دېگەن.



ھارام ئەمەس مەكروھ دەپ قارىغان ئالىملار: كىيىم، جىما ۋە خۇشپۇراق ئېھراملىققا ھارام بولغاندەك ھارام بولمىغاچقا، چاچ، تىرناق ئالماسلىقنىڭ مۇستەھەبلىقى، ئېلىشنىڭ مەكروھلىقى مۇئەييەنلىشىدۇ، دەپ قارىغان. لېكىن بۇ قاراش مۇنداق رەت قىلىنىدۇ: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چەكلىگەن ئىشنى قىلمايتتى، چەكلىگەن ئىش ئەقەللى تەقدىردە مەكروھ بولىدۇ.



ھارام دەپ قارىغان ئالىملارنىڭ ئاساسلىق دەلىلى مۇشۇ ھەدىس:



سەئىيد ئىبنى مۇسەييەب ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ”زۇلھەججىنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى كىرسە، بىرىڭلار قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، چاچ-تۈكلىرى ۋە بەدىنىدىن بىر نەرسە ئالمىسۇن)( سەھىھى مۇسلىم 1977-ھەدىس)



بۇلارنىڭ قارىشىدا بۇ ھەدىس ئۇنداق قىلىشنىڭ ھاراملىقىنى ئېنىق ئىپادىلىگەن.



دېمەك ئالىملار دەلىللەرنى بايان قىلغان، بىر-بىرلىرىنىڭ دەلىللىرىنى ئۇزۇن-ئۇزۇن تەھلىل قىلىپ ئېتىراز بىلدۈرگەن. بۇ يەردە ھەممىنى بايان قىلىش تەس.



دەلىللەرنى سېلىشتۇرغان ئەھۋالدا مۇباھ دېگۈچىلەرنىڭ يەنى كۆپچىلىكنىڭ قارىشى كۈچلۈك. نەتىجىدە قايسى قاراشنى تۇتقانلارنى باشقا قاراشتىكىلەر ئەيىپلىسە توغرا بولمايدۇ. بولۇپمۇ چاچ ئالغانلارنى گۇناھكار پاسىق قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ.



كۆپچىلىكنىڭ قارىشى بۇ سەۋەبلەردىن كۆچلۈك:



1-ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىنىڭ سەھىھلىكى بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن بولغان. ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس بولسا ھەدىس ئالىملىرى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزى ياكى ساھابىنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىدە ئىختىلاپلاشقان ھەدىستۇر. چۈنكى بۇ ھەدىس ئاشۇنداق بەزىدە (مەرفۇئ) بەزىدە (مەۋقۇف) رىۋايەت قىلىنغان. بۇ ئىختىلاپ سەھىھۇ مۇسلىمدە ئېنىق كەلگەن.



بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد، مۇسلىم، تىرمىزىي، ئىبنى ھىببان، بەيھەقىي ۋە ئىبنى ھەزملەر سەھىھ دەپ قارىغان.



دارىقۇتنىي، ئىبنى ئابدۇل بەر قاتارلىقلار بۇ ھەىسنىڭ رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزى ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈرگەن. چۈنكى ئالتە راۋىي بۇنى سەئىيد ئىبنى مۇسەييەبنىڭ سۆزى سۈپىتىدە رىۋايەت قىلغان. ئىككى راۋىي ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ سۆزى سۈپىتىدە رىۋايەت قىلغان. ئىككى راۋىي رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزى سۈپىتىدە رىۋايەت قىلغان.



2-ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن كاپ راۋىيلار رىۋايەت قىلغان. ئۇممۇ سەلەمەنىڭ ھەدىسىنى سەئىيد ئىبنى مۇسەييەبتىن باشقا بىرسى رىۋايەت قىلمىغان.



3-كۆپچىلىك ئالىملار ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىگە ئەمەل قىلمىغان.



4-ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسى بىر قەدەر كېيىنكى ئەھۋالنى بايان قىلغان، چۈنكى ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ھەدىيە قۇربانلىقنى ھىجرىيە 9-يىلى يەنە ھەججەتۇل ۋىدادىن بىر يىل بۇرۇن ئەۋەتكەن.



بۇ يەردە بىرقانچە مەسىلىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەك:



1- جاج-ساقال، تىرناق قاتارلىقلارنى ئالماي تۇرۇشتىكى ھېكمەت، دوزاخ ئوتىدىن پۈتۈن بەدىنىدىكى نەرسىلەر بىلەن بىللە تولۇق قۇتۇلۇپ كېتىش ئۈچۈن، دېيىلگەن. ھەج قىلىۋاتقان ئېھراملىقلارغا ئوخشاپ تۇرۇش ئۈچۈنمۇ دېيىلگەن. لېكىن بۇ ھەقتە سەھىھ دەلىل يوق. ھەمدە جىما قىلىش، كىيىم كىيىش ۋە خۇشبۇي ئىشلىتىشتە ھەممەيلەننىڭ قارىشىدا ئوخشاش بولۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ.



2- چەكلەش تاكى قۇربانلىقىنى قىلىپ بولغىچە داۋاملىشىدۇ، مەسىلەن ھېيتنىڭ 2-كۈنى ياكى 3-كۈنى قۇربانلىق قىلماقچى بولسا شۇ كۈنگىچە ئالماي تۇرىدۇ.



3-چەكلەش قانداق تۈكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ چاچ، ساقال، بۇرۇت، قولتۇق تۈكى، ئەۋرەت تۈكى ۋە ئۇندىن باشقا بەدەن تۈكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنە كېسىۋەتسە بولىدىغان ئارتۇق تېرە قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.



ئېلىش ۋە كېسىش بارلىق ئۇسۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن: چۈشۈرتۈش، قىسقارتىش، كۆيدۈرۈش، يۇلۇش، ياكى دورا بىلەن چۈشۈرۈش، تىرناق ئالغۇچتا كېسىش ياكى سۇندۇرۇش قاتارلىقلار.



4-قان ئالدۇرۇش چەكلەنمەيدۇ، چۈنكى بۇ سىرتقى ئەزا قىسمىدىن ئەمەس.



5-ھەنبەلىي مەزھەبتىكىلەر: چاچ ئېلىش قاتارلىق ئىشلار قۇربانلىق قىلغۇچى بىلەن ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدەك قۇربانلىق قىلىنغۇچىلارغا ئوخشاش ھارام بولىدۇ، دەپ قارىغان. بۇنىڭغا ئاساسەن بۇلار: بىر كىشى ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلماقچى بولغان بولسا، ئۆيدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ شۇنداق قىلىشى ھارام بولۇپ كېتىدۇ، دېمەكچى.



6-بۇ كۈنلەردە ئاشۇ چەكلىمىگە قەستەن ياكى سەۋەنلىكتىن رىئايە قىلماي چاچ، تىرناق قاتارلىقلارنى ئېلىپ سالغان كىشىگە يا جازا ياكى تۆلەم يوق، پەقەتلا تەۋبە قىلىشى كېرەك.



7-بۇ چەكلىمىدە ئەر ياكى ئايالنىڭ پەرقى يوق. دېمەك ئايال كىشىمۇ قۇربانلىق قىلماقچى بولغان تەقدىردە يۇقىرىقى ئىشلارنى قىلىشى چەكلىنىدۇ.



8-ساقالنى چۈشۈرۋېتىش چەكلىنىدىغان ئىش. چۈنكى بەزىلەر ھارام، بەزىلەر مەكروھ دەپ قارايدۇ.



ۋەللاھۇ ئەئلەم.

arman78 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-20 10:12:01

شەرىئەتتە قۇربانلىق ئەھكاملىرى



(سوئال-جاۋابلار )



(4-قىسىم)



ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن



قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئالدىدا ۋە بوغۇزلىغاندا قايسى ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك؟



1. قۇربانلىقتىن بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى قۇربانلىق مالنى تەيىنلەپ بەلگە قويۇپ باغلاپ ياكى سولاپ پاك يەم-ھەلەپلەرنى بېرىش ياخشى. بۇنىڭدىن ئىككى ئىش ۋۇجۇتقا چىقىدۇ، بىرى: بۇ ئىبادەتكە ھازىرلىق قىلىش، رىغبىتىنى ئىزھار قىلىش، شەرىئەت پائالىيىتىنى جاكارلاش. يەنە بىرى: قۇربانلىقنى پاكلاش، چۈنكى ھازىر ماللار نىجىس يەم بىلەن بېقىلىۋاتقان ئەھۋال كۆپ.



2. قۇربانلىق مالنى بوغۇزلايدىغان جايغا چىرايلىقچە ھەيدەش. پۇتى بىلەن سۆرىمەسلىك.



3. قۇربانلىق كۈنى يەنى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى قۇربانلىقنى قىلىشقا ئالدىراش. چۈنكى بۇ ئالىملارنىڭ نەزىرىدە قۇربانلىق ۋاقتىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى. ئۇ بولسىمۇ ھېيت نامىزى ۋە خۇتبىسىدىن پارىغ بولغان چاغدۇر.



بەرائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇربان ھېيت كۈنى بىزگە سۆزلەپ: «بۈگۈنكى بۇ كۈنىمىزدە ئالدى بىلەن قىلىدىغان ئىشىمىز ھېيت نامىزىنى ئوقۇيمىز، ئاندىن قايتىپ بېرىپ قۇربانلىق قىلىمىز، كىمكى مۇشۇنداق قىلسا، بىزنىڭ سۈننىتىمىزنى تۇتقان بولىدۇ. كىمكى نامازدىن ئىلگىرى قۇربانلىق قىلغان بولسا، ئەمەلىيەتتە بۇ قىلغىنى ئۆز ئەھلىگە بالدۇرراق تەييارلاپ بەرگەن گۆشتىن ئىبارەت بولىدۇ، ئۇ قۇربانلىق ھېسابلانمايدۇ» دېگەن.(سەھىھۇل بۇخارىي 968-ھەدىس)



4. پىچاقنى ئىتتىك قىلىپ بىلەش. بۇنداق قىلغاندا مالنىڭ قېنىنى تىز ئېقىتىپ قىينىۋەتمەيدۇ. رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۆلتۈرگىنىڭلاردا چىرايلىق ئۆلتۈرۈڭلار، پىچىقىڭلارنى بىلەپ، بوغۇزلىماقچى بولغان مالنى ئازابتىن خالاس قىلىڭلار» دېگەن.(سەھىھۇ مۇسلىم 1955-ھەدىس) چىرايلىق ئۆلتۈرۈشكە مۇناسىپ كەلمەيدىغان بارلىق قىلىقلاردىن ساقلىنىش لازىم، مەسىلەن: مالنىڭ كۆز ئالدىدا پىچاق بىلىمەسلىك، بىرىنىڭ كۆز ئالدىدا يەنە بىرىنى بوغۇزلىماسلىق، بوغۇزلايدىغان جايغا قوپاللىق بىلەن سۆرەپ ئېلىپ بارماسلىق، دېگەندەك.



