تۇغۇلغان كۈن تەبرىكى
ۋاقىتىنى بىردانە تېلۋېزورىنىڭ تىزگىنىكى دىسەك، سەن خۇشاللىق قانىلى، بەختنىڭ سىگنالىنى ھەمراھىڭ قىلغاچ، ھەر كۈنى خۇشال - خۇرام ئۆتكىن، بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك تۇغۇلغان كۈنىڭدە.
بۈگۈن تۇغۈلغان كۈنۈڭ، پەقەت تۇغۇلغان كۈنىڭگە مۇبارەك بولسۇن دىيەلەيمەن خالاس، قەلەم قۇۋۋىتىمىنىڭ ناچارلىقىنى دىمىسەممۇ بىلىسەن. شۇنچە ئويلىنىپ مۇنداق تەبىرىكلەش ئۇسۇلىنى تاپتىم : تۇغۇلغان كۈنىڭگە مۇبارەك بولسۇن.
ئاللاھدىن سەن ئۈچۈن بەخىت تىلەيمەن، شاماللار ئارقىلىق سەن ئۈچۈن ئەركىنىلك تىلەيمەن، سۈتتەك ئاق، شەبنەمدەك سۈزۈك، يامغۇردىن كىينىكى ھاۋادەك ساپ بولىشىڭىنى يەنىلا شۇ ئاللاھدىن تىلەيمەن.
ھەشەم - دەرەم سۆزلەرنى باشقىلارغا قالدۇراي. چىداملىق، غەيرەتلىك بولغىن. شۇ كۈنلەردە قانداق تۇرۋاتقىنىڭ ماڭا ئايان، بۇلارنى يەنە دەپ كۆڭلۇڭنى يېرىم قىلغۇم يوق. بۇگۈننى خۇشال - خۇرام، ئازادە ئۆتكۈزگىن. < ھەرقانداق بىر خاپلىقنىڭ ئارقىسدا بىر خۇشاللىق بار> بۇ سۆزگە سەن، مەن ۋە بىزگە ئوخشايدىغانلار شەكسىز ئىشىنىدۇ.
ئاللاھىتىن بەختىڭىنى تىلەيمەن.
تۇمارىس: تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن.
@tumaris تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن، تېخمۇ چىرايلىق.تېخىمۇ مۇلايىم، تېخىمۇ ئاق كۆڭۈل چوڭ بولغايسىز شۇم.

تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن {:90:}
مەن تېخى مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ئوخشايدۇ دەپ پەسكە چۈشسەم، تۇمارىسنىڭكەن.
يەنە بىر ئاي چىدىغان بولسا -ھە! دەپ غوتۇلدىغاچ،،،،
خوشال ئۆتكۈزۈڭ مىنىڭ 12-چىسلاتى ، ئۆتۈپ كەتتى ، شۇنداق بولسىمۇ رەھمەت . بۈگۈن مىنىڭمۇ تۇغۇلغان كۈنۈمتى مۇنبەرگە كىرىپلا ھاياجانلىنىپ ئاچسام .................. تەبرىكلەنگىنى مەن ئەمەسكەنمەن........
ئىزدىنىشتا ئوغۇللارنىڭ تۈغۈلغان كۈنى تەبرىكلەنمەمدا...؟؟ مېنىڭمۇ تۇغۇلغان كۈنۈمكەن ، بۇ تېمىنى كۆرمىگەن بولسام ئېسىمگە كەلمەسكەن ... {:90:} تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن . ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن دىسە . ئۇنى دىسەم مەنمۇ مۇشۇ كۈندە تۇغۇلۇپتىكەنمەن، ئەمما تا ھازىرغىچە تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈش يات بولغاچ ئۆتكۈزۈپمۇ باقمىدىم ھەم بىراۋنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپمۇ باقماپتىمەن.
نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسەن . بىراۋ بىراۋنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىسە دوزىخى بولۇپ كېتىدۇ دەيدىغان گەپ بارمىكەن ؟ ناساراغا ئوخشاپ قالمىساڭلار بولىدۇ . ئاللاھ بۇيرۇغان كۈندە تۇغۇلىمىز ، ئاللاھ بۇيرۇغان كۈندە ئۆلىمىز . ئاللاھنىڭ بىزنى ياراتقىنى ئۈچۈن شۈكرىلەر ئېيتىپ بىر - بىرىمىزنى تەبرىكلىسەك دوزاخقا چۈشۈپ كېتىدىغان ئىش بولسا ساڭا ۋاكالىتەن مەنلا چۈشۈپ كىتەي بولدى . باشقىلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپ قوي .
پەيغەمبىرىمىزنىڭ ‹‹باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگەن كىشىنىڭ جايى دوزاختا بولۇر ›› دىگەن سۆزىگە ئاساسلانغاندىمۇ باشقىلارنىڭ خوشاللىقىغا سوغۇق سۇ سىپىش ياخشى ئىش ئەمەس ھەم باشقىلارنى خوشال قىلىش ياىشى پەزىلەت ھىسابلىنىدۇ . تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن ! تۇغۇلغان كۈن مۇبارەك!
نىسىپ بولسۇن قۇت تىلەك.
يەتسە ئەگەر مالامەت،
مۇنبەردىكىلەر يار-يۆلەك.

بىلدىڭىزما تاتلىق؟

تىتەمپەتە قوشاققا،
ئۇستىسى يوق مەندىن بۆلەك

قاندىغا؟ مۇبارەك بولسۇن، شۇنچىلىكلا دىيەلەيدىكەنمەن

تەنلەر بولسۇن سالامەت.
تىلەي نۇسرەت تۇمارىس،
مەڭگۈ سىزگە سائادەت.

تۇمارىس بارمۇ سىز....
مۇبارەك بولسۇن،ھەركۈن خۇشال يۈرگەيسىز....

ئەمما تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە قەتئى مۇبارەك ھە! {:92:}
ئاپاشنىڭ تۇغقان كۈنىگە،ئاتىڭىزنىڭ سىزدەك قىزى بولغان كۈنىگە ھەم ئۆزىڭىزنىڭ قۇتلۇق تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن.ئاللاھ يېڭى بىرياشتا يېڭى بەختلەرنى،يېڭى ئەقىللەرنى ئاتا قىلسۇن،ئامىن!