koxuk يوللانغان ۋاقتى 2012-10-19 14:08:45

قەدىمقى غەربى دىيار كىيىم -كېچەكلىرى

   

2500 يىللار ئىلگىرى تارىم ۋادىسىدا  قىزغۇچ قوڭۇر، سېرىق رەڭلىك پۈرمە ئۇزۇن كۆينەك، كاناي ۋە تۈز شەكىللىك كۆينەكلەر ناھايىتى مودا بولغان. بۇنىڭدىن 2500 يىللار بۇرۇنقى غەربى دىيارلىقلار يۇڭ-توقۇلما كىيىملەرنى رەڭلىك بوياقلار بىلەن بوياپ، قۇش پەيلىرى بىلەن زىننەتلەپ، ياراشتۇرۇپ كىيىشكەن....

   

كىرورەن،يىڭپەن  قەبرىستانلىقىدىن چىققان خەن -جىن دەۋرىگە ئائىت كىيىم -كىچەكلەر










كىرورەندىن چىققان خەن _جىن دەۋرىگە ئائىت كىيىم













10-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن خەن دەۋرىگە ئائىت غەربى دىيارئارخىئولوگىيەسى ۋە خەن مەدەنىيىتى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا،  مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەتقىقاتچىلار تەپسىلىي ۋە ئېنىق بولغان ئاخىئولوگىيەلىك ماتىرىياللار ئارقىلىق، خەن -جىن دەۋرىگە ئائىت ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق دەۋىردىكى قەدىمقى غەربىي يۇرت كىيىم -كىچەكلىرىنى نامايەن قىلدى.  قۇر - قۇر رەڭگارەڭ، نەپس رەسىم-شەكىللەر سىزىلغان توقۇلما بۇيۇملار كىشىنى  ھەيرەتتە قالدۇردى.  ھازىرقى زامان مودا خانىم -قىزلىرى كىيىدىغان پۈرمە، كاناي   شەكىللىك كۆينەكلەر  ، بۇ يەردە بۇنىڭدىن 2000 نەچچە يۈز يىللا رئىلگىرىلا مودا بولغانىكەن.




پۈرمىلىك ئۇزۇن كۆينەك تارىم ۋادىسىدا مودا بولدى.




   16-چېسلا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىدا،  شىنجاڭ ئارخىئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئىدرىس ئابدۇرۇسۇل جۇڭگو- فىرانسىيە  كېرىيە دەرياسى  ئارخىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشىنىڭ نەتىجىسىنى تونۇشتۇردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە قېزىۋېلىنغان توقۇلما بۇيۇملار  رەڭگىنىڭ ھەرخىللىقى بىلەن كۆزنى چاقنىتاتتى.

    ئارخىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولدىكى، 2000 نەچچە يۈز يىللار ئىلگىرىكى يۇمىلاق قۇم شەھىرى ئىنسانلىرى توقۇمچىلىق تېخنىكىسىنى ناھايىتى ياخشى ئىگىلىگەن. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى ، ئۇلار قوي -تۆگە يۇڭلىرىدىن پايدىنىلىپلا قالماي، يەنە ئاتنىڭ قۇيرۇق قىلىدىنمۇ پايدىلانغان.

    رەڭ ۋە رەسىم-شەكىللەرنى ئىشلىتىش جەھەتتە، قەدىمقى يۇمىلاق قۇم شەھىرى ئىنسانلىرى ناھايىتى مول بولغان تەسەۋۋۇر قابىليىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى  كۆرسىتىپ بەردى. يۇڭ توقۇلما بۇيۇملارنىڭ رەڭگىدىن قارىغاندا، ئۇلار ناھايىتى كۆركەم  بولغان قىزىل، سېرىق، كۆك، بىنەپشە، قارا، ئاق ۋە جىگەر رەڭلەرنى ئىشلەتكەن بولۇپ، گۈزەللىك تۇيغۇسى ناھايىتى يوقىرى بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بوياقلار تەبىئەتتىن كەلگەن بولۇپ، بەزىلىرى ئۆسۈملۈكلەردىن بەزىلىرى كان ماددىلىرىدىن ھەتتا بەزىلىرى ھاشارەتلەردىنمۇ ئېلىنغان. توقۇلمىلاردا تۈزتوقۇلۇش ئىچىدە يانتۇ توقۇلۇش،  يانتۇ توقۇلۇش ئىچىدە تۈز توقۇلۇش بىرىكتۈرۈلگەن بولۇپ، شۇ زاماندىكى كىشىلەرنىڭ توقۇش تېخنىكىسىنىڭ ناھايىتى ۋايىغا يەتكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

    بۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنقى ئارخىئولوگىيەلىك ماتىرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇنىڭدىن 3000 يىللار ئىلگىرىكى غەربى دىيار ئىنسانلىرى ئاساسلىق ھايۋانلارنىڭ تېرىسى ۋە يۇڭىنى كىيىم تىكىشنىڭ  خام ماتىرىيالى قىلغان. ئۇلار يۇڭدىن يۇڭ توقۇلمىلارنى توقۇشقا ناھايىتى ئۇستا بولۇپ، ھەرخىل بوياقلار بىلەن يۇڭ رەختلەرنى بوياپ، شەكىل-رەسىملەرنى سىزغان، قۇش پەيلىرى بىلەن تېخىمۇ جەزبىدار قىلىپ زىننەتلىگەن. كىيىملەرنىڭ شەكىللىرى ھەرخىل ، ئاجايىپ شەكىللەردە بولۇپ، ئاددىي بولسىمۇ ، ناھايىتى كۆركەم -گۈزەل پاسۇنلىرى بولغان.

   شىنجاڭ ئارخىئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى ۋېنيىڭ مەمىلىكەت -ئىچى سىرتىدىكى تەتقىقاتچىلارغا يېغىلىق دەۋرى، خەن دەۋرى زامانلىرىدىكى تارىم ئويمانلىقىدىكى خەلقنىڭ كېيىم-كېچەك مودا ئېقىمىنى تونۇشتۇردى.

    تەتقىقاتچى لى ۋېنيىڭ مۇنداق دېدى، تارىم ئويمانلىقى كىشىلىرىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىدە ئاساسلىق ئۈچ رايوننىڭ ئالاھىدىلىكى ئەكس ئەتكەن. بۇلار  سامپۇل قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن چىققان خوتەن خەن-جىن دەۋرى كېيىم ئۇسلۇبى،  كىرورەن، يىڭپەن قەدىمىي قەبرىلىرىدىن چىققان كىرورەن خەن-جىن دەۋرى كېيىم ئۇسلۇبى، نىيە قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن  چىققان ئۇسلۇبتىن ئىبارەت.

    خەن-جىن دەۋرىلىرىدە، تارىملىقلار بىر قەدەر تۇراقلىق بولغان كىيىم پاسونلىرىنى ئىشلەتتى. ئۈستى كېيىم ئاساسەن ئالدى ئوچۇق ۋە باشتىن كىيىدىغان ئىككى خىل بولۇپ، پاسونلىرى كەڭرەك بولغان. ئىشتانلار ئېغى بار ئۇزۇن ئىشتان ، كۆينەكلەر كۆپۈنچە باش تەرەپتىن كىيىلدىغان كاناي ۋە تۈز شەكىللىك كۆينەكلەر بولغان.

    يىپەك يولىدىكى سودىنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، شەرق ۋە غەرپنىڭ تېخنىكىسى ئالماشتۇرۇلغان. غەربى دىيار توقۇمچىلىقى بۇ دەۋرىدە ناھايىتى گۈللەنگەن. پاختا توقۇمچىلىقىنىڭ كېڭىيىشى ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك يىپەكچىلىكىنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، تارىملىقلار يالغۇز  يۇڭ توقۇلما بۇيۇملىرىنىلا ئىشلەتمەيدىغان بولدى. كەشتىچىلىك كۈنسېرى تەرەققىي قىلىپ، توقۇلما بۇيۇملارنىڭ رەڭدارلىقىمۇ موللىشىپ باردى ، توقۇلۇش جەھەتتىمۇ ئىنچىكە ھەم نەپسلىشىپ باردى. سامپۇلدىن چىققان خەن دەۋرىگە ئائىت  يۇڭ كەشتىلەر ئەڭ ۋەكىلى بولالايدۇ. بۇ كەشتىلەردە گىئومېتىرىك شەكىللەردىن سىرت يەنە، ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شەكىللىرىمۇ كەشتىلەنگەن.