5. قۇربانلىق مالنى قىبلىگە يۈزلەندۈرۈپ تۇرۇپ ئۆزىمۇ قىبلىگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ بوغۇزلاش. بۇ ھەقتە ھاكىم ھەدىس رىۋايەت قىلغان.



6. قوي، ئۆچكە، كالىلارنى يان تەرىپىگە ياتقۇزۇپ ئوڭ پۇتىنى باغلىماي باشقا ئۈچ پۇتىنى باغلاش. تۆگىنى بىر پۇتىنى باغلاپ ئۆرە تۇرغۇزۇپ، ياكى يەرگە چۆككەن ھالىتىدە پوكانلاش مۇستەھەب. چۈنكى بۇنداق قىلىش مالغا ئېھسان قىلىش جۈملىسىدىن بولۇپ مالغا ئارام بولىدۇ.



قەتادە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۈڭگۈزلۈك ئىككى ئالاقارا قوچقارنى قۇربانلىق قىلغان، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ پۇتىنى ئۇ ئىككىسىنىڭ بوينىغا قويۇپ تۇرۇپ، ”بىسمىللاھ“ دەپ تەكبىر ئېيتىپ، ئۇلارنى ئۆز قولى بىلەن بوغۇزلىغانلىقىنى كۆرگەن.(سەھىھۇل بۇخارىي 5558-ھەدىس)



ئاللاھ تائالانىڭ: ((كەئبىگە ھەدىيە قىلىنىدىغان) تۆگىلەرنى سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىدىن قىلدۇق، ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن خەير باردۇر، شۇڭا ئۇلارنى قاتار قىلىپ ئۆرە تۇرغۇزۇپ ئاللاھنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىڭلار، بېقىنلىرى يەرگە چۈشكەندە، ئۇنىڭدىن ئۆزەڭلارمۇ يەڭلار، قانائەتچان موھتاج ۋە سائىلغىمۇ يېگۈزۈڭلار، سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ، ئۇلارنى بىز سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ياكى قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا پەقەت سىلەرنىڭ تەقۋادارلىقىڭلار يېتىدۇ، ئاللاھنى سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئەھكاملىرىغا يېتەكلىگەنلىكىگە ئۇلۇغلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇلارنى سىلەرگە ئاشۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا خۇش بېشارەت بەرگىن) دېگەن. (ھەج سۈرىسى 36-37-ئايەتلەر.) ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما 36-ئايەتتىكى: (‏ساۋاف‏)‏ دېگەن سۆزنى (ئۆرە تۇرغان ھالىتىدە) دەپ تەپسىر قىلغان. ئەلۋەتتە بۇ تۆگىگە خاس .



رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆز قولى بىلەن يەتتە ھەدىيە قۇربانلىق تۆگىنى ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويۇپ پوكىنىدىن بوغۇزلىدى.(سەھىھۇل بۇخارىي 1714-ھەدىس)



زىياد ئىبنى جۇبەير رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ھەدىيە قۇربانلىق تۆگىسىنى ياتقۇزۇپ تۇرۇپ بوغۇزلىماقچى بولغان كىشىنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئۇنى تۇرغۇزۇپ قويۇپ، بىر پۇتىنى باغلاپ بوغۇزلىغىن، بۇ رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى، دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.(سەھىھۇل بۇخارىي 1713-ھەدىس)



7. قۇربانلىقنى ئۆزى بوغۇزلىيالايدىغان بولسا قۇربانلىقىنى ئۆزى بوغۇزلاش، چۈنكى بۇ ئىبادەت بولغاچقا، ئىبادەتنى باشقىلارنى ۋەكىل قىلغاندىن ئۆزى قىلالايدىغان بولسا ئۆزى قىلىش ئەۋزەل .



قەتادە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۈڭگۈزلۈك ئىككى ئالاقارا قوچقارنى قۇربانلىق قىلغان، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ پۇتىنى ئۇ ئىككىسىنىڭ بوينىغا قويۇپ تۇرۇپ، ”بىسمىللاھ“ دەپ تەكبىر ئېيتىپ، ئۇلارنى ئۆز قولى بىلەن بوغۇزلىغانلىقىنى كۆرگەن.(سەھىھۇل بۇخارىي 5558-ھەدىس)



ئەگەر ئۆزى بوغۇزلىيالمايدىغان بولسا، باشقىلارغا بوغۇزلاتسا بولىدۇ .



رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يۈز تۆگىدىن 63 تۆگىنى ئۆز قولى بىلەن بوغۇزلىغان، قالغىنىنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بوغۇزلىغان.(سەھىھۇ مۇسلىم 1218-ھەدىس)



بولسا بوغۇزلىغان جايدا بوغۇزلىغاننىڭ ئۈستىدە قاراپ تۇرسا ياخشى.



8. بوغۇزلاشقا باشقا كىشىنى قويغاندا مۇسۇلماننى قويۇش لازىم. بۇتپەرەس، ئاتېست، كوممۇنىست ياكى شۇنىڭدەك قارا كاپىرلارنى بوغۇزلاشقا قويسا قۇربانلىق ئادا بولمايدۇ، ئۇلار بوغۇزلىغان ماللارنىڭ گۆشىنىمۇ يېيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى كاپىرلار مالنى بوغۇزلاپ شەرئى ھالال قىلىش ئەھلى ئەمەس. ئەھلى كىتابلارنى بوغۇزلاشقا قويۇشنى بەزى ئالىملار مەكروھ دەپ قارايدۇ. بەزىلەر ئاشۇ قارا كاپىرلارغا ئوخشاش، قۇربانلىق ئادا بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ .



9. بوغۇزلىغاندا قۇربانلىق نىيىتى بىلەن بوغۇزلاش لازىم. بەزى ئالىملار سېتىۋالغان چاغدا قۇربانلىقنى نىيەت قىلسا كۇپايە دەيدۇ. چۈنكى ئەمەللەر نىيەتكە قاراپ بولىدۇ، گۆش ئۈچۈن بوغۇزلاش بىلەن قۇربانلىق ئۈچۈن بوغۇزلاشنى نىيەت ئايرىپ تۇرىدۇ. نىيەتنى نامازدا بولغىنىدەك دىلىدا قىلسا كۇپايە. ئاغزاكى قىلىش شەرت ئەمەس.



10. بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتاش، تەكبىر ئېيتىش ۋە دۇئا قىلىش.



قەتادە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۈڭگۈزلۈك ئىككى ئالاقارا قوچقارنى قۇربانلىق قىلغان، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ پۇتىنى ئۇ ئىككىسىنىڭ بوينىغا قويۇپ تۇرۇپ، ”بىسمىللاھ“ دەپ تەكبىر ئېيتىپ، ئۇلارنى ئۆز قولى بىلەن بوغۇزلىغانلىقىنى كۆرگەن.(سەھىھۇل بۇخارىي 5558-ھەدىس)



يەنە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر قوينى قۇربانلىققا بوغۇزلىغاندا: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن، ئى ئاللاھ! مۇھەممەدتىن، مۇھەممەدنىڭ ئائىلىسىدىن ۋە مۇھەممەدنىڭ ئۈممىتىدىن قوبۇل قىلغىن، دەپ قۇربانلىق قىلغان.(سەھىھۇ مۇسلىم 1967-ھەدىس)



11. پىچاقنى كۈچ بىلەن بېسىپ تۇرۇپ ئالدى-كەينىگە تىز سۈرۈش. بۇنداق قىلغاندا جېنى تىز چىقىپ، ئازابلانمايدۇ، ھەم قانلار تولۇق ئېقىپ چىقىپ كېتىدۇ.



12. مالنىڭ كاللىسىنى دەرھال ئۈزۈۋەتمەي ئىككى شاخ تومۇر بىلەن كاناي، قىزىل كېكىردەكنى كېسىپ بولغاندىن كېيىن سەل تەخىر قىلىپ تۇرۇش. بۇنداق قىلمىغاندا مال يۇقىرىقى تۆت نەرسىنى كېسىشتىن ئۆلمەي يۇلۇن كېسىلگەنلىكتىن ئۆلۈپ قېلىشى مۇمكىن.



13. بوغۇزلاپ بولۇپلا سويۇشقا ياكى بىرەر يېرىنى كېسىش ياكى سۇندۇرۇشقا تۇتۇش قىلماي، سەل سوۋۇپ روھى بەدىنىدىن تولۇق ئايرىلىپ جىمىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن سويۇش.



قۇربانلىق قىلىشنىڭ دەسلەپكى ۋاقتى قاچان؟



بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن ھېيت نامىزىدىن ئىلگىرى قۇربانلىق قىلغان كىشىنىڭ قۇربانلىقى قۇربانلىققا ھېساب بولمايدۇ. ھېيت نامىزىدىن كېيىن قۇربانلىق قىلغان كىشىنىڭ قۇربانلىقى قۇربانلىققا ھېساب بولىدۇ.



ئەسۋەد ئىبنى قەيس رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: مەن جۇندەب ئىبنى سوفيان ئەلبەجەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: مەن قۇربانلىق ھېيت كۈنى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە بولغان، رەسۇلۇللاھ: «كىمكى ھېيت نامىزىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن قۇربانلىق قىلغان بولسا، ئورنىغا قايتىدىن باشقا قۇربانلىق قىلسۇن، كىمكى تېخى قۇربانلىق قىلمىغان بولسا، قۇربانلىق قىلسۇن» دېدى. (سەھىھۇل بۇخارىي 5562-ھەدىس)



دېمەك رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دۋاملىق ھېيت نامىزىدىن كېيىن قۇربانلىق قىلغان، باشقىلارنىمۇ شۇنداق بۇيرۇغان، ھېيت نامىزىدىن كېيىن قۇربانلىق قىلغان كىشىنىڭ قۇربانلىقى قۇربانلىققا ھېساب بولماي گۆش ئۈچۈن بوغۇزلىغان مال بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.



بۇنىڭغا ئاساسەن ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغان شەھەر-كەنتلەردىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن قۇربانلىق قىلىشنىڭ دەسلەپكى ۋاقتى ھېيت نامىزى ئوقۇلۇپ خۇتبىسى سۆزلىنىپ بولغاندىن كېيىن بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ھېيت نامىزى ئوقۇلمايدىغان يېزىلار، چۆل-جەزىرىدىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن قۇربانلىق قىلىشنىڭ دەسلەپكى ۋاقتى ئۇلارغا ئەڭ يېقىن شەھەر-كەنتتىكى ھېيت نامىزى بىلەن خۇتبىسى ئوقۇلۇپ بولغىدەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بولىدۇ. قۇربان ھېيت نامىزى ئادەتتە كۈن چىقىپ 20 مىنۇت ئۆتكەندە ئوقۇلىدۇ. دېمەك چۆل-جەزىرىدىكى كىشىلەر مۇشۇنىڭغا قاراپ مۆلچەرلەپ ناماز ئوقۇلۇپ خۇتبە سۆزلىنىپ بولدى دەپ خاتىرجەم بولغاندا ئاندىن قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ.



قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئەۋزەل ۋاقتى قاچان؟



بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىدا قۇربانلىق كۈنى يەنى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ھېيت نامىزى ۋە خۇتبىسىدىن پارىغ بولغان چاغ قۇربانلىق ۋاقتىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىدۇر.



قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئاخىرقى ۋاقتى قاچان؟



بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا ھېيتنىڭ تۆتىنجى كۈنى كۈن پېتىش بىلەن قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئاخىرقى ۋاقتى ئاخىرلاشقان بولىدۇ. يەنە بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا ھېيتنىڭ ئۈچىنچى كۈنى كۈن پېتىش بىلەن قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئاخىرقى ۋاقتى ئاخىرلاشقان بولىدۇ. ئۇنداق بولىدىكەن مۇمكىن قەدەر تۆتىنجى كۈنگىچە كېچىكتۈرمەسلىك لازىم.



كېچىسى قۇربانلىق قىلسا بولامدۇ؟



ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىدا كېچىسى قۇربانلىق قىلىش چەكلەنمەيدۇ. كېچىسى قۇربانلىق قىلسا مەكرۇھمۇ بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ھەقتە سەھىھ بىر چەكلىمە يوق، ھەمدە ]مەلۇم كۈنلەردە ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن[(ھەج سۈرىسى 28-ئايەت.) دېگەن ئايەتتىكى مەلۇم كۈنلەرنىڭ ئىچىگە كېچىلەرمۇ كىرىدۇ. شۇڭا قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى كېچسى چىراقلار بىلەن يورۇتۇلغان بىر جايدا ئېنىق كۆرۈپ تۇرۇپ قۇربانلىقىنى بوغۇزلىسا بولىدۇ.



قۇربانلىق مالدىن تىرىك ۋاقتىدا پايدىلىنىشقا بولامدۇ؟



ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىغا ئاساسلانغاندا مۇنداق دېيىشكە بولىدۇ:



1. قۇربانلىق مالنىڭ سۈتى قوزىسى ياكى موزىيى ياكى بوتىلىقىدىن ئاشقان تەقدىردە سېغىپ پايدىلانسا بولىدۇ. ئاشمىسا ياكى ساغسا مالغا ياكى قوزىسىغا زىيان قىلىدىغان بولسا، ياكى قۇربانلىق مال ئورۇقلاپ كېتىدىغان بولسا جائىز بولمايدۇ.



2. قۇربانلىق مالنىڭ يۇڭىنى، تۈكلىرىنى كېسىپ پايدىلانغان تەقدىردە قۇربانلىق مالغا زىيان يەتمەيدىغان ياكى ئۇرۇقلاپ كەتمەيدىغان بولسا كېسىپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ.



چۈنكى يۇقىرىقى ئەھۋاللار ئاللاھ تائالانىڭ ھەج سۈرىسى 36-ئايەتتىكى: (ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن خەير باردۇر) دېگەن سۆزىدىكى خەيرنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، قۇربانلىقنىڭ تېرىسىنى ئۆزى ئىشلەتسە بولغاندەك، يۇقىرىقىدەك پايدىلىنىشقا بولىدۇ. (ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ياكى قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا پەقەت سىلەرنىڭ تەقۋادارلىقىڭلار يېتىدۇ،) (ھەج سۈرىسى 37-ئايەت)



3. زۆرۈر تېپىلغاندا قۇربانلىق مالنى مىنىشكە بولىدۇ. ئېھتىياج بولسا يۈك توشۇپ پايدىلىنىشمۇ، ھارۋا سۆرىتىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش.



ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەدىيە قۇربانلىق تۆگىسىنى ھەيدەپ كېتىۋاتقان بىر كىشىنى كۆرۈپ: «ئۇنى مىنىۋال» دېدى. ئۇ كىشى: بۇ ھەدىيە قۇربانلىق تۆگە، دېگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ: «ئۇنى مىنىۋال» دېدى. ئۇ كىشى: بۇ ھەدىيە قۇربانلىق تۆگە، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى قېتىمدا: «ئۇنى مىنىۋال! ۋاي ئېسىت ساڭا!» دېدى.(سەھىھۇل بۇخارىي 1689-ھەدىس)



يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەگەر مىنىشكە مەجبۇر بولۇپ قالساڭ، باشقا ئۇلاق تاپقىچە مۇۋاپىق مىنگىن» دېگەن. (سەھىھۇ مۇسلىم 1324-ھەدىس)



قۇربانلىق مالنىڭ گۆشىنىڭ بىر قىسمىنى ھەدىيە قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟



بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىدا قۇربانلىق مالنىڭ گۆشىنىڭ بىر قىسمىنى ھەدىيە قىلسا بولىدۇ. بىراق ئۇلار ھەدىيە قىلىشنىڭ ھۆكمى، قانچىلىك مىقداردا ھەدىيە قىلىش مەسىلىسىدە ئىختىلاپ قىلغان. ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىغا ئاساسلانغاندا ھەدىيە قىلىشنىڭ ھۆكمى مۇستەھەب بولۇپ، ھەدىيە قىلىدىغان مىقدارى ئۈچتىن بىرى.



جانابى ئاللاھ (ئۇنىڭدىن ئۆزەڭلارمۇ يەڭلار، قانائەتچان موھتاج ۋە سائىلغىمۇ يېگۈزۈڭلار.) (ھەج سۈرىسى 36-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.) بۇ ئايەت قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى قۇربانلىق قىلغۇچى، قانائەتچان موھتاج ۋە سائىل قاتارلىق ئۈچ قىسىم كىشىگە تەقسىم قىلىشقا بۇيرۇغان بولۇپ، ئايەتتىكى قانائەتچان موھتاج دېگەن سۆز تىلىمەيدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنداقتا تىلىمەيدىغانلارغا قۇربانلىقنىڭ گۆشىنىڭ ئۈچتىن بىرى ھەدىيە ئارقىلىق بېرىلىدۇ.



يەنە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇربانلىق قىلغاندىن كېيىن: خالىغانلار كېسىۋالسۇن، دەپ قۇربانلىق مالنىڭ گۆشىنى كىشىلەرگە قويۇپ بەرگەن.(ئىبنى خۇزەيمە سەھىھىدە، ھاكىم مۇستەدراكتا رىۋايەت قىلغان.) بۇ ھەدىستىكى ئىبارىدىن قارىغاندا بۇ خىتاب ئومۇملۇقنى بىلدۈرىدۇ، شۇڭا قۇربانلىقنى يېگۈزۈش پېقىر، مىسكىنلەرگىلا خاس ئەمەس. بەلكى خولۇم-خوشنا، دوست-بۇرادەر، ئۇرۇق-تۇغقان كىشىلەرگە ھەدىيە قىلسا بولىدۇ. ھەدىيە قىلىنىدىغان كىشىلەر باي بولسىمۇ مەيلى، چۈنكى قۇربانلىق قىلغۇچى ئۆزى باي تۇرۇپ قۇربانلىق گۆشتىن يېيىشى جائىز بولىدىكەن، باشقا بايلارغا ھەدىيە قىلىپ يېگۈزسىمۇ جائىز بولىدۇ.



قۇربانلىق مالنىڭ گۆشىنىڭ بىر قىسمىنى سەدىقە قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟



بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىدا قۇربانلىق مالنىڭ گۆشىنىڭ بىر قىسمىنى سەدىقە قىلسا بولىدۇ. بىراق ئۇلار سەدىقە قىلىشنىڭ ھۆكمى، قانچىلىك مىقداردا سەدىقە قىلىش مەسىلىسىدە ئىختىلاپ قىلغان. ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىغا ئاساسلانغاندا سەدىقە قىلىشنىڭ ھۆكمى مۇستەھەب بولۇپ، سەدىقە قىلىدىغان مىقدارى ئۈچتىن بىرىدۇر.