   يۇڭ كەشتىلەردىن سىرت يەنە،   قوش قەۋەت تۈزۈلمىلىك نەپس تور شەكىللىك توقۇلما بۇيۇملارمۇ ئىجاد قىلىنغان.  بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا تەرەپلەردىن كىرگۈزۈلگەن بولىشى مۇمكىن. كىيىم -كېچەك پاسۇنلىرى ، خىللىرى كۆپىيىپ، شەرق ۋە غەرپنىڭ ، يەرلىكنىڭ ئوخشىمىغان ئېلىمنتلىرىنى زىچ بىرلەشتۈرگەن.




قەدىمقى غەربى دىياردا ئۈستى كىيىم چاپانلىرىمۇ خىلمۇ خىل




     جۇڭگو دۆلەتلىك مۇزىيىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ فاڭ مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، شىنجاڭنىڭ خەن دەۋرىدىكى كىيىم كېچەكلىرىنىڭ پاسونى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، پاسون ۋە ماتىرىيالى جەھەتتىن كۈچلۈك بولغان يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە، بولۇپمۇ  چاپانلار تۈرلىنىڭ كۆپلىكى بىلەن ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك.

     ئۈستى كىيىملەرنىڭ  باش تەرەپتىن كىيىلىدىغان، ئالدى ئوچۇق، كېسىشمە ياقىلىق قاتارلىق ئۈچ چوڭ تۈرى بولغان. ۋاڭ فاڭ يەنە مۇنداق دېدى، خەن -جىن دەۋرلىرىگە مەنسۇپ غەربى رايون كىشىلىرىنىڭ چاپانلىرى ئەسلىدىكى يەرلىك ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىنغان، شۇنداقلا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك كىيىم مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان، ئۇچراشقان باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭ  ئالاھىدىلىكىنى قوبۇل قىلغان،  كىيىم كەسمىچىلىكى ۋە زىننەتلەش جەھەتتە  ۋارسىلىق قىلىنىپ، راۋاجلاندۇرۇلۇپ، يېڭى بولغان بىر كىيىم-كېچەك مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرگەن.

   غەربى رايوننىڭ كىيىم -كېچەك سەنئىتى مەلۇم جەھەتتە يەنە ئوتتۇر تۈزلەڭلىككىمۇ تەسىر  كۆرسەتكەن. 2011-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مۇزىي ئۇيۇشتۇرغان قەدىمقى غەربى رايون كىيىم -كېچەكلىرى كۆرگەزمىسىدە «ئۇيغۇرچە كىيىم ، ئۇيغۇر ئېتى» نىڭ تاڭ دەۋرىدە چاڭئەندە ناھايىتى مودا بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

    بۇ تەتقىقاتچى يەنە مۇنداق دىدى، 绞经罗织物 (مانى تەرجىمە قىلالمىدىم) قەدىمقى شىنجاڭدىكى توقۇلما بۇيۇملار ئىچىدىكى ئالاھىدە بىر بۇيۇم، ئۇ خوتەن لوپ سامپۇل ، چەرچەن زاغۇنلۇق،  نىيە خارابىيسى، تۇرپان ئاستانە قەدىمىي قەبرىستانلىقى قاتارلىقلاردا بايقالغان، خەن -جىن-ۋې دەۋرى، تاڭ دەۋىرلىرىگە توغرا كېلىدۇ. يۇڭ ۋە يىپەك ئىككى خىل بولۇپ، رەڭگى سۇس سېرىق، قىزىل، يېشىل قاتارلىق رەڭلەردە. تىكىلىش قۇرۇلمىسىمۇ خىلمۇ خىل(四经绞、二经绞、三经绞、五经绞,图案有菱格卷草纹、菱格勾连纹、椒眼纹、杯菱纹).  