جانابى ئاللاھ (ئۇنىڭدىن ئۆزەڭلارمۇ يەڭلار، قانائەتچان موھتاج ۋە سائىلغىمۇ يېگۈزۈڭلار.) (ھەج سۈرىسى 36-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)



(ئاندىن سىلەر ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭلارمۇ يەڭلار، بىچارە پېقىرغىمۇ يېگۈزۈڭلار.) (ھەج سۈرىسى 38-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.) دېگەن ئايەتلەردە ئاللاھ تائالا پېقىرلارغا قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى يېدۈرۈشكە بۇيرۇغان، ئۇلارغا يېگۈزۈش پەقەتلا قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى سەدىقە قىلىش ئارقىلىق بولىدۇ. ئۈخ تۈرلۈككە يېدۈرۈشكە قىلىنغان بۇيرۇق قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى ئۈچ تۈرگە تەقسىم قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.



يەنە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇربانلىق گۆشى ھەققىدە: (ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭلارمۇ يەڭلار، باشقىلارغىمۇ يېگۈزۈڭلار، كېيىن يېيىش ئۈچۈن ساقلاپ قويۇڭلار) دېگەن. يەنە بەزى رىۋايەتلەردە: (ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭلارمۇ يەڭلار، كېيىن يېيىش ئۈچۈن ساقلاپ قويۇڭلار ھەم سەدىقە قىلىڭلار) دېگەن. (سەھىھى مۇسلىم: 1971-ھەدىس)



قۇربانلىق مالنىڭ گۆشىدىن كاپىرلارغا يېگۈزسە بولامدۇ؟



بۇ مەسىلىدە ئالىملارنىڭ ئوتتۇرىدا بەزى ئىختىلاپ مەۋجۇت. بەزىلەر يەھۇد-ناسالارغا يېگۈزۈش مەكروھ، دەپ قارايدۇ، بەزىلەر: نەپلە قۇربانلىقنى يېگۈزسە بولىدۇ، ۋاجىب قۇربانلىقنى يېگۈزسە بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ.



يەنە بەزى ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىدا: ئەسىر، ئامانلىق بېرىلگەن، ئەھدىلەشكەن، خۇلۇم-قوشنا كاپىرلارغا يېگۈزسە بولىدۇ. مۇسۇلمانلارغا ئۇرۇش ئاچقان، مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرىدىغان كاپىرلارغا يېگۈزسە بولمايدۇ.



جانابى ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دېگەن: (سىلەر بىلەن دىن سەۋەبىدىن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن ئاللاھ سىلەرنى توسمايدۇ، چۈنكى ھەقىقەتەن ئاللاھ ئادىل بولغۇچىلارنى سۆيىدۇ) دېگەن. (مۇمتەھىنە سۈرىسى 8-ئايەت)



يەنە: (ئۇنىڭدىن ئۆزەڭلارمۇ يەڭلار، قانائەتچان موھتاج ۋە سائىلغىمۇ يېگۈزۈڭلار.)(ھەج سۈرىسى 36-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)



(ئاندىن سىلەر ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭلارمۇ يەڭلار، بىچارە پېقىرغىمۇ يېگۈزۈڭلار.) (ھەج سۈرىسى 38-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.) دېگەن. بۇ ئاخىرقى ئىككى ئايەتتىكى قانائەتچان موھتاج، سائىل، بىچارە پېقىر دېگەن سۆزلەر مۇتلەق كەلگەن بولۇپ، مۇسۇلمان دەپ قەيت قىلمىغاچقا، مۇسۇلمانلارغا قارشى زىيان ئۇرمايدىغان ئاشۇنداق كىشىلەر مۇسۇلمان ياكى كاپىر بولسۇن ئۇلارغا يېگۈزسە بولىدۇ.



ئابدۇللاھ ئىبنى دىينار ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇنىڭ ئاتىسى ئۆمەر ئىبنى خەتناب بىر ئادەمنىڭ ئۇچىسىدا سېتىلىۋاتقان بىر يىپەك توننى كۆرۈپ: يارەسۇلەللاھ! مۇشۇ توننى سېتىۋېلىپ ئۇنى جۈمە كۈنىدە، ئەلچىلەر كەلگەندە كىيگەن بولسىلا، دىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بۇ كىيىمنى ئاخىرەتتە نېسىۋىسى يوق ئادەملەر كىيىدۇ» دېدى. كېيىن رەسۇلۇللاھقا ئاشۇنداق بىر قانچە يىپەك تونلار كېلىۋىدى، ئۆمەرگە بىرنى ئەۋەتتى، ئۆمەر: ئۆتكەندە ئۇنىڭ ھەققىدە ھېلىقىدەك سۆزنى قىلغان تۇرسىلا مەن بۇنى قانداقمۇ كىيىمەن؟ دەپ سورىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ: «مەن ساڭا ئۇنى كىيسۇن دەپ بەرمىدىم، ساتارسەن ياكى ئاياللارغا كىيگۈزەرسەن دەپ بەردىم» دېدى. شۇنىڭ بىلەن (ئاتام) ئۆمەر ئۇنى مەككىدىكى تېخى مۇسۇلمان بولمىغان بىر قېرىندىشىغا ئەۋەتىپ بەردى.(سەھىھۇل بۇخارىي 2619-ھەدىس)



ئۇرۋە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ئەسمائ رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: ئانام مۇشرىك بولۇپ، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككە مۇشرىكلىرى بىلەن سۈلھى تۈزگەن چاغلىرىدا يېنىمغا كەلگەن ئىدى. مەن رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: ئانام يېنىمغا سىلە-رەھىم ئارزۇ قىلىپ قىلىپ كەپتۇ، ئۇنىڭغا سىلە-رەھىم قىلسام بولامدۇ؟ دەپ سورىسام. رەسۇلۇللاھ: «ھەئە، ئانىڭىزغا سىلە-رەھىم قىلىڭ» دېدى. (سەھىھۇل بۇخارىي 2620-ھەدىس)



ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئابدۇللاھ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئۇنىڭغا مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: ئەبۇ سۇفيان ئۇنىڭغا مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: ھىرەقلى ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى چاقىرتقاندا، ئۇ: ئۇ (رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى دېمەكچى) بىزنى ناماز ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە، ئىپپەتلىك بولۇشقا ۋە خىش-ئەقرىبالارغا سىلە-رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، دېگەن. (سەھىھۇل بۇخارىي 5980-ھەدىس)



مۇجاھىد رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ھۇزۇرىدا ئىدىم، ئۇنىڭ مالىيى بىر قوينى سويۇۋاتاتتى، ئۇ: ئى بالا، سويۇپ بولغىنىڭدا يەھۇدىي خوشنىمىزدىن باشلىغىن، دېۋىدى، سورۇندىكىلەردىن بىرى: يەھۇدىي؟ ئاللاھ سىلىنى سالىھ قىلسۇن، دەپ سورىدى، ئۇ: مەن رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خۇلۇم-خوشنىلار ھەققىدە تاپىلاۋەرگەنلىكىنى ئاڭلىغانمەن، ئاڭلاۋېرىپ ئاخىرى بىز ئۇنىڭغا مىراس بەلگىلەپ بېرىدىغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قالغان، دېدى.(بۇخارى ئەلئەدەبۇل مۇفرادتا رىۋايەت قىلغان. 128-ھەدىس، بەيھەقىي شۇئەبۇل ئىماندا رىۋايەت قىلغان. 9563-ھەدىس)



يۇقىرىقى كۈچلۈك قاراش ۋە ئۇنىڭ دەلىللىرىگە ئاساسەن مۇنداق دېيىشكە بولىدۇ:



ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى كاپىرلارنىڭ بەزى تۈرلىرى بىلەن ئارىلىشىپ ياشايدۇ، ئارىلىشىپ ياشايدىغان كاپىرلارنى ئاساسلىق مۇنداق ئىككى تۈرگە ئايرىش مۇمكىن:



بىرى: ئۇيغۇرلاردىن چىققان كاپىرلار. بۇلار بىز مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن قان جەھەتتىن ئۇرۇق-تۇغقان بولىشى مۇمكىن. بەزىلىرى خۇلۇم-قوشنا بولىشى مۇمكىن. بۇلاردىن مۇسۇلمانلارغا زىيان ئۇرمايدىغان، ئۆز ئەھۋالى بىلەن ياشايدىغانلىرىغا قۇربانلىقتىن يېگۈزسە بولىدۇ.



يەنە بىرى: ئارىمىزدا ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق رىشتىسى بولمىغان خەن مىللىتىدىن چىققان، كۆچمەن، بۇددىست، كوممۇنىست، ئاتېست، دەھرىي كاپىرلار. بۇلارغا مېھماندارچىلىق ياكى سوۋغات ياكى سەدىقە ۋە ياكى قايسىبىر شەكىلدە بولمىسۇن قۇربانلىقتىن يېگۈزۈشكە بولمايدۇ. ئۇيغۇرلاردىن چىققان، بىزگە ئۇرۇق-تۇغقان، خۇلۇم-قوشنا، لېكىن بىز مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان ئۇيغۇر كاپىرلارغىمۇ يېگۈزۈشكە بولمايدۇ.



ۋەللاھۇ ئەئلەم.



داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ…



تەييارلىغۇچى: دوكتۇر ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ

arman78 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-20 10:13:13

شەرىئەتتە قۇربانلىق ئەھكاملىرى



(سوئال-جاۋابلار)



(5-قىسىم)



ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن



قۇربانلىق قىلغۇچى مالنىڭ گۆشىدىن ئۆزى يېيىشى كېرەكمۇ؟



قۇربانلىق مالنىڭ گۆشىنىڭ بىر قىسمىنى قۇربانلىق قىلغۇچى ئۆزى يېيىشى پەرز ئەمەس، مۇستەھەب.



جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاتمىش ئۈچ تۆگىنى ئۆز قولى بىلەن بوغۇزلاپ قالغىنىنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بەرگەندە، ئۇ قالغان تۆگىلەرنى بوغۇزلىغان، شۇنداق قىلىپ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ھەدىيە قۇربانلىقىغا شېرىك قىلىۋالغان. يەنە ھەر بىر تۆگىدىن بىر پارچە كېسىپ ئەكەلدۈرۈپ بىر قازانغا سېلىپ پىشۇرۇلغاندىن كېيىن ئىككەيلەن ئۇنىڭ گۆشىدىن يەپ، شورپىسىدىن ئىچكەن. (سەھىھۇ مۇسلىم 1218-ھەدىس) ئىمام نەۋەۋىي دېدى: بارلىق ئالىملار كىشى ئۆزى نەپلە ھەدىيە قۇربانلىقى بىلەن قۇربانلىقىدىن يېيىشى سۈننەت، ۋاجىب ئەمەس دەپ بىرلىككە كەلگەن.(شەرھى مۇسلىم)



ئەمما قانچىلىك مىقداردا يەيدۇ؟ يۇقىرىدا قۇربانلىقنى ئۈچكە بۆلۈپ بىرىنى سەدىقە، بىرىنى ھەدىيە قىلىش مۇستەھەب دەپ بايان قىلغان ئىدۇق، دېمەك ئۈچتىن بىرى مىقداردا ئۆزى يېسە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆپرەك يەۋەتسىمۇ جائىز، بىر پارچە يەپ قالغان ھەممىنى ھەدىيە، سەدىقە قىلىۋەتسىمۇ جائىز.



قۇربانلىق مالنىڭ گۆشىدىن ساقلىۋېلىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟



يۇرتتا ئاچارچىلىق ياكى پەۋقۇلئاددە نامراتلىق كۆرۈلمىگەن ياكى مۇھاجىر مۇسۇلمانلار كېلىپ قىينىلىپ قالمىغان ئەھۋالدا قۇربانلىق قىلغۇچى قۇربانلىق مالنىڭ گۆشىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزى يېيىشى ئۈچۈن يىل بويى خالىغىنىچە ساقلىۋالسا بولىدۇ.



يەزىيد ئىبنى ئەبى ئۇبەيد رىۋايەت قىلىدۇكى، سەلەمە ئىبنى ئەكۋەئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سىلەردىن كىمىكى قۇربانلىق قىلغان بولسا، ئۈچ كېچە قونۇپ تاڭ ئاتقۇزغىنىدا ئۇنىڭ گۆشىدىن ئۆيىدە ئازراقمۇ قالمىسۇن» دېگەن. كېيىنكى يىلى ساھابىلار: يارەسۇلەللاھ! قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى ئۆتكەن يىلدىكىدەك بىر تەرەپ قىلامدۇق؟ دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ: «ئۆزۈڭلارمۇ يەڭلار، باشقىلارغىمۇ يېگۈزۈڭلار ھەم ساقلىۋېلىڭلار. ئاشۇ يىلى كىشىلەرنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئىدى. شۇڭا ئاشۇ ئەھۋالدا ياردەم قىلىشىڭلارنى مەقسەت قىلغان ئىدىم» دېدى.(سەھىھۇل بۇخارىي 5569-ھەدىس)



قۇربانلىق قىلغۇچى قۇربانلىق مالنىڭ تېرىسى، مېيى ۋە كاللا-پاقالچاقلىرى قاتارلىق پارچىلىرىدىن پايدىلانسا بولامدۇ؟



يۇرتتا ئاچارچىلىق ياكى پەۋقۇلئاددە نامراتلىق كۆرۈلمىگەن ياكى مۇھاجىر مۇسۇلمانلار كېلىپ قىينىلىپ قالمىغان ئەھۋالدا قۇربانلىق قىلغۇچى قۇربانلىق مالنىڭ تېرىسى، مېيى ۋە كاللا-پاقالچاق قاتارلىق پارچىلىرىدىن پايدىلانسا بولىدۇ.



ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا قۇربانلىق ھېيت كەلگەن چاغدا سەھرا ئاھالىسىدىن بىر گۈرۈپ ئائىلىلىك كەلگەن ئىدى، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۈچ كۈنگىچە ساقلىۋېلىپ قالغىنىنى سەدىقە قىلىۋېتىڭلار» دېدى. كېيىنكى يىلى ساھابىلار: كىشىلەر قۇربانلىقلىرىدىن تۇلۇملارنى ياساۋاتىدۇ، ئۇنىڭدىن قوي يېغى كۆيدۈرۈۋاتىدۇ، دېيىشكەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بۇ نېمە ئىش» دەپ سورىدى. ئۇلار: ئۆزلىرى قۇربانلىقنىڭ گۆشلىرى ئۈچ كۈندىن كېيىن يېيىلمىسۇن دەپ توسقان ئىدىلە، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «مەن پەقەت كەلگەن كۆچمەنلەر ئۈچۈنلا سىلەرنى توسقان، شۇڭا يەڭلار، ساقلىۋېلىڭلار ھەم سەدىقە قىلىڭلار» دېدى.(سەھىھۇ مۇسلىم 1971-ھەدىس)



بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابە كىراملارنىڭ قۇربانلىق ماللىرىنىڭ تېرىلىرىنى تۇلۇم قىلىپ، مېيىنى كۆيدۈرۈپ ئېرىتىپ پايدىلانغانلىقىنى توسمىغان، بۇ قۇربانلىق مالنىڭ تېرىسى، مېيى ۋە كاللا-پاقالچاق قاتارلىق پارچىلىرىدىن پايدىلانسا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قۇربانلىقىنىڭ تېرىسىدىن تۇلۇم ياساپ ئىشلەتكەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان.(ئىبنى ھەزم مۇھەللادا رىۋايەت قىلغان)



يەنە قىياس جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا قۇربانلىق مالنىڭ تېرىسى، مېيى ۋە كاللا-پاقالچاقلىرى، ئۇستىخانلىرى، يۇڭلىرى، مۈڭگۈزلىرى قاتارلىق پارچىلىرى ئۇنىڭغا گۆشىگە ئوخشاش، شۇڭا ئۇنىڭدىن خۇددى گۆشىنى يېسە بولغاندەك يۇقىرىقىلاردىن ئۆزى ۋە ئائىلىسى پايدىلانسا بولىدۇ.



قۇربانلىق مالنىڭ قايسىبىر قىسمىنى سېتىشقا، بىر نەرسىگە تېگىشىشكە بولامدۇ؟



كۈچلۈك قاراشتا قۇربانلىق مالنى بوغۇزلاپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ گۆشى، تېرىسى، مېيى ۋە كاللا-پاقالچاقلىرى، ئۇستىخانلىرى، يۇڭلىرى، مۈڭگۈزلىرى قاتارلىق پارچىلىرى ئۇنىڭغا گۆشىگە ئوخشاش، شۇڭا ئۇنىڭ قايسىبىر قىسمىنى سېتىشقا، بىر نەرسىگە تېگىشىشكە بولمايدۇ. ئەگەر سېتىپ سالغان تەقدىردە پۇلىنى سەدىقە قىلىۋېتىدۇ. چۈنكى ماددىي بەدەل ئۇنىڭ قۇربانلىق سۈپىتىگە زىت كېلىدۇ.



بەزى ئالىملار قۇربانلىقنىڭ تېرىسىنى ئۆيدە ئىشلىتىدىغان داس، چېلەك، تاغار، ئەلگەك قاتارلىق ئۆيدە ئىشىلىتىدىغان نەرسىلەرگە ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتسە بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.



قۇربانلىققا ئاتىغان مالنىڭ بوغۇزلاشتىن بۇرۇن قوزىلىغان قوزىسىنىڭ ھۆكمى نېمە؟



كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىدا قۇربانلىققا ئاتىغان مال ئاتاپ سېتىۋالغان بوغاز بولسۇن ياكى ئۇندىن كېيىن بوغاز بولغان بولسۇن ئىشقىلىپ بوغۇزلاشتىن بۇرۇن قوزىلىغان قوزىسىنىڭ ھۆكمى قۇربانلىق مالنىڭ ھۆكمىگە ئوخشاش، يەنى ئۇ ئانىسى بىلەن بىللە قۇربانلىق قىلىنىدۇ.



نافىئ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇنىڭ ئاتىسى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيتتى: ھەدىيە قۇربانلىق تۆگە بوتىلاقلاپ قالسا، باشقا بىر تۆگىنىڭ ئۈستىگە يۈتكۈزۈلۈپ ئېلىپ بېرىلىپ ئانىسى بىلەن بىللە قۇربانلىق قىلىنىدۇ، باشقا تۆگە بولمىغان تەقدىردە ئانىسىنىڭ ئۈستىگە يۈتكۈزۈلۈپ ئېلىپ بېرىلىپ ئانىسى بىلەن بىللە قۇربانلىق قىلىنىدۇ.(مالىك مۇۋەتتادا رىۋايەت قىلغان 846-ھەدىس.)



ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىغا موزايلىۋەتكەن بىر ساغلىق كالىنى ئەكىلىپ ئۇنى قۇربانلىق قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندا، ھەزرىتى ئەلى ئۇنىڭغا: ئۇنىڭ سۈتىدىن پەقەتلا موزىيىدىن ئاشقىنىنى ئىچكىن، قۇربان ھېيت كۈنى كەلگەندە ئۇنى موزىيى بىلەن بىللە يەتتە كىشى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلساڭ بولىدۇ، دېگەن.(ئىلەلۇل ھەدىيس-ئىبنى ئەبى ھاتىم 1619-ھەدىس)



بۇ ھەقتە يۇقىرىقى ئىككى ساھابىدىن كەلگەن ھۆكۈمگە مۇخالىپ كەلگەن بىرەر ئەسەر يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە قوزىسى مالنىڭ بىر پارچىسىدىن ئىبارەت. شۇڭا ناۋادا قوزىسىنى سېتىۋېتىپ قالسا پۇلىنى سەدىقە قىلىۋېتىدۇ.