    ئالىيە تۇراقغازى  خۇلاسلاپ مۇنداق دىدى، بۇ  توقۇلما بۇيۇملار جۇڭگونىڭ قەدىمقى دەۋرىدىكى بىر قەدەر بالدۇر شەكىللەنگەن توقۇلما بۇيۇمى بولمىسىمۇ، لېكىن شىنجاڭنىڭ ئۆزىگە خاس توقۇلما بۇيۇمى ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭنىڭ توقۇمچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىل مەدەنىيەت ئېلىمىنتلىرىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.




قوشۇق تەرجىمىسى

koxuk يوللانغان ۋاقتى 2012-10-19 15:00:05

كېلىش مەنبەسى:

http://news.iyaxin.com/content/2012-10/17/content_3641651.htm

atella يوللانغان ۋاقتى 2012-10-19 18:25:55

نېمە ئۈچۈن خەن جىن دەۋىرگە تەئەللۇق دەيمىز...

pantekin يوللانغان ۋاقتى 2012-10-19 18:43:08

مۇشۇ لەمجىن قىسلاق غوجام دېگەن يەردىكى تۇرنىڭ ئالدىغىمۇ تىكلەپ قويۇپتۇ...خەن تاڭ دەپ، ئايدىڭخو بىلەن توخسۇن ئارلىقىدىكى تۇرغىمۇ يەنە شۇ خەن تاڭ.كۇچا بۈگۈر ئارلىقىدىكى تۇردىمۇ يەنە شۇ گەپ...يەكەندىكى دۆڭلۈكلەردىمۇ باردەك قىلغان .

  بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرمىغاندەك،مۇشۇ خەن بىلەن تاڭ غا بېقىنىپلا ياشىغاندەك قىلىپ كېتىدىكەن.ئاتالمىش بۈيۈك تاڭ ئەۋلادلىرى تارىخنى بۇرمىلاپ. \"\"

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-10-21 03:06:27

80-يىللاردا نەشر قىلىنغان ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر ھەققىدىكى ھىكايىلەر دىگەن كىتاپ كىمدە باردۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2012-10-25 19:47:55

ھونلار دەۋرىدىكى كىيملەركەندە .

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-12-6 21:45:17

بۇ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىمىكەن، ھازىرقىغا زادىلا ئوخشىمايدۇ.

بىزمۇ كىيىمنى كۆپ يۆتكەيدىغان خەلق ئوخشايمىز.



\"\"

koxuk يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 21:02:53


4- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

80-يىللاردا نەشر قىلىنغان ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر ھەققىدىكى ھىكايىلەر دىگەن كىتاپ كىمدە باردۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟


دىسەم دىمىسەم  شۇ كىتابتىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكىلەرنىڭ ئىشتان كىيىشنى غۇزلاردىن ئۆگەنگەنلىكى توغۇرسىدىكى مەزمۇن ئېسىڭىزگە كەلدى ھەقىچان.


Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 23:06:00

7- قەۋەتتىكى koxukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


4- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

80-يىللاردا نەشر قىلىنغان ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر ھەققىدىكى ھىكايىلەر دىگەن كىتاپ كىمدە باردۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟


دىسەم دىمىسەم  شۇ كىتابتىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكىلەرنىڭ ئىشتان كىيىشنى غۇزلاردىن ئۆگەنگەنلىكى توغۇرسىدىكى مەزمۇن ئېسىڭىزگە كەلدى ھەقىچان.




ھەرنىمە بولسا ..................كىمگە  نىمىنى  ئۆگەتكەنلىك  توغرىسىدا ،نىمىنىڭ  نىمە  بولغۇنى  توغرىسىدا  شۇلارنىڭ  تارىخچىلىرى  ئۆزلىرىنىڭ  تارىخنامىلىرىگە   پۈتۈپ  قويۇپتىكەن ،.




بەت: [1]
: قەدىمقى غەربى دىيار كىيىم -كېچەكلىرى