قۇربانلىققا ئاتىغان مالنى باشقا مالغا ئالماشتۇرۇشقا بولامدۇ؟



كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىدا قۇربانلىققا ئاتىغان مالنى بوغۇزلاشتىن بۇرۇن باشقا مالغا ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن بىر مالنى قۇربانلىققا ئاتاپ سېتىۋالغاندىن كېيىن ئۇنى سېتىۋېتىپ ئورنىغا باشقا بىر مالنى ئالماقچى بولسا، ئالماقچى بولغان مال بۇرۇنقىسىغا ئوخشاش ياكى ئۇنىڭدىن ياخشىراق بولىشى كېرەك، ئەگەر ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان تەقدىردە ئىككىسىنىڭ قىممىتى ئوتتۇرىدىكى پەرقنى سەدىقە قىلىۋېتىشى كېرەك. بۇنىڭدىكى پەرقنى بەلگىلەشتە باھاغا قارىمايدۇ، بەلكى ئىككىسىنىڭ قىممىتىگە قارايدۇ.



يەنە بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىدا قۇربانلىققا ئاتىغان مالنى بوغۇزلاشتىن بۇرۇن باشقا مالغا ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ.



قۇربانلىق قىلماي قۇربانلىق مالنىڭ پۇلىنى سەدىقە قىلسا بولامدۇ؟



كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ دەلىل جەھەتتىن كۈچلۈك قارىشىدا قۇربانلىققا مال بوغۇزلىماي مال ئالىدىغان پۇلنى نامراتلارغا سەدىقە قىلسا قۇربانلىق ئادا بولمايدۇ، مال ئېلىپ بوغۇزلىماي گۆش سېتىۋېلىپ پۇقرالارغا تارقىتىپ بەرسىمۇ ئوخشاشلا قۇربانلىق ئادا بولمايدۇ، قىلغىنى پەقەتلا ئادەتتىكى سەدىقە بولىدۇ.



ئاللاھ تائالا دەيدۇ: ](كەئبىگە ھەدىيە قىلىنىدىغان) تۆگىلەرنى سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىدىن قىلدۇق، ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن خەير باردۇر، شۇڭا ئۇلارنى قاتار قىلىپ ئۆرە تۇرغۇزۇپ ئاللاھنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىڭلار، بېقىنلىرى يەرگە چۈشكەندە، ئۇنىڭدىن ئۆزەڭلارمۇ يەڭلار، قانائەتچان مۇھتاج ۋە سائىلغىمۇ يېگۈزۈڭلار، سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ، ئۇلارنى بىز سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ياكى قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا پەقەت سىلەرنىڭ تەقۋادارلىقىڭلار يېتىدۇ، ئاللاھنى سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئەھكاملىرىغا يېتەكلىگەنلىكىگە ئۇلۇغلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇلارنى سىلەرگە ئاشۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا خۇش بىشارەت بەرگىن[ (ھەج سۈرىسى 36-37-ئايەتلەر.)



دېمەك كەئبىگە ھەدىيە قىلىنىدىغان قۇربانلىق، ھېيت قۇربانلىقى ۋە ئەقىقە قاتارلىقلار دىننىڭ ئالامەتلىرى، شوئارلىرى، بەلگىلىرىدۇر، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدۇر، ئەگەر قۇربانلىققا مال سويماي نامراتلارغا پۇل ياكى گۆش تارقىتىپ بېرىش ئەۋزەل بولىدىغان بولسا، ياكى قۇربانلىقنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان بولسا، ئەلۋەتتە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق قىلغان بولاتتى.



قۇربانلىق مالنى بوغۇزلاپ بەرگەن قاسساپنىڭ ئىش ھەققىگە تېرىسىنى ياكى گۆشىنى بەرسە بولامدۇ؟



مەيلى تېرىسى مەيلى گۆشى مەيلى كاللا-پاقالچىقى ياكى ئىگەر توقۇملىرى بولسۇن قۇربانلىق مالنىڭ قانداق بىر قىسمىنى قاسساپنىڭ ئىش ھەققىگە ھېسابلاپ بېرىشكە بولمايدۇ، قاسساپنىڭ ھەققى قۇربانلىقتىن بېرىلمەي پۇل ياكى باشقا نەرسىدىن بېرىلىدۇ.



ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنى ھەدىيە قۇربانلىق تۆگىلەرنىڭ ئۈستىدە قاراپ تۇرۇشقا، تۆگىلەرنىڭ قاسساپچىلىق ئىش ھەققىگە قۇربانلىقتىن ھېچ نەرسە بەرمەسلىككە بۇيرىدى.(سەھىھۇل بۇخارىي 1716-ھەدىس مۇسلىم 1317-ھەدىس) مۇسلىم رىۋايىتىدە: ”بىز ئۇنىڭغا يېنىمىزدىن بېرىمىز“ دەپ كەلگەن.



ئەمما قاسساپنىڭ ئىش ھەققىگە ئادەتتە بېرىدىغان ھەقنى تولۇق بېرىۋەتكەندىن كېيىن قاسساپقا گۆشتىن بىر پارچە ياكى تېرىسىنى ھەدىيە ياكى سەدىقە ياكى ئىش ھەققىگە قوشۇپ بەرسە بولىدۇ. چۈنكى ئۇ مالنى سويۇش جەريانىدا گۆشىگە كۆزى چۈشۈپ يېگۈسى كېلىدۇ، سەدىقە ياكى ھەدىيە ئالىدىغان باشقىلار بىلەن ئەھۋالى ئوخشاش بولغان تەقدىردە مالنى ئۆز قولى بىلەن سويغان بولغاچقا سەدىقە ياكى ھەدىيە ئېلىشقا قاسساپ ئەڭ ھەقلىق بولىدۇ. لېكىن ئۇنى بەرگەنلىكتىن ئىش ھەققى ئادەتتىكىدىن كېمىيىپ كەتسە، يەنىلا ئىش ھەققىنىڭ بىر قىسمىغا بەرگەن بوپ قالىدۇ. شۇڭا بۇنىڭغا دىققەت قىلىش لازىم.



قۇربانلىق مالنى ئۆزى تۇرغان يۇرتتىن باشقا يۇرتتا بوغۇزلىسا بولامدۇ؟



بۇ ھەقتە ھەدىستە ئېنىق بىر كۆرسەتمە كەلمىگەن، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇربانلىقىنى ئۆزى مەدىنىدە بوغۇزلىغان، بەزى ئالىملار زاكاتقا ئوخشىتىپ: قۇربانلىقنى ئېھتىياجلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، يوقسۇل مۇسۇلمانلار، ئاچارچىلىق يۈزبەرگەن باشقا دىيارلارغا يۆتكەش جائىز، دەپ قارىغان.



ئادەتتە ئىچكىرىدە ياكى ياۋروپادا تۇرىدىغان ياكى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا تۇرىدىغان بەزى كىشىلەر ئۆزى تۇرىۋاتقان جايدا قۇربانلىق قىلماي قۇربانلىقنىڭ پۇلىنى تۇغۇلغان يۇرتىغا، ئانا ۋەتەنگە، ياكى باشقا ئېھتىياجلىق مۇسۇلمانلار دىيارىغا ئەۋەتىپ بەرسە، تېخىمۇ پايدىلىق بولىشى مۇمكىن. بۇ قىسمەن ئەھۋالدا مەلۇم شارائىتتا ياشايدىغانلار ئۈچۈن مۇۋاپىق بولسا كېرەك.



لېكىن نورمال ئەھۋالدا بىر دىياردا نامرات مۇسۇلمانلار تۇرۇپ قۇربانلىقنى باشقا دىيارغا يۆتكىۋەتسە بولمايدۇ، چۈنكى ھەر يۇرتنىڭ نامراتلىرى شۇ يۇرتتىكى قۇربانلىققا ئەڭ ھەقلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇربانلىق دېگەن گۆش تارقىتىشلا ئەمەس، بەلكى قۇربانلىقتا ئاللاھنىڭ نامىنى زىكىر قىلىپ تەكبىر ئېيتىش، ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ شۇئارلىرىنى ئۇلۇغلاش، شەرىئەتنى ئىزھار قىلىپ ئىسلام ئىبادەتلىرىنى نامايان قىلىش قاتارلىق مۇھىم مەقسەتلەر بار.



بەزى جايلاردا قۇربانلىققا قوي تاپقىلى بولماي قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت، مەسىلەن ئىچكىرىنىڭ بەزى شەھەرلىرىدە، ياۋروپانىڭ بەزى ئۆلكىلىرىدە قۇربانلىق قوي تېپىش قىيىن، ياكى تاپقان تەقدىردىمۇ بوغۇزلىغى قويمايدۇ، بوغۇزلاش ئۈچۈن نەچچە يۈز كىلومېتىر يول يۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.



قۇربانلىقنى باشقا يۇرتقا يۆتكىگەن ئەھۋالدا مۇنۇلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك:



1-قۇربانلىق مالنى سۈپەتكە لايىق سېتىۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر كىشىگە تاپشۇرۇش لازىم.



2-قۇربانلىق مالنىڭ باھاسىنى ئېنىق ئۇقتۇرۇپ توغرىلاش لازىم، چۈنكى بەزى يۇرتتا بىر قوي كەلگەن پۇلغا باشقا يۇرتتا بىر قوي كەلمەي قالىدۇ.



3-قۇربانلىق مالنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا كېچىكتۈرمەستىن بوغۇزلاش لازىم، قۇربانلىقنىڭ پۇلى قولىمىزغا تەگمىدى دەپ قۇربانلىق ۋاقتىدىن كېچىكىپ قالسا بولمايدۇ. قۇربانلىق قىلمىغان تەقدىردە ئىگىسىگە قىلالمىدۇق دەپ ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇش لازىم.



4- قۇربانلىق گۆشى قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە تارقىتىلىشى كېرەك.



قۇربانلىق پۇلىنى باشقا جايغا ئەۋەتمەكچى بولغاندا قايسى جاي باھاسى بويىچە بولىدۇ؟



سوئال؛ ئەسسالام ئەلەيكۇم. مەن تۈركىيىدە، قۇربانلىق پۇلىنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتمەكچى، پۇلنى قايسى دۆلەتنىڭ باھاسى بويىچە ھېسابلايمەن.



جاۋاب:



كىشى ئۆزى تۇرۇۋاتقان جايدا يالغۇز بولغاچقا قۇربانلىق قىلىش قىيىن بولسا، ياكى باشقا جايدىكى ئائىلىسى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قۇربانلىق گۆشىگە موھتاج بولسا، ياكى بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكىدەك قۇربانلىق قىلىشقا رۇخسەت قىلمايدىغان ئەھۋال بولسا، قۇربانلىق پۇلىنى باشقا جايغا ئەۋەتىپ، قۇربانلىق قىلىش ئىشىدا باشقىلارنى ۋەكىل قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى بۇنداق قىلغاندا مەيلى قايسى يەردە بولمىسۇن يەنىلا قان ئېقىتىپ قۇربانلىق قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە ئىبادەت ۋۇجۇتقا چىققان بولىدۇ.



باشقا جايدىكى ئائىلە ۋە ئۇرۇق-نۇغقانلىرى موھتاج بولغان ئەھۋالدا ئۇلارغا قۇربانلىق پۇلىنى ئەۋەتسە، ئۇلار قۇربانلىق قىلسا ئەۋزەل. چۈنكى بۇ قۇربانلىق بىلەن بىللە سىلە-رەھىم بولىدۇ.



ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى قۇربانلىق مال باھاسى ئوخشاش بولمايدۇ. قۇربانلىق پۇلىنى باشقا جايغا ئەۋەتكەندە قايسى جاينىڭ باھاسىنى ھېساب قىلىش ھەققىدە بىرەر كۆرسەتمە ياكى بىرەر ئالىمنىڭ پەتىۋاسىنى ئۇچراتمىدىم. بەزىدە تۇرۇۋاتقان جايدىن باشقا جايغا پۇل ئەۋەتكەن تەقدىردە بىر قوينىڭ پۇلىغا ئىككى قوي كېلىدىغان ئەھۋالمۇ بولىدۇ، لېكىن بۇ يەردە مەقسەت قۇربانلىق قىلىش بولغاچقا، مەيلى قايسى جايدا قۇربانلىق قىلىنسا بۇ ئىبادەت ئادا بولىدىغان بولغاچقا، قۇربانلىق قىلىنىدىغان جايدا قۇربانلىق شەرتىگە توشىدىغان بىر مال كېلىدىغان پۇل بولسا بولىۋېرىدۇ. شۇڭا پۇلنى بەلگىلەشتە قۇربانلىق مال سېتىۋېلىنىپ قۇربانلىق قىلىنىدىغان جاينىڭ باھاسى ھېساب قىلىنسا بولىدۇ.



بەزىدە تۇرۇۋاتقان جايدىكى ئىككى قوينىڭ پۇلىغا قۇربانلىق قىلماقچى بولغان جايدا بىر قوي كېلىدىغان ئەھۋالمۇ بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدىمۇ قۇربانلىق قىلىنىدىغان جاينىڭ پۇلىنى ئەۋەتىش لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا قۇربانلىق سېتىۋېلىنماي قۇربانلىق قىلىنماي قالىدۇ. ياكى ئۆلچەمگە توشمايدىغان مال كېسىلىدۇ.



ۋەللاھۇ ئەئلەم.( بۇ بىر پەتىۋا 2011-10-6-كۈنى يېزىلغان)



داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ…



تەييارلىغۇچى: دوكتۇر ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ

arman78 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-20 10:34:14

قۇربانلىق مالدا قانداق شەرتلەر تېپىلىشى كېرەك؟



            ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن



جىمى ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ ئىگىسى ئاللاھقا خاستۇر، دۇرۇت سالاملار پۈتۈن جاھانغا رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن زاتقا، ئائىلىسىگە ۋە ساھابىلىرىگە، شۇنداقلا تاكى قىيامەتكە قەدەر ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭغانلارغا بولغاي!





1. كۈپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال قوي، كالا ۋە تۆگە قاتارلىق چارۋا ماللاردىن بىرى بولىشى كېرەك. ئۆچكە قوي دائىرىسىگە، گومۇش كالا دائىرىسىگە كىرىدۇ.



ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:



(مەلۇم كۈنلەردە ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن) (ھەج سۈرىسى 28-ئايەت.)



(بىز ھەر بىر ئۈممەتكە ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بوغۇزلىشى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشنى بەلگىلىدۇق، چۈنكى ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، شۇڭا ئۇنىڭغىلا بويسۇنۇڭلار،)(ھەج سۈرىسى 34-ئايەت.) يەنە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چارۋا ماللاردىن باشقىنى قۇربانلىق قىلىپ باقمىغان بولغاچقا قۇربانلىق قوي، كالا ۋە تۆگە قاتارلىق چارۋا ماللاردىن بىرى بولىشى شەرت.



2. قۇربانلىق مال بەلگىلەنگەن ياشقا توشقان بولىشى كېرەك. كۆپچىلىك ئالىملار ئاساسەن: قوي ئالتە ئايلىقتىن چوڭ بولىشى، ئۆچكە بىر يىلنى تولدۇرۇپ بولغان بولىشى، كالا ئىككى يىلنى تولدۇرۇپ بولغان بولىشى، تۆگە بەش يىلنى تولدۇرۇپ بولغان بولىشى كېرەك، دەپ بىكىتكەن. بۇلارنىڭ بەزىلىرى بۇ يىللارنى بەلگىلەشتە ئازراق ئىختىلاپ قىلىشى مۇمكىن.



شەئبىي رىۋايەت قىلىدۇكى، بەرائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خۇتبە سۆزلەپ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «بۈگۈنكى بۇ كۈنىمىزدە ئالدى بىلەن قىلىدىغان ئىشىمىز ھېيت نامىزىنى ئوقۇيمىز، ئاندىن قايتىپ بېرىپ قۇربانلىق قىلىمىز، كىمكى مۇشۇنداق قىلسا، بىزنىڭ سۈننىتىمىزنى تۇتقان بولىدۇ، كىمكى نامازدىن ئىلگىرى قۇربانلىق قىلغان بولسا، ئەمەلىيەتتە بۇ قىلغىنى ئۆز ئەھلىگە بالدۇرراق تەييارلاپ بەرگەن گۆشتىن ئىبارەت بولىدۇ، ئۇ ھېچقاچان قۇربانلىق ھېسابلانمايدۇ». بۇنى ئاڭلىغان ئەبۇ بۇردە: يارەسۇلەللاھ! مەن نامازدىن ئىلگىرى قۇربانلىقنى بوغۇزلاپ بولۇپتىمەن، مېنىڭ يەنە ئىككى ياشقا قەدەم قويغان قويدىن ياخشىراق، بىر يىلنى تولدۇرمىغان بىر ئوغلىقىم بار، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇنى ئورنىغا قۇربانلىق قىلغىن، ئەمما (ئۇنداق ئوغلاق) سەندىن كېيىن ھېچكىمدىن قۇربانلىقنى ئادا قىلمايدۇ» دېدى.(سەھىھۇل بۇخارىي 5560-ھەدىس).



بەئجە ئەلجۇھەنىي رىۋايەت قىلىدۇكى، ئوقبە ئىبنى ئامىر ئەلجۇھەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلىرىگە قۇربانلىق ماللارنى تەقسىم قىلىپ بەرگەن ئىدى. ماڭا بىر ياشلىق بىر چىشى ئوغلاق قالدى، مەن: يارەسۇلەللاھ! ماڭا بىر ياشلىق بىر چىشى ئوغلاق قالدى، دېسەم، رەسۇلۇللاھ: «ئۇنى قۇربانلىق قىلغىن» دېدى.(سەھىھۇل بۇخارىي 5547-ھەدىس)



يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن قۇربانلىققا بەلگىلەنگەن ياش ئۆلچىمىگە توشمىغان ماللار سەمرىتىش ئۇسۇللىرى بىلەن بېقىلىپ بەكلا سەمرىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ قۇربانلىققا يارىمايدۇ.



3. قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال گۆشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەيىب-نۇقسانلاردىن خالىي بولىشى كېرەك. شۇڭا ئىمام نەۋەۋىي مەجمۇئ دېگەن كىتابىدا بايان قىلغاندەك: بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن قارىغۇ، ياكى بىر كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغان، توكۇر، كېسەل، بەكلا ئورۇق مال قۇربانلىققا يارىمايدۇ. بۇ ئەيىبلەرنىڭ ھەممىسى پادا بىلەن بىللە مېڭىپ ئوتلاپ غىزالىنىشقا توسالغۇ بولىدىغان بولغاچقا تولۇق غىزالىنىپ سەمرىشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ، نەتىجىدە مال ئورۇق، گۆشى كەم بولۇپ قالىدۇ.



ئەمدى يۇقىرىقىلارنىڭ ھەر بىرى ئۈستىدە توختىلىمىز:



كۆزدىكى ئەيىب:



كۆزى غۇۋالىشىپ قالغان مال قۇربانلىققا يارىمايدىغانلىقىدا ئالىملار ئىتتىپاق. ئۇنداقتا ئەما بولۇپ قالغان مال ئەلۋەتتە يارىمايدۇ.



لېكىن كۆزى جايىدا كۆرىدىغان، كۆزىگە ئاق پەيدا بولۇپ قالغان بولسا، قۇربانلىققا يارايدۇ.



كۆزى كۈندۈزى كۆرىدىغان، كېچىسى كۆرمەيدىغان بولسا، ياكى كۆزىدىن ياش ئېقىپ تۇرىدىغان بولسا، ياكى ئالغاي بولسا، بەزى ئالىملار قۇربانلىققا يارايدۇ، دەپ قارىغان. چۈنكى بۇ ئەھۋال گۆشكە تەسىر قىلمايدۇ.



قۇلاقتىكى ئەيىب:



ئىككى قۇلاق ياكى بىرى تۇغۇلۇشتا ياكى ھادىسىدە يوق بولغان بولسا، قۇربانلىققا يارىمايدۇ.



ئىككى قۇلاق ياكى بىرى كىچىك بولغان بولسا، قۇربانلىققا يارايدۇ.



ئىككى قۇلاق ياكى بىرى يىرتىلىپ، تىلىنىپ، تىتىلىپ، ئۈزۈلۈپ كەتمەي ساڭگىلاپ قالغان ياكى قۇلاقنىڭ يېرىمىدىن ئاز قىسمى كېسىۋېتىلگەن بولسا، ياكى تۆشۈك بولسا، قۇربانلىققا مەكروھلۇق بىلەن يارايدۇ. چۈنكى بۇ ئەيىبلەر گۆشىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، كۆپ قىسمى كېسىۋېتىلگەن بولسا قۇربانلىققا يارىمايدۇ.



مۈڭگۈزىدىكى ئەيىبلەر:



مۈڭگۈز تۇغۇلۇشتا ياكى ھادىسىدە يوق بولغان بولسا، ياكى سۇنۇپ كەتكەن بولسا قۇربانلىققا يارايدۇ. چۈنكى مۈڭگۈزنىڭ يوقلىقى ياكى سۇنغانلىقى گۆشكە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، ياكى يېيلمەيدۇ. بەزى ئالىملار يېرىمىدىن ئارتۇق سۇنغان بولسا يارىمايدۇ، دەپ قارايدۇ.



ئېغىز-بۇرۇندىكى ئەيىب-نۇقسانلار:



چىشلارنىڭ ھەممىسى ياكى بىر قىسمى سۇنغان ياكى چۈشۈپ كەتكەن تەقدىردە بەزى ئالىملار ھەلەپ يەلەيدىغان بولسا قۇربانلىققا يارايدۇ، ھەلەپ يېيەلمەيدىغان بولسا يارىمايدۇ، دەپ قارايدۇ، يەنە بەزىلەر ھەممىسى چۈشۈپ كەتكەن ئەھۋالدا يارىمايدۇ، دەپ قارايدۇ.



تىلى پۈتۈن ياكى يېرىمىدىن كۆپ قىسمى كېسىۋېتىلگەن مال بولسا قۇربانلىققا يارىمايدۇ، چۈنكى چارۋا ماللار ھەلەپنى يېگەندە تىلى بىلەن تارتىپ، تىلى بىلەن ئۆرۈپ يەيدۇ، نەتىجىدە غىزالىنىشىغا تەسىر يېتىدۇ.



بۇرنى كېسىۋېتىلگەن مال بەزى ئالىملارنىڭ نەزىرىدە قۇربانلىققا يارىمايدۇ.



قۇيرۇق بىلەن يېلىنىدىكى ئەيىب-نۇقسانلار:



قۇيرۇق ياكى يىلىنى كېسىۋېتىلگەن مال ئەگەر ئۈچتىن بىرىدىن ئارتۇق قىسمى كېسىۋېتىلگەن بولسا قۇربانلىققا يارىمايدۇ. ئەگەر تۇغۇلۇشتا قۇيرۇقسىز ياكى يېلىنسىز تۇغۇلغان بولسا قۇربانلىققا يارايدۇ.



ئاختا قىلىۋېتىلگەن مال:

ئاختا قىلىۋېتىلگەن مال قۇربانلىققا يارايدۇ، بۇنىڭدا ئىككى تاشىقى كېسىۋېتىلگەن ياكى سۇغۇرۇپ ئېلىۋېتىلگەن بولسۇن ياكى ئېزىۋېتىلگەن بولسۇن ئوخشاش. رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شۇنداق قوي بىلەن قۇربانلىق قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان.(ئەھمەد بىلەن ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان).



يەنە بۇنداق قىلىش بىلەن مال سەمرىپ گۆش تاتلىق بولىدۇ، شۇڭا مالغا پايدىلىق دەپ قارىلىدۇ.



يەنە پوق ۋە نىجىس نەرسىلەرنى يەيدىغان مال قۇربانلىققا يارىمايدۇ. بىر مۇددەت پاك يەم بىلەن بېقىلىپ ئاندىن قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ. تۆگە قىرىق كۈن، كالا يىگىرمە، قوي ئون كۈن سولاپ بېقىلىدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇنداق ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېيىشتىن توسقان.(تىرمىزى بىلەن ئەھمەد).



قۇربانلىققا تەيىنلەپ بولغاندىن كېيىن ئەيىبناك بولۇپ قېلىشى:



بەزى ئالىملار ساق ۋە ساغلام بىر مالنى قۇربانلىق نىيىتى بىلەن سېتىۋالغاندىن كېيىن بوغۇزلاپ بولغىچە ئەيىبلىك بولۇپ قالسا قۇربانلىققا يارايدۇ، چۈنكى ئۇ سېتىۋالغان چاغدا، نىيەت قىلغان چاغدا سالامەت بولىشىغا دىققەت قىلغان، سېتىۋالغاندىن كېيىن ئەيىبلىك بولۇپ قېلىشى ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋال، شۇڭا مەيلى بولىدۇ، دەپ قارىغان. يەنە بەزىلەر بولمايدۇ، دەپ قارىغان.



ئەگەر بوغۇزلىماقچى بولغاندا شۇك تۇرمىغانلىقتىن پىچاق تېگىپ كېتىپ زەخمىلەنگەن بولسا، قۇربانلىققا يارايدۇ.



قۇربانلىق ئۈچۈن ئاتاپ ئالغان قوي بوغۇلۇپ ئۆلۈپ قالسا، قۇربانلىق قىلغان ئەجىر بولامدۇ؟



قۇربانلىق مال ئۆلۈپ قالسا، ياكى ئوغۇرلىنىپ كەتسە، ياكى يىتىپ كەتسە، ئامانەتكە قىياس قىلىپ ئەھۋالغا قارايمىز، ئىگىسى ياخشى قارىماي تاشلاپ قويغان ئەھۋال بولسا، باشقىنى قىلىشى لازىم، نورمال خەۋەر ئېلىپ ساقلىغان ئەھۋالدا شۇنداق ئىشلار يۈز بەرسە ئۇنىڭ ئورنىغا قۇربانلىق قىلمىسىمۇ بولىدۇ.



4. يەنە قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى قۇربانلىق قىلغان چاغدا ئاشۇ مالنىڭ ئىگىسى بولىشى ياكى ئىگىسى رۇخسەت قىلغان بولىشى كېرەك.





تەييارلىغۇچى: دوكتۇر ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2012-10-20 14:37:01

قۇربانلىق مالنى بوغۇزلاشتىن ئاۋۋال ئوقۇيدىغان بىر دۇئا بار ئىدى. شۇنى يېزىپ قويسىڭىز ياكى رەسىمگە تارتىپ چاپلاپ قويسىڭىز بوپتىكەن. ئەرەپچىسىنى يېزىپ قۇيارسىز.رەخمەت.

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2012-10-20 14:38:13

مۇشۇنداق تېمىنى ناچار قىلىپ باھالىغان تۇڭگۇز كىمدۇ؟

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2012-10-20 14:42:38

مۇشۇ تېمىدىكى مەزمونلارنى PDF ھۇججىتى قىلىپ ئىشلەپ بەرسەڭلەر بوپتىكەن. رەخمەت.   1391591008@qq.com

bilkan يوللانغان ۋاقتى 2012-10-20 16:16:37

pdf قىلىپ ئۆزگەرتىپ يوللاپ قويدۇم.

http://pan.baidu.com/share/link?shareid=88147&uk=1979938037

koqahawiri1 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-20 20:13:12

جانابى اللاھ دوكتۇر ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ نى ئىككىلى ئالەمدە ئەزىزى قىلسۇن! ئىلىمىنى تىخىمۇ زىيادە قىلسۇن،بىزنى ئىلىملەردىن خەۋەرسىز قويۇشتىن پاناھلىق بەرسۇن (ئامىن) تىما يوللۇغۇچى ۋە bilkan قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەجرىنى مىھرىبان اللاھ تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن (ئامىن)

ghaliba يوللانغان ۋاقتى 2012-10-20 22:06:16

ھەقىقى ئاللاھ رازىلىقى دېگەن گەپنى ئۇنتۇپ قالمايلى. گوش جېق كېتىدۇ وڭراق مال قۇربانلىق قىلاي ئەمەس. ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن دەيلى. ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كاللىسى ياكى گەپ سۆزى سەل چاتاق.

arman78 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-26 13:36:13

قۇربان ھېيتىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن!

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-10-11 15:04:12

ئۆتكەن يىل يوللانغان بۇ تېمىنى ئىزدەپ تېپىپ ئوقۇدۇم. ئىنكاس بىلەن باش بەتكە چىقىرىپ قوياي.




ئەجىر ئىگىلىرىگە ئاللاھ ئىگەم رەھمەت قىلسۇن..  

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-10-13 04:04:24

بەك ئەتراپلىق يېزىلىپتىكەن \"\"



ھېيتنىڭ باھانىسىدا يەنە بىر قېتىم ئوقۇۋېتەي.


yolyar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-13 09:40:49

ئادەتتىكى ئېلكىتاب نۇسخىسى


http://good.gd/2750842.htm  ياكى http://1000eb.com/q34y


يانفۇن ئۈچۈن


http://good.gd/2750845.htm ياكى http://1000eb.com/q355



@birhon  قاتارلىق ئېلكىتاب بەتلىرىگە مەنبەنى ئەسكەرتمەي چىقىرىپ قويسا بولۇۋىرىدۇ.

tawlan6 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-13 17:50:24

ئۇسسىغاندا ئۇچرىغان بۇلاقتەك ياقتى.

tawlan6 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-13 17:51:46

ئەلانىڭ 11- سىنى مەن باستىم. 12- سى سىزگە قالدى.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-13 20:43:37



ئەلانىڭ 12- سىنى مەن باستىم. 13- سى سىزگە قالدى.

sorrow يوللانغان ۋاقتى 2013-10-13 23:06:14

14 - ئەلا كەتتى ، جەۋھەرلىنىپتۇ ئەمدى .
بەت: [1] 2
: شەرىئەتتە قۇربانلىق ئەھكاملىرى[كۆچۈرۈلمە